
كۆر، ئىتقا بولىۋەرسە، باش ئارسلان،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،
بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.
——— يۈسۈپ خاس ھاجىپ (قۇتادغۇبىلىك)
ترامپ 2024 – يىلى 2 – قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغاندا ئەنگىلىيەلىك بىر خىزمەتدىشىم ھەيرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن ماڭا بىر ئېلخەت ئەۋەتتى ۋە ئېلخەتتە: «ئىشىنەمسەن، ئامېرىكىغا پسىخىكىسى بىنورمال بىر كىشى پرېزىدېنت بولدى» دېدى. مەن: «بۇ بۇرادەر بۇنى نېمىشقا ماڭا ئەۋەتكەندۇ؟» دەپ ئويلىدىم. بەلكىم يېقىن كۆرۈپ ئەۋەتكەندۇ. مەن ترامپنىڭ يېڭىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىرى بولساممۇ، شۇ ۋاقىتلاردا ترامپ ھەققىدىكى بەزى نېگاتىف خەۋەرلەرنى قەستەن ئاشۇرۋېتىش دەپ قارايتتىم. ھەقىقەتەن مەنمۇ ترامپنىڭ پسىخىكىسىنىڭ پرېزىدېنت بولۇشقا بولىدىغان – بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلار ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ روھىي ساغلاملىقىنىڭ ئامېرىكانىڭ بېشى بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئىككى خەۋەر كۆرگەن ئىدىم. مەن خىزمەتدىشىمغا: «كېيىنكى تۆت يىلدا ھەممىمىزنى خۇدا ساقلىغاي» دەپ خەت قايتۇردۇم.
بۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ترامپنى قاتتىق قوللاۋاتاتتى. سەۋەبى ئۇنىڭ 1 – قېتىملىق پرېزدېنتلىق مەزگىلىدە خىتايغا قاتتىق قول بولغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپنىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسىنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشىمۇ قۇلىقىمىزغا ياققان ئىدى. مېنىڭ ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشىنى ئۈمىد قىلماسلىقىمنىڭ سەۋەبى بولسا:
- ترامپ گەرچە خىتايغا قاتتىق قول بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە ئابرويىنى چۈشۈرۋەتكەن ۋە خىتاي ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلاۋاتقان ئىدى.
- ترامپ دىپلوماتىيەدىكى قوپاللىقى، ئاچكۆزلىكىنى يوشۇرماسلىقى ۋە شەخسىيەتچىلىكى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈۋاتاتتى. بۇمۇ دەل خىتاي كۈتىۋاتقان پۇرسەت ئىدى.
- ترامپنىڭ ھەييارلىقى، مەسىلىلەرنى ماددىي مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان سودىگەرچە دىپلوماتىيەسى خىتاي ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىدى. چۈنكى، خىتايدا ترامپقا بېرەلەيدىغان ماددىي مەنپەئەتلەر كۆپ، شۇنداقلا كۈچلۈك رەقىبكە دۇچ كەلگەندە پۇل ياكى باشقا مەنپەئەت سۇنۇش ئارقىلىق قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىش خىتاينىڭ تارىخي ئەنئەنىسىدە بار. ئەكسىچە، دېموكراتلار تەلەپ قىلىدىغان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن قاتارلىق ماددىي بولمىغان تەرەپلەر خىتاينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ۋە خەلقئارا ئوبرازىنى زىدىلەيدىغان تەرەپلەر ئىدى.
- خىتاي مۇتەخەسىسلەر ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشىنىڭ خىتاي – ئامېرىكا رىقابىتىدە خىتاينىڭ خەلقئارالىق لىدېرلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەۋاتاتتى. ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى قانداق ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدە ھەتتا خىتاينىڭ ئەڭ داڭلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسىسلىرىدىن بىرى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پروففىسورى يەن شۆتوڭ 2019 – يىلى بىر كىتاب يازغان ۋە بۇ كىتابنى پىرنستىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەشىر قىلدۇرغان ئىدى. دېمەك بۇ كىتابتا دېيىلگەنلەر ئىلمىي ۋە ئىشەنچلىك ئىدى.
- ترامپ ھەم ئۆزگىرىشچان ھەم يالغانچى لىدېر ئىدى. ئۇنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى جون بولتون كىتابىدا ترامپنىڭ يىلدا تەخمىنەن 2000 قېتىم يالغان سۆزلەيدىغانلىقى ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە لاگىر قۇرۇپ ياخشى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى مەيدانى بىلەن قارمۇقارشى ئىدى.
- ترامپ دىكتاتور ھاكىمىيەت ۋە شەخىسلەرنى ياخشى كۆرەتتى. مەسىلەن، شى جىنپىڭنى جىق ماختايدۇ، كىم جۇڭئۇنغىمۇ سەلبىي قاراشتا ئەمەس، پۇتىننى ياخشى كۆرىدۇ. يەنى ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشى دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ چەيلىنىپ، دىكتاتورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. دېمىسىمۇ 2025-2026 يىللىرى بۇنىڭغا شاھىت بولدۇق.
- ترامپنىڭ 1 – قېتىملىق پرېزىدېنتىلق دەۋرىدە خىتايغا قاتتىق قول بولغىنى 2 – قېتىمدىمۇ قاتتىق قول بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. چۈنكى دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەت شۇ ۋاقىتتىكى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە دۆلەتنىڭ كۈچىگە قارىتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مانا ھازىر كۆرۈپ تۇرغاندەك، بۇ كۈنلەردە خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسى ياكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئەيىپلىنىپ باقمىدى.
- ترامپ ئىلىم – پەن ۋە پاكىتقا ئىشەنمەيتتى. بۇنى ئۇنىڭ پارىژ كېلىمات خىتابنامىسىدىن (Paris Climate Agreement) چىقىپ كېتىشىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
يەنە كېلىپ ترامپتا سىياسەتچى ۋە دىپلوماتلاردا بولىدىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە سۆزلەش قابىلىيتى يوق. ئانا تىلى بولغان ئىنگىلىزچىنىمۇ B1 سەۋىيەسىدە سۆزلەيدىغانلىقىنى دىققەت قىلغانلار ھېس قىلالايدۇ. بۇ ئۇنىڭ تىل قابىلىيتىنىڭ ناچارلىقىنى ئەمەس، بەلكى سىياسەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ترامپ سىياسەتكە ماس كېلىدىغان شەخس ئەمەس. ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بىر ئەمەس ئىككى قېتىم پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى دېموكراتىك سىستېمىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىدىن بىرىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ دېموكراتىك سىستېما ناچار دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى مۇتلەق مۇكەممەل سىستىېما بولمىغاندەك، دېموكراتىيەنىڭمۇ نۇقساندىن خالىي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ شۇ ۋاقىتتا كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ترامپنىڭ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق، خىتايغا بولسا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. ھەتتا بىر گۇرۇپتا ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار سول مىدىيالارنىڭ ترامپ ھەققىدە خاتا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىشنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئاندىن ئامېرىكىنى ئامېرىكىدىكى كىشلەردىن باشقىلارنىڭ چۈشىنىپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلەش ئارقىلىق ترامپنى قوغداشتى. بۇ ھەم غەلىتە، ھەم مەنتقىسىز بىر قاراش ئىدى. ئۇزۇن تالاش – تارتىشتىن كېيىن مەن ترامپنىڭ دەۋرىدە بېشىمىزغا چوڭ بالا قازا كەلمەي ھالىمىز تېخىمۇ بەتەر بولۇپ كەتمەي ياشىيالىساق خوش بولساق بولىدۇ، دەپ گەپنى تۈگەتتىم.
ترامپ چىقىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىردىنبىر خەلقئارالىق مېدىيا بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئەركىن ئاسىيا رادېئوسى»نى تاقىۋەتتى. كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئايرىلغان غايەت زور مەبلەغنى «ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش» باھانىسى بىلەن كېسىۋەتتى ۋە بۇ قارار دۇنيادىكى پۈتۈن دىكتاتورلارنى خۇشال قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆچمەنلەرنى قالايمىقان تۇتۇشقا باشلىدى ۋە تۇتۇلغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلگەن بولدۇق. يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە ۋە ئاسىيادىكى كورىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرىغا ئادالەتسىز تاموژنا بېجى قويۇش ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈردى ۋە بۇ دۆلەتلەرنى ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركۈملەپ خىتاينى زىيارەت قىلىشقا ئىتتىردى. بۇنىڭدىن باشقا ش ئا ئە ت (ناتوغا) ئەزا دۆلەتلەرگىمۇ كۆپرەك پۇل تۆلەش ھەققىدە تەھدىد سالدى. بۇ تەھدىدىتلەر ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى جەھەتتە قايتىدىن ئەستايىدىل ئويلىشىشقا، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ سوغۇققان بولۇشقا مەجبۇر قىلدى.
ئۆزۈڭنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلمىسەڭ، يۈز قېتىم ئۇرۇشقا كىرسەڭمۇ ھەممىسىدە يېڭىلىسەن.
(بۇ گەپنىڭ سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرىدىكى توغرىسى: ئۆزۈڭىنمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ، يۈز ئۇرۇشقا كىرسەڭمۇ يېڭىلمەيسەن.)
ترامپنىڭ ۋە مەسلىھەتچىلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى ھەربىر ئامىلىنىڭ ئەسلىدە ئامېرىكىنى ئامېرىكا قىلغان ئامىللار ئىكەنلىكىنى ئويلاشقا ئەقلىنىڭ يەتمەسلىكى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەمما تېلېۋىزوردا (Fox News) رىياسەتچىلىك قىلغان ھېگسېتتىنىڭ بىر دوملاپلا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنسىترى بولۇپ قېلىشى ئامېرىكىدا پرېزىدېنتىنىڭ ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەرقانداق ياخشى ياكى يامان مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مۇھاپىزەتچى» (Guardian) نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ Fox نىڭ خەۋەرلىرىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىدەك كۆرىدىغان بولۇپ، ھېگسېتتىنىڭ ئوڭچىل رادىكال قاراشلىرىنى ۋە ترامپنىڭ MAGA شۇئارىنى كۈچلۈك قوللىشىنى ياقتۇرۇپ قالغان ۋە كېيىن ئۇنى «ئۇرۇش مىنىسترى» قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇنىڭ نەقەدەر بىمەنە ۋە مەسئۇلىيەتسىز قارار ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىش ئۈچۈن بىر ۋاقىتلاردا تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا «ۋەر مەھتەرى، ۋەر!!!» دەپ يۈرگەن شەخسنىڭ تۈركىيە مۇداپىئە مىنىسترى بولغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.
ئەسلى بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە، ترامپ جېيمىس ماتتىس ۋە مارك ئېسپېرغا ئوخشاش قابىلىيەتلىك پەنتاگون رەھبەرلىرى تەرىپىدىن بىر ئاز تىزگىنلەنگەن. ماتتىس ۋە ئېسپېر ترامپنىڭ سابىق ئاقساراي ئىشخانا مۇدىرى (سابىق تۆت يۇلتۇزلۇق دېڭىز ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلىرى گېنېرالى) جون كېللىي بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا خەلقىگە ترامپنىڭ پرېزىدېنتلىققا لايىق ئەمەسلىكى ھەققىدە ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ھەتتا كېللىي ترامپنىڭ خاراكتېرىنىڭ فاشىستلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇڭا ترامپ ئىككىنچى قېتىم سايلانغاندا، ھەرخىل چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇشنى نىشان قىلغان ۋە يېنىغا لاياقەتنى ئەمەس بەلكى ھېگسېتتكە ئوخشاش ھېچ قابىلىيىتى بولمىسىمۇ ساداقەتنى ئاساس قىلىپ كىشىلەرنى يىغىشقا باشلىغان.
ترامپنىڭ ئەڭ ئەجەللىك قۇسۇرى بىر مەسىلە ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ۋە پىلانىنىڭ بولماسلىقىدۇر. بىر پرېزىدېنتنىڭ بىر قانچە مەسلىھەتچىلىرى بولىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىدۇ، دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ترامپنىڭ تېلېۋزىيە رىياسەتچىسىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترى قىلىشقا يول قويغانلىقى ياكى بۇنىڭدىن توسالمىغانلىقىدەك رېئاللىقنى نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىزدا ئارقاننىڭ ئۇچىنىڭ ئاللىبۇرۇن قېچىپ بولغانلىقىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. ئىران ئۇرۇشى مانا موشۇنداق پىلانسىز، ئىستراتېگىيەسىز ۋە باشباشتاقلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش ئىكەنلىكى نامايەن بولماقتا. تېخىمۇ ناچار بولغىنى ترامپ بۇ ئۇرۇشنى ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىماي ئېلىپ بارغانلىقىدۇر. يەنى بىر دۆلەتنىڭ پرېزدېنتى دۆلەتنىڭ ئىستىخباراتىنىڭ دوكلاتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆز ھېسسىياتىغا تايىنىپ ئۇرۇش قوزغىغان.
ئامېرىكادىكى تارىخى ئۇزۇن ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «ئاتلانتىك» (The Atlantic) نىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىز ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىستىخبارات مەلۇماتلىرى ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ يادرو قورالىنى ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلمايۋاتقانلىقىنى؛ ئامېرىكىغا يېتىپ بارالايدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ يوقلىقىنى؛ شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھۇجۇمىغا جاۋابەن ئىراننىڭ پارس قولتۇقىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە زەربە بېرىشى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاشقا ئۇرۇنۇپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى مەلۇماتلار بولۇپ، ترامپقا سۇنۇلغان ئىدى. بۇ بىر ئىستىخبارات غەلىبىسى ئىدى. ئەمما ترامپ بىلىمگە ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلمايدىغان بولغاچقا (بۇنى ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ) ھېچقانداق ئەتراپلىق تەييارلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىسرائىلىيەنىڭ، تېخىمۇ توغرىسى نىتانياھۇنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ رەزالەت، ئەخمىقانە، يەنە بىر تەرەپتىن قارىسا ئاچچىق كۈلكىلىك ئۇرۇشنى باشلىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىكى ئىستىخبارات مەلۇماتىغا كەلسەك، ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى ھەم ناھايىتى مۇۋاپپەقىيەت قازانغان، ھەم قىلتاققا چۈشكەن. مۇۋاپپەقىيەتلىك تەرىپى بولسا ئىراندەك ئسىرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل سەزگۈر بولۇپ كەلگەن بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرىنىڭ بىر نەچچە كۈندە يوق قىلىۋىتىلىشى بولۇپ، بۇ بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ ئىستىخبارات غەلبىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئەمما ئىران ئىستخباراتلىرىمۇ ئىراننىڭ ئەمەلىي ھەربىي كۈچى، قولىدا بار قوراللار ۋە مەخپىي بازىلىرى ھەققىدە ئىسرائىلىيەنى قىلتاققا چۈشۈرگەن. بۇرۇن ئىسرائىلىيەگە بىلىنمگەن قوراللار ، بولۇپمۇ بوشلۇققا چىققاندىن كېيىن بىر نەچچىگە پارچىلىنىپ نىشاننى ئۇرىدىغان چاچما بومبىلار، ئىلغار رادارلار (بۇ ئىككى تېخنىكا خىتاي تەرىپىدىن ئىرانغا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بار) شۇنداقلا درون ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ سانى ھەققىدە ئىسرائىلىيە توغرا مەلۇمات ئېلىشتا مەغلۇپ بولغان ۋە مانا بۇ مەغلۇبىيەت ھازىر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى تولىمۇ قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.
يەنە بىر خاتا ھېساب بولسا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلمايلا جەڭنى باشلاپ كېتىشىدۇر. ئۇ ۋاقىتتىكى ھېساب بەلكىم نامايىشىچى ئىران خەلقى ۋە كۈرتلەرنىڭ ئىشنىڭ ئاخىرىنى يىغشتۇرۇشىنى مۆلچەرلىشى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ پەقەتلا يۈز بەرمدى. بۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئەمەس، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ رايوندىكى كۈچى ۋە ئىراننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ھەققىدىكى كۆپ مەلۇماتقا ئېگە بولمايلا ئالدىراپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا بەزى مەنبەلەر ترامپنىڭ پەنتاگوننىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئامېرىكا ئارمىيسىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
گەرچە ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ھازىر بىر نەرسە دېيىش بالدۇر بولسىمۇ، تەرەپلەر ئۈچۈن نېمىنىڭ غەلىبە ئىكەنلىكى ھەققىدە گەپ قىلىش مۇمكىن. چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا ئىران مەغلۇپ بولمىغان ھەر بىر كۈنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە غەلىبە قىلالمىغان ھەر بىر كۈنى مەغلۇپ بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ياكى مەغلۇبىيىتى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ – ئاغدۇرۇلماسلىقىغا باغلىقتۇر. يەنە كېلىپ ئىككى تەرەپنىڭ بەرداشلىق بىرىش چېكى تۈپتىن پەرقلىق بولۇپ، ئىران ھاكىمىيىتى تەلتۆكۈس يىقىلغۇچە بەرداشلىق بېرىدۇ؛ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بولسا ئۇرۇشنىڭ چىقىمى بەلگىلىك مىقداردىن ئېشىپ كەتكۈچە ۋە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق بېسىم بەلگىلىك سەۋىيەگە كەلگۈچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

ھازىر ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولىساق؛
- ئىراننىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىدىن 70-80 كىشى يوق قىلىندى؛ ئەمما ھاكىمىيەت يېمىرىلمىدى، ئەكسىچە قارشىلىق كۈچى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. يېڭى رەھبەر مۇجتەبا خامەينىينىڭ دادىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق قول ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
- ئىراننىڭ يادرو بازىلىرى ئېغىر دەرىجىدە بومباردىمان قىلىندى؛ ئەمما ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى يوق بولمىدى. ئىران يەنىلا يادرو قويۇلدۇرالايدۇ، شۇنداقلا قولىدا 440 كىلوگرام كېلىدىغان 60% قويۇلدۇرۇلغان ئۇران بار بولۇپ، بەزى مەنبەلەر ئىران بۇ ئوران بىلەن بىر نەچچە ھەپتىگىچە 12-24 كىچە يادرو قورال ياسىيالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
- ئىراننىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيسى يوق قىلىنىدى؛ لېكىن بۇ ئىككىسى ھېچقاچان تەھدىد شەكىللەندۈرەلەيدىغان كۈچ ئەمەس ئىدى.
- ئىراننىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبا بازىلىرى، ئېتىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە يەر ئاستى ھەربىي بازىلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلىدى؛ ئەمما ئىراننىڭ يەنە 1000 دىن كۆپ ئېتىش ئۈسكۈنىسى بار، درونلىرىنىڭ 50% زاپىسى بار.
- ھورمۇز بوغۇزى بۇرۇن ئوچۇق ئىدى، ئەمما ھازىر تاقىلىپ قالدى ۋە بۇ يەردە ئەمدى ئىراننىڭ گىپى ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى.
ئىران گەرچە غايەت زور تالاپەتكە ئۇچۇرغان بولسىمۇ يىقىلمىدى. ئەكسىچە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى پايدىلىق ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرمەكتە. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ تومۇرلىرىدىن بىر بولغان ھورمۇز بوغۇزنى كونترول قىلماقتا. ترامپ ۋە نىتانياھۇ ئۆرىۋەتمەكچى بولغان ھاكىمىيەت يەنىلا قاتتىق قوللارنىڭ كونتروللۇقىدا قالدى. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يادروسى بولغان شىئەلىك، دىكتاتورلۇق شۇنداقلا غەرب، ئامېرىكا ۋە يەھۇدىي دۈشمەنلىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە باي دۆلىتىنىڭ زەربىسىدىن ئامان قالغانلىقى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تۇرمۇشى ئېنېرگىيە ئېكسپورتىغا ۋە كىشىلەر زىيارەت قىلىدىغان، ياشايدىغان ۋە ئىشلەيدىغان بىخەتەر جاي يارىتىشقا باغلىق بولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ھەرزەر ئەيلەيدي شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىشىش بىلەن بىرگە رايونغا خىتاينىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئەكىرىش ئارقىلىق ئىران، خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كۈچ تەڭپۇڭلىقى قۇرۇش يولىغا ماڭىدۇ.
خۇددى پروف. يەن شۆتۈڭ 2019 – يىلى پىرنستىن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدىن چىقارغان كىتابىدا ترامپ 2017 – يىلىلا ئامېرىكىنىڭ يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسى ۋە يۇمشاق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۋەتكىنىنى تىلغا ئالغاندەك، 2024 – يىلى قايتا سايلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىنى لۈكچەك، ئۇششۇق، ئىشەنچسىز، خەتەرلىك ۋە كۈلكىلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. مانا بۇ ھالەت ئامېرىكىنى ھېچكىمنىڭ دۇنيا لىدىرى بولۇشىنى خالىماسلىقىنى ۋە ھەقىقەتەن يېڭى بىر دۆلەتنىڭ يېتەكلىشىگە ئۈمىد بىلەن قارىشىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدا بىر چەتتە «چوڭ سۈپەت» ئولتۇرغان، توختىماي تىنچلىقتىن گەپ قىلىدىغان، شۇنداقلا ھەممىدىن مۇھىمى دۇنيا ئىقتىسادىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان خىتاي كىشىلەرگە ۋە دۆلەتلەرگە ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بۇ جەھەتتىن خىتاي رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ترامپنىڭ دۆتلۈكى ۋە ئىستراتېگىيەدىن يوقسۇللۇقى «تەڭرىنىڭ خىتايغا بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىسى» دۇر. چۈنكى، خىتاي ئەڭ ئاز 5-10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشنى ترامپ بىر نەچچە يىلدا خىتايغا قىلىپ بەرگەن بولدى. تېخىمۇ قىززىقارلىق بولغىنى خىتاي جىق ئىش قىلماي بىيجىڭدا ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئولتۇرۇپلا بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن بولدى.
ترامپ ئىران ئۇرۇشىدىكى ئىستراتىگىيەسىزلىك، تۇترۇقسىزلىق، قۇرۇق پوپاڭ قىلىش، كەينىگە يېنىش، دۇنياغا ۋە ئامېرىكا خەلقىگە يالغان سۆزلەش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە يەرگە ئۇردى. ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلمىغىنى ۋە دېمگىنى قالمىغان تۇرۇپ بۇ ئۇرۇشتا ئۇلاردىن ياردەم سورىدى ۋە ئۇلاردىن كۈتكەن جاۋاپنى ئالالمىغاندىن كېيىن غەزەپلەندى. ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچبىرى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ھايات – ماماتلىق بۇرادىرى ئەنگىلىيەمۇ ئامېرىكىنى رەت قىلدى ۋە توغرا قىلدى. چۈنكى، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن شۇنداقلا 3 – دۇنيا ئۇرۇشى چىقماسلىقى ئۈچۈن ئېلىنغان توغرا قاراردۇر. ئىراننىڭ تىز پۈكمەسلىكى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكىنىڭ يارامسىزلىقى خىتاي، رۇسىيە ۋە چاۋشيەنگە ئىشەنچ ئاتا قىلماقتا. ئەگەر ئىراننى يىقىتىدىغان بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلىسا رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا، خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە ياپونىيەگە، چاۋشيەننىڭ كورىيە ۋە ياپونىيەگە ھوجۇم قىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرىدۇر. بۇنداق بىر ئۇرۇشتا ئامېرىكا ۋە دېموكراتىك ئەللەرنىڭ غەلبە قىلىشى قىيىن.
ھورمۇز بۇغۇزىنى كونترول قىلىش: يەنە بىر ئىستراتىگىيەلىك ۋىزىيونسىزلىق
ئىراندا پاتقاققا پېتىپ قالغان ترامپ پاكىستاندا سۆھبەت ئۆتكۈزشكە تىرىشتى. 12 – ئاپرېل خەۋەرلىرىگە قارىغاندا 21 سائەتلىك سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. گەرچە مۇئاۋىن پرېزدېنت جېدى ۋېنس ئىرانغا ئىشىكىنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتمىگەن. بۇ يەنە بىر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ترامپ يەنىلا ئىستراتېگىيەسىزلىكىنى نامايەن قىلدى ۋە 13 – ئاپرېلدا ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. ئۇنداقتا بۇ ئاقىلانە پىلانمۇ؟ قامالنىڭ باشلىغانلىقىغا بىر نەچچە سائەت بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بىر نەرسە دېيىش قىيىن بولسىمۇ ترامپنىڭ پىلانسىز ۋە تۇترۇقسىزلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا بۇمۇ بەك مۇمكىن بولمايدىغان ۋە ياكى ياخشى بىر نەتىجە ئېلىپ كېلەلەيدىغان ھەرىكەت بولماسلىقىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
پروف. جون مىئېرشېيمېر (John Mearsheimer) ۋە جۇشۇئا لاندىس (Joshua Landis) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىستراتېگىيە ئۈنۈمسىز بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلغۇچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئەكسىچە نەتىجە بېرىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
- يەر شارىۋى ئېنىرگىيە كرىزىسى ۋە خەلقئارالىق بېسىم
قورشاۋنىڭ دەسلەپكى تەننەرخى يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ تەننەرخى ئىران ۋە خۇسىيلەرنىڭ باشقا دېڭىز كارىدورلىرىدىكى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. مىئېرشېيمېرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا تارىختىن بېرى ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ نېفىتلىرىغا ئىمبارگو قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ نېفىتىنىڭ يەر شارى بازىرىدا ئايلىنىشىغا يول قويۇپ كەلگەن، چۈنكى بۇ تەمىنات يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ھاڭغا غۇلاپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، قورشاۋنىڭ «ئۈنۈم بېرىشى» ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا چوقۇم ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا تەييار تۇرۇشى كېرەك. لېكىن، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىدىغان بۇ «ئەخمىقانە تەۋەككۈلچىلىك»نى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ترامقا زور بېسىم شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
- قورشاۋ ئىران مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ قاتتىق قوللارنىڭ ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قورشاۋ ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ تۈپ خاتا مۆلچەر — ئىقتىسادىي جازانىڭ سىياسىي تەسلىمىيەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پەرەزدۇر. مىئېرشېيمېر ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت دەپ قارايدىغان «يۇقىرى مىللەتچىلىك روھىغا ئىگە ۋە ئىرادىسى كۈچلۈك بىر دۆلەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇنداق بىر شارائىتتا، بىر مىللەت تەسلىم بولۇشتىن كۆرە، «ئىنتايىن زور دەرىجىدىكى جازا ۋە بېسىملارنى قوبۇل قىلالايدۇ». مۇنداق بېسىم كۆپىنچە ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ، ئىران ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى سۆھبەتكە قارشى تۇرىدىغان قاتتىق قوللارنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خىل قەيسەرلىك قورشاۋنىڭ غەلىبە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر «تۈگىمەس ئۇرۇش»قا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
- ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي زىيانلار
جۇشۇئا لاندىس ئامېرىكىدا ئۆسۈم نىسبىتى ۋە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەنلىكىنى، نەتىجىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش چىقىملىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەتتا ئوكلاھوماغا ئوخشاش جۇمھۇرىيەتچىلەر شتاتلىرىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار تاجاۋۇزچى تاشقى سىياسەت بىلەن پۇل پاخاللىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.
ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۈچۈن كۆرۈلىدىغان بىر قانچە نېگاتىف سىياسىي ئاقىۋەتلەر بولۇپ، بۇلار:
- ئاممىۋى پىكىر: نۆۋەتتە پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلا بۇ ئۇرۇشنى قوللايدۇ، ترامپنىڭ قوللاش نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە.
- ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام: يۇقىرى نېفىت باھاسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ نويابىردىكى سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
- جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كەلگۈسى: 2028 – يىللىق سايلامنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نامزاتلىرى دەپ قارالغان جېدى ۋەنس ۋە ماركو رۇبىيو قاتارلىقلارنىڭ ئىستىقبالى قورشاۋنىڭ مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن غۇۋالىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
لاندىسنىڭ خۇلاسەسىچە، جۇمھۇرىيەتچى سىياسەتچىلەر ئاخىرىدا نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، قورشاۋ سىياسىتى دەل ئەكسىچە نەتىجە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سىياسەت سىياسىي جەھەتتىن داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان بىر ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.
- زىيادە سوزۇلۇپ كەتكەن قورشاۋ ئامېرىكىنى تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
ئىران ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولۇپ، رايوندىكى 13 ئامېرىكا بازىسىنىڭ دېيەرلىك ھەممىسى يا ۋەيران قىلىنغان ياكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ قورشاۋدىكى تەمىنات بىخەتەرلىكىنى زور دەرىجىدە ئاجىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئادەم كۈچى: ئىسرائىلىيەنىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىگە بولسىمۇ، ئادەم كۈچى جەھەتتە ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە خەلقى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ۋەھىمىسى ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدۇ.
يەنە كېلىپ ئىران خىتاي ۋە رۇسىيەدىن قورال – ياراق ياردىمى ئالالايدۇ شۇنداقلا 40 نەچچە كۈنلۈك ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھوجۇملىرىغا تاقابىل تۇرىدىغان ئىستراتېگىيە بەرپا قىلدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا توختىماي قورال ۋە ئەسكەر توشۇشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە بۇ ئۇرۇش يەنە ئاخىرى چىقمايدىغان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
- خىتاي بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىش خەۋىپى
دېڭىز قورشاۋى خىتايغا ئوخشاش باشقا چوڭ كۈچلەر بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشۇش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ. خىتاي كۆرىنىشتە جىم تۇرغىنى بىلەن ترامپقا قارىغاندا پۇختا ئىستراتېگىيەگە ئىگە. بېيجىڭ، تېھراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئامېرىكا قورشاۋنىڭ ئەڭ خەتەرلىك نۇقتىسى — خىتاينىڭ نېفىت پاراخوتلىرىغا قارىتا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىشىدۇر. خىتاي پارس قولتۇقىدىن زور مىقداردا نېفىت ئېمپورت قىلىدۇ. ئەگەر ترامپ خىتاي نېفىت پاراخوتلىرىنى تۇتۇۋالسا ياكى ئۇلارنى چۆكتۈرۈشكە ئۇرۇنسا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلە ئامېرىكا بۇنىڭغا جۇرئەت قىلالامدۇ؟- دېگەندىن ئىبارەت. چۈنكى، بۇنداق ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ قولىدا ئىككى خىل ئىستراتېگىيە بار؛ بىرى، تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش، يەنە بىرى ئىرانغا ئەڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن ئوچۇق ئاشكارا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا دىپلوماتىك جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىدە قوللاش. ھەر ئىككى خىل تاللاش ئامېرىكىنى ئەسكىرىي ۋە زېھىنىي كۈچىنى 2-3 تەرەپكە چېچىشقا مەجبۇرلايدۇ ۋە بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تېخىمۇ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەنە كېلىپ ئىران ئۇرۇشىنى ئۇزۇنغا سوزۇش ئامېرىكىنى قايتىدىن ئوتتۇرا شەرققە باشلاپ كېلىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە قاتارلىق كونا ئىتتىپاقدىشى ۋە ناتوغا ئوخشاش دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كاپالىتى بولغان ئىتتىپاق سىستېمىسىنىڭ يېمىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئۇرۇشقا ئامېرىكىنى سۆرەپ كىرگىنى ئىسرائىلىيە نىتانياھۇ ھۆكۈمىتىدۇر. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارنى پارچىلانغان ۋە ئاجىز ھالەتتە تۇتۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسرائىلىيە تىزگىنلىشى كېرەك بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدا يەنە تۈركىيە ۋە سۈرىيەنىڭمۇ بارلىقى سۆزلەنمەكتە.
ئىسرائىلىيە ئوڭچى رادىكاللىرى ھازىر تۈركىيەنى ھاماسقا بەرگەن قوللىشى ۋە رايون خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەسى سەۋەبىدىن «ئىراندىنمۇ يامان بولغان كېيىنكى چوڭ دۈشمەن» دەپ قاراشقا باشلىغان. بۇلارنىڭ قارىشىچە تۈركىيە مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن خەتەرلىك دەپ قارالغان:
- ھاماسنى قوللاش: بۇ قاراش تۈركىيەنىڭ ھاماس ئەزالىرىغا پاناھلىق بېرىشى ۋە ئەردوغاننىڭ مىللەتچىلىكنى قوزغاش ھەمدە ئۆزىنىڭ يېقىن شەرقتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى كەسكىن ۋە قاتتىق نوتۇقلارنى قوللىنىشىدىن كېلىپ چىققان.
- سۈننىي ئوق مەركىزى: ئىسرائىلىيەدىكى بۇ كۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ئىرانغا ھوجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان مەخسۇس ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بىر سۈننىي ئوقىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان.
- سۈرىيە ئۈچۈن كۈرەش: سۈرىيە ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق «ئارغامچا تارتىشىش» مەيدانىغا ئايلاندى. ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە «پارچىلاپ باشقۇرۇش» مەقسىتىدە سۈرىيە زېمىنىغا ئاكتىپلىق بىلەن سىڭىپ كىرمەكتە. ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە زېمىن كونتروللۇقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغان بولۇپ، جۇشۇئا لاندىسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە سۈرىيە زېمىنىدىن قوشۇمچە 600 كۋادرات مىل يەرنى ئىگىلىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق ھەربىي چەكلىمىلەرنى قويۇپ، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ دەمەشىقنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئۇقتۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيە مەنپەئەتىگە قارشى تۇرۇپ، تۈركىيە تەرەپتە تۇرۇپ قېلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا. ھەتتا ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيەگە قارشى ئىسرائىلىيە تەرەپتە تۇرۇش ئۈچۈن ناتو (NATO) دىن چىقىپ كېتىشنى بىر خىل يول دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. جۇشۇئا لاندىس تىلغا ئالغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە تەرەپتە تۇرۇشى ئۈچۈن، ناتودىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، ھورموز بوغۇزىنى قامال قىلىش يەنە يېڭى بىر كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى تېخىمۇ بەك زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئىنساننىڭ دۆت ھەم ۋىزىيوسىزلىقىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ترامپتەك دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بېشىغا چىقىۋالغان قابىلىيەتسىز ئەمما نارسىسىت، شەخسىيەتچى، يالغانچى، تۇترۇقسىز شەخىسنىڭ دۇنياغا زىيان سېلىش «قابىلىيتى» گە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ مەقسىدى يەنىلا ئىران ھاكىمىيىتىنى يوق قىلىش بولسا ۋە شۇنداق قىلغۇچە داۋام قىلماقچى بولسا، بۇ ئۇرۇشنىڭ چوڭ دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋىپى بار. ئەمما ھازىرقى ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى بولسا ترامپنىڭ ياردەم چاقىرىقىغا ۋە ئىران پىلانىغا ھېچقانداق غەرب ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يېقىن كەلمەيۋاتقانلىقىدۇر. بۇ ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىران ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە پىلان ئىرانغا كۆپ بېسىم قىلماي كېلىشىم تۈزۈپ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش. بۇ ھالەتتە ئۇرۇشتىن چىقىپ كەتسە (ئىراندا كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقلارنى كۆزدە تۇتقاندا) ئامېرىكا غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ھەم كېيىنكى قېتىم باشقىچە ئىستراتېگىيە تۈزۈپ ئىراننى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقتى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى تۈركچە ماقالدە ئېيتىلغاندەك «زىياننىڭ قەيىرىدىن يېنىۋالسا پايدا ئالغان بولىدۇ».
پايدىلانغان بەزى مەنبەلەر:
- Mearsheimer, J., & Landis, J. (2026, April 13). Will Trump’s naval blockade of the Strait of Hormuz work? (T. Switzer, Interviewer) . In Switzerland with Tom Switzer
- Harris, S. (2026, April 5). The real intelligence failure in Iran. The Atlantic
- Gordon, M. R., Seligman, L., Holliday, S., & Lieber, D. (2026, April 11). Iran has thousands of missiles and could retrieve launchers, US intelligence finds. The Wall Street Journal
