
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى رايوننى قالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇپ قويدى. ئەلۋەتتە دۇنيامۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالماقتا. ھازىرغىچە مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، زىيان نەچچە مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ئېنېرگىيە باھاسى رۇسىيە ئۇكرائىيناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.توقۇنۇش ئىككىنچى ئېيىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى؛ تېھران ھورمۇز بوغۇزىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق يەر شارى سودىسىنى بوغۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئامېرىكىنىڭ بولسا رايونغا قوشۇمچە 10 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
بۇ ئۇرۇشنىڭ بۇرۇنقى ئۇرۇشلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى يالغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىكى بولۇپ، بۇ ھالەت ئۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىنى بىلىشىنى ئېغىر دەرىجىدە توسۇپ قويماقتا. بۇ يالغان خەۋەرلەر ھەم ئىران تەرەپتىن ھەم ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە تەرەپتىن ۋە ياكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى قوللىغۇچىلار تەرىپىدىن ئوخشاش تارقىتىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىران دۆلەت ئىچىدە تورنى تاقىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىراندا نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش قىين بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن ترامىپ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر قانچە ئەمەلدارلار ئەمەلىيەتتىن يىراق بولغان ئۇچۇرلارنى قالايىمىقان بىر شەكىلدە مېدىيالارغا سۇنماقتا.
كىشىلەرنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرۋاتقىنى بولسا ترامپنىڭ ھىلى ئۇنداق، ھىلى مۇنداق گەپ قىلىشى،يالغان سۆزلىشى ۋە قارارلاردا تولا ئالدى كەينىگە يېنىشىدۇر. مەسىلەن،دۆلەت ئىچىدىكى بېسىملار سەۋەبىدىن، ترامپ ئەگەر ئىران 48 سائەت ئىچىدە بوغۇزنى قايتا ئاچمىسا، ئىراننىڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى يوقىتىۋېتىش تەھدىتى بىلەن ئىراننى مەجبۇرلىماقچى بولدى. بۇ مۆھلەت دۈشەنبە كۈنى بەش كۈنگە، پەيشەنبە كۈنى يەنە 10 كۈنگە ئۇزارتىلدى. ترامپ يەنە سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئىشلار ئىنتايىن ياخشى كېتىۋاتىدۇ، ئىراندا نىشانىمىزغا يەتتۇق، دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى. ئەمما ئىران بۇنداق بىر سۆھبەتنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىدى، ۋە ئۇرۇشنى ئىران خالىغان ۋاقتىدا توختىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران ئسىلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمى ھورمۇز بوغۇزنىڭ يېپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ يەردىن ئۆتمەكچى بولغان پاراخۇتلارغا قارىتا «قاتتىق تەدبىر» قوللىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.
راس بىلەن يالغان ئارلىشىپ كەتكەن ئۇچۇرلار بومباردىمانىدا، كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزى ئىزچىل تۈردە ئۇرۇشتا كىمنىڭ قانچىلىك زىيان تارتقانلىقىغا مەركەزلەشمەكتە. بۇ يازمىدا ھازىرغىچە بىز ئېرىشەلىگەن ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زىيىنىنى خۇلاسىلەپ ئۆتىمىز. ئىشەنچلىك ئۇچۇر مەنبەسى بولۇشنىڭ شەرتىنى بولسا، خەۋەرلەرنىڭ تەرەپسىز، چوڭ، شۇنداقلا بىلىنگەن مېدىيا قۇرلۇشلىرىدىن كەلگەن بولۇشى كېرەك. مەسىلەن ئىران ياكى قوللىغۇچىلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ مېدىيالىرىدىكى خەۋەرلەر تەرەپباز ۋە ئوبىكتىپ بولماي قېلىش ئىھتىماللىقى بار دەپ قاراپ ئىشلىتىلمىدى. ترامپنىڭ ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە ۋەزىرى پېت ھېگسېتنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر قانداق ئۇچۇر گۇمانلىق دەپ قارىلىپ ئىشلىتىش لايىق كۆرۈلمىدى. كۆپىنچە ئۇچۇرلار BBC، ئەلجەزىرە، DW قاتارلىق چوڭ مىدىيالار، ھىنىدىستاننىڭ چوڭ مىدىيالىرى، ۋە ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەقىل-ئامبارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئىشلىتىلدى.
ئىراننىڭ زىيىنى
ئەنگىلىيە مەركەزلىك The Independent خەۋەر قانىلىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىدىن نەقىل كەلتۈرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇرۇشنىڭ تۇنجى 24 سائىتىدە ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرى ئىراندا 1000 دىن ئارتۇق نىشانغا زەربە بەرگەن، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى بولسا يەنە 750 نىشاننى بومباردىمان قىلغان. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئىران كۈچلىرى بىرلىشىپ جەمئىي 15,000 نىشانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ نىشانىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى: ئىراننىڭ باللىستىك بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش، دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋەيران قىلىش، يادرو قوراللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىمى (IRGC) ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچى كۈچلىرىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنى يوقىتىش ھەمدە ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى نىشانلاش (بەزى باياناتلاردا ھەتتا ھاكىمىيەت ئالمىشىش شەرتلىرىمۇ تىلغا ئېلىندى).
زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىراننىڭ 31 ئۆلكىسى ئىچىدىكى كەم دېگەندە 26 ئۆلكىدىكى ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، تېھران، مەركىزى، غەربىي ۋە جەنۇبىي رايونلاردا زىچ ئېلىپ بېرىلغان. ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھوجۇملىرى نوقتىلىق ۋە مەخسەدلىك بولۇپ چوڭ جەھەتتىن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
- رەھبەرلىك قاتلىمى:
28-فېۋرالدىن باشلاپ، كەم دېگەندە 10 دىن 20 گىچە يۇقىرى دەرىجىلىك شەخس (ئالىي رەھبەر سەۋىيەسىدىكىلەر، مىنىستىرلار، IRGC قوماندانلىرى ۋە بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى) نىڭ ئۆلۈمى جەزملەشتۈرۈلگەن. تېخىمۇ كەڭ مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، پەقەت دەسلەپكى زەربىلەرنىڭ ئۆزىدىلا 40 ئەتراپىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئۆلتۈرۈلگەن. مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان داۋاملىق ھەرىكەتلەر بىلەن بۇ سان تېخىمۇ كۆپەيدى. بەزى مەنبەلەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك قوماندانلار ۋە مۇئاۋىنلارنى قوشقاندا، ئومۇمىي ساننىڭ 70 كە يېقىنلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.بۇ زەربىلەر قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنى بىتچىت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاڭلىق «بېشىنى كېسىش» ئىستراتېگىيەسى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدى.
يوق قىلىنغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن ئاساسلىق رەھبەرلەر تىزىملىكى
2026-يىلى 28-فېۋرال (دەسلەپكى زەربە — ئەڭ ئېغىر تالاپەت):
- ئەلى خامەنىي — ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى (ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق ئىگىسى).
- ئەلى شامخانى — خامەنىينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى؛ دۆلەتلىك ئالىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سابىق كاتىپى؛ بىخەتەرلىك ۋە يادرو سىياسىتىدىكى ئاچقۇچلۇق شەخس.
- مۇھەممەد پاكپۇر — ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى (IRGC) قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى؛ ئىراننىڭ ھەربىي ۋە ۋاكالەتچى ھەرىكەتلىرىدە مەركىزىي رول ئوينايدىغان شەخس.
- ئابدۇرەھىم مۇسەۋى — قوراللىق كۈچلەر باش ئىشتاب باشلىقى (ئادەتتىكى ئارمىيە بىلەن IRGC نى ماسلاشتۇرغۇچى).
- ئەزىز ناسىرزادە (ياكى ئەمىر ناسىرزادە) — مۇداپىئە مىنىستىرى.
2026-يىلى مارت ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرىغىچە:
- ئەلى لارىجانى — دۆلەتلىك ئالىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى؛ سابىق پارلامېنت باشلىقى ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە سىياسىي مەسلىھەتچى (خامەنىي ئۆلگەن كېيىنكى ئەمەلىي ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى دەپ تەسۋىرلەنگەن). ئۇ 17-مارت ئەتراپىدا تېھرانغا يېقىن جايدىكى زەربىدە ئائىلە ئەزالىرى ۋە مۇئاۋىنلىرى بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن.
- غۇلامرىزا سۇلەيمانى — بېسىج (Basij) يېرىم ھەربىي كۈچلىرىنىڭ قوماندانى (ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە باستۇرۇشقا مەسئۇل IRGC قارمىقىدىكى كۈچ).
- ئىسمائىل خاتىب — رازۋېدكا مىنىستىرى؛ پۇقراۋى رازۋېدكا ئاپپاراتلىرىغا مەسئۇل قاتتىق قول دىنىي زات.
- باشقا مەلۇماتلاردا تىلغا ئېلىنغانلار: IRGC نىڭ باياناتچىسى ئەلى-مۇھەممەد نائىنى، بېسىج ۋە رازۋېدكا مىنىستىرلىقىنىڭ قوشۇمچە مۇئاۋىنلىرى ھەمدە بىر قىسىم دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىرى (مەسىلەن: ئادمىرال ئەلىرىزا تەڭسىرىنىڭ ئۆلۈمى جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار).
- ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاچقۇچلۇق ئەسلىھەلەر: بۇلار ناتانز، فوردو، ئىسفاھان ، ئاراك ، ئاردەكان ۋە باشقا قوراللاشتۇرۇش ياكى تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك قورۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- باللىستىك بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇل ئەسلىھەلىرى: پەقەتئىسرائىلىيەلا بومبا قويۇپ بېرىش ئورۇنلىرىغا 600 دىن ئارتۇق زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ ئومۇمىي ھوجۇمدا يۈزلىگەن قويۇپ بېرىش ئورنى، ساقلاش ئىسكىلاتى، يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ۋە قۇراشتۇرۇش لىنىيەلىرى زەربىگە ئۇچرىغان.
- ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش ۋە قويۇپ بېرىش ئورۇنلىرى : مەسىلەن: شاھىن شەھەردىكى HESA زاۋۇتى، شەرقىي جەنۇبتىكى شاھىد تۈرىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىش/ساقلاش ئەسلىھەلىرى نىشانلانغان.
- باشقۇرۇلىدىغان بومبا درون ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سانائەت رايونلىرى ۋە مۇداپىئە شىركەتلىرى بومباردىمان قىلىندى. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە 160 تىن 300 گىچە قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
- ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە ئايرودروملار: ئىراننىڭ غەربىي ۋە مەركىزىي رايونلىرىدىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى (رادار، يەر-ھاۋا بومبا ئورۇنلىرى) كەڭ كۆلەمدە يوقىتىلىپ، ھاۋا ئۈستۈنلىكى قولغا كەلتۈرۈلدى.
- دېڭىز ئارمىيەسى:ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى زەربىلەر ئىران دېڭىز ئارمىيەسى ۋە IRGC دېڭىز كۈچلىرىنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ، 150 تىن ئارتۇق پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىنى، دېڭىز بازىلىرىنى، پورتلارنى، پاراخوتقا قارشى بومبا ئورۇنلىرىنى ۋە مىنا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلدى ياكى زىيانغا ئۇچراتتى.

ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ (CSIS) تەھلىلىگە قارىغاندا، ئۇرۇشنىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ زەربە بېرىش نىسبىتى كۈنىگە تەخمىنەن 300-500 نىشان ئەتراپىدا مۇقىملاشقان. ئامېرىكا بۇ ھەپتىنىڭ بېشىغىچە ئىرانغا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 375 قېتىم زەربە بەرگەن.
پەيشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تەرەپ ئىراننىڭ 150 دىن ئارتۇق دېڭىز پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ۋە 10,000 دىن ئارتۇق نىشاننى، جۈملىدىن يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىنالارنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
قانچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە مۆلچەرلەر مەنبەگە قاراپ پەرقلىق چىقماقتا. ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى 1937 ئادەم ئۆلدى، 24800 ئادەم يارىلاندى دەپ مەلۇم قىلدى. HRANA غا ئوخشاش مۇستەقىل گۇرۇپپىلار ئۆلگۈچىلەر سانىنى 3461 دەپ مۆلچەرلىدى، باشقا مەنبەلەر بولسا كۆپىنچىسى ھەربىيلەر بولۇپ جەمئىي 6900 گىچە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باھالىشىدا 6000 دىن ئارتۇق ھەربىي خادىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان قوشنا دۆلەتلەرنى بومبا ۋە درونلار بىلەن ئۈزلۈكسىز زەربە بەردى. ئامېرىكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران ئۇرۇشنىڭ تۇنجى 100 سائىتى ئىچىدە 500 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 2000 دىن ئارتۇق درون قويۇپ بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ساننى ئازايتقان. بەھرەين، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇرۇشنىڭ 1-كۈنىلا 232 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە 194 بومبىنى بايقىغان ياكى توسۇۋالغان، ئەمما 23-كۈنىگە كەلگەندە بۇ سان ئايرىم-ئايرىم ھالدا 52 ئايروپىلان ۋە سەككىز بومبىغا چۈشكەن.
ئىراننىڭ قورال-ياراق زاپىسى ھەم ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھوجۇمى شۇنداقلا ئىراننىڭ قايتۇرما ھوجۇملاردا ئىشلتىشى (ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بازىسى بولغان دۆلەتلەرگە ئېتىلىغانلىرى) سەۋەبلىك خورىماقتا. بەزى مۇھىم قوراللاردىن ئىشلتىلگىنى ۋە قېىپقالغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
باللىستىك باشقۇرۇلدىغان بومبىلار
- ئىماد، قەدر (Ghadr-1)، شاھاب-3 تۈرلىرى: سۇيۇق يېقىلغۇلۇق، مۇساپىسى 1300–2000 كىلومېتىر.
- قاسېم ھاجى / فاتاھ تۈرلىرى / خەيبەر شېكان /: قاتتىق يېقىلغۇلۇق، تېخىمۇ دەل جايىدا زەربە بېرىدىغان ياكى ئاۋازدىن تېز (hypersonic) ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۈرلەر.
- سېججىل، خوررامشاھر: ئىلغار ئوتتۇرا مۇساپىلىك بومبىلار.
- قىسقا مۇساپىلىك: فاتاھ-110، زۇلفىقار ۋە قىيام تۈرلىرى.
- ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى زاپاس (2026-يىلى فېۋرال): تەخمىنەن 2500 دانە باللىستىك بومبا (بەزى تەھلىلچىلەر بارلىق قىسقا مۇساپىلىك بومبىلارنى قوشقاندا 3000 دىن 6000 غىچە دەپ مۆلچەرلىگەن).
- مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىشلىتىلگىنى: 1200-1400.
- ئېشىپ قالغىنى: ئىنتايىن ئېنىقسىز؛ مۆلچەرلەر قىلىنىشىچە، 1000-1500 دانە (ئومۇمىي زاپاسنىڭ %40-%50 ى) قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يوقىتىلىشى ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ.
- درونلار (ئاساسلىقى شاھىد-136):
- ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى زاپاس: 80,000 دانىغىچە.
- مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىشلىتىلگىنى: 2000-2100 دىن ئارتۇق.
- قالغىنى: تۈرلۈك زەربىلەرگە قارىماي ئىشلەپچىقىرىش داۋاملىشىۋاتقانلىقتىن، يەنە ئونمىڭلىغان بار دەپ تەخمىن قىلىنماقتا.
- قاناتلىق (Cruise missile) باشقۇرۇلدىغان بومبىلار :
- مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىشلىتىلگىنى: تەخمىنەن 15 تىن بىر نەچچە ئونغىچە.
- قالغىنى: باشقا تۈرلەرگە سېلىشتۇرغاندا زاپاس مىقدارى ئاساسەن تولۇق ساقلانغان.
خەلقئارا قىزىل كىرىست ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ (IFRC) ئىران تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مارىيا مارتىنېز ئىران نوپۇسىنىڭ %3 نىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىنى ئېيتتى.كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، توقۇنۇش ئىراندا قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نورۋېگىيەگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى «Hengaw» پەيشەنبە كۈنى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى باستۇرۇشلاردا ئاز دېگەندە 1700 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېقىنقى نامايىشلاردا رولى بار دەپ قارالغان ئۈچ كىشى قەتل قىلىندى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە مەنبەلىرى ئىراننىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئىران بومبا ئەترەتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلماقتا. ئەمما ئىككى نەرسە ئېنىقكى 1) ئىراننىڭ قايتۇرما ھوجۇمى ئاجىزلاپ قالغىنى يوق، 2) بۇ زەربىلەر ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن تولىمۇ قىممەت توختىماقتا. ئىران گەرچە ئىنتايىن ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرغان بولسىمۇ ، «تولۇق غەلىبە قىلغۇچە» جەڭ قىلىشقا قەسەم ئىچتى. ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلى ئۇرۇش ھەققىدە ئىراننىڭ ئاكتىپ تەرەپكە ئايلانغانلىقى ھەققىدە ئانالىز ئېلان قىلدى.
بىر ئايدىن كېيىن، 16 دۆلەت بۇ توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىلدى. بۇلار ئەزەربەيجان، بەھرەين، سىپرۇس، ئىران، ئىراق، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، كۇۋەيت، لىۋان، ئومان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئامېرىكا. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر خەلقئارالىق توشۇش پاراخوتلىرىغا قىلىنغان زەربىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ياكى چەتئەل بازىلىرىنى ھۇجۇمدىن قوغداشقا مەجبۇر بولدى.
ئامېرىكىنىڭ چىقىمى
Washington Post جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن تۆت ھەپتە ئىچىدە 850 دىن ئارتۇق «توماخاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ ھەر بىر بومبىنىڭ تەننەرخى 3.5 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ ئەھۋال پېنتاگون ئەمەلدارلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. پېنتاگوننىڭ سابىق خامچوت ئەمەلدارى ئېلاين ماككۇسكېرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ھەپتىسىدىكى چىقىم (بۇ ئامېرىكا ئىشلەتكەن قوراللار، شۇنداقلا ئىراننىڭ قايتۇرما ھوجۇمىدا ئۇچۇرغان زىيانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) 1.4 مىليارد دوللاردىن 2.9 مىليارد دوللارغىچە تەننەرخكە توختىغان. كۇۋەيت 1-مارت كۈنى خاتا ھالدا ئۈچ دانە F-15E Strike Eagle كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن (يېڭى ۋاقتىدىكى قىممىتى 100 مىليون دوللار ئەتراپىدا)، 19-مارتتا بولسا 82.5 مىليون دوللارلىق بىر دانە F-35A جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغان. 13 مىليارد دوللارلىق «USS Gerald R Ford» ئاۋىئاماتكىسىغا 12-مارت ئوت كەتكەن بولۇپ، رېمونت قىلىش ئۈچۈن گىرىتسىيەگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
پېنتاگون بۇ ھەپتە «The Independent»گە مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ مەسئۇلىيەت رايونىغا پاراشۇتچىلار قىسىمىنى ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 1000 دىن 2000 غىچە ئەسكەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى. «Wall Street Journal» پەيشەنبە كۈنى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ترامپنىڭ رايونغا 10 مىڭغىچە قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئەسكىرى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ھازىر ئامېرىكا ھەققىدە كۆپ دېيىلىۋاتقان گەپلەرنىڭ بىرى مەۋجۇت قورال – ياراق زاپىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خوراپ كەتكەنلىكىدۇر. ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى زاپاس مىقدارى ۋە قالغان قوراللارنىڭ ئېنىق سانى مەخپىيەتلىك ۋە مەشغۇلات بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن تولۇق ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئاشكارە مەنبەلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوق-دورىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە خورىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. ئامېرىكا قورال ئىشلەپچىقىرىشنى تىزلەتكەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەگە 200 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە پاراخوت ئارقىلىق تەخمىنەن 8000 توننا ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ۋە ئوق-دورا يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئامېرىكىدىكى ئەھۋال تۆۋەندىكىچە ئىكەنلىكى مەلۇم:
رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە خادىملار
- يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر: ئۆلگەنلەر يوق.
- خادىملار: رايوندىكى بازىلارغا قىلىنغان زەربىلەردە 13-15 ھەربىي خادىم ئۆلگەن. 200 دىن 313 تىن ئارتۇق ئەسكەر يارىلانغان.
- ھەربىي ئۈسكىنىلەر: شاھزادە سۇلتان ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى زىيانلار KC-135 Stratotanker يېقىلغۇ قاچىلاش ئايروپىلانلىرىنى ۋە بىر دانە ئامېرىكا E-3 Sentry AWACS ئايروپىلانىنى (تەخمىنەن 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىئوردانىيەدە بىر دانە MQ-9 Reaper درون ۋەيران قىلىنغان.
قورال-ياراغلار
1. قاناتلىق بومبىلار (ئاساسلىق يىراق مۇساپىلىك قوراللار)
ئامېرىكا توماخاۋك (Tomahawk) بومبىلىرى: پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، مۇساپىسى 1000 مىلدىن ئاشىدۇ. رەھبەرلىك قاتلىمى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ئۇل ئەسلىھە نىشانلىرى ئۈچۈن دەسلەپكى دولقۇندا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن. بىر تالنىڭ باھاسى 3.5 مىلىيۇن دوللار.
- زاپىسى: 3000-4500 گىچە (بۇ قوراللارنىڭ سانى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مەخپىيەتلىكىگە كىرىدىغان بولۇپ ئېنىق سانىنى بىر نەرسە دىيىش قىين ). ئالدىنقى 5 يىلدا ئامېرىكا ئاران 322 دانە توماخاۋكقا ئېگە بولغان.
ئىشلىتىلگىنى: تۇنجى تۆت ھەپتە ئىچىدە 850 دىن ئارتۇق قويۇپ بېرىلدى، بۇ پېنتاگون ئەمەلدارلىرىنى خوراش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىدىن ئەندىشىگە سالدى.
قالغىنى: كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى؛ نۆۋەتتە تولۇقلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
- JASSM بومبىلىرى: ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنىق زەربە بېرىش قورالى بولۇپ، دەسلەپكى زەربىلەردە ئىشلىتىلدى.
2. ئېنىق نىشانلىق راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار
- PrSM (Precision Strike Missile) : HIMARS سىستېمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، مۇساپىسى 250 مىلدىن ئاشىدۇ. بۇ ئۇرۇش مەزكۇر قورالنىڭ تۇنجى قېتىم جەڭدە ئىشلىتىلىشىدۇر. ئىراننىڭ بومبا قويۇپ بېرىش ئورۇنلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېز سۈرئەتتە يوقىتىشقا ئىشلىتىلگەن.
- ATACMS : HIMARS بىلەن ماسلىشىدىغان يىراق مۇساپىلىك سىستېما بولۇپ، دەسلەپكى ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلدى.
يەر ئاستى ھەربىي مۇئەسسەسسەلەرنى ۋەيران قىلغۇچى بومبىلار (Bunker-busters): ناتانز ۋە فوردوغا ئوخشاش يەر ئاستى يادرو ۋە بومبا ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
- تورپېدۇلار: سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىلدى؛ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىراننىڭ 50 تىن 140 غىچە بولغان پاراخوتلىرىنى چۆكتۈردى ياكى زىيانغا ئۇچراتتى.
ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى 100 سائەتلىك چىقىمى تەخمىنەن 3.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن، شۇنداقلا CSIS نىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا بىر ئاي ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى بولغان چىقىم 25.5 مىلىيارد دوللارغا يەتكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ زىيىنى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئومۇمىي زىيىنىنى نىسبەتەن تۆۋەن ئۆلۈم نىسبىتى، ئەمما غايەت زور ۋە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي ھەم ئىستراتېگىيەلىك يۈك بىلەن يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. گەرچە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىران رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى يوق قىلىشتا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربىلىرى دۆلەتنىڭ مالىيە ۋە مۇداپىئە بايلىقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ زىيانلىرى
- يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر: يوق.
- خادىملار ۋە پۇقرالار: تەخمىنەن 19-28 پۇقرا ۋە 4-15 ئەسكەر ئۆلدى. ئومۇمىي ئۆلگەنلەر سانى 23 تىن 32 گىچە بولۇپ، يارىلانغانلارنىڭ سانى 5000-5,768 گە يەتكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىراننىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى زەربىلىرىدە ئىشلىتىلگەن بومبا پارچىلىرى ۋە كۆپ بومبىلىق (cluster) ئوق-دورىلار تەرىپىدىن زەخمىلەنگەن.
قورال-ياراغلار
- ھۇجۇمچى ئوق-دورىلار: ئىسرائىلىيە 15,000 دىن ئارتۇق بومبا/ئوق-دورا تاشلىدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى بىر 24 سائەتلىك ۋاقتىدا 1200 دىن ئارتۇق بومبا ئىشلىتىلدى.
- توسۇش بومبىلىرىنىڭ خورىشى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە تۆمۈر قۇببە،داۋۇت رەگەتكىسى ۋە Arrow قاتارلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشلتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك توسۇش بومبا زاپىسىنىڭ %80 كە يېقىن قىسمىنى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن
- ئۇل ئەسلىھەلەر: تېل ئاۋىۋ، بېنى بېراك (Bnei Brak)، ئاراد (Arad) شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم ئولتۇراق رايون ۋە سانائەت رايونلىرى ۋە دىمونا يادرو تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەتراپىدا بىنالار ۋەيران بولغان. دىمونا يادرو تەتقىقات مەركىزى ئەتراپىغا ۋە ئاراد شەھىرىگە قىلىنغان ھوجۇملاردا ئىران درونلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئورتاق ئىشلىتىدىغان مۇھىم يەر يۈزى رادار سېنزورلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىغا دائىر پاكىتلار كۆپەيمەكتە، بۇ مۇداپىئە تورىدا «كور نۇقتا» پەيدا قىلدى.
- پىسخىكىلىق تەسىرى: تېل ئاۋىۋ ۋە قۇددۇس (يېرۇسالېم) قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە توختىماي ئاڭلانغان راكېتا سىگناللىرى نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇزۇن مۇددەت پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى، بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشنى ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي توختىتىپ قويدى.
- ئىقتىسادىي زىيانلار
ئىچكى مۇداپىئە سىستېمىسىدىكى «قىزىل» دەرىجىلىك چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن، بۇ ئۇرۇش ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىغا ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 3 مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرمەكتە.
ئىسرائىلىيە ئىران موللا رىجىمىنىڭ «بېشىنى كېسىش» ئارقىلىق تاكتىكىلىق جەڭدە «غەلىبە قىلغان» بولسىمۇ، ئەمما خورىتىش ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولماقتا. قىممىتى 20,000 دوللارلىق درون ياكى كونا تىپتىكى باللىستىك بومبىلارنى توسۇش ئۈچۈن 2 مىلىيۇن دوللارلىقArrow توسۇش بومبىسىنى ئېتىشنىڭ غايەت زور تەننەرخى مالىيە قىزىل رەقىمىنى پەيدا قىلماقتا.

نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرى
ئىران يەر شارى نېفىت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تەمىناتىنىڭ بەشتىن بىرىنى توشۇيدىغان مۇھىم سۇ يولى بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇندى. ئىران ھازىر بىر قانچە دۆلەت بىلەن بىخەتەر ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش كېلىشىمى تۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نېفىت باھاسىنى يەنىلا ئۆرلەشكە مەجبۇرلىماقتا.
27-فېۋرالدا 72 دوللار بولغان بىر تۇڭ نېفىت ھازىر 90 دوللاردىن 100 دوللارغىچە بولماقتا. برېنت خام نېفىتى پەيشەنبە كۈنى بىر تۇڭى 107 دوللاردىن سېتىلدى، بۇ 28-فېۋرالدىكىگە قارىغاندا %50 يۇقىرى. باھا 9-مارتتا بىر تۇڭى 120 دوللار بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئىدى. RAC فوندىنىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان تەھلىلىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلار توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان بېنزىن ۋە دىزېل ئۈچۈن قوشۇمچە 307 مىليون فوندستېرلىڭ (407 مىليون دوللار) تۆلىگەن.
ئىران ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداش قوراللىق كۈچلىرى ئامېرىكا-ئسرائىلىيە ھۇجۇمىغا ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە ئوق چىقاردى. Citi تەھلىلچىلىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، پۇل پاخاللىقى %4 تىن ئېشىپ كەتكەچكە، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى %2 تىن تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئوتتۇرا شەرققە بارىدىغان ۋە ئۇ يەردىن كېلىدىغان ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى قالايمىقانلاشقانلىقتىن، توقۇنۇشنىڭ ساياھەت كەسپىگە كۈنىگە 450 مىليون فوندستېرلىڭ — يەنى ھەر سائەتتە تەخمىنەن 20 مىليون فوندستېرلىڭ زىيان كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئامېرىكىدا Goldman Sachs نىڭ مۆلچەرىچە، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يىل ئاخىرىغىچە ئىقتىسادتا ھەر ئايدا 10,000 خىزمەت ئورنىنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاساسلىقى ئاشخانىلار، مېھمانخانىلار ۋە پارچە سېتىش دۇكانلىرى زىيان تارتىدۇ.
كىملەر ئۇرۇشتىن مەنپەئەت ئالماقتا؟
ئەلۋەتتە ئۇرۇشتىن چوڭ جەھەتتىن ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك نەزەر بىلەن قارىغاندا خىتاي پايدا ئالىدۇ ۋە قانداق قىلىپ قايسى جەھەتتىن پايدا ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرىكى يازمىمىزدا تەھىلىل قىلغان ئىدۇق. قىززىققۇچىلار ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. بۇ يازمىدا نىفىتنى مەركەز قىلغان كىرزىستىن كىمنىڭ پايدا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز.
«Financial Times»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن رۇسىيە كۈنىگە قوشۇمچە 150 مىليون دوللار كىرىم قىلغان. موسكۋا 2022-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يېقىلغۇ كىرىمى يىلىغا قەدەم قويۇشى مۇمكىن. غايەت زور نېفىت زاپىسىغا ئىگە نورۋېگىيە ۋە كانادامۇ باھا ئۆرلىشىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن. ترامپ نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتسە ئامېرىكىنىڭ «نۇرغۇن پۇل تاپىدىغانلىقىنى» سۆزلىگەن. مۇداپىئە شىركەتلىرىمۇ غايەت زور قورال زاكازلىرىدىن نەپ ئالىدۇ؛ پېنتاگون Lockheed شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن «ئېنىق زەربە بېرىش باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى» (PrSM) ئىشلەپچىقىرىشنى تۆت ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بازار تەھلىلچىلىرى بۇ ھەپتە شۇنى كۆزەتتىكى، سودىگەرلەر ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىشنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتىن بىر نەچچە مىنۇت بۇرۇنلا، نېفىت توختاملىرىغا يۈز مىليونلىغان دوللار تىككەن. بۇ ئەھۋال مەزكۇر سەزگۈر سىياسىي قارارنىڭ ئالدىن بىلىپ تۇرۇپ مەبلەغ سېلىنغان-سېلىنمىغانلىقى ھەققىدە سوئال پەيدا قىلدى. Bloomberg نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى ترامپنىڭ ئېلانىدىن 10 مىنۇت بۇرۇن، ئىككى مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە تۇيۇقسىزلا ئاز دېگەندە 6 مىليون تۇڭ برېنت ۋە غەربىي تېكساس نېفىتى سېتىۋېتىلگەن. ئاقساراي بۇنىڭدىن پايدا ئېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى.
