
(تۈركىيەدە 45% كىشى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ، دەپ قارىغان)
خىتاي مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ترامپ بىلەن بايىدىن پىرزدىنتلىق سايلىمىغا تەييارلىق قىلۋاتقان ۋاقىتتا ئېيتقانلىرى توغرا چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار ترامپنى 1) ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان، 2) دىمكراتىيە ۋە لىبرال قىممەت قاراشلارغا قارشى تۇردىغان رەھبەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىغا ۋە غەربكە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ ۋە بۇ ھالەت خىتايغا پايدىلىق بولىدۇ دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ھەقىقەتەن ترامپ خىتايغا قارشى چوڭ گەپ قىلغان بىلەن خىتاي بىلەن تىزلا چۈشىنىش ھاسىل قىلدى ۋە خىتايغا بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شى جىنپىڭغا بىر تالاي مەدھىيە ئوقۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا ترامپنىڭ غەربكە ۋە دىمكراتىك ئىتتىپاقداشلىرىغا يۈرگۈزگەن تاشقى سىياسىتىمۇ ئوچۇق تەھدىد ئارلاشقان تۈستە بولۇپ بۇ ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
7-ئاينىڭ 15- كۈنى Pew تەتقىقات مەركىزى خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا ترامپ ۋە شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارالىق ئوبرازى ھەققىدە 50 بەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يازمىدا بۇ دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دوكلات ئۈچۈن تەكشۈرۈش 2026-يىلى 8-فېۋرالدىن 13-مايغىچە 36 دۆلەتتە 42 مىڭ 151 كىشى (چوڭ ياشلىق كىشىلەر) بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ دوكلاتنىڭ ئۇمۇمىي نەتىجىسىگە قارىغاندا نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ھازىر خىتايغا ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىجابى قارايدىغان بولغان، شۇنداقلا شى جىنپىڭ ترامپقا قارىغاندا ئىشەنچلىك لىدىر بولۇپ چىققان.
ئۆتكەن يىلى تىرامپنىڭ 2- نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى باشلانغا دەسلەپكى ۋاقىتتا كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا ئامېرىكىغا خىتايدىن بەكرەك ئىجابى قاراشتا بولغان. ئەمما بۇ يىل ئەھۋال ئۆزگەرگەن ۋە ئامېرىكىغا بولغان قاراش دۇنيا بويىچە ناچارلاشقان. ئەكسىچە خىتايغا بولغان قاراش ياخشىلىنىپ ماڭغان.
بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدا توغرا ئىش قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەندىزىدە بولغان. جو بايدېن پرېزىدېنتلىق مەزگىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا،( گەرچە 2023-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە نۇرغۇن جايلاردا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ)، تەكشۈرۈلگەن كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ شى جىنپىڭغا بولغان ئىشەنچتىن يۇقىرى ئىدى. لېكىن تىرامپ 2-قېتىم سايلانغاندىن كىين بۇ ھالەتتە تەتۈر ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغان. دەسلەپكى ئىككى يىلىدىلا، ئۇنىڭغا بولغان باھا كۆرۈنەرلىك ناچارلاشقان. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا شى جىنپىڭغا ئىشەنمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا بولغان ئىجابىي قاراشلار كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلانغان بولۇپ، ھازىر ئومۇمىي جەھەتتىن شى جىنپىڭغا ئىشىنىدىغانلار تىرامپقا ئىشىنىدىغانلاردىن كۆپەيگەن.
شەخسىي ئەركىنلىك جەھەتتە بولسا ئامېرىكا يەنىلا بۇرۇنقىدەك خىتايدىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى كىشىلەردىن ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سوراپ كەلگەن بولۇپ كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆپرەك ئېيتىپ كەلدى. ئەمما، بۇ پەرق كىچىكلەۋاتقان بولۇپ ، 2021-يىلى بۇ سوئالنى سورىغاندىن بۇيان، تەكشۈرۈلگەن ھەر بىر دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ ماڭغان.
مەسىلەن، شىۋىتسىيەدە ئامېرىكىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدىغانلارنىڭ نىسبىتى 2021-يىلدىكى %61 تىن بۈگۈنكى %27 كە چۈشۈپ قالدى. كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئىسپانىيەدە %25 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۆۋەنلەش بولغان.
نۇرغۇن دۆلەتلەردە، ئامېرىكىغا بولغان سەلبى قاراش، خىتاينىڭ شەخسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدىغانلار نىسبىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرگە كەلدى. مەسىلەن، ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ %11 ى خىتاينى شەخسى ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ ، 2021-يىلى بۇنداق قارايدىغانلار پەقەت 5% ئىدى. نەتىجىدە، بۇ يىل تەكشۈرۈلگەن 36 دۆلەتتە ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدىغانلار ئازايغان. بۇ ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك. مەسىلەن، مېكسىكىدا تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم (%35) كىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، %20 كىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەققىدە شۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن ئىجابىي قارايدىغانلار ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. مەسىلەن جەنۇبىي ئافرىقا، پەلەستىن، تايلاند، ھىندىنوزىيە، مالايسىيە،كىنىيە، گانا، بىنگال، نىگىرىيە، سىرلانكا ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ 50% دىن كۆپرەكى خىتاينى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ دەپ قارىغان. ھەتتا بۇ نىسبەت مالايسىيادا 60%، بىنگالدا 70% دىن يۇقىرى، پاكىستاندا بولسا 80% ئەتراپىدا بولغان. تۈركىيەدە بولسا 45% ئەتراپىدا كىشى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ دەپ قارىغان بولسا 55% كىشى ئۇنداق ئەمەس دەپ قارىغان.

ئىسرائىلىيەلىكلەر 80% ئاۋاز بىلەن ئامېرىكىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدۇ دەپ قارايدىغانلار ئىچىدە 1- ئورۇندا تۇرغان بولسا مىكىسكىدا پەقەت 20% ئەتراپىدا كىشى شۇنداق دەپ قارىغان. ۋىنگىرىيەدىن باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنى بۇ جەھەتتە قوللاش نىسبىتى 50% تىن تۆۋەن بولغان.
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن قوشنىلىرى بولغان كانادالىقلار ۋە مېكسىكىلىقلارمۇ خىتايغا ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىجابى قارىغان. مەسىلەن، 2023-يىلى كۆپىنچە كانادالىقلار (%57) ئامېرىكىغا ئىجابىي قارايدىغان بولۇپ، %14 كىشى خىتايغا ئىجابىي باھا بەرگەن. 2025-يىلى كانادالىقلارنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايغا بولغان باھاسى ئوخشاش بولغان. ھازىر، تېخىمۇ كۆپ كانادالىقلار ئامېرىكىغا (%33) قارىغاندا خىتايغا (%44) ياخشى قارايدىغان بولغان.
ئامېرىكا پەقەت ئالتە دۆلەتتە خىتايغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى دەپ قارالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھىندىستان، ياپونىيە، فىلىپپىن ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت بار.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا دۇنيا مىقياسىدا تەسىر كۈچى تالىشىۋاتقاندا، Pew تەتقىقات مەركىزى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئالتە دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەت رولىغا قانداق قارايدىغانلىقىنىمۇ تەكشۈرگەن. بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئىلگىرى ئامېرىكىنى خىتايغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك شېرىك دەپ قاراشقا مايىل ئىدى، ئەمما بىر قانچە دۆلەتنىڭ جامائەت پىكىرى ھازىر ئىككىگە بۆلۈنگەن.
تەكشۈرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن يۇقىرى باھالىنىشى بىر قەدەر يېڭى بىر بۇرۇلۇش. ياقتۇرۇش نىسبىتىدىكى بۇ بۇرۇلۇش كۆپىنچە ئىككى كۈچلۈك دۆلەتكە بولغان قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان: يەنى خىتايغا بولغان قاراشنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئامېرىكىغا بولغان قاراشنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تىرامپ VS شى جىنپىڭ
مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ يەنە بىر تەرىپى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىرامپ ۋە شى جىنپىڭغا دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئىشىندىغانلىقى بولغان. نەتىجە گەرچە ھەر ئىككىلىسىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەمما تەكشۈرۈلگەن 36 دۆلەتنىڭ كۆپىنچىسىدىكى كىشىلەر شى جىنپىڭغا تېخىمۇ ئىجابىي قارىغان.
مەسىلەن، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، ئىككى رەھبەرنىڭ ھېچقايسىسى كۆپ سانلىقنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشەلمىگەن، ئەمما شى جىنپىڭغا بولغان قاراش تىرامپقا بولغان قاراشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئىجابىي بولۇشقا مايىل. گېرمانىيە، گىرتسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، شىۋىتسىيە ۋە ئەنگلىيەدە شى جىنپىڭ تىرامپتىن ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئالدىدا تۇرىدۇ. غەرب ۋە دىمكراتىك دۆلەتلەردە شى جىنىپىڭغا بولغان ئىجابى باھا ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەت 37% بىلەن ئەنگىلىيە بولغان.

يەنە پاكىستان، سىنگاپور، مالايسىيە، ھىندىنوزىيە، بىنگال، پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەردە شى غا بولغان ئىشەنچ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ پاكىستاندا 83% بولغان. شى غا ئەڭ تۆۋەن قوللاش ياپۇنىيەدىن كەلگەن بولۇپ 7% كىشى ئىجابى باھا بەرگەن. ترامپنى بولسا فىلىپىن 68% بىلەن، ئىسرائىلىيە بولسا 66% بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىشەنچىلىك رەھبەر دەپ قارىغان. پەلەستىندە بۇنداق قارايدىغانلار پەقەت 4% بولغان. يەنە بىر قىززىقارلىق ئۇچۇر بولسا، ترامپ بىلەن ئەردوغاننىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتى ياخشى بولسىمۇ ، تۈركىيەدە پەقەت 6% كىشىنىڭ تىرامپنى ئىشەنچلىك رەھبەر دەپ قارايدىغانلىقى، شى جىنپىڭنى بولسا 32% كىشىنىڭ ئىشەنچلىك دەپ قارىشىدۇر.
گەرچە جەنۇبىي كورېيەلىكلەر ھازىر ئىككى رەھبەرگە ئوخشاش قارىسىمۇ (شى 25% – ترامپ 22%)، ئەمما كورېيەلىكلەرنىڭ قارىشى ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرگەن. ئۆتكەن يىلى جامائەتنىڭ تىرامپقا بولغان ئىشەنچى (%33) شى جىنپىڭغا بولغان ئىشەنچىدىن (%15) تەخمىنەن ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئىدى.
بۇ سانلىق مەلۇماتلار كىشىلەرنىڭ بۇ ئىككى رەھبەرگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە تۇتقان سىياسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي ۋە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلار
دوكلاتتا قەيت قىلىنشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ۋە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. مەسىلەن، خىتاينىڭ برازىلىيە ۋە پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى بار. 2025-يىللىق ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدە خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە يېقىن شەرققە قىلغان زور مىقداردىكى ئېكسپورتىغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى يەنە لاتىن ئامېرىكىسى، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا، يېقىن شەرق ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان 17 ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەردە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلار توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىن خىتاينىڭكىگە قارىغاندا كۆپرەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %75 ى ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە ياكى مەلۇم دەرىجىدە ئارىلىشىدۇ دەپ قارىغان بولسا، خىتاي ھەققىدە شۇنداق دەيدىغانلار %45 بولغان. تەكشۈرۈلگەن ھەر بىر دۆلەتتە دېگۈدەك، خىتايغا قارىغاندا كۆپ كىشى ئامېرىكىنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشۇۋالغۇچى دۆلەت دەپ قارىغان.
شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىكى كىشىلەر خىتاينى ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك شېرىك دەپ قارىغان ھەمدە خىتاينىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. مەسىلەن، جەنۇبىي ئافرىقىدا %72 كىشى خىتاينى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىشەنچلىك شېرىكى دەپ قارىغان، ئامېرىكا ھەققىدە شۇنداق دەيدىغانلار بولسا %46 بولغان. %64 جەنۇبىي ئافرىقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارالىق سىياسەت قارارلىرىنى چىقارغاندا ئۆزىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان بولسا، ئامېرىكا ھەققىدە شۇنداق دەيدىغانلار بولسا %42 چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ خىتاينىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتىش نىسبىتى 2023-يىلدىكى %47 تىن 2026-يىلى %64 كە چىققان.

لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، كولومبىيە ۋە پېرۇ قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتتە ئوخشاش نىسبەتتىكى كىشىلەر ئامېرىكا ۋە خىتاينى ئىشەنچلىك شېرىك دەپ تەسۋىرلىگەن. ئىككى دۆلەتكە بولغان قاراشتىكى ئەڭ چوڭ پەرق، مەيلى قايسى يۆنىلىشتە بولسۇن، ئادەتتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۆرۈلگەن. مەسىلەن، پاكىستاندا كىشىلەر خىتاينى ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك شېرىك دەپ ئېيتىشقا بەكرەك مايىل (%84 VS %36). فىلىپپىندا بولسا، خىتايغا قارىغاندا ئامېرىكىنى ئىشەنچلىك شېرىك دەپ قارايدىغانلار كۆپ (%81 VS %42 ) بولغان.

بۇ دوكىلاتنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان تەرىپى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئەڭ كۆپ پائالىيەت ئېلىپ باردىغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك قېرىنىدىشى بولغان تۈركىيەدە يەنىلا 45% كىشىنىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ، دەپ قارىشىدۇر. بۇ سانلىق مەلۇمات بىزگە تۈركىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تا ھازىرغىچە يىتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلىتالمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى داۋانىڭ پەقەت دىندار ۋە مىللەتچى كىشىلەرگىلا ئاڭلىتىلغانلىقى، سولچى ۋە سېكۈلەر جەمئىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى بولۇشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبە:
