
— ئىرىينا تېرىخ (ئوكرائىينا ھەربىي مۇداپىئە شىركىتى Fire Point نىڭ دېرىكتورى )
روسىيە بىلەن ئۇكرائىينا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش زىمىن ئىشغال قىلىش ۋە مۇداپىئە قىلىشتىن يۇقىرى تېخنىكىلىق زامانىۋى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ يەردە دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرى، شۇنداقلا ئەڭ ئۆتكۈر ئۇرۇش ئىستراتىگىيلىرى قوللىنىلماقتا. كىشىلەر ئەنئەنىۋى قوراللار ۋە جەڭ ئىستراتىگيەلىرىنىڭ ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىنى، جەڭدە « دۇنيادا ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك دۆلەت» ياكى «يىللىق مۇنچە مىليارد دوللار ھاۋا مۇداپىئە چىقىمى قىلىدىغان دۆلەت» دېگەندەك ھەيۋەتلىك ناملارنىڭ ئۇنچە ئەسقېتىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆردى. ئاسىمىتىرىك ئۇرۇشنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەر» نى يىتىپ – ئاشقۇچە ھالسىرىتالايدىغانلىقى ئايان بولماقتا.
بىر مەزگىللىك ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كىين ئوكرائىينا ئاخىرى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆزلەشتۈرىۋالدى. رۇسىيەنىڭ زىمىنىغا ھوجۇم قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆزىنىڭ ئىشغال قىلىنغان زىمىنلىرىدا مۇداپىئەدە تۇرۇشتىن، رۇسىيەنىڭ مىڭ كىلومىتىر ئىچىگە ھوجۇم قىلىدىغان ھالەتكە كەلدى. ئەلۋەتتە ئاسسىمىتىرىك ئۇرۇشنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېگە قىلىدىغان ئامىللار بولمىسا بۇ تاكتىكا ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئامىللار دېگەندە، مۇرەككەپ يەر شەكىلىگە تايىنىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىش، دۈشمەننىڭ جان ئالغۇچ نۇقتىسىغا تاللاپ ھوجۇم قىلىش، خاككىرلىق ئۇرۇشى، ياكى مەلۇم يېڭى ياكى يۇقىرى تېخنىكىلىق قورالغا ئېگە بولۇش قاتارلىق كۆپ كۈچ ۋە مەبلەغ تەلەپ قىلمايدىغان، ئەمما غايەت زور زىيان ئېلىپ كېلەلەيدىغان قابىلىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئوكرائىينا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ھەربىي كۈچ ۋە ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە زاپىسىغا ئېگە بولغان رۇسىيەگە قارشى يۇقىرى تېخنىكىلىق يېڭى قورال ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇن بولغان ئىستراتىگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئاسسىمىترىك ئۇرۇشنىڭ باش رولچىسىغا ئايلاندى. باشتىكى يازمىمىزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك بۇ قورال – ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايرۇپلانى، يەنى دروندۇر. ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلارغا قاراتقان درون ھوجۇملىرى گەرچە رۇسىيەنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكترىلىك ھوجۇملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇكرائىينا بۇ خىل ھوجۇملارنى يەنە داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە رۇسىيەنىڭ ھوجۇملىرى تېخىمۇ شىددەتلىك بولىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇكرائىينا ئۇرۇشنى رۇسىيەنىڭ زىمىنلىرىغا يۆتكەش ئارقىلىق رۇسلارغا غايەت زور ئىقتىسادى ۋە پىسخىلوگىيلىك زەربە بەرمەكتە.
بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مەركىزىدە 1992-يىلى تۇغۇلغان ئىرىينا تېرىخ (Iryna Terekh) ئىسىملىك ئوكرائىينالىق ياش ئايال بولۇپ ئۇ ھازىر دىرىكتۇرلىقىنى قىلىۋاتقان Fire Point مۇداپىئە شىركىتى ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىقنىڭ خارابىلىرىدىن باش كۆتۈرگەن كىچىك تىپتىكى يېڭى شىركەتتىن ئۇكرائىينا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. ئىرىينا ئۇكرائىينا ئارمىيەسىنى غەربلىك ئىتتىپاقداشلار بېرىشكە ئىككىلىنىپ تۇرغان ياكى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بېرەلمىگەن قوراللار بىلەن تەمىنلدى.
ئىريىنا 1992- يىلى ئۇكرائىينانىڭ خاركىۋدا تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ 14 يېشىدا دادىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن يانفون سېتىش خىزمىتى قىلغان. ئۇ كىيېۋ دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ۋە ئىنژىنىرلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنژىنىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئەمما ئۈچىنچى يىلىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ۋە ئىككى بالىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن ئوقۇشتىن توختىغان. ئوكرائىينا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئىريىنا ئارخىتېكتور مودېللىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كېيىنرەك ئۆي جاھازلىرى، مەنزىرە بېزەكلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان TEREKH.group نى قۇرغان.
ئۇنىڭ مۇداپىئە ساھەسىگە ئۆتۈشى 2022-يىلى رۇسىيەنىڭ ئوكرائىيناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقتىن كېيىنكى ئېھتىياج ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىدىن كەلگەن. ئۇ 2023-يىلى يازدا Fire Point قا قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئوكرائىينانىڭ جەڭ مەيداندىكى چارىسىزلىكى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ياردىمىگە يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىپ قېلىۋاتقانلىقى كۆرۈپ قاتتىق قايغۇرغان ۋە مۇستەققىل ھەربىي سانائەتكە ئېگە بولۇشنىڭ بىر دۆلەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان. ئىككى بالىسى بار بىر ياش ئايال ئىكەنلىك سالاھىيتى ئۇنى ۋەتەننىڭ ھەربىي سانائىتىگە بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇش ئىرادىسىگە توسالغۇ بولمىغان. ئۇ دۆلەت مۇداپىئەسىگە تۆھپە قوشۇشنىڭ يولىنى ئىزدەپ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان ۋە ئاخىرى Fire Point ناملىق بىر شىركەتتە ئىش باشلىغان. بۇ ۋاقىتتا شىركەتتە ئاران 18 ئادەم بار چاغدا ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت باشلىغان ئىريىنا تېز سۈرئەتتە باش دېرىكتورلۇققا لىققا ئۆرلەپ، شىركەتنىڭ يەرشارى مۇداپىئە كۈچىگە ئايلىنىشىغا يىتەكچىلىك قىلغان.
ھەربىي مۇداپىئە شىركىتى Fire Point نىڭ بارلىققا كېلىشى
Fire Point شىركىتى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سودىگەر دېنىس شتىلېرمان تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ ئورگان دەسلەپتە ھەربىي ساھە بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق بولۇپ، ئەسلىدە ئارتىس تاللاش شىركىتى ئىدى. ئەمما ئۇكرائىينا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تېزلا مۇداپىئە ھۆددىگەرچىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. شىركەتنىڭ كېلىپ چىقىشى روسىيە ئىشلەتكەن ئىراننىڭ شاھېد درونلىرىغا قارشى ئۇكرائىينانىڭ يەرلىك قورالىنى ياساشنى مەقسەت قىلغان ئىرىينا قاتارلىق ئۈچ دوستنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە رومانتىك ئىرادىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
ئۈچەيلەننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇكرائىينا ئۈچۈن تېخنىكا مۇستەقىللىقىنى تىكلەش ئىدى. ئۇلار تۇنجى كۈندىن باشلاپلا ئۈچ تۈرلۈك يادرولۇق نىشانغا مەركەزلەشكەن: ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ، باھا ۋە جەڭ مەيدانىدىكى ئۈنۈمدارلىق. بۇ خىل «نۆلدىن باشلاش» ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەلالاشتۇرۇشقا، تىنچلىق دەۋرىدىكى مۇداپىئە سانائىتىنىڭ بيۇروكراتلىق ۋە لايىھىلەش چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇلار دۆلەتنىڭ ياكى باشقا ئورگانلارنىڭ شىركەتنى «جىددىي توختىتىپ» قويۇشىدىن ياكى خىتاي زاپچاسلىرىغا تايىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، زاپچاسلارنى شىركەت ئىچىدە ياكى كەم دېگەندە ئۇكرائىينا ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشنى نىشان قىلغان.
ھەربىي قوراللارنىڭ تەرەققىياتى: ئىقتىدار، باھا ۋە ھەجىم
Fire Point نىڭ مەھسۇلات لىنىيەسى يېنىك تىپتىكى كامىكازې درونلىرىدىن تارتىپ غايەت زور قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغىچە بولغان تۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر بىرى ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. تۆۋەندىكىسى بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان بەزى قوراللار:
FP-1: 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2023-يىلى مايغىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ، ئۇكرائىينانىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ 60% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرىش درونىدۇر. ئۇ 60 كىلوگىرام ئوق بېشى بىلەن 2,600 كىلومېتىرغىچە ئۇچالايدۇ. بۇ دروندىن كۈنىگە يۈزلەرچە مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 55,000 دوللاردىن 75,000 دوللارغىچە بولىدۇ.
FP-2: بۇ 200 كىلوگىراملىق ئوق بېشىنى 400 كىلومېتىر مۇساپىگە توشۇيالايدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك زەربە بېرىش درونى بولۇپ خۇددى FP-1 غا ئوخشاش، ئۇمۇ كۈندىلىك يۇقىرى مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

FP-5 ھالرەڭ فلامىنگو: بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ داڭلىق قورالى بولۇپ، ئىرىينانىڭ رەھبەرلىكىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يىراق مۇساپىلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدۇر. ئۇ بېتون ئىستىھكام ۋە يەر ئاستى ھەربىي ئىسكىلاتلارنى تېشىپ ئۆتۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن 1,150 كىلوگىراملىق غايەت زور پارتلاتقۇچ يۈكىنى توشۇيالايدۇ. مۇساپىسى 1,800 كىلومېتىر دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما 3,000 كىلومېتىرلىق ئۇچۇش سىنىقىدىن ئۆتكەن. شىركەت ئايدا تەخمىنەن 100 دانە فلامىنگو ئىشلەپچىقىرىدۇ. باھاسى بولسا 600,000 دوللار بولۇپ، تەخمىنەن 3.5 مىليون دوللارلىق ئامېرىكىنىڭ تومىخاۋۇك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ تەننەرخىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما تومىخاۋۇكقا ئوخشاش ئىچكىرىلەپ زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئېگە.
پۈتۈن ياۋرۇپانىڭ ئاسمىنىنى قوغداش
ئىرىينانىڭ رەھبەرلىكىدە شىركەت يەنە ئوكرائىينا ئۈچۈن فرېيا (Freya) ناملىق يەرلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. فرېيا سىكاندىناۋىيە ئەپسانلىردىكى ئۇرۇش ۋە گۈزەللىك تەڭرىچىسى بولۇپ ئەپسانىدە دېيىلىشىچە، ئۇ مۈشۈكلەر سۆرەيدىغان ھارۋىغا ئولتۇرىدۇ. فرېيا جەڭدە قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ يېرىمىنى ئۆزىنىڭ سارىيىدا تۇتىدۇ، شۇنداقلا يوقالغان ئېرىنى ئىزدەپ دۇنيانى كېزىپ، ئالتۇن ياش تۆكىدۇ. ئىرىينا ۋە سەپداشلىرى بەلكىم فرېيانىڭ ئۇرۇش ۋە گۈزەللىك تەڭرىچىسى بولغانلىقى ۋە ھەممىدىن مۇھىمى يوقاپ كەتكەن ئېرىنى ئىزدىگەنلىكىدەك ھىكايىسى سەۋەبلىك بۇ مۇداپىئە سىستىمىسىغا بۇ ئسىمنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئوكرائىينادا بەلگىلىك ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشقا كەتكەن ۋە نۇرغۇنلىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە نۇرغۇن ئاياللار ئەرسىز، ئائىلىلەر ئوغۇل پەرزەنتسىز قالماقتا.
— ئۇرۇش ۋە گۈزەللىك تەڭرىچىسى فرېيا

فرېيا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى خەلقئارالىق ھەمكارلىق پىلانى بولۇپ، ئۇ لېگو (Lego) غا ئوخشاش «ئوچۇق قۇرۇلما» نى قوللىنىدۇ. يەنى ئىشلەتكۈچىلەر بىرلا تەمىنلىگۈچىگە باغلىنىپ قالماستىن،باشقا شىرىك شىركەتلەرنىڭ قورال، تېخنىكا ۋە زاپچاسلىرىنىمۇ سەپلەپ ئىشلىتەلەيدۇ. شۇنداقلا ياۋروپادىكى شېرىك شىركەتلەرنى رادار، قوماندانلىق مەركىزى، قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ھەرخىل ساھەلەردە تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيتىگە ئېگە قىلىدۇ. Fire Point بۇ سىستېما ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. توسقۇچى بومبىلارنىڭ تەننەرخى 1 مىليون دوللار ئەتراپىدا قىلىپ نىشانلانغان بولۇپ مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئىلغار ھاۋا تەھدىتلىرىگە قارشى يۇقىرى مىقدارلىق، تۆۋەن تەننەرخلىك قوغداش بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدۇر.
ئىرىينانىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىينا ئەڭ ئىھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ پاترىيوت ناملىق مۇداپىئە سىستېمىسى ئىنتايىن ئېسىل بىر سىستېما بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇكرائىينا جەڭ مەيدانلىرىدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈزلەرچە بومبا لازىم بولىدىغان ، يۇقىرى مىقدارلىق ئىستېمالنى تەمىنلىيەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ سىستىما بۇنداق ئۇرۇش ئۈچۈن لاھىيلەنمىگەن.
مەسىلەن دۇنيا مىقياسىدا پاترىيوت بومبىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى يىلىغا تەخمىنەن 600-700 دانە بولۇپ، بۇ مىقدار يېقىنقى ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشلىرىدا ئاران ئىككى ھەپتە ئىچىدە سەرپ قىلىپ بولۇنغان. بۇ سەۋەبتىن ئوكرائىيناغا ئوخشاش جەڭ مەيدانلىرىغا ماس كېلىدىغان، پاترىيوتنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان، ئەرزان باھالىق، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان بىر مۇداپىئە سىستېمىسغا ئىھتىياج بار ۋە فرېيا دەل بۇنىڭ ئۈچۈن لاھىيلەنگەن سىستىمىدۇر. فرېيا 1 مىليون دوللارلىق توسۇش بومبىلىرى بىلەن ئوكرائىينا ۋە ياۋروپانىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملاردىن مۇداپىئە قىلىشنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆتۈرۈپ كەتكىلى بولىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.
فرېيا سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرىغا قويغان نىشانى باللىستىك بومبىلارنى تۇسۇش بولۇپ ئىرىينانىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ سىستېما ياۋروپا ئاسمىنىنى ھازىرقىدەك كىيېۋغا ئىككىدىن بەش مىنۇتقىچە، بېرلىنغا سەككىز مىنۇتتا يېتىپ بارىدىغان، ئاساسلىق پايتەختلەرگە بىر نەچچە مىنۇتتىلا يېتىپ كېلىدىغان تەھدىتلەردىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. فرېيا تەشەببۇسى ھازىر ئۇكرائىينا ۋە باشقا توققۇز ياۋروپا دۆلىتى قاتناشقان خەلقئارالىق ئىتتىپاققا تەرەققىي قىلغان بولۇپ بۇ سىستېمىنىڭ 2027-يىلى ئىيۇلغىچە تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى سىناقتىن ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.
بۇنىڭدىن باشقا، Fire Point ئۇكرائىينانىڭ تۇنجى يەرلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى (FP-7) نى تەرەققىي قىلدۇرماقتا.بۇ بولسا ھەرىكەت دائىرىسى 200 كىلومېتىرغىچە يېتىدىغان، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى تەخمىنەن سېكۇنتىغا 1500 مېتىر كېلىدىغان ۋە ئۇرۇش بېشىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 150 كىلوگرام كېلىدىغان تاكتىكىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ تەننەرخى ئامېرىكىنىڭ ATACMS نىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغانلىقى سۆزلەنمەكتە. شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بومبىنى قويۇپ بېرىدىغان سىستېمىنى ئادەتتىكى يۈك ماشىنىسى قىلىپ نىقابلىغىلى بولىدۇ. بۇ بومبا 2026- يىلى فىۋرالدا تۇنجى قېتىم غەيرى رەسمىي سىناق قىلىنغان بولۇپ 2026- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇنجى تەجرىبە نۇسخىلىرىنى قويۇپ بېرىش پىلانلىماقتا.

ئۇرۇش ۋەزىيتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى
Fire Point ئىشلەپچىقارغان قوراللار ئۇرۇشنىڭ جۇغراپىيەسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، شىركەت بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق درون توختامىغا ئېرىشتى، ئۇ ئۇكرائىينا مىقياسىدىكى 83 زاۋۇتتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان دانىيەدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارماقتا.
مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان قوراللارنىڭ ئاساسلىق رولى روسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىش بولدى. درونلار روسىيە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىغا قارشى ھەرىكەتتە تۈرتكىلىك رول ئويناپ، ئۇكرائىينا چېگراسىدىن تەخمىنەن 1000 مىل يىراقلىقتىكى نىشانلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بەردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ھەرىكەت روسىيەنىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارىنى 20 پىرسەنت ئازايتىپ، روسىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا يېقىلغۇ تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇنىڭدىن باشقا، فىلامىنگۇ قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئۇكرائىنانىڭ روسىيەنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ھەربىي نىشانلارغا، مەسىلەن 600 مىلدىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى چېبوكسارىدىكى ھەربىي زاپچاس زاۋۇتىغا زەربە بېرىشىگە ئىمكانىيەت ياراتقان. بۇ روسىيەنى ھاۋا مۇداپىئە پىلانلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان ۋە روسىيە ئىستراتېگىيەلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى خام خىيالىنى بەربات قىلغان. ئىرىينا شىركەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشنىڭ گىئو-پولىتىكىسىنى قايتىدىن بېكىتىۋاتقانلىقىنى دۈشمەن ئۈچۈن «بىخەتەر ئارقا سەپ» چۈشىنىڭ ئەمدى مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
Fire Point نىڭ رولى ئۇكرائىينا چېگراسىدىن ھالقىپ كەتتى. شىركەت يېقىندا فىلامىنگونى گېرمانىيەدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ Diehl Defence شىركىتى بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئېرىينا بۇنى ئۇكرائىينانىڭ كەلگۈسىدە ياۋروپا ئۈچۈن مۇھىم مۇداپىئە قالقىنى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يولى دەپ قارايدۇ، ھەمدە گېرمانىيەنىڭ بىر كۈنى ئۆز ئاسمىنىنى قوغداشتا ئۇكرائىينا لايىھەلىگەن تېخنىكىغا تايىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شىركەت يەنە 2026-يىلىنىڭ بېشىدا گەرچە كېچىككەن بولسىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن شۇنداقلا 90 مىليارد ياۋرولۇق قەرز چەكلىمىسى بىكار قىلىنغان.
2026-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئىرىينانىڭ تەسىرى يەرشارىۋى سەۋىيەگە يەتتى، ئۇ بىردىنبىر ئۇكرائىنالىق ئايال سۈپىتىدە 2026-يىللىق بىلدېربېرگ يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ «بىخەتەرلىك كاپالىتى سىياھ بىلەن ئەمەس، پولات بىلەن يېزىلىدۇ» دەپ تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە Fire Point شىركىتى 18 ئادەمدىن 6000 كىشىلىك غايەت زور قوشۇنغا ئايلاندى، بۇ تېز سۈرئەتلىك سانائەتنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ئۇكرائىينانى خەتەرلىك ۋە يۇقىرى ئىنىرگىيە خوراۋاتقان ئۇرۇشىتا كەسكىن، مۇستەقىل ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش يۆلىنىشگە قاراپ ئىلگىرلىمەكتە.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
EUROSATORY. (2026). Eurosatory news 2026 – Day 2 – Interview of Iryna TEREKH, CEO, Fire Point [Video]. YouTube.
Malinovsky, E. (Ed.). (2026, July 27). Fire Point makes ›hundreds‹ of drones daily. The New Voice of Ukraine. https://english.nv.ua/nation/fire-point-makes-hundreds-of-drones-daily-50627720.html,
Sabbagh, D. (2026, July 27). The Ukrainian startup taking the missile fight deep into Russia. The Guardian. https://www.theguardian.com/world/2026/jul/27/fire-point-ukraine-cruise-missiles-russia,
TVNET. (2026). Putin’in güvenliği başına yıkıldı: BU KADINI KİM DURDURACAK! [Video]. YouTube.
Urbancik, J. (2026, July 22). Ukraine’s Fire Point CEO: Germany can count on us for deep-strike deterrence. Euronews.
