
رەسىمنىڭ مەنبەسى: س ن ن
ئىستىخبارات تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا كېلىدۇ. دېمىسمۇ بۇ ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتە غايەت زور ئىقتىساد، ئىنسان ۋە تېخنىكا كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىران ۋە ئۇنىڭ ۋەكىل كۈچلىرىگە نۇقتىلىق، توغرا ۋە ئۈنۈملۈك زەربە بەرمەكتە. خاماس، ھىزىبۇللاھ، ھەتتا ئىراننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى يوق قىلدى ۋە قىلماقتا. ئەمما ئىراننىڭمۇ ئىستخبارات جەھەتتە ئۇنچە ئاجىز ئەمەسلىكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدۇ. بۇ يازمىدا ئىراننىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بارغان ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىستىخبارات غەلبىسى بايان قىلىنىدۇ.
ئىران ئۇرۇشى كۈچەيگەنسېرى، ۋاشىنگتوننىڭ ئەڭ سەزگۈر مەركەزلىرىدە قايتىدىن تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان ئىسىملاردىن بىرى بىر ئامېرىكىلىق قاچقۇن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى پىششىق بىلىدىغان، ئەمما ھازىر بىر زامانلاردا ئۆزى خىزمەت قىلغان ئامېرىكىغا قارشى ئىرانغا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن بولغان مونىكا ۋىت (Monica Witt) ئىسملىك بىر ئايالدۇر. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ ئىراننىڭ قولىدىكى ئەڭ خەتەرلىك جاسۇس بولۇپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان شەخىستۇر.
مونىكا ئىلگىرى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «ئەكسىل جاسۇسلۇق» ياكى «جاسۇس ئوۋچىلىقى» (Counterintelligence) مۇتەخەسسىسى بولۇپ، 2013 – يىلى ئامېرىكىدىن ئۇدۇل ئىرانغا قاچقان. ئامېرىكا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى (IRGC) بىلەن ئالاقىسى بار جاسۇسلار ئۇنى قېچىشتىن ئىلگىرى ئەستايىدىللىق بىلەن تەربىيەلىگەن ۋە ئۆز تەرىپىگە تارتىۋالغان. مونىكا ئادەتتىكى بىر ئوفىتسېر ئەمەس ئىدى؛ مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاخباراتلارغا، جۈملىدىن ئىراندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئىستخبارات خادىملىرىنىڭ كىملىكىگە ۋە چەتئەل ئالاقىسىنى توسۇش ئۇسۇللىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇتلەق مەخپىي ئارخىپلارنى كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. ئارىدىن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر مونىكانىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ئىران ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئىران ئاللىبۇرۇن تور ھۇجۇملىرى ۋە مۇھىم نېفىت يوللىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توسالغۇلار ئارقىلىق ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى. ھازىر تەھلىلچىلەر مونىكانىڭ ئىچكى مەلۇماتلىرىنىڭ شۇ خىل ئىنكاسلارنى شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرماقتا.
مونىكا 1979 – يىلى 8 – ئاپرېل تېكساس شتاتىنىڭ ئەل پاسو (El Paso) شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەل پاسو مېكسىكا بىلەن چېگراداش بىر شەھەر بولۇپ، ئۇ يەر ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىر گەۋدىگە ئايلانغان بىر رايوندۇر. مونىكا ئوتتۇرا قاتلام بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئەڭ بېشىدىنلا باشقىلاردىن پەرقلىق قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يوقلۇقى ئىدى. مونىكانىڭ بالىلىق دەۋرىگە ئالاقىدار مانا مۇشۇنىڭدەك بىر قانچە ئۇششاق مەلۇماتلاردىن باشقا كۆپ مەلۇمات يوق. 1997 – يىلى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن مونىكا ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ قارارلاردىن بىرىنى ئالدى، يەنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە كىردى. بۇ تاللاش تېكساسلىق بىر ياش قىز ئۈچۈن، بولۇپمۇ 90 – يىللار ئۈچۈن ئىنتايىن جەسۇرانە بىر قەدەم ئىدى. ھاۋا ئارمىيەسى ئەرلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ۋە رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ساھە بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر كىرەلەيدىغان دۇنيا ئەمەس. ئەمما مونىكا ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى؛ ئۇ ئەقىللىق، غايىلىك ۋە قەتئىي ئىرادىلىك قىز ئىدى.
ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ ئاخبارات تەھلىلى ۋە چەتئەل تىلى ئۆگىنىشتىكى تالانتى قوماندانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ ئەمدى پەقەت بىر ئەسكەر ئەمەس، بەلكى ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر «جادۇگەر ئەقىل» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىدى. مونىكا ھەربىي دەرىجىلەردە تېز ئۆرلەپ، «مۇتلەق بىخەتەرلىك رۇخسىتى» ( Top Secret Clearance-TS) گە ئېرىشكەن ساناقلىق كىشىلەردىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ رۇخسەت بىر يوشۇرۇن دۇنيانىڭ ئاچقۇچى ئىدى شۇنداقلا ئەكسىل جاسۇسلۇق (Counterintelligence) ھەرىكەتلىرى- يەنى «جاسۇس ئوۋلاش» ھەرىكەتلىرى، مەخپىي مەنبەلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەزگۈر پىلانلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى كۆرسىتەتتى.
يەنى مونىكا ئامېرىكا ئىستىخبارات مەشغۇلاتلىرىنىڭ مەركىزىدە ئىدى. 1998 – يىلى فېۋرالدا، ئۇنىڭ تىل ئىقتىدارى يەنە بىر قېتىم كۆزگە كۆرۈندى؛ ھاۋا ئارمىيەسى ئۇنى كالىفورنىيەدىكى دۆلەت مۇداپىئە تىل ئىنستىتۇتىغا پارس تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. نېمە ئۈچۈن پارس تىلى؟ ئۇ چاغدا ئوتتۇرا شەرق ئامېرىكا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ سەزگۈر رايونلاردىن بىرى ئىدى. 1979 – يىلدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىران ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن چوڭ بىر خىرىسقا ئايلانغان بولۇپ، پارس تىلىنى پىششىق بىلىش مونىكانى ئىستراتېگىيەلىك بىر خادىمغا ئايلاندۇرالايتتى. ئۇ زور تىرىشچانلىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىپ، 1999 – يىلى ئاپرېلدا تىل كۇرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەمدى مونىكا پەقەت بىر ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا شەرق رايوندىكى ئەڭ مۇرەككەپ دۆلەتلەردىن بىرىنىڭ تىلنىمۇ بىلىدىغان شەخسكە ئايلانغان ئىدى.
پارس تىلىنى بىلىش ئۇنى ئىنتايىن سەزگۈر ۋەزىپىلەرگە تەييارلىدى، ئەمما بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۇنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. 1999 – يىلىدىن 2003 – يىلىغىچە، مونىكا گرېتسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەر خىل ئىستراتېگىيەلىك بازىلاردا خىزمەت قىلدى. ئۇ چارلاش ئايروپىلان ئەترەتلىرىدە تىل تەھلىلچىسى ۋە بوشلۇق كىرىپتوگرافىيە (يوشۇرۇن يېزىق) مۇتەخەسسىسى (Airborne Cryptologic Language Analyst) بولۇپ ئىشلىدى.
بۇ يەردە يازمىنىڭ تېخىمۇ چۈشىنشلىك بولۇشى ئۈچۈن بەزى ئاتالغۇلار ھەققىدە قىسقىچە توختىلايلى.
«ئەكسىل جاسۇسلۇق» ياكى «جاسۇس ئوۋچىلىقى» (Counterintelligence): جاسۇسلار ۋە مەخپىيەتلىكلەر دۇنياسىدا، ئەگەر «ئىستىخبارات» (Intelligence) دۈشمەن ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش ھەرىكىتى بولسا، «ئەكسىل جاسۇسلۇق» (Counterintelligence – CI) دۈشمەننىڭ سىزگە نىسبەتەن شۇنداق قىلىشىنى توسۇش سەنئىتىدۇر. بۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ «دەرۋازىۋانى» دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى چەتئەلنىڭ ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش، ئالداش، پايدىلىنىش ياكى بىتەرەپ قىلىشتۇر. بۇ خادىملار ئاساسلىقى مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنى قۇرىدۇ. شۇنداقلا ئىچكى تەھدىتلەر ياكى چەتئەل جاسۇسلىرىنى (يوشۇرۇن جاسۇسلارنى) ئوۋلاش مەشغۇلاتى قىلىدۇ. مەسىلەن، بىرەر خادىمنىڭ تۇيۇقسىز چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان چوڭ بايلىققا ئېرىشىشى، رۇخسەتسىز يۇقىرى دەرىجىدىكى خەتەرلىك دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىشى ياكى بەرگەن قەسىمىگە زىت بولغان رادىكال ئىدېئولوگىيەنى ئىپادىلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئۇچۇرلارنىڭ ئارقىسىغا چۈشىدۇ. بىرەر تەھدىت بايقالغاندا، ئەكسىل جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ھەمىشە دەرھال قولغا ئېلىش ئېلىپ بارمايدۇ. بەزىدە ئۇلار «قوش تەرەپلىمىلىك جاسۇس» لاردىن پايدىلىنىپ، دۈشمەننى خاتا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئۇلارنى «ساختا ئۇچۇرلار» بىلەن تەمىنلەيدۇ، ياكى دۈشمەننىڭ تورىنى سۈكۈت ئىچىدە ۋەيران قىلىدۇ. ئەكسىل جاسۇسلۇق ئىنتايىن يۇقىرى پىسخىكىلىق جەريان بولۇپ مونىكامۇ دەل ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن تەربىيەلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىران تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ شۇنچە زور زىيان كەلتۈرۈشىدىكى سەۋەبمۇ دەل مۇشۇ. ئۇ «ئوۋچىلار» نىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.
مۇتلەق بىخەتەرلىك رۇخسىتى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «مۇتلەق بىخەتەرلىك رۇخسىتى» ( Top Secret Clearance-TS) ئىستىخبارات شەخسلىرىگە بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ھوقۇقلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئاشكارىلىنىپ كەتسە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى زىيارەت قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن. بۇ ئىنتايىن ئاز كىشىگە بېرىلىدىغان رۇخسەت بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئىگە بولۇش ھەرقانداق مەخپىيەتلىكنى كۆرەلەيدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ رۇخسەتنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىسى بولۇپ بۇ سەزگۈر بۆلەكلەرگە ئايرىلغان ئۇچۇر (Sensitive Compartmented Information-SCI) لارنى كۆرۈش رۇخسىتىدىن ئىبارەت. بۇ سىستېمىدا ئۇچۇرلار «بۆلەكلەر» گە ئايرىلىدۇ. مونىكا ۋىتنىڭ زىيارەت ھوقۇقىنىڭ شۇنچە قىممەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەبمۇ مۇشۇ؛ ئۇ ئىنتايىن كونكرېت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخپىيەتلىك ۋە پىلانلارنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
مونىكانىڭ ۋەزىپىلىرى كۆپىنچە مەخپىي بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىق نىشانى ئېنىق ئىدى: 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى ۋە ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرى جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرى ھەققىدە ئاخبارات توپلاش. 2003 – يىلى مارتتا ئىراق ئۇرۇشىدا، مونىكا ئىراق ئاخبارات مەشغۇلاتلىرىنىڭ دەل مەركىزىدە ئىدى. ئۇ بۇ زور كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەرگە يېقىندىن شاھىت بولدى. ئىراقتا نۇرغۇنلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، شەھەرلەر ۋەيران بولدى. مونىكا ھەققىدىكى مەلۇماتلار مانا بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە سادىق ئىستىخبارات خادىمىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرىگە سېتىلغان ۋەتەن خائىنىغا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تەخمىن قىلغان. بۇ خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بەلكىم مونىكا ئۆزىدىن «ئىراق بىلەن باشلىغان بۇ ئۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن قانۇنلۇق سەۋەبلىرى بارمۇ؟» دېگەن سوئالنى سوراشقا باشلىغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇ ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنت كىچىك بوشنىڭ قولىدىن «ھاۋا ئارمىيە مېدالى» نى تاپشۇرۇۋالغان. بىر ياش سېرژانت ئۈچۈن بۇ بىر زور شەرەپ ئىدى، ئەمما بەلكىم شۇ مېدال كۆكرىكىگە قادالغان دەقىقىلەردە، ئۇنىڭ زېھنىدە گۇمان ئۇرۇقلىرى چېچىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، مونىكا ئالاھىدە جاسۇس سۈپىتىدە ھاۋا ئارمىيەسى ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە (OSI) يۆتكەلگەن. ئەمدىكى بۇ ۋەزىپە پەقەت ئاخبارات تەھلىلىلا ئەمەس، بەلكى جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشى، ئەكسىل جاسۇسلۇق ۋە ئىچكى تەھدىتلەرنى ئېنىقلاشقا چېتىشلىق ئىدى. پارس تىلىنى پىششىق بىلىشى ۋە تەھلىل قىلىش قابىلىيىتى بىلەن ئۇ بۇ بۆلۈمنىڭ ھالقىلىق ئەزالىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. 2003 – يىلى نويابىردا، مونىكا، ئەنجرىۋس (Andrews) ۋە ئەل-ئۇدەيت (Al-Udeid) ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا يۆتكەلدى. بۇ يۆتكىلىش ئۇنى مەخپىيەتلىك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئۇچۇرلار قاتلىمىغا ئېلىپ كەلدى. مونىكا «ئالاھىدە زىيارەت پىلانى» (SAP) غا كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى؛ بۇ پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا زىيارەت قىلالايدىغان بىر پىلان ئىدى. بۇ دېگەنلىك، دۇنيادىكى ئىنتايىن ئاز كىشى ئۆمۈر بويى ئاڭلاپ باقمايدىغان مەخپىي ئۇچۇرلار دۇنياسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى دېگەنلىك ئىدى. بۇ پىلانلار ئەڭ سەزگۈر ئۇچۇرلارنى، جۇملىدىن ئەكسىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى، مەخپىي مەنبەلەرنىڭ ئەسلى كىملىكىنى، ھەتتا يوشۇرۇن ۋەزىپىلەرگە چېتىشلىق ئامېرىكىلىق جاسۇسلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
مونىكا ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مەخپىي خەزىنىلەردىن بىرىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىدا تۇتۇپ تۇراتتى. بۇ خەزىنىنىڭ ئىچى ئامېرىكا ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەخپىي مەلۇماتلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كىچىككىنە بىر پارچە ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىشىمۇ پۈتۈن بىر تورنى ياكى چوڭ بىر تەشكىلاتنى ۋەيران قىلىشقا يېتەرلىك ئىدى. ھەتتا مونىكانىڭ ھەربىي خىزمىتى 2008 – يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا OSI دا پۇقراۋى خادىم سۈپىتىدە بۇ ئۇچۇرلارنى زىيارەت قىلالايتتى. ئۇ ھىندى ئوكياندىكى دىياگو گارسيا (Diego Garcia) دىن تارتىپ ئىراق ۋە قاتارغىچە بولغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك جايلاردا خىزمەت قىلدى. ھەربىر ۋەزىپە ئۇنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىگە تېخىمۇ پىششىق قىلدى. ئەمما بۇ پىششىقلىق، بەلكىم ئۇنىڭ بىر زامانلاردا پەخىرلىنىپ قىلغان ۋەزىپىلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىش بەدىلىگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ۋەتەنگە ئاسىيلىقنىڭ باشلىنىشى
2008 – يىلى مارتتا، مونىكا تېخنىكا سېرژانتى ئۇنۋانى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسىدىن ئايرىلدى، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئاخبارات دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. ئۇ بىر چوڭ دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرلىك شىركىتى بولغان «بۇز ئاللېن خامىلتون» (Booze Allen Hamilton) غا قاتناشتى ۋە ئىران ھەمدە ئوتتۇرا شەرققە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردە مەسلىھەتچىلىك قىلدى. بۇ رول ئۇنى ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغان شۇ دۇنيا بىلەن يەنىلا ئالاقىدە تۇتتى. ئەمما بىر نەرسە ئۆزگىرىۋاتاتتى؛ مونىكا ئەمدى ئىلگىرىكى ئەسكەر ئەمەس ئىدى، ئۇ تېخىمۇ چوڭ سوئاللارنى سوراشقا باشلىغان ئىدى. 2010 – يىلى مونىكا ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن توختىدى ۋە «مۇتلەق بىخەتەرلىك رۇخسىتى» دىن ئايرىلدى.
ئۇ «M East» دەپ ئاتىلىدىغان پايدا ئالمايدىغان بىر تەشكىلاتقا كىرىپ، «فۇلبرايت ئىراق» (Fullbrite Iraq) پىلانىغا ئوخشاش تۈرلەردە ئىشلىدى، ئەمما بۇ پائالىيەتلەر ئۇنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالمىدى. 2012 – يىلى مونىكانىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تۇنجى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ 2012 – يىلىنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ شىئە مەزھىپىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ دىنغا كىرىشى ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى «فاتىمە زەھرا» دەپ ئاتاشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ ئىراندا ئاياللارنىڭ غەربكە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ «ئىززەت ۋە ھۆرمەت» كە ئېرىشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ يەنە جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئىدى ۋە «خەلقئارا ئىشلار ئوبزورى» (International Affairs Review) دا ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئەمما كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى، ئىراننىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تاراتقۇسى «Press TV» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە بولدى. بۇ ماقالىدە مونىكا ئامېرىكا ئارمىيەسىنى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە يول قويىدىغان بىر مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ ماقالە گويا بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدەك ئىدى؛ مونىكا ئەمدى پەقەت بىر تەھلىلچىلا ئەمەس، بەلكى بارا – بارا بىر تەنقىدچىگە ئايلىنىۋاتاتتى. جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقداشلىرى مونىكانى ئىنتايىن جىمغور ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان دەپ تەسۋىرلىگەن، ئەمما ھەربىي ئەسلىمىلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشقا توغرا كەلسە ئۇنىڭ جىمغۇرلىقى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، قانۇنسىز درون ھۇجۇملىرى، بالىلارنىڭ ئۆلۈمى ۋە قوماندانلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ھەققىدە سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان. گويا يىللار بويى يىغىلغان غەزەپ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭ ئىچىدە قايناپ تېشىۋاتقاندەك قىلاتتى ۋە ئۇ ئەمدى بۇ غەزىپىنى دۇنياغا نامايەن قىلىشقا تەييار ئىدى.
2012 – يىلى فېۋرالدا مونىكا يەنە بىر زور بىر قەدەم تاشلىدى: ئۇ تېھراندىكى «خەلقئارا ھوللىۋودىزم كونفرانسى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىرانغا سەپەر قىلدى. بۇ كونفرانس ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقاتلارنى قوزغايدىغان ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى (IRGC) قۇددۇس قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سېپى دەپ جازالانغان «يېڭى ئۇپۇق تەشكىلاتى» (New Horizon Organization) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلاتتى. بۇ يىغىنلار سىرتتىن قارىغاندا ھوللىۋودنىڭ قانداق قىلىپ «ئىمپېرىيالىزم» ۋە «ئىسلام ئۆچمەنلىكى» نى تەرغىب قىلىدىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، غەربنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان بىر سورۇن بولۇپ، «ئىلمىي تەنقىد» نىقابى ئاستىدا غەربنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تۈزۈمگە قارشى كىشىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلاتتى. شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى بۇ يىغىنلار ئىران ئاخبارات ئورگانلىرى ئۈچۈن «تالانت بايقاش» مەيدانى بولغان. بىر سابىق ئامېرىكىلىق ئىستىخبارات ئوفىتسېرىنىڭ بۇنداق بىر پائالىيەتتە پەيدا بولۇشى خۇددى بىر خەۋەر بومبىسىدەك تەسىر قوزغىدى. مونىكانى تېھرانغا نېمە تارتىپ كەلگەن ئىدى؟ بۇ پەقەت ئاددىي بىر قىزىقىشمۇ، ياكى زور ۋە تالاش – تارتىشلىق بىر قارارنىڭ بېشارىتىمۇ؟
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىمى ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشى بار «ئاجىز» غەربلىكلەرنى ئىزدەيدىغان بولۇپ، پارس تىلىدا سۆزلەيدىغان سابىق ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە جاسۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مونىكا ئۇلار ئۈچۈن بەكلا «چوڭ بېلىق» ئىدى. مونىكا يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئىران ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان. ئۇلار ئۇنىڭ كەسپىي ئۈمىدسىزلىكى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك بۇرۇلۇشلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىراننى ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ «ئەخلاقلىق» ۋە «ھۆرمەتلىك» جەمئىيەت قىلىپ كۆرسەتكەن. يەنە كېلىپ 2008 – يىلى ئارمىيەدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مۇقىم خىزمەت تاپالمىغان مونىكاغا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىمى تېھرانغا كەلگەندىن كېيىن ھەقسىز تۇرالغۇ ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. FBI ئۇنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇ ئىران جاسۇسلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرغان.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، 2013 – يىلى مونىكا «خەلقئارا قۇرئان خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۆزىنى روھىي ئىزدەنگۈچى دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ زىيارەتتە مونىكا ئىراقتىكى تەجرىبىسى ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆزىنى قۇرئان تەتقىق قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ قۇرئاننىڭ ئۆز ھاياتىغا كۆرسەتكەن چوڭقۇر تەسىرى ھەققىدە قىزغىنلىق بىلەن سۆزلىگەن ۋە ئامېرىكىدىكى ئىرانغا قارشى ۋە ئىسلامغا قارشى تەشۋىقاتلارنى تەنقىد قىلغان. شۇ يىلى مونىكا ئىران تېلېۋىزىيەسىدە پەيدا بولۇپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

رەسىمنىڭ مەنبەسى: ClearanceJobs
مونىكانىڭ بىر سىن پىلانى تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇ ئۆزىنى ئامېرىكىلىق پېشقەدەم ئەسكەر دەپ تونۇشتۇردى ۋە ئامېرىكا سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بۇ مىنۇتلار بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنى ئامېرىكىدا يالغۇز ھېس قىلغان ۋە ئىراندا تېخىمۇ كۆپ «ھۆرمەت» كە ھەم يۇقىرى «شەخسىي قىممەت» كە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. 2013 – يىلى يازدا، مونىكا يا ئافغانىستاندا ياكى تاجىكىستاندا ئىنگلىز تىلىدىن دەرس بېرىۋاتاتتى (ئېنىق ئەمەس). ئامېرىكىدىكى دوستلىرى ئۇنىڭدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شۇ چاغدا خەۋەر ئالغان ئىدى. ئەمما ئۇ تۇيۇقسىز غايىب بولغان. 2013 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا، مونىكا ئىرانلىق مۇخبىر مەرزىيە ھاشىمىغا ئېلېكترونلۇق خەت ئەۋەتكەن. مونىكا خەت ئەۋەتىلىشتىن ئاران 90 مىنۇت بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قارارىنى چىقارغان بولۇپ ئۇ ئەمدى ئامېرىكىغا سادىق ئەمەس ئىدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 2013 – يىلى 28 – ئاۋغۇستتا، مونىكا دۇبەيدىن تېھرانغا ئۇچقان ۋە دوستلىرىغا «مەن ئالاقىنى ئۈزۈپ يولغا چىقتىم! ئۆيگە قايتىۋاتىمەن » دېگەن ئاددىيلا بىر جۈملە سۆز قالدۇرغان.
شۇنداق قىلىپ، مونىكا رەسمىي تۈردە ئىراندا پاناھلىق تىلىدى. ئۇ ئىرانغا كەلگەندىن كېيىن، ئىران ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ ۋە ئۆزىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ؛ ئۆز نۆۋىتىدە ئاخبارات خادىملىرىمۇ ئۇنى لازىملىق بارلىق بايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئامېرىكا ئالاھىدە ئىستىخبارات پىلانىغا كىرىدىغان ئىشلەتكۈچى ئىسمى ۋە پارولىنى ئىران ئىستىخبارات خادىملىرىغا بەرگەن. مونىكا ئىراندا پەقەت بىر پاناھلانغۇچىلا ئەمەس، بەلكى ئىران ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلاشقۇچى ئىدى. ئۇ IRGC تور قىسىملىرىنىڭ «ئىنسانىي نىشانلاش ماتورى» غا ئايلانغان . 2014 – يىلى يانۋاردىن 2015 – يىلى مايغىچە، ئۇ ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە نىشانلاش ئۈچۈن ساختا فېيسبۇك (Facebook) ھېساباتلىرىنى ئىشلەتكەن. ئۇ كەم دېگەندە سەككىز سابىق خىزمەتدىشى ھەققىدە تەپسىلىي نىشان ھۆججىتى تەييارلىغان. بۇلار پەقەت ئىسىملارلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ھاۋا ئارمىيەسىدە بىللە ئىشلىگەن مەزگىلدىكى چوڭقۇر شەخسىي تەپسىلاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى كەسپىي دەل ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرنى قاپقانغا چۈشۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ شۇنچە زور زىيان كەلتۈرۈشىدىكى سەۋەبمۇ مۇشۇ — ئۇ «ئوۋچىلار» نىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ئىرانلىق خاككېرلار ئۇ ئىگە بولغان ئىچكى مەلۇماتلارىدىن پايدىلىنىپ، فېيسبۇكتا ساختا كىملىكلەرنى قۇرۇپ چىققان. ئۇلار نىشانلانغان كىشىلەر تونۇيدىغان ھەقىقىي كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ۋىرۇسلۇق ئۇلانمىلارنى بېسىش بىلەن ئالدىغان ئالدىغان. بۇ IRGC نىڭ ئامېرىكا ئەكسىل جاسۇسلۇق خادىملىرىنىڭ كومپيۇتېر پائالىيەتلىرىنى ۋە كامېرالىرىنى نازارەت قىلىشىغا يول ئاچقان.
بىر زامانلاردا بۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ئىشلىگەن بىر ئايال، ئەمدى مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقتىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئوۋلىماقتا ئىدى. بەزى مەلۇماتلاردا دېيىلىشىچە، مونىكا 2016 – يىلى ئىران تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان 10 ئامېرىكىلىق دېڭىزچىنى سوراق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ھەتتا ئۇنىڭ ئىراندا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ جاسۇسلۇق تورىنى ۋەيران قىلغانلىقىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا؛ گەرچە بۇ دەۋالارغا قارىتا ئېنىق دەلىللەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇلار ئۇنىڭ ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2019 – يىلى 13 – فېۋرالدا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مونىكا ۋە باشقا تۆت ئىرانلىققا قارىتا ئەيىبلەش ئېلان قىلدى. ئۇ جاسۇسلۇق، تىل بىرىكتۈرۈش ۋە مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەندى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتايىن مەخپىي بولغان «ئالاھىدە زىيارەت پىلانى» (SAP) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ مەخپىي كودىنى ئىران ھۆكۈمىتىگە ئاشكارىلاپ قويۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما مونىكا ئىراندا ئىدى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى بولمىغاچقا، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا قانۇنىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭغا FBI رەسمىي ھالدا موكاپاتلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
ئۇنىڭ قېچىشى ئامېرىكا ئاخبارات ئوفىتسېرىنىڭ ئاساسلىق دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دېلودۇر. مونىكا دېلوسىغا ئامېرىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنى بىر جاسۇس ھەمدە ساتقۇن دەپ قاراشقا بولىدۇ؛ ئىران نۇقتىسىدىن قارىغاندا بولسا، ئۇ ئامېرىكا ئاخبارات ئۇقۇملىرىنى چۈشىنىشتىكى قىممەتلىك بىر خادىم. مونىكانىڭ ئىران تەرەپكە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىران كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەھلىللىرى ۋە بۇ مەشغۇلاتلار ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن. ھازىرقى ۋاقىتتا مونىكا يەنىلا ئىراندا؛ ئۇنىڭ زادى نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قابىلىيتى ۋە قولىدىكى ئۇچۇرلارنى ئويلاشقاندا، ھازىرقى ئۇرۇشتا ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قايتۇرما زەربە بېرىش ھوجۇملىرىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە گۇمانلار پەيدا بولماقتا.
ئۇ ھەقىقەتەن سېتىلغان جاسۇسمۇ؟ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ يەنە بەلكىم 50-60 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئايدىڭلىشىدىغان چوڭ بىر ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم مونىكا ھەقىقەتەن پارس تىلى ئۆگىنىش ۋە ئوتتۇرا شەرق مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا ئىدىئوگىيەلىك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشلىرىدىكى پىراگماتىست تاكتىكىلىرىنى ئەخلاق نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ۋە ياكى ئۇنىڭ شىئە ئىسلام دىنىغا كىرىشى ھالقىلىق رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
- Borger, J. (2019, February 14). Monica Witt: From US intelligence officer to alleged Iranian spy. The Guardian,
- Mannion, J. (2026, March 20). Is this US veteran Iran’s secret weapon? Meet the top intel agent who DEFECTED to Tehran & can now ‘damage’ Trump. The Sun
- Naval War College. (2026, March 25). Counterintelligence: Monica Witt. LibGuides at Naval War College. https://usnwc.libguides.com/CI,
- Persian Trend English. (n.d.). Monica Witt | The hunt for one of the most vital intelligence assets of the U.S. military by Iran [Video]. YouTube
- WION. (n.d.). US-Iran war: American woman who defected to Iran could be Iran’s secret weapon | Gravitas Highlights [Video]. YouTube

يازما ياخشى يېزىلىپتۇ تېخىمۇ ئەتراپلىق قىلىنسا قىلغان ئىش ئەمەللىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرسەك نوچى چىقىشى مۇمكىن . غەرىپ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئىستىخبارات خادىملىرى كۆپ سانلىقنى ئېگەللەيدۇ . مۇمكىن بولسا غەرپتىن يۈز ئۆرۈپ خىتتايغا ياكى دېكتاتۇر رىجىمدىكى ياكى ئاتالمىش ئىسلام ئەللىرىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئاخپارات خادىملىرىنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ قىززىق بىلىنىشى مۇمكىن .