
1. ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى
ئامېرىكا قىسىملىرى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىرانشاھردا يەتتە ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن، جۈمە كۈنى ئىرانشاھر ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلغان. ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى كۆۋرۈكلەرگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە يەتتە پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ئەڭ يېڭى ھۇجۇملاردا ئاز دېگەندە بەش كۆۋرۈك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دىپلوماتىيەگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر زەربىسى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بەندەر ئابباستىكى بىر مەھەللىگە تېگىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن ۋە سەككىز ئادەم يارىلانغان. ئىران سەھىيە مىنىستىرلىكى 22-ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكا ھۇجۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان دۆلەتتە ئاز دېگەندە 38 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 400 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 18-ئىيۇل كېچىدىكى زەربىسى بېرىشى بىلەن بىر دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش زاۋۇتى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. نەتىجىدە تەخمىنەن 10 مىڭ نوپۇسى بار 20 يېزىنىڭ ئىچىملىك سۇ تەمىناتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان. ئىران بۇنى « جىنايەت ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغان.
2. ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى (IRGC) نىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى
ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ، ئىرانشاھردە ئۆلتۈرۈلگەن ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن جۈمە كۈنى سۈرىيەدىكى ئەلتەنفتىكى ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان. سۈرىيە ھەربىي مەنبەسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئىراننىڭ ئەلتەنف ئەتراپىدا ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى، ئەمما بازىنىڭ ئۆزىگە تەگمىگەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق تالاپەت ياكى ماددىي زىيان بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ۋەقە ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا باشلانغاندىن بۇيان سۈرىيەگە قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. سۈرىيە ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشقان، پىرېزىدېنت ئەھمەد شارا مارت ئېيىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغۇچە ھەر قانداق توقۇنۇشتىن يىراق تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى 17-ئىيۇل ئىوردانىيەگە ھوجۇم قىلغان ۋە ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان قولتۇق دۆلەتلىرىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى باشلىغان. ئىران كۇۋەيتتىكى «ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەربىي ئەسلىھەسىگە» قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەل ئادىرى لاگېرىدىكى بىر ئوق-دورا ئامبىرى ۋە ئەلى ئەل سالىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .ئەمما كۇۋەيت ئارمىيەسى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بۇ ھوجۇملارنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا توسۇپ قالغان. ئىران يەنە بەھرەين ۋە ئىراق كۇردىستان رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھوجۇم قىلغان. ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى يەنە ئامېرىكىنىڭ بىر دانە MQ-9 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىراننىڭ ھوجۇملىرىدا بولسا كۇۋەيتنىڭ بىر توك چىقىرىش ۋە سۇ تۇزسىزلاشتۇرۇش زاۋۇتىنىڭ بىر قىسمىغا ئوت كەتكەن. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى (IRGC) ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى مەۋجۇت دۆلەتلەرگە «ماس كېلىدىغان جاۋاب» قايتۇرۇدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. IRGC راكېتا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردىن پايدىلىنىپ كۇۋەيتتىكى ئارىفجان لاگېرى، ئەلى ئەلسالېم ھاۋا ئارمىيە بازىسى، مىنا ئەل ئەھمەدى پورتىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئەسلىھەلىرى ۋە بەھرەيندىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى گېنېرال-مايور مۇھسىن رەزايى ئەگەر ئامېرىكا ھۇجۇمى داۋاملاشسا، ئىران ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك، تەڭمۇ-تەڭ جاۋاب قايتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ھەر قانداق دۆلەتكە ھوجۇم قىلىشى مۇمكىن، دېگەن.
3. ئامېرىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك «سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى كېچىلىك» ھۇجۇملىرى
قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ ، يەنە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئامېرىكا يەكشەنبە كۈنى ئىرانغا قاراتقان توختىماي داۋام قىلغان سەككىزىنچى كېچىلىك ھۇجۇمىنى تاماملىغان بولۇپ ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىراننىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەربىي كۆزىتىش ۋە ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، دېڭىز ئارمىيە ئىقتىدارى، شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساقلاش ئامبارلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىران تاراتقۇلىرى ھورمۇزگان ۋە خۇزېستان ئۆلكىلىرىدىكى كېشىم ئارىلى، بەندەر ئابباس، ھاجىئاباد، سىرىك ۋە شادېگانلاردا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆۋرۈكلەر، يوللار، تۆمۈر يوللار، تونېللار ۋە ئايرودروملار زەربىگە ئۇچراپ، پۇقرالارنىڭ يۆتكىلىشى، مال توشۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بويۇملىرى بىلەن تەمىنلەش چەكلىمىگە ئۇچرىغان. بىر قانچە دوختۇرخانىلارمۇ تارقاقلاشتۇرۇلغان ۋە مەكتەپ ئىمتىھانلىرى كېچىكتۈرۈلگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (سېنتكوم) ھەپتە ئاخىرىدا ئىئوردانىيە ۋە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، ئىرانغا توققۇز كېچە ئۇدا زەربە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ يېقىنقى كۈنلەردە قازا قىلغان ئۈچ ئامېرىكا ھەربىي خادىمىنىڭ «ھۆرمىتى ئۈچۈن» ئەڭ يېڭى «ئىنتايىن قاتتىق» ھۇجۇم قوزغالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇخبىرلارغا: «بىز بۈگۈن كېچە ئۇلارغا يەنە ئىنتايىن قاتتىق زەربە بەردۇق، بىز بۇنى ئۈچ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قىلدۇق» دېگەن. ئۇ ئىراننىڭ «ئىنتايىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئۇچرىغان ھەربىي تالاپەتلەر ھەققىدە سورالغاندا، ترامپ «بىز ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ۋە قازا قىلغانلارنىڭ تېھراننىڭ «يادرو قورالىغا ئىگە بولالماسلىقى» ئۈچۈن جەڭ قىلغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
ئىران خاتەمۇل ئەنبىيا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، گېنېرال-مايور ئەلى ئابدۇللاھى «ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىققا كەسكىن ۋە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن تاقابىل تۇرۇلىدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ئىران ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئامېرىكىغا ئالدىنقى نۆۋەتلىك توقۇنۇشلارداكىنمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىتىشكە» ۋەدە بەرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامېرىكىلىقلارنى تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىردى.
ئىران ئامېرىكىنىڭ ھەر كۈنى كېچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا بەھرەين، ئىراق، ئىئوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ھەربىي بازىلىرىنى نىشانلاش ئارقىلىق ئۆچ ئالماقتا. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل باقايى ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق ھوجۇمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
4. ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكىغا بولغان جان ۋە مالىيە چىقىمى
پېنتاگون باياناتچىسى شان پارنېل دۈشەنبە كۈنى 7-ئىيۇلدىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى ئۇرۇش دولقۇنىدا 100گە يېقىن ئامېرىكا ھەربىي خادىمىنىڭ تۈرلۈك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان.
ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكا بولغان مالىيە چىقىمى غايەت زور بولۇپ، ئۇرۇش مېنىسترى پېت خېگسېت ئامېرىكا قانۇن تۇرغۇزغۇچىلارغا ئىران ئۇرۇشىنىڭ ھازىرغىچە ئامېرىكىغا تەخمىنەن 37.5 مىليارد دوللارغا توختىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ 5-ئايدىكى مۆلچەردىكى 29 مىليارد دوللاردىن يۇقىرى بولغان. ئۆتكەن ئايدا ئاقساراي پارلامېنتتىن قوشۇمچە 87.6 مىليارد دوللارلىق ھەربىي مەبلەغ تەلەپ قىلغان، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇش چىقىمىغا ئىشلىتىلىدىكەن.
پايدىلانغان بەزى مەنبەلەر:
