بۈگۈن ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشى 6-كۈنىگە قەدەم قويدى ۋە تەرەپلەرنىڭ ھىچبىرى چىكنمىدى ئەكسىچە ئۇرۇشقا ئامېرىكامۇ قاتنىشىدىغاننىڭ سىگناللىرى كېلىشكە باشلىدى. تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا 17-چىسلاغىچە ئىككى تەرەپنىڭ زىينى تۆۋەندىكىچە:
ئىران تەرەپ :
ئۆلگەن كىشى: ئىران تەرەپنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا 224 ، باشقا مۇستەققىل خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا 408 كىشى. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 20 يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندان ۋە يادرو ئالىملىرى بار.
يارلانغانلار: 1000-1300 ئەتراپىدا.
ئىسرائىلىيە تەرەپ:
ئۆلگەن: ئەڭ ئاز 24 كىشى
يارىلانغانلار: 492
بۇ ئۇچۇرلار 100% توغرا بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئارىدىكى پەرقنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەسلىدە ئىسرائىلىيە بىلەن ئراننىڭ ئۇرۇشىشى بەك ھەيران قالارلىق ئەمەس. چۈنكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان دۈشمەنلىك مەۋجۇت بولۇپ ھازىرغىچە ۋاكالەت ئۇرۇشى قىلىۋاتاتتى. مەسىلەن ئىران ئىسرائىلىيەگە قارشى خۇسىيلەر، ھېزبۇللاھ ۋە خاماس قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتى.
بۇ يازمىدا، ئىسرائىلىيە نىمە ئۈچۈن ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇنچە كۆپ ئۇرۇشقا كىرىدۇ؟ ئىراننىڭ ھازىرقى كۈچى قانچىلىك؟ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئىران ھەققدىكى پىلانى نىمە بولۇشى مۇمكىن؟ قاتارلىق مەسىللەر تەھىلىل قىلىنىدۇ.
تارىخقا قارايدىغان بولساق ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن بېرى توختىماي ئۇرۇش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە 2023- يىلىدىن بېرى ئەڭ رادىكال، ھەتتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تۈسىنى ئالغان ھوجۇملارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ غەززەدىكى نۇرمال خەلىققە قىلىنغان ھۇجۇملار چەكىتىن ئاشقان ھالەتتە تۇرماقتا. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە لىۋانغا ۋە يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى زىمىنغا ھوجۇم قىلدى ۋە 13- ئىيۇلدىن باشلاپ رايۇنلۇق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئىرانغا رەسمىي ئۇرۇش ئاچتى. ئىسرائىيەنىڭ ئايىغى چىقماس ئۇرۇشلارغا كىرىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن تەھىلىل قىلىشقا بولىدۇ. بىرى نەچچە ئەسىرلىك يەھۇدي دۈشمەنلىكنىڭ ئاسارىتى شەكىلدە يەھەدىيلارنىڭ روھىيتى ۋە پىسخكىسدا قېلىپ قالغان سىياسىي پارانويا. بۇنى ھەر دائىم خەۋپسىرەش دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. مەيلى خىرستىيانلاردا بولسۇن ياكى مۇسۇلمانلاردا بولسۇن يەھۇدىيلارغا قارشى سەلبىي قاراش بار. بۇ سەۋەبىتىن ئۇلار ياۋرۇپادا كۆپ چەتكە قېقىشقا ۋە قىرغىنچلىققا ئۇچرىغان. ئوتتۇرا شەرققە قايتىپ ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كىينمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچۇردى ۋە بۇ سەۋەبتىن نەچچە قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى يۈز بەردى.
يەھۇدىيلارنىڭ ئىروسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار زىمىنلارنى ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى دەپ قارىشى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ يەھۇدىيلارنى بۇ رايۇنغا سىرتتىن كەلگەن ئىشغالچى دەپ قارىشى نەتىجىسدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى چىقىماس كوچىغا كىرىپ قېلىغلىق. پەلەستىن رايۇنىغا قاراتقان تەدرىجى داۋاملاشقان ئىشغالىيەت مۇسۇلمانلار ئارسىدا كۈچلۈك نارازىلىق ھەتتا بەزى گۇرۇپلاردا يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە سەۋەب بولماقتا. مانا بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىلىيە دۆلىتىدە كۈچلۈك بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بار. شۇڭا بەزى تەھدىدتلەرنى ياكى ئىسرائىلىيە تەھدىد دەپ قارىغان گۇرۇپلارنى يوق قىلىش دۆلەت مەنپەتى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارايدۇ.
ئىككىنجى سەۋەبى بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتىگىيەلىك چۇڭقۇرلۇق (strategic depth) نوقتىسىدىن تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىدۇر. ئىستراتىگىيەلىك چۇڭقۇرلۇقنى زاغرا نان تىلى بىلەن دۆلەت زىمىننىڭ چوڭ- كىچىلىكى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن ئىستراتىگىيەلىك چۇڭقۇرلۇق دۆلەت زىمىننىڭ سىرتىدىكى تەسىر كۈچىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياكى بۇنى بىر تال ئۈرۈك دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. مېغىزى دۆلەت، شاكىلى، ئېتى ۋە پوستى قاتارلىقلار ئىستراتىگىيەلىك چۇڭقۇرلۇقنى كۆرىسىتىدۇ. گەرچە ئىسرائىلىيە ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلۈك، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوخشمىغان دەرىجىدە قوللىشىغا ئىگە بولسىمۇ لېكىن زىمىنى كىچك ۋە ئەتراپى رەقىپ كۈچلەر بىلەن قورشالغان بولغاچقا ھەركەت ئېلىپ بارالايدىغان كۆپ زىمىغا ئىگە ئەمەس. بۇ ھالەت ئىسرائىلىيەنى چوڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا ئىنتايىن پايدىسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ئىستراتىگىيەلىك چوڭقۇرلۇق بىر دۆلەت ئۈچۈن نەچچە قاتلاملىق ئىستراتىگىلىك قالقان رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن خىتاي 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپۇنىيەنىڭ ئەسكىرى كۈچى بىلەن ئېلىشقۇدەك مادارى يوق بولسىمۇ خىتاينىڭ غەرب تەرەپتىكى تاغلىق رايۇنلىرىغا چىكىنىش ئارقىلىق 2-دۇنيا ئۇرشى ئاخىرلاشقۇچە ياپۇنىيەنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغالىغا ئۇچۇرماي مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالدى. ئۇرۇش تۈگىگەندىن كىين بولسا ھاكىمىيەتنى قولغان ئېلىپ ھازىرقى خىتاينى قۇرۇپ چىقتى. زوزۇڭتاڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىىي تۈركىستاننى چىڭ سۇلالسىنىڭ غەربتىكى قوغدىنىش قالىقىنى دەپ قارىغان ۋە بۇ شەكىلدە ئوردىنى ياقۇپ بەگكە قارشى قوشۇن چىقىرىشقا قايىل قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا لىيۇ ياجوۋنىڭ غەربىي رايۇن نەزەرىيەسىمۇ ئوخشاش مەنتىقكە ئىگە،يەنى ۋەتەن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاي ئۈچۈن ھەم قالقان ھەم سەكرەش تاختىسى. رۇسلارمۇ ناپالىئون ۋە گىتلىرنى رۇسىيەنىڭ كەڭرى زىمنىغا تايىنىپ مەغلۇپ قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئوخشاش مىساللارنى بەرگىلى بولىدۇ.
ئىسرائىلىيە مانا بۇ نوقتىدىن ئاجىز. خاماس ۋە ھېزبۇللاھ ئىسرائلىيەگە قوشنا. تېخىمۇ باشقا قايتىساق ھازىر بىتەرەپ ھالەتتە تۇرغان مىسىر، سۈرىيە، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنى دۈشمەن دەپ قارايتى. شۇڭا ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيەلىك چوڭقۇرلۇقنى كىڭەيتىش ئۈچۈن يا زىمىن ئىشغال قىلىدۇ ياكى ئەتراپىدىكى دۈشمەن دەپ قارالغان كۈچلەرنى يوق قىلىدۇ (يەنى ئىسرائىلىيە دۆلىتى بۇ شەكىلدە ئويلايدۇ). ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئىزچىل ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ سەۋەبىنى مانا بۇ ئىككى نوقتىدىن (سىياسىي پارانويا ۋە ئىستراتىگىيەلىك چوڭقۇرلۇقتىن مەھرۇم بولۇش) تەھىلىل قىلساق خاتا بولمايدۇ.
ھازىر قارايدىغان بولساق ئىسرائىلىيە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئاساسەن ياخشى ياكى نىترال مۇناسىۋەت ئورناتتى. پەقەت ئىران ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى قوراللىق كۈچلەر ئىسرائىلىيە بىلەن ھازىرغىچە قارشىلىشپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئىران ئەرەب باھارىدا ئەڭ كۈچەيگەن دۆلەت دەپ قاراشقا بولىدۇ. دائىشقا قارشى ئېلىپ بېرلغان ئۇرۇش جەريانىدا تەسىر كۈچىنى ئىراق، سۈرىيە، يەمەن ۋە لىۋانغا قەدەر كىڭەيتكەننىڭ سىرتىدا بىر تۈركۈم ئۇرۇشتا پىشىپ چىققان قوراللىق گۇرۇپلارنىڭ خۇجايىنىغا ئايلاندى. بۇ گۇرۇپلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىسرائىلىيەگە قارشى. ئىران بۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاختاپوت (سىياھ بېلىق؟) دەپ قارىلاتتى. ئىسرائىلىيە خاماس بىلەن 2023- يىلى باشلانغان ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ مانا بۇ گۇرۇپلار بىلەن ئۇرۇش قىلىدى ۋە ھازىر بۇلارنىڭ كۆپ كۈچى قالمىدى. ئەمدى نىشاننى ئىرانغا يۆتكىدى.
ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچنى سېلشتۇرۇش قىززىقارلىق بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئىران ھەم ئاجىز ھەم كۈچلۈك، ئىسرائىلىيەمۇ ھەم ئاجىز ھەم كۈچلۈك. ئىستراتىگىيەلىك چوڭقۇرلۇقنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. بۇ جەھەتتە ئىران كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەگەر ئۇرۇش ئۇزراپ كەتسە، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ زىمنغا ئىران قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرى چىقالىسا بۇ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن چوڭ بالا- قازا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئسرائىلىيەنىڭ يېڭىشى بەك قىين بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىراننىڭ بۇ ھالەتكە كېلىشمۇ قىين. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىئوردانىيە ياكى سۈرىيە زىمىندىن كىرىش كېرەك. ئەمما ئۇرۇش رۇسىيە-ئوكرائىينا ئۇرۇشىدەك ئۇزراپ كەتسە ئىران ۋە ئىتىپاقداشلىرى بۇنى قىلالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا (ئەگەر كىرىپ قالسا) ئۇرۇشنى ئۇزۇنغا سوزىماسلىقى مۇمكىن.
ھازىرقى ئەھۋالنى ئانالىز قىلساق ئىسرائىلىيە ئىراندىن كۈچلۈك ئورۇندا. مەسىلەن؛
1. ھاۋادا ئىراننىڭ ئۇرۇش ئايرۇپلانلىرى كىرەككە كەلمەيۋاتىدۇ. ئەكىسچە ئىسرائىلىيە ئۇرۇشنى ئاساسەن ئايرۇپلان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئايرۇپلانلىرى ئىئوردانىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ ئىراننىڭ خالىغان يىرىنى بومبىلاپ زەخمىلەنمەي قايتىپ كەلمەكتە. بەلكىم ئىراننىڭ دىگىنى راس بولسا بىر قانچە ئايرۇپلان ئېتىپ تاشلانغان چۈشۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا ھاۋا ئۈستۈنلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدا.
2. ئسىتىخبارات جەھەتتە زور پەرقنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قۇماندانلىرىنى ۋە ئالىملىرىنى تاللاپ ئۆلتۈرەلىشى، مۇھىم بازىللىرىغا نوقتىلىق ھوجۇم قىلالىشى ئىراندا ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىدىن يامان بولغىنى يۇقىرى دەرىجىلىك قۇماندانلارنىڭ يوق قىلىنشى ئىراننىڭ ھەربىي ھەركەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
3. ئىراننىڭ ئاتقان بومبىللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئە سىستىمىسى تەرىپىدىن يوق قىلىنماقتا. ئۇنداقتا ئىسرائىلىيەگە چۈشكەن بومبىلارچۇ؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئە سىستىمسىنى چۈشىنىش لازىم. بۇ سىستىما تۆت قات بولۇپ ، تۆت رەڭلىك ھەسەن -ھۈسەن شەكىلدە تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. ئەڭ ئۈستىدىكىسى ئوقيا-3، ئىككىنجىسى ئوقيا-2، ئوتتۇردىكى داۋۇت رەگەتكىسى، ئەڭ ئاستىدىكسى بولسا تۆمۈر قۇببە. بۇ تۆت قات سىستىمنىڭ چەكلىك ساندىكى بومبىلارنى توسۇش ئىقتىدارى بار. مەسىلەن 500 دەپ تۇرايلى. ئەگەر ئىران 600 بومبىنى ئوخشاش ۋاقىتتا قويۇپ بەرگەندە 100 تال بومبا ئۆتۈپ كىتىدۇ. بۇ خۇددى بەش پايلىق تاپانچىسى بار بىرىگە قارشى بىرلا ۋاقىتتا 6 كىشى كەلسە ھەممىنى ئېتىشقا ئوق يەتمىگەندەك ئىش. شۇڭا خەۋەرلەردە دەۋاتقان ئىراننىڭ بومبىلىرى تۈمۈر قۇببەنى تىشىۋەتتى دېگەن گەپ بۇ سىستىما ئىشلىمىدى دېگەن گەپ بولمايدۇ. ھازىر ئىراننىڭ بومبىلىرىغا قارشى ئىسرائىلىيە زىمىندا، ئىراقتا، ئىئوردانىيەدە، ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدا مۇداپىئە سىستىمىللىرى بار. بۇ سەۋەبتىن ئىران ئالايلۇق 600 بومبا ئاتسا جىق بولسا 10-15 ى ئىسرائىلىيەگە چۈشىىدۇ.
4. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ بومبىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى كۆزلىگەن نىشانلارغا تىگىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئىرانمۇ بىر قىسمىنى ئېتىپ چۈشۈرۋاتىدۇ. لېىكىن ئىران ئىشلتىۋاتقان مۇداپىئە سىستىمىسى ھەر خىل، رۇسىيەنىڭ، خىتاينىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ياساپ چىققانلرى بار. ئەڭ ئىلغار بولغىنى رۇسىيەنىڭ S-300 سىستىمىسى بولۇشى مۇمكىن.
5. ئەگەر راستىنلا ئامېرىكانىڭ ھىندى ئوكياندىكى B-2 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپلانى ئىرانغا ھوجۇم قىلىپ قالسا ئىران تېخمۇ زەئىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كۆرۈنمەس بومباردىمانچى ئايرۇپلان بولۇپ نۇرمالدا توختىماي 11000 كىلومىتىر ئۇچالايدۇ، ۋە ئوتتۇرىدا بىر ماي قاچىلاش ئارقىلىق 19000 كىلومىتىردىن ئارتۇق ئۇچالايدۇ. بىرلا قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەر بىرى 1200 كىلوگرام ئىغىرلىقتىكى 16 تال يادرو بومبىسىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ ۋە تاشلىيالايدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ ئايرۇپلان بىلەن ئىراننىڭ ھەرقانداق يىرىدىكى ئەڭ چۇڭقۇر يەر ئاستىغا جايلاشقان يادرو بازىسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.
ئەمما باشتا دەپ ئۆتكەندەك ئىران بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئىسرائىلىيەگە پايدىسىز. بۇ تېخمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ئۇرۇشقا ئارلىشىشىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ ئىسرائىلىيە چىگرالىرىغىچە كىڭيشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار. بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ غەلىتە يىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىراق، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار. بۇ ئەھۋال ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقىي مەنادا قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى قىلىشغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا پەقەت ھازىرقىدەك راكىتا بومبىلار بىلەن داۋاملىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككى دۆلەتتكى بومبىلارنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا مەلۇم مەزگىلدىن كىين تۈگەيدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئاتقىلى بولىدىغان 5000 بومبىسى بار ۋە باشتىكى 2 كۈندىلا 20% يېقىننى ئېتىپ بولغان. ھازىر قانچىلىك قالغىنىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. ئىسرائىلىيەدىمۇ بومبا تۈگىدى دېگەن گەپ بار. ئۇنداقتا باشقىلار بومبا ياردىمى قىلامدۇ؟ ئىرانغا پاكىستان، خىتاي، چاۋشىيەن ۋە رۇسىيە ياردەم قىلىشى، ئسرائىلىيەگە بولسا ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياردەم قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئىستراتىگىيە جەھەتتىن ئويلىغاندا بۇ بوشلۇقتا پۇل كۆيدۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىران 100 بومبا ئاتىسا ئەڭ كۆپ بولسا 10ى نىشانغا تىگىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىرانغا بومبا ئاتقانغا ئىران خەلقى تەسلىم بولمايدۇ.
يەنە كىلىپ ھازىرغىچە ئىرانغا ھىچكىم ياردەم قىلغىنى يوق. پاكىستان ۋە خىتاي قۇرۇق گەپ قىلىپ قويۇغلۇق، رۇسىيە بولسا مەن كىلىشتۈرۈپ قوياي دەۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيەگە بولسا ياردەم كېلىۋاتىدۇ.
شۇڭا ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنى بۇ خىل شەكىلدە ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. ئەمسە قىسقا مۇدەتتە كىم نىمە قىلماقچى؟ ئىراننىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. توغرا بولغىنى ئىران نىمە قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنىڭ بەزى ئىشارەتلىرى بار. بىرى، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى قىلالىسا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش، ھىچبولمىسا نەچچە يىل كەينىگە چىكندۈرۋىتىش، يەنە بىرى ئىراندا ھۆكۈمەت ۋە تۈزۈم ئالماشتۇرۇش. نىتانياھۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىران خەلقىگە، ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانىنىڭ ئىران ھاكىميتى ئىكەنلىكى، خەلقنى دوست دەپ قارايدىغانلىقى، ئۇلار بىلەن زدىيتى يوقلىقىنى، شۇڭا خەلقنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان قىلىش ھەققىدە خىتاب قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكامۇ ئوخشاش ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنى قىلالامدۇ-يوق بىر نىمە دېمەك تەس. ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئىسرائىلىيەنىڭ ھوجۇمىنىڭ ئىران خەلقىنى بەكرەك ئىتتىپاق قىلىپ قويىشىنىڭ ئىھتىماللىقى كۈچلۈك. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزرىدە ئىسرائىلىيە كىچك شەيتان، ئامېرىكا چوڭ شەيتان. يەنە كىلىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھوجۇمى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ۋە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىراننىڭ غورورىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا چەيلىگەنلىك. بۇ ئىران مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشمۇ مۇمكىن.
ئەگەر ئامېرىكا ئۇرۇشقا كىرسە بەلكىم ئىران يىقىلىپ پارچىلىنىشى مۇمكىن. لىكىن بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىقمۇ؟ خىتاي، رۇسىيە، ۋە تۈركىيە بۇنىڭغا يول قويامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ پارچىلىنىشىنى خالايدۇ. ئەمما ئامېرىكا خالامدۇ يوق بىر نەرسە دىيىش تەس. چۈنكى ئىران ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىد دەپ قارالسىمۇ بەك چوڭ ياكى بىۋاستە تەھدىد ئەمەس. ئەكسىچە ئىران رايۇندا تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەسىر دائىرسىنى چەكلەش ئۈچۈن ياخشى نامزات، ھەم بۇ رولنى ئويناپ كىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر ياخشى ئىشلەۋاتقان بىر كۈچلەر تەڭپۇڭلىقى شەكىللىنىگلىك. يەنە بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ پارچىلىنىشنى تۈركىيەنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى ئىراندىكى كۈرتلەر سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى كۈرتلەر بىلەن بىرلىشىپ تۈركىيەگە باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە ھەتتا سۈرىيەنىڭ پارچلىنىشغىمۇ قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئىستراتىگىيەلىك چۇڭقۇرلىقى سۈرىيە ۋە ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ۋە رۇسىيەمۇ ئىراننىڭ پارچىلىنىشغا قارشى. شۇڭا
1. ئۇرۇش بەلكىم يەنە ئون نەچچە كۈندىن كىين ئاخرلىشىشى، نەتىجىدە ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى چىكىنىپ كىتىشى مۇمكىن.
2. مەلۇم مەزگىلىدىن كىين بۇ ئۇرۇش لىۋان، يەمەن ھەتتا سۈرىيەدە زىمىنلىرىدا ۋاكالەت ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن.
3. ئىراندا ھاكىمىيەت ئالمىشىشى مۇمكىن.
ئىراننىڭ پارچىلىنشى بىر قەدەر قىين ۋە مۇرەككەپ جەريان. قالغىنىنى ئالدىرىماي كۆرىمىز.
يازمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەمبەھىرلەپ قويغايسىز.
