
خانتەڭرىدىن نەزەر
سەھىپىمىزنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا ئۇرۇش ۋە تېنچلىق ھەققىدە توختالغانىدۇق. يېقىنقى مەزگىلدە ئارقا ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشلار ۋە ئۇرۇشلار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلالمىدۇق. بۇ يازمىدا ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۇيغۇر دېئاسپوراسىدىكى پىكىر قەھەتچىلىكى تۈپەيلى، ئىسرائىلىيە پەلەستىن ئۇرۇشى، يېقىندا ئېلان قىلىنغان مېدالىيوننىڭ ئىككى يۈزى ناملىق «ھۆججەتلىك فىلىم» ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىكى كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى خاماس ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ ئىسرائىلىيەنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراتتى. يۈزلىگەن ئىسرائىلىيىلىك ئۆلدى ۋە ئەسىرگە چۈشتى. بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە قايتۇرما زەربە بېرىپ غەززە رايونىنى كەڭ كۆلەملىك پارتىلاتتى. ئۆلۈم ۋەقەلىرى ئارتىشقا باشلىدى ۋە بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. قىسقىچە، پەلەستىن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىلا ئەمەس ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتايىن پەرقلىق بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئامېرىكا ئېراقتىن، سۈرىيەدىن، ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھىندى-تېنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تۈزىمىنى خىتايغا قارشى كۈچەيتىشكە باشلىغانىدى. بىر قىسىم ئانالېزچىلار بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يوقۇرى بولغان رايوننىڭ، ئوتتۇرا شەرقتىن ئاسىياغا يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىيناغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيە پەلەستىن توقۇنۇشى بۇنىڭ ئەكسىنى كۆرسەتمەكتە.
ھازىرغىچە بولغان ئەھۋاللارنى خۇلاسىلىسەك، خاماسنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنىڭ كەينىدە ئىراننىڭ قوللىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. خىتاينىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ئاساسەن ئىسرائىلىيە بىلەن (ۋاستىلىق ھالدا ئامېرىكا بىلەن) قارشىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيەنىڭ يىللاردىن بۇيان پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋاتقان، خەلقئارالىق قانۇن تونۇمايدىغان، ئاۋامغا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىمۇ مەلۇم. ئوتتۇرا شەرقتە ئېران ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ تېنچلىق شەرتنامىسىدىن كېيىن، ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ئېھتىماللىقلىرى كۆرىشىلىۋاتاتتى. لېكىن، بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتىن كېيىن بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭمۇ يېقىن مەزگىلدە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئېنىقلاشتى. خاماس بۈگۈن ئىسرائىلىيە بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە بولسا ھازىر ئۈستەلدە ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس دەپ غەززىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. خاماس بۇنىڭغا قارىتا ئەسىرلەرنى كامېرا ئالدىدا ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدىت سالدى. ئەردوغان ئىككى تەرەپنى سالماق بولۇپ، تېخىمۇ ئېغىر توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى ۋە تۈركىيەنىڭ مۇرەسسە ئۈچۈن ئارىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى…
بۇ يازمىمىزنىڭ مەقسىتى پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنىڭ سەۋەپ نەتىجىلىرى بولمىغاچقا بۇ ھەقتە كۆپ توختىلىش ھاجەتسىز. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ تېمىدا ئايرىم توختالساق بولىدۇ. بىزنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر نۇقتا، دۇنيا پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا قايتىدىن ئىككىگە ئايرىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر نېمە دېيىشىنى ۋە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالدى دېسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. رۇسىيە ئۇكرائىينا ئۇرۇشىدا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتە كۆپ ئىككىلەنمىدى چۈنكى رۇسىيە خىتاي بىلەن بىر سەپتىكى دۆلەت. ئوخشاش ۋاقىتتا چەچەنىستاندا، ئافغانىستاندا، سۈرىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى ئاققۇزغان بىر دۆلەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەسىلىسنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىۋاتقان غەرب بىلەنمۇ دۈشمەن بىر دۆلەت. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ «مەن ئۇكرائىينا بىلەن بىر سەپتە» دېيىشى خېلى ئاسانغا توختىغانىدى. لېكىن، پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىشلار بۇنچىلىك ئاددى ئەمەس. بىر تەرەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانىتى ئاستىدىكى ئىشغالچى بىر دۆلەت – ئىسرائىلىيە، يەنە بىر تەرەپتە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى ھەممىگە مەلۇم بولغان، ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم بىر تۇپراق – پەلەستىن. بىر تەرەپتە رادىكال ئوڭچى ۋە تار مىللەتچى سىياسىتى بىلەن تونۇلغان پوپۇلىست نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى، يەنە بىر تەرەپتە بەزىلەر ئۈچۈن قەھرىمان، بەزىلەر ئۈچۈن تېرورىست خاماس. پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، خەلقئارالىق سەھنىدىكى نۇرغۇن ئىنسانلار، سىياسەتچىلەر، ناخشىچىلار ۋە نورمال پۇقرالارمۇ قايسى سەپتە تۇرۇشنى ئاڭقىراپ بولالمىدى.
لېكىن شۇنىسى ئېنىق – كۆپىنچە ئىنسانلارنىڭ قاراشلىرىنى توقۇنۇش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قايسى مەتبۇئاتتىن ئالغانلىقى بەلگىلەيدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن دوستانە ۋە خاماسقا قارشى تۇرىدىغان مەتبۇئاتلاردا غايىپ بولغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلىيلىكلەرنىڭ خەۋەرلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. پەلەستىن بىلەن يېقىنلىقى بىلىنگەن مەتبۇئاتلاردا بولسا كۆپىنچە غەززەنىڭ پارتىلىتىلغان كۆرىنىشلىرى بېرىلىدۇ. بىرىلىرى خاماسنىڭ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن كۆرىنىشلىرىنىلا كۆرسىتىدۇ يۇ، بومباردىماندا ئۆلىۋاتقان پەلەستىنلىك بالىلارنى ئېكرانلىرىدا بەرمەيدۇ. بەزىلىرى غەربنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئۆلتۈرۈلگەن ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن تەزىيىسىنىلا كۆرىدۇ يۇ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ غەززە ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالغان نەچچە مىليون ياۋرۇلۇق ياردەمدىن خەۋىرسىز. بىر تۈرك مۇخبىر ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيە مىنىستىرى بىلەن تېلفۇن كۆرۈشكىنىدىكى تەزىيە جۈملىسىنى خەۋەر قىلسا، يەنە بىرى ئەردوغاننىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلىنغان زۇلۇمنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن جۈملىسىنى خەۋەر قىلىدۇ.
شۇنىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك – ئۇرۇش پەقەت مەيداندا قورال بىلەنلا بولمايدۇ. كامېرادا، كۇنۇپكا تاختىسىدا، تارتىلغان ھەر پارچە سۈرەتتە، يېزىلغان ھەر دوكىلاتتا، مۇنازىرە ئۈستىلىدە، تۈزۈلگەن ئىستىراتىگىيەدە، ياكى دۈشمەن بىلەن قول ئېلىشىپ چۈشكەن بىر سۈرەتتىمۇ ئۇرۇش بولىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر ۋىدىئو 30 يىلدىن بۇيان باسقۇنچىلىق ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى ئىسپاتلانمىغان خاماس ئۈچۈن باسقۇنچى تامغىسى بېسىلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۈگۈن نۇرغۇنلىغان ئىنسان ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە يىللاردىن بۇيان پاش قىلىنىپ كەلگەن باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرى ھەققىدە توختالمىدى. بىر مۇخبىر ھەربىي ماشىنىغا سولانغان بالىلارنىڭ ۋىدىئوسىنى يوللاپ، خاماسنىڭ بالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەرلەشتۈردى. لېكىن ماشىنىغا سولانغان 4-5 ياش چامىسىدىكى بالىلارنىڭ ئەسلىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئائىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن پەلەستىنلىك بالىلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن شەرمەندە بولدى.
مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر نېمە قىلدى؟ بىر قىسمى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ھىمايىسى ئاستىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ يېنىدا، خىتاي قوللايدىغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قارشىسىدا تۇرۇشنى تەرغىپ قىلسا، يەنە بىر قىسمى ئەركىنلىك كۈرەشچىسى خاماسنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر قىسمى، بۇ ھەقتە ھېچنىمە دېمەسلىكنى تاللىدى. ئەگەر مەن مەن دېگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەنسۇپلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا «مەن پەلەستىن خەلقىنىڭ ھۆرلىكىگە ئېرىشىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن. لېكىن، ھۆرلۈك كۆرىشىنىڭ ئىنسانىي ۋە ھوقۇقىي يوللار بىلەن بولىشىنى تەرغىپ قىلىمەن. خاماس كۈچلىرىنىڭ ئاۋامنى نىشانغا ئالغان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن پەلەستىن تۇپراقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ۋە پەلەستىن پۇقرالىرىنى نىشانغا ئالغان بومباردىمانلارنى دەرھام توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن تېنچلىقپەرۋەر ئۇچۇرنى بېرەلىگەن بولسا ئىدى، ۋەزىيەتكە قارىتا پوزىتسىيە ئالالىغان، ئازراق بولسىمۇ سىياسىي بىر قەدەم ئاتقان بولار ئىدى. لېكىن ئەپسۇس، بىر قىسمى غەربتىكى «دوستلىرىنى» يوقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن سۈكۈت قىلسا، يەنە بىر قىسمى مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھەرىكەت مەيدانىنى يوقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن سۈكۈت قىلدى. يەنە بىر قىسمى بولسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك غەرپپەرۋەر ياكى مۇجاھىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.
دەرھەقىقەت، قايسى سورۇندا نېمە دېيىش، شارائىتقا قارىتا پوزىتسىيە ئېلىش، ئىچىدىكى ھەممىنى خەققە تۆكىۋەتمەسلىك توغرىسىدىكى ئەڭ ئاچچىق دەرسىمىزنى تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كومۇنىست مۇخبىرنىڭ كامېراسىغا چىقىپ، «ئۇيغۇر داۋاسى ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى» دېگەن نۇقتىنەزەرنى يورۇتۇپ بېرىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئالغانىدۇق.
شەرقى تۈركىستان داۋاسى تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان، خەلقئارالىق ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا شەكىللىنىدىغان، چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى بىر توچكىدۇر. بۇ توچكىنىڭ ساھىپلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئويۇندا ئىنتايىن تۈرتكىلىك ئورۇن ئېلىشىمىز كېرەككى، خىتايدەك مۇھىم بىر ئاكتىيورنى يېڭىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىمىز كېرەك. لېكىن، بۇ پەقەت سالماقلىق بىلەن بېسىلىدىغان قەدەملەر ۋە توغرا پەيتتىكى توغرا قارارلار بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەر كىرزىسنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە قانداق خىزمەت قىلدۇرالايمىز دېگەننى ئەڭ ئالدىن ئويلىشىپ، پوزىتسىيە ئېلىشىمىز كېرەك.
خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئىنتايىن تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر بىلەن تەڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بولسا بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشتىن، يېڭىلىق يارىتىپ خەلقئارالىق سەھنىدىكى ھەر كىرزىسنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ھالغا ئېلىپ كېلىشكە ئۇرۇنۇشتىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى كۈنسايىن ئىسپاتلىماقتا. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بىزدىكى پىكىر قەھەتچىلىكىدىندۇر. ئۇيغۇرلاردىن ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسى، خىتاي مۇتەخەسسىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى، رۇسىيە مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى قاتارلىق پىكىر ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئىنسانلار چىققاندىلا، ھەرقايسى رايون ۋە ساھەدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى توغرا ئانالېز قىلالايدىغان، يەكۈن چىقىرالايدىغان ۋە تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلىمىنى خىزمەت قىلدۇرالايدىغان پۇرسەت تۇغىلىدۇ.
پائالىيەتچىلەرنىڭ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپلىگەن دۆلەت تەرىپىدىن تېرورسىت دەپ ئاتاق ئالغان خاماسنى پۈتۈنلەي قوللاش سىياسىي جەھەتتىن قانچىلىك خاتا بولسا، ئىشغالچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى بومباردىمان قىلىشىنى قوللاشمۇ سىياسىي جەھەتتىن شۇنچىلىك خاتا. مۇھىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇنداق مۇھىم بىر خەلقئارالىق كىرزىستا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەسلىكىمۇ خاتا. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟ نېمە دېيىش كېرەك؟ ئىپادىلىمەكچى بولغان پىكىرنى قانداق «پەردازلاش» كېرەك؟ قاتارلىق سوئاللار تۇغۇلىدۇ. پائالىيەتچىلەرنىڭ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەسلىكى پىكىر قەھەتچىلىكى تۈپەيلىدۇر…
ھەممە ئىنساننىڭ ئۆز پىكرى ۋە دۇنيا قارىشى بويىدە مەسىلىلەردە تۇتقان پوزىتسىيىسى بولىشى مۇمكىن. ئۆزلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتا دەپ قارىغان تەرىپىمۇ بولىشى مۇمكىن. بۇ بىزنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. لېكىن، دېئاسپورادا تەمسىل كۈچى بولغان ئۇيغۇر پائالىيەتچانلىرى ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى توغرا يەردە توغرا ۋاقىتتا توغرا سۆزنى قىلىشنى ئۆگىنەلىگەندىلا شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن پايدا بېرىدۇ. بولمىسا كىمنىڭ نېمە ئاڭلىغۇسى كەلسە شۇنى دەپ بېرىدىغان شاتۇتىدىن پەرقى قالمايدۇ.
