
ترامپ پىرزدېنت بولغاندا «بىر كۈندىلا» توختىتىدىغانلىقىنى داۋا قىلغان رۇسىيە-ئوكرائىينا ئۇرۇشى توختاش بىر ياقتا قالسۇن، تېخىمۇ شىددەتلىك تۈسكە كىرمەكتە. بۇ ئۇرۇش ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشدىن (ھەر بىرى 4 يىل داۋاملاشقان) ئېشىپ 5- يىلىغا قەدەم قويدى ۋە 2026- يىلىدىن باشلاپ ئوكرائىينانىڭ درون ھوجۇمىنى ئاساس قىلغان ئۇرۇش ئىستراتىگىيسىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىلگىرلەش سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلىدى.
دۇنيانىڭ 2-چوڭ ھەربىي كۈچى بولغان رۇسىيە ئوكرائىينادىن ئىبارەت ھەربىي جەھەتتە 20-قاتارلاردا تۇردىغان بىر دۆلەتنى 5 يىلغىچە بويسۇندۇرپ بولالمايۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قارىتا ئۇكرائىينانىڭ ئارقىسدا ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا بار دەپ قارايدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما رۇسىيەنىڭ كەينىدىمۇ خىتاي، چاۋشىيەن ۋە ئىران بار. رۇسىيە يادرو قورال ئىشلتىشتىن باشقا بارلىق تاكتىكىلارنى ئىشلتىپ باقتى ئەمما كۈتكەن نەتجە تېخى يۈز بەرمىدى. بۇ ھەرگىز رۇسىيەنىڭ ئوكرائىينادىن ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا ئوكرائىينا رۇسىيەدىن شەرقتىكى بېسۋېلىنغان ئۆلكىلىرىنى ۋە قىرىمنى قايتۇرۋالغان بولاتتى. بۇ يەردىكى رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىقى مەقسىدىگە يىتەلمەسلىكتۇر.
ئۇنداقتا رۇسىيەنىڭ مەقسىدى نېمە؟
رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق نىشانى مەيلى ھەربىي جەھەتتىن بېسىۋېلىش ياكى زىمىن قوشۇۋېلىش، ۋە ياكى كىيېۋدا روسىيەگە مايىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ئارقىلىق بولسۇن ، يەنىلا ئۇكرائىنانى روسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر. بۇ ئارقىلىق ناتونىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە زەربە بېرىش، ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توسۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاجىزلىتىش ۋە روسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. رۇسىيە ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ نىشانىدىن خېلىلا يىراق.
ئوكرائىينانىڭ مەقسىدى بولسا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چىكىندۈرۈش ۋە مۇمكىن بولسا قىرىمنى قايتۇرۋېلىش. ناتو ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۇنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نىشانلىرىدۇر. ئۇكرائىينامۇ ئوخشاشلا بۇ نىشانىدىن يىراق. ئەمما رۇسىيەنىڭ ھوجۇملىرىنى چىكىندۈرۈش، سۈرئىتىنى ئاستىلتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا رۇسىيەنى ئۆز مەقسىدىگە يەتكۈزمەسلىكتە مۇۋاپىقىيەت قازانماقتا.
پۇتىن ۋە ئوكرائىينانى بېسىۋېلىشنى قوللايدىغان سىياسەتچىلەرنىڭ باھانىسى ئۇكرائىينانىڭ بۈيۈك پېترو، ئالېكساندىر III ۋە كاتېرىنا قاتارلىق چار پادىشاھلار دەۋرىدىكى روسىيەنىڭ تارىخىي ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى، تىل، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىن ئارقىلىق بىر گەۋدە بولغانلىقىدۇر. پۇتىن ئۆزىنىڭ «روسىيەلىكلەر ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تارىخىي بىرلىكى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە ، روسىيەلىكلەر ۋە ئۇكرائىينالىقلار «بىر خەلق — يەككە پۈتۈنلۈكتۇر، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇ ئۇرۇش ئۇكرائىينا كىملىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى روسىيەدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرماقتا.
ئوكرائىينانىڭ كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى كوزۇرى – دورنلار (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان)
رۇسىيە ئۇرۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا زور ئىلگىرلەشنى قولغان كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللىرىدىن باشلاپ زور تالاپەتكە ئۇچراشقا باشلىدى. ئوكرائىينا رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك تانكا ۋە باشقۇرۇلدىغان بومبىلىرىغا قارشى ئامېرىكىنىڭ پاترىيوت ناملىق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستىملىرىغا ئوخشاش قىممەت باھالىق ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن مۇداپىئەلەندى. ئەمما سىستىمىلارنىڭ باھاسى ۋە زاپىسىغا چىداش قىين بولدى. بۇ قىينچىلىق ئوكرائىينانى يېڭى بىر ئۇرۇش ئىستراتىگىيسىگە ئىتتىردى. ئۇ بولسىمۇ دروننى ، يەنى ئۇچقۇچىسز ئايرۇپلانلارنى ئاساس قىلغان ئەسكىرى ئىستراتىگىيە. ئەمەلىيەتتە ئوكرائىينانىڭ باشتىلا تۈركىيە بىلەن درون ھەمكارلىقى بولۇپ بايقار ئۇرۇش درونلىرىغا شىرىك ئىدى. بۇ درونلارنىڭ ئوكرائىينا بولۇپمۇ ئەرمەنىستان-ئەزەربەيجان ئۇرۇشىدىكى ئىپادىسى ئوكرائىيناغا يېڭى ئەڭگۈشتەرنىڭ شەپىسىنى بەرگەن ئىدى.
يەنە كېلىپ ترامپ كەلگەندىن كىين ياردەمنى توختىتىشى ئوكرائىيناغا باشقا بىر چىقىش يولى ئىزدەشتىن باشقا چارىسىنىۇ يوقلىقىنى كۆرسەتتى ۋە درونغا مەركەزلىشىش ئەڭ ئاقلانە ئىستراتىگىيە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى دورنلارنىڭ تەننەرخى ئەرزان بولۇپ ئادەتتە 5 مىڭ دوللاردىن باشلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئۆزىدە بولسا بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا دروننى يراقتىن كونترول قىلىدۇ.بۇ ئۇرۇشتا ئەسكىرى چىقىم بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى دورنلارنى توسۇشنىڭ قىينلىقى. چۈنكى ئۇ سۈرئىتى ئاستا ۋە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچىدۇ. ھازىرقى مۇداپىئە سىستىمىلىرى بولسا سۈرئىتى ئىنتايىن تىز ۋە مەلۇم ئېگىزلىكتىن يۇقىرى ئۇچىدىغان بومبىلارغا قارشى لاھىيەلەنگەنلىكى ئۈچۈن درونلارنى توسۇشتا قىينچىلىققا يولۇقماقتا. ھەتتا دروننىڭ سۈرئىتى ۋە ئىگىزلىكىگە ماس بەزى يىڭى تېخىنىكىلارنى سەپلىگەن بولسىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەن شۇنداقلا تەننەرخ يۇقىرى بولۇپ كەلمەكتە. چۈنكى بەرىبىر نەچچە مىڭ دوللارلىق دروننى نەچچە 10 ھەسسە قىممەت بومبا بىلەن توسىدىغان گەپ. يەنە كېلىپ درونلارنى باشقۇرۇش جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋەت تەلەپ قىلمايدىغان بولغاچقا ئاياللارنىڭمۇ جەڭ مەيدانىدا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. ھازىر ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىدا تەخمىنەن 75،000 ئايال خىزمەت قىلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ھەتتا سەپنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى پىيادە ئەسكەر بولۇپ جەڭ قىلماقتا.
ئۇكرائىينا 2026-يىلى درون ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا دىنىپروپېتروۋسك ئوبلاستىدىكى ئولېكساندىرىۋكا قاتارلىق رايونلاردا ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە تەمىناتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇرۇشنى زور دەرىجىدە روسىيە زېمىنىغا ئېلىپ كىردى.
CSIS نىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىينا روسىيەنىڭ بىر قانچە خىل نىشانلىرىغا زەربە بەرگەن:
- نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى، پومپا پونكىتلىرى، يېقىلغۇ ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە تانكېرلار قاتارلىق ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى
- باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە درون ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، مىكرو ئېلېكترون زاۋۇتلىرى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ زاۋۇتلىرى قاتارلىق سانائەت بازىلىرى
- تۆمۈر يول، تاش يول، كۆۋرۈك ۋە ئوق-دورا ساقلاش ئىسكىلاتلىرى، شۇنداقلا ھەربىي ئەشيا توشۇيدىغان ماشىنا ۋە يۈك پويىزلىرى قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت نىشانلىرى
- ئەسكىرى قارارگاھلار، قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش ئەسلىھەلىرى، پاراخوتلار، ئايروپىلانلار، رادارلار، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، درون قويۇپ بېرىش ئورۇنلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق جەڭ سىستېمىلىرى قاتارلىق ھەربىي بازىلار ۋە باشقا ھەربىي نىشانلار
ئۇكرائىينا سانت پېتىربۇرگ ۋە موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەرگە، شۇنداقلا كىيېۋدىن 6000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ئۇكرائىينا ھاۋا بازىسى (بۇ رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتىگىيلىك ئۇزۇن مۇساپىلىك يادرو ئۇرۇش ئايرۇپلانلىرى بازىسى) غا قاراتقان ئۇزۇن مۇساپىلىك زەربىلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇكرائىنا يەنە كۇرسك، كالۇگا، بېلگورود ۋە باشقا ئوبلاستلاردىكى نىشانلارغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك (30-300 كىلومېتىر) زەربە بېرىشنى تەشكىللىدى. ئاخىرىدا، ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى روسىيە چېگراسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ۋە ئۇكرائىنانىڭ روسىيە كونتروللۇقىدىكى قىرىم قاتارلىق رايونلىرىدىكى مىڭلىغان نىشانلارغا قىسقا مۇساپىلىك (30 كىلومېتىردىن تۆۋەن) زەربە بەردى. بۇ زەربىلەر روسىيە ئۈچۈن مەشغۇلات قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە روسىيەنىڭ ئېنېرگىيە پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش، بەزى رايونلاردا بېنزىن قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، روسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى ئۇرۇشتىن ئاساسىي جەھەتتىن چىقىرىپ تاشلاش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە تەمىنات لىنىيەلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، روسىيە كونتروللۇقىدىكى قىرىمغا زەربە بېرىش ۋە بەزى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى خورىتىش قاتارلىقلار بار.
شۇنداقتىمۇ، بۇ زەربىلەر روسىيەنى پالەچ قىلىپ قويمىدى ياكى روسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ۋەيران قىلىۋىتەلمىدى. ئەمما ئوكرائىينا بۇ يېڭى ئىستراتىگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن كىين ئوكرائىينادا رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلگىرلىشى زور دەرىجىدە ئاستىلىدى ھەتتا ئوكرائىينا رۇسىيە زىمىنغا كۆپ قېتىم ھوجۇملارنى ئېلىپ باردى. مەسلەن ئۆتكەن ھەپتە ئوكرائىينا موسكۋا رايونىغا 400 دىن ئارتۇق درون بىلەن ھوجۇم قىلغان. رۇس تەرەپنىڭ دىيشىچە، موسكۋاغا يېقىنلاشقاندا 85 دانىسى يوقىتىلغان. روسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يەنە روسىيە رايونلىرى، قارا دېڭىز ۋە ئازوۋ دېڭىزىدا 381 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى دەلىللەنمىگەن. ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى نەقىل كەلتۈرگەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، موسكۋا رايونىدا ئاز دېگەندە 10 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ خىتاي پۇقراسى بار. دائىرىلەر بىر تۇرالغۇ بىنانىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە موسكۋادىكى ئاساسلىق ئايرودروملارنىڭ بىرىگە يېقىن بىر سانائەت باغچىسىدا ئوت كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇكرائينا يەنە ئازوۋ دېڭىزىدا رۇسىيەنىڭ يەنە 11 پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن توققۇز كۈن ئىچىدە مەزكۇر دېڭىزدىكى ھۇجۇم سانىنىڭ 116 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئازوۋ دېڭىزى رۇسىيەنىڭ ئاشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېكسپورتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر يول ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنانىڭ ھەرىكەتلىرىنى «تولۇق مەنىدىكى تېررورلۇق» دەپ ئاتىدى. رۇسىيە ئۆز ئاشلىقىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن باشقا يوللارنى تېپىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەڭ ئەجەللىك زەربە 7-ئاينىڭ 18- كۈنى رۇسىيەنىڭ سىتالىنگراد شەھرىگە بىرىلگەن بولۇپ، 80 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ۋە سەككىز پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ھوجۇم روسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تور پارچە سېتىش شىركىتى بولغان Wildberries نىڭ ئىككى غايەت زور ئىسكىلاتىنى نىشان قىلغان بولۇپ تەخمىنەن 150 مىليارد رۇبلى (1.9 مىليارد دوللار) قىممىتىدىكى مال \ تاۋار كۆتۈپ كۈلگە ئايلانغان. تۆت كۈندىن كېيىن ئۇكرائىينا يەنە روسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يەنە ئىككى ئىسكىلاتنى بومباردىمان قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بېلگورود، بريانسك ۋە كۇرسكقا ئوخشاش روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلىرىدىكى شەھەر-بازارلاردىن باشقا، موسكۋا ۋە سانت پېتىربۇرگ قاتارلىق روسىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىمۇ ئۇكرائىنانىڭ درونلىرى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا. قىرىممۇ ئۇكرائىنانىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ روسىيەنى يازلىق لاگېرلار ۋە ساھىللارنى تاقاشقا مەجبۇرلىغان، يېقىلغۇ تەمىناتىغا دەخلى يەتكۈزگەن ۋە توك توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئوكرائىينا ھەتتا ئۇرۇشنى تېخىمۇ كىڭەيتىپ ئىراننىڭ ھازار دېڭىز (كاسپىي دېڭىز) دىكى كېمىسىگە درون ھوجۇمى قىلدى ۋە سەۋەبىنى ئىراننىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراق توشىغانلىقى دەپ كۆرسەتتى. ئىران رۇسىيەگە توشىدىمۇ، ياكى رۇسىيەدىن ئىرانغا توشىدىمۇ، ئۇ تەرەپ نامەلۇم، ئەمما ئىرانغا رەسمىي ھوجۇم قىلىدى. ھازىرقى ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇشىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا بەلكىم ئىران رۇسىيەدىن ئامېرىكىغا قارشى ئىشلەتكىلى قورال توشۇغان بولۇشى ئىھتىماللىقى يۇقىرى. چۈنكى ئوكرائىينا باياناتىدا ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇشىنى تىلغا ئالغان. زىېلىنسكىي ترامپ بىلەن يېقىنلىشىش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرى ۋە دىپلوماتىيە ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىراننىڭ كېمىسىگە ھوجۇم قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق «ھىچكىم بىزگە ياردەم قىلمىدى» دېگەن ترامپقا، «بىز ساڭا ياردەم قىلدۇق، ھەقىقىي دوستۇڭ بۇ يەردە» دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە رۇسىيەمۇ قاراپ تۇرمىغان. كىيېۋغا كەڭ كۆلەملىك بامبا ياغدۇرغان ۋە ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە 100 گە يېقىن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداقلا يەنە بېسىۋېلىنغان زاپورىژييا رايونىغا دەم ئېلىش لاگېرلىرىغا ھوجۇم قىلىپ 11 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 16 سىنى يارلاندۇرغان.
چوڭ جەھەتتىن، روسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى سۇمى ئوبلاستى، شەرقىي خاركىۋ ئوبلاستى، شىمالىي غەربىي دونېتسىك ئوبلاستى، ھەمدە زاپورىژىيا ۋە خېرسون ئوبلاستلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا مەركەزلەشكەن. روسىيە يەنە ئۇكرائىنانىڭ پۇقرالار ۋە ھەربىي نىشانلىرىغا درون، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، قاناتلىق بومبا ۋە ئاندا-ساندا ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. روسىيە ئۇكرائىنانىڭ كۆرۈنەرلىك بىر ئاجىزلىقىدىن، يەنى PAC-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا ئوخشاش ھاۋا مۇداپىئە بومبىلىرىنىڭ چەكلىكلىكىدىن پايدىلانغان. ئۇكرائىينا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئەھۋالنى «بىر ۋاراتار بار ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا قاراپ بىرلا ۋاقىتتا 10 توپ ئۇچۇپ كېلىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇۋالالمايدۇ. ئۇ پەقەت قول-پۇتى يەتكەنچە تۇتالايدۇ؟» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، روسىيە قوشۇنلىرى ئېلېكترونلۇق جەڭ ۋە درون جېڭى قاتارلىق ساھەلەردە داۋاملىق ياخشىلىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىغا مەشغۇلات ۋە تاكتىكا جەھەتتە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.

- بۇ خەرىتە CSIS نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىندى
درون ئىستراتىگيسىنىڭ ئىنژىنىرى
يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك، ئوكرائىينا دورن ئىستراتگىيسىنى رەسمىي قوللىنشقا باشلىغاندىن كىين رۇسىيەنىڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئىستىقبالى ياخشىلانماقتا. بارغانسېرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان درون ھوجۇملىرى رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېنزىن قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ھەمدە بېسىۋېلىنغان قىرىمغا تۇتىشىدىغان مۇھىم تەمىنات لىنىيىلىرىنى ئۈزۈپ قويماقتا. ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرىگە قارىغاندا درون ئىستراتىگىيسىنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا تەيىنلەنگەن، 35 ياشلىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىخايلو مىشا فېدوروۋ. فېدوروۋ درون سېتىۋېلىشنى 12 ھەسسىدىن 20 ھەسسىگىچە ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغنى يۆتكىگەن. چۈنكى گەرچە ترامپ ئەنقەرە ناتو يىغىنىدا ئوكرائىيناغا قايتىدىن ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، دۆلەت مۇداپىئە مەنبەلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان «پاترىيوت» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىنىڭ ئۇنچە تىز بولمايدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان. ئەگەر بۈگۈن ترامپ ئىمزا قويۇپ «ئىش باشلاڭلار» دېگەن تەقدىردىمۇ زاۋۇت قۇرۇشقا بىر نەچچە يىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەسىلەن، گېرمانىيەدىكى بىر پاترىيوت باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ تېخى بىرەر نەرسە ئىشلەپچىقرالمىغان. بۇنداق ئەھۋالدا يەنىلا ئەڭ تىز جانغا ئەسقاتىدىغان ئىستراتىگىيە درونلارغا تايىنىش بولۇپ كۆرۈنمەكتە.
ئەمما مىخايلو مىشا فېدوروۋ ئۆزىنى قابىلىيەتسىز دەپ قارايدىغان مۇھافزىكار گېنېراللارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە يەنىلا ئەنئەنىۋى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى جانغا ئەسقاتىدۇ. بەلكىم بۇلارنىڭ بېسىمى ئېغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى بىلىنمىگەن باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن ، فېدوروۋ ئۆتكەن ھەپتە زېلىنسكىي تەرىپىدىن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان. نەتىجىدە ئوكرائىينادا بىر نەچچە كۈن چوڭ نامايىش بولغان.
رۇسىيە ۋە ئوكرائىينانىڭ تالاپەتلىرى
ئۇرۇشنىڭ زىيىنى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ ھەممدىن بۇرۇن پۇخرالارغا بىۋاستە تەسىرى بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇكرائىينا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيتىنىڭ ئىستاتسكىسىغا ئاساسلانغاندا ئۇرۇشتا خەلقتىن (ئەسكەر ئەمەس) 16,500 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ۋە 50,000 دىن ئارتۇقى يارىلانغان. يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 5.9 مىليون ئۇكرائىينالىق ياۋروپا مىقياسىدىكى مۇساپىر بولۇپ كەتكەن ۋە تەخمىنەن 3.7 مىليون كىشى ئۇكرائىينا ئىچىدە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلپ باشقا رايۇنلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.
ھەربىي ئەسلىھەلەر
رۇسىيە: 23,000 يۈرۈشتىن ئارتۇق (تانكا، برونېۋىك، ئايروپىلان، زەمبىرەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. )
ئۇكرائىنا: 11,500 يۈرۈشتىن ئارتۇق
تانكىلار: رۇسىيە 3,500 دىن ئارتۇق (ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسلارنىڭ زىينىنى 12,000 دىن ئاشىدۇ دەپ قارايدۇ. )
دېڭىز ئارمىيە فلوتى (قارا دېڭىز): رۇسىيەنىڭ 34 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 2 سۇ ئاستى كېمىسى ۋەيران قىلىندى ياكى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، بۇ رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى ئاكتىپ ھەربىي ئىقتىدارىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى يوقاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىقتىسادىي زىيان : دۇنيا بانكىسى، ياۋروپا كومىتېتى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىستاستىكىغا قارىغاندا ئوكرائىينانىڭ زىيىنى تەخمىنەن 500 مىليارد دوللار بىلەن 700 مىليارد دوللار ئارىسىدا بولۇپ 150,000 دىن ئارتۇق تۇرالغۇ بىنالار ۋە تەخمىنەن %40 ھالقىلىق ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
رۇسىيەنىڭ زىيىنى 300 مىليارد دوللاردىن كۆپ . مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك چىقىمى ئومۇمىي دۆلەت خامچوتىنىڭ %30-%35 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەخمىنەن 300 مىليارد دوللارلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى غەرب بانكىلىرىدا توڭلىتىلغان پېتى تۇرماقتا.

ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكىرى زىيىنى غايەت زور بولۇپ CSIS نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى فېۋرالدىن 2026-يىلى ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىدىن تەخمىنەن 1.4 مىليون كىشى تالاپەتكە ( بۇ ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇچرىغان . ئۆلگەن ئەسلەرلەرنىڭ سانى بولسا 400 مىڭدىن 450 مىڭ ئەتراپىدا . ئوكرائىينانىڭ زىيىنى بولسا ئۇمۇمىي تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 525-625 مىڭ، ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ سانى بولسا 125-150 مىڭ ئەتراپىدا.

بۇ تالاپەتلەر رۇسىيەنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بارغانسېرى بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. 2026-يىلى، رۇسىيەنىڭ ھەر ئايلىق تالاپىتى 30،000 دىن 34،000 ئارىلىقىدا بولۇپ، بۇ ھەر ئايدا تەخمىنەن 27،000 يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، ھېچقانداق چوڭ دۆلەت ھەرقانداق بىر ئۇرۇشتا بۇنچە كۆپ تالاپەت ياكى ئۆلۈمگە ئۇچراپ باقمىغان. مەسىلەن، ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۆلۈم سانى ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى بارلىق ئۇرۇشلىرىدىكى ئومۇمىي ئۆلۈم سانىدىن تەخمىنەن تۆت ھەسسە كۆپ بولغان. ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىدا 36،574 ئادەم، ۋېيتنام ئۇرۇشىدا 58،220 ئادەم، پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا 383 ئادەم، ئافغانىستاندا 2،581 ئادەم ۋە ئىراقتا 4،492 ئادەم زىيان تارتقان، يەنى ئۆلگەن. بۇنىڭدىن باشقا گىرېنادا، پاناما ۋە باشقا ئۇرۇشلاردا، مەسىلەن 2026-يىلدىكى «Epic Fury» ھەرىكىتىدە ئاز ساندا ئۆلۈم تالاپەتلىرى بار.

روسىيەنىڭ ئەسكىرى زىيىنى روسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىي نۇقتىسىدىنمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىينا جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈش سانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1980-يىللىرىدىكى ئافغانىستان ئۇرۇشىدىكى ئۆلۈم سانىنىڭ 28 ھەسسىدىن، روسىيەنىڭ 1990 ۋە 2000-يىللىرىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى چېچەن ئۇرۇشىدىكىدىن 18 ھەسسىدىن، ھەمدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى بارلىق روسىيە ۋە سوۋېت ئۇرۇشلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن توققۇز ھەسسىدىن كۆپ بولغان.

روسىيەنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى زىيىنى ئۇكرائىينانىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى. ئۇرۇشنىڭ كۆپ قىسمىدا، روسىيە-ئۇكرائىينا تالافەت نىسبىتى 2:1 بىلەن 3:1 ئارىلىقىدا بولغان، ئەمما 2026-يىلىنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا بۇ نىسبەت تەخمىنەن 8:1 گە ئۆرلىگەن. ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى 2022-يىلى فېۋرالدىن 2026-يىلى ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا 525 مىڭدىن 625 مىڭغىچە تالاپەتكە (ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە يوقالغانلار) ئۇچرىغان بولۇپ بۇنىڭ ئارسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 125 مىڭدىن 150 مىڭغىچە.
نېمە ئۈچۈن روسىيەنىڭ تالاپەت ۋە ئۆلۈم سانى بۇنچە يۇقىرى؟
يۇقىرى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى ئىستراتىگىيە
بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بولۇپ روسىيەنىڭ خورىتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكى، تاكتىكا ۋە مەشىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىينانىڭ ئەتراپلىق مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى، يۇقىرى پەن تېخىنكىغا تايانغان ئۇرۇش ئىستراتىگىيسى روسىيە ئەسكەرلىرىنى يوقىتىشتا ۋە روسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان.
روسىيە جەڭ مەيدانىدا ئۇكرائىينا سېپىنى خورىتىش ئۈچۈن پىيادە ئەسكەرلەر، درونلار، زەمبىرەكلەر، باشقۇرۇلدىغان بومبا ۋە باشقا يىراقتىن زەربە بېرىش قوراللىرىنى ئىشلەتمەكتە. روسىيە قىسىملىرى ئادەتتە ساۋۇتلىق ماشىنىلارنىڭ ياردىمىدە، مەشىق كۆرمىگەن كىچىك قىسىملار بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
روسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق شتابلىرى دائىم بۇ قىسىملارنى ئۇكرائىينا سېپىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ۋە ئوققا تۇتۇلۇش ئارقىلىق ئاخبارات توپلاشقا بۇيرۇيدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇكرائىينا نىشانلىرى ئېنىقلانسا، روسىيە ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئەۋەتىلىدۇ، ئاندىن ئۇ يەرلەر زەمبىرەك، درون ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانلىنىدۇ. بۇ تاكتىكىلار يۇقىرى تالاپەت ۋە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. يەنە كېلىپ SpaceX نىڭ 2026-يىلى بېشىدا روسىيەنىڭ Starlink ئىشلىتىشىنى چەكلەش قارارى روسىيەنىڭ قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن ۋە ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا يول ئاچقان.
ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى يەنە ئورەك، تانكىغا قارشى توساقلار، مىنا ، زەمبىرەك ۋە درونلارنى بىرلىكتە ئىشلىتىپ، ئىلگىرىلەۋاتقان روسىيە ئەسكەرلىرىنى زور دەرىجىدە خوراتقان. مەسىلەن، ئۇرۇشنىڭ شەرق سېپى درونلار بىلەن تولغان. نەتىجىدە، بەزى مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، روسىيەنىڭ تالاپەتلىرىنىڭ %90 تىن كۆپرەكى يۈزمۇيۈز جەڭدىن ئەمەس، بەلكى درون ھۇجۇملىرىدىن كەلگەن. ئوكرائىينانىڭ درونلىرى 30-40 كىلومىتر دائىرىدە «ھالاكەت رايۇنى» شەكىللەندۈرگەن بولۇپ بۇ رايونىغا كىرگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئىلگىرىلەۋاتقان روسىيە قوشۇنلىرى بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە پىيادە ئەسكەرلەرنى بۇ رايونغا ئەۋەتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئۇكرائىنا بولسا ئادەتتە پىيادە ئەسكەرلەرنى بۇ خىل «ھالاكەت رايۇنى» غا ئەۋەتمەيدىكەن.
ھەممىدىن مۇھىمى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇكرائىينا ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ ئەڭ زامانىۋى تېخنىكىللىرىغا تايانغا يېڭى ئۇرۇش ئىستراتىگىيسىنى يولغا قويماقتا. باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ئۇكرائىينانىڭ درون ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن سۈنئىي ئەقىلنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇشتا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلماقتا. بۇنىڭ بىر مىسالى ئۇكرائىنانىڭ «ھورنېت» (Hornet) نى جەڭگە سېلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 6000 دوللار ، مۇساپىسى 150 كىلومېتىرغا يېتىدىغان ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندۇر، يەنى دروندۇر.
بۇ ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ «ھورنېت» كۈندۈز ۋە كېچىدە بىۋاسىتە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىدۇ؛ نىشان بايقاش ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق روسىيە نىشانلىرىنى پەرقلەندۈرىدۇ؛ سۇپىنىڭ گېئومېتىرىيەلىك شەكلى، يۈز قۇرۇلمىسى ۋە ئىسسىقلىق سىگنالىغا ئاساسەن روسىيەنىڭ ساختا نىشانلىرىنى بايقايدۇ؛ ھەمدە ئۇچۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق روسىيە نىشانلىرىغا زەربە بېرىدۇ. «ھورنېت» ۋە باشقا تۈردىكى سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى درونلار سۈنئىي ھەمراھ ئۇلىنىشىغا ئېھتىياجلىق بولمىغان سۈنئىي ئەقىلگە تايىنىش ئارقىلىق روسىيەنىڭ ئېلېكترونلۇق جەڭ سىستېمىسىنىڭ تەھدىتىنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا يەنە SkyFall غا ئوخشاش شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى سىستېمىلارنى درونغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتتى، بۇ روسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە يوقىتىشقا ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ يېڭى ئىستراتىگىيە نەتجىسىدە، پۇتىن روسىيەنىڭ ئۇكرائىينادا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىنى ئېتىراپ قىلىدى. ئۇكرائىنانىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك زەربىسىدىن ئەنسىرەش ۋە جەڭ مەيدانىدىكى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خىرىسلار سەۋەبىدىن، 2026-يىلى مايدىكى يىللىق ھەربىي پارات كۆلىمىنى زور دەرىجىدە كىچىكلەتكەن. نۇرغۇن روسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن، 2026-يىلى قىيىن بىر يىل بولغان بولۇپ ئادەتتىكى روسىيەلىكلەر ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە باشقا چىقىملارنىڭ ئۆرلىشى، باجنىڭ ئۆسۈشى، ئىنتېرنېتنىڭ قاتتىق چەكلىنىشى ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان باستۇرۇشلار بىلەن ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا.
رۇسىيە ۋە ئوكرائىينانىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئىلگىرىلەش سۈرئىتى
روسىيە ۋە ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى 2026-يىلىنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك ھۇجۇملىرىدا ئىنتايىن ئاستا ئىلگىرىلىدى، ئوتتۇرىچە سۈرئىتى كۈنىگە 50 مېتىردىن 90 مېتىرغىچە بولدى. روسىيە قوشۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ھۇجۇمدا بولدى، ئەمما ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت مۇداپىئەدە تۇرغان ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى كىچىك دائىرىدە زېمىننى قايتۇرۇۋېلىشقا باشلىغان.
مەسىلەن 2024- يىلى فېۋرالدا روسىيە قوشۇنلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرق سېپىدىكى پوكروۋسكقا قاراپ يۈرۈش قىلغان بولۇپ ئىككى يىلغا يېقىن جەڭدىن كېيىن، 2026-يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدا شەھەرنى كونتروللۇقىغا ئالغان، يەنى ئۇلار تەخمىنەن 50 كىلومېتىر ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، بۇ كۈنىگە ئوتتۇرىچە 70 مېتىر دېگەنلىكتۇر. كوستىيانتېنىۋكا ئەتراپىدا كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئىلگىرىلەش سۈرئىتى تەخمىنەن 50 مېتىر، پوكروۋسك ئەتراپىدا 70 مېتىر، سلوۋىيانسك ئەتراپىدا 90 مېتىر بولغان.
ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىمۇ 2026-يىلىنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا بەزى رايونلاردا ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئەمما ئوخشاشلا ئاستا سۈرئەتتە ئىلگىرىلىگەن، يەنى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 90 مېتىر بولغان. تارىختىكى ئۇرۇشلارغا سېلىشتۇرغاندا ، بۇلار ئۆتكەن بىر ئەسىردىكى بارلىق ئۇرۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاستا ئىلگىرىلەش سۈرئىتىدۇر. روسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى ھۇجۇملىرى تەخمىنەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك جەڭلەردىن بىرى بولغان سوممى جېڭىدىكى سۈرئەتتە بولغان. سېلىشتۇرۇپ كەلسەك، 2022-يىلى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ بېشىدىكى ھەرىكەت باسقۇچلىرىدا ئىلگىرىلەش كۈنىگە 3000 دىن 7000 مېتىرغىچە بولغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى ھۇجۇملارغا قارىغاندا 30-100 ھەسسە تېز دېگەنلىكتۇر.

- بۇ خەرىتە CSIS نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىندى
روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى زېمىن كونتروللۇقى 2026-يىلى باھاردا كىچىكلىگەن. روسىيە قوشۇنلىرى 4- ۋە 5-ئايلاردا ئىگىلىگەن زېمىنىدىن تارتقۇزۇپ قويغان زېمىنى چوڭ بولغان. بۇ ئارلىقتا رۇسىيە 400 كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئوكرائىيناغا تارتقۇزۇپ قويغان . روسىيە قوشۇنلىرى نۆۋەتتە ئۇكرائىينانىڭ تەخمىنەن 118 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى (تەخمىنەن %20) كونترول قىلماقتا، بۇ قىرىم ۋە 2022-يىلىدىن بۇرۇن ئىگىلىۋالغان دونباس رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 75 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرى (ئۇكرائىنانىڭ تەخمىنەن %12) 2022-يىلى فېۋرالدىكى تاجاۋۇزچىلىقتىن كېيىن بېسىۋېلىنغان. ئەمما روسىيە 2026-يىلى باھاردا بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كېڭىيىشتىن توختىدى. بۇ روسىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى قىيىن ئەھۋالىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.
ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى
گەرچە روسىيەنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئىلگىرىلىشى تارىختىكى ئەڭ ناچار سەۋىيەدە ، تارتقان زىيىنى ، ۋە ئوتتۇرىچە ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ھەر قانداق چوڭ دۆلەتنىڭ ئۇرۇشتىكى ئىپادىسىدىن كۆپ تۆۋەن بولسىمۇ روسىيە داۋاملىق جەڭ قىلماقتا. ئۇرۇش تەننەرخىنى چارچاش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان روسىيە خەلقىدىن يوشۇرۇش قىيىنلىشىۋاتقان بولسىمۇ، پۇتىن ئاستىلاش ياكى توختاش نىيىتى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بېشارەت بەرمىدى. پۇتىن بۇنداق يۇقىرى بەدەل تۆلەشنى خالىسىلا ئۇرۇش يەنىلا داۋام قىلىشى مۇمكىن.
ئۇكرائىنامۇ روسىيەنىڭ بىر قانچە يىل توختىماي داۋاملاشقان ھەربىي ھوجۇمىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ غۇلاپ چۈشۈش ئالامىتىنى كۆرسەتمىدى. ئەمما رۇسىيەنى چوڭ زىيانغا ئۇچراتقىنى بىلەن ئۆزىمۇ يەتكۈچە ھاردى. ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ رۇسىيەدىن ئاز بولىشى ئاز زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئوكرائىينانىڭ مەخسىدى بىر ئامال قىلىپ تىزراق ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيەگە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ئارقىلىق پۇتىننى ئۈستەلگە كېلىشكە مەجبۇرلاش. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ نىشان موسكۋانىڭ كۈچىنى خورىتىش ئارقىلىق تىنچلىق كېلىشىمىگە مەجبۇرلاش. ئەمما يەنە بىر چوڭ نىشانى رۇسىيەنىڭ كۈچىنى يۈكسەك دەرىجىدە خورىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ياۋرۇپاغا بىخەتەرلىك تەھدىدى شەكىللەندۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئوخشاش ھەربىي ياردەملەرنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە روسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇردىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
غەرب مەنبەلىرى (CSIS نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) روسىيەنىڭ ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما رۇسىيە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پۈتۈن زىيانلارنى تارتىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ. ئىقتىسادى كىرىزىس ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇرۇش بولمايۋاتقان بەزى دۆلەتلەردىن ياخشى ئورۇندا. تۈرلۈك ئىقتىسادى جازالارغا قارىماي رۇسىيە يەنىلا نېفىت ۋە تەبئىي گازلىرىنى ساتىدىغان بازارلارنى مۇۋاپىقىيەتلىك تېپىپ چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن خىتاي ۋە ھىندىستان بۇ جەھەتتە رۇسىيەنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللەتتى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار رۇسىيەدىن دىپلوماتىك قوللاش ۋە ئىلغار قوراللارغا ياكى بۇ خىل تېخنىكىلارغا ئېرشىمەكتە. بۇ ھالەت ئوكرائىينا ئۇرۇشىدىكى ئىككى ئەجەللىك ئاجىزلىقنى كۆرسەتمەكتە:
- غەربنىڭ خىتاي ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنى جازالاش ياكى قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى
- ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ياردەملىرىنىڭ داۋاملىق، يىتەرلىك ۋە كەسكىن بولماسلىقى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنجى ئامىل كۈچ يەتمەيدىغان شۇڭا ئامال يوق ئامىل. ھەتتا ھىنىدستان ئۈچۈن رۇسىيەدىن كېلىدىغان تىجارەت ۋە ھەربىي ھەمكارلىقىنى غەرب دەرھال بېرىپ بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ ھىندىستان ئاسىيادا خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ تەھدىدىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەنى يېنىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر. شۇنداق بولغاندىلا خىتاينىڭ دۇنياۋى ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ پاكىستان خىتايدىن كۆپلەپ ھەربىي تېخنىكا ياردىمى ئېلىۋاتقان شارائىتتا رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى ھىندىستان ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.
ئىككىنچى ئامىل بولسا غەرب قىلالايدىغان، ئەمما قىمارغا ئوخشايدىغان بىر ئامىل. ياۋرۇپا ھەقىقەتەن رۇسىيەگە قارشى ئىنتايىن ئىھتىياتچان پوزتسىيەدە بولمىسا بولمايدۇ. ئامال بار ئوكرائىيناغا قىلىنغان ياردەم رۇسىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ھوجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەرىجىدە بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ياۋرۇپانىڭ بىۋاستە ئۇرۇشقا كىرىشى ياۋرۇپادا چوڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھىچكىم ياۋرۇپانىڭ ھەربىي جەھەتتىن زادى قانچىلىك كۈچ كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. 2-دۇنيا ئۇرشىدا ياۋرۇپا دۇنيانىڭ ھەربىي كۈچ مەركىزى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن كىين ياۋرۇپادا ئىنتايىن چۇڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ياۋرۇپانىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىدىكى بۇ ئېنىقسىزلىق رۇسىيەنىمۇ قارارسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ؛ رۇسىيەمۇ ياۋرۇپانىڭ تېخىمۇ بەك ئارلىشىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا ئاكتىپلىق بىلەن ئۇلارنىڭ چىشىغا تېگىشكە جۇرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، تېخىمۇ زور ئەسكىرى ۋە ئىقتىسادى بەدەل تۆلەتمىگىچە، پۇتىن جەڭنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.
يۇتۇپ پودكاست ئادرىسى :
1-بۆلۈم
2-بۆلۈم
پايدىلانغان بەزى مەنبەلەر:
https://www.economist.com/europe/2026/07/23/for-russians-the-war-feels-closer-than-ever-before
https://www.csis.org/analysis/russian-blood-and-treasure-ballooning-costs-putins-war
https://www.economist.com/europe/2026/07/14/the-war-room-newsletter-ukraines-game-of-drones
https://www.economist.com/the-world-in-brief/2026/07/15/7c7c0dd9-080d-4d90-a466-4e5155b1134c
