
2026-يىلى 7-8 ئىيۇل كۈنلىرى 32 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشىدا ئەنقەردە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ھەر خىل سەلبى تەنقىدلەرگە ئۇچۇرغان بولسىمۇ بۇ يىغىندا بەزى چوڭ ۋە چۇڭقۇر ئەھمىيەتكە ئېگە نەتىجىلەر قولغا كەلدى. بۇ يازمىدا مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، كىرزىسلار شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ بۇ قېتمقى يىغىن ۋە ناتونىڭ ئومۇمىي مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن قانداق رول ئوينايدىغانلىقى تەھىلىل قىلىنىدۇ.
يىغىن تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر باشقانلىقى سارىيى (پىرزدېنت مەھكىمىسى) دە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيە بۇ يىغىندا مۇنداق بىر قانچە جەھەتكە كۆڭۈل بۆلگەن:
- دۆلەت باشلىقلىرىنى ئوسمانلى مەھتەر مارشى ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئالاھىدە قىسىمى بولغان «يېڭى چەرى» چە ياسانغان بىر كوللىكتىپ بىلەن كۈتۈۋالغان. تۈركىيە بۇ ئارقىلىق ياۋرۇپاغا 1) بىز كۈچلۈك دۆلەت 2) بىز بىر ياۋرۇپا دۆلىتى دېگەن سېگىنالنى بەرمەكچى بولغان. ئىچكى جەھەتتىن بولسا يېقىنلىشۋاتقان سايلامدا ئاق پارتيىنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇنداقلا قارارسىز قالغان سايلىغۇچىلارغا «بىزنىڭ بۇلارنى قىلشقا كۈچىمىز يەتتى، بىزنى سايلىساڭلار بولىدۇ» دېگەن ئۇچۇرنى بەرمەكچى بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
- تۈركىيەنىڭ كۈچىنى ۋە مىھماندوسلىقىنى نامايەن قىلىش. يىغىنغا ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىنغان بولۇپ، گەرچە تۈركىيە ئىقتىسادى جەھەتتىن قىين ئەھۋالدا بولسىمۇ ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. جۇمھۇر باشقانلىقى سارىيىنىڭ ھەشەمىتى ئىسلاندىيەنىڭ ياش ئايال پىرزدىنتىنى ھەيران قالدۇرغان شۇنداقلا كەچلىك تاماقتا باشلىقلارغا تۈركىيەنىڭ مول يىمەكلىرى سۇنۇلغان ۋە ئاياللارغا مۇزىكا ۋە تۈرك مەدەنىيتىنى ئىپادىلىگەن مودا كىيم كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ناتونىڭ مەخسۇس تور بېتىدە تۈركىيەنىڭ كۆرسەتكەن قىزغىن مېھماندوستلىقىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈلگەن.
- ترامپنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنغان. ئەردوغان ياشىنىپ قالغان بولىشىغا قارىماي ترامپىنى كۈتۈۋېلىشقا مەخسۇس ئۆزى چىققان. ترامپ تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن سالاملاشقان شۇنداقلا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمدا تۆت ئۇرۇش ئايرۇپلانى مەيداننىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن.
ئىككى كۈنلۈك ئۇچۇرشىشتىن كىين ناتو ئەنقەرە خىتابنامىسى ئىمزالانغان بولۇپ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندېكىچە:
- شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ۋاشىنگتون شەرتنامىسىنىڭ 5-ماددىسىغا بولغان سادىقلىقى تەكىتلەندى ، «بىرىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەممىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر» قارىشى يەنە بىر قېتىم قوبۇل قىلىندى.
- ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىدا ئىتتىپاقداشلارنىڭ مۇداپىئە سانائەت بازىسىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلغان 50 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق يېڭى سېتىۋېلىش توختاملىرى ئېلان قىلىندى.
- رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىتى ۋە داۋاملىشىۋاتقان دۆلەت ھالقىغان تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ناتو رەھبەرلىرى كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە ۋەدە بەردى. ھەربىي مۇداپىئە ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە سودا توساقلىرىنى سىستېمىلىق تۈگىتىش كېلىشىملىرى ئىمزالاندى.
- يىغىن ناتونىڭ ئەنئەنىۋى، يادرو، تور، بوشلۇق ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى جەڭگىۋار ئەۋزەللىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. درون سىستېمىلار، يىراق مۇساپىلىك ئېنىق زەربە بېرىش ئىقتىدارى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسىگە رەسمىي مەبلەغ سېلىش قارارلاشتۇرۇلدى .
- ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلار ۋە كانادا ، ئىتتىپاقنىڭ كوللېكتىپ مۇداپىئەسى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ قۇرۇلمىلىق ۋە مالىيە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ ناتو ئىچىدە تېخىمۇ ئۆزىگە تايىنىدىغان ۋە چىداملىق ياۋروپا تۈۋرۈكىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
- ئوكرائىيانى قوللاش ئۈچۈن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلار ۋە كانادا ھازىر بىخەتەرلىك ياردىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالماقتا. 2026-يىلى ئۈچۈن، ناتو 70 مىليارد ياۋرو قىممىتىدىكى ھەربىي ئەسلىھە، ياردەم ۋە مەشىق بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى، ھەمدە 2027-يىلىمۇ ئاز دېگەندە ئوخشاش سەۋىيىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بەردى .
- ناتو كوللېكتىپ ھالدا ئىراننىڭ يادرولۇق قورالغا ئېرىشىشىنى مەڭگۈلۈك چەكلەش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە تېھراندىن ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئىنتايىن مۇھىم سودا كارىدورىدا خەلقئارالىق كېمە قاتنىشى ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشنى رەسمىي تەلەپ قىلدى.
ئەنقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ئىنتايىن سەزگۈر ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ترامپ ناتودىن ئىران ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ناتودىن چىقىپ كىتىشى كېرەكلىكىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان ئىدى. ناتونىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەنقەرە يىغىنى بىر تەسەللىي بولدى. ترامپ ناتونىڭ «ئورتاق مۇداپىئەگە بولغان مۇستەھكەم ۋەدىسى»نى، جۈملىدىن بىر تەرەپكە قىلىنغان ھۇجۇمنى ھەممە تەرەپكە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارايدىغان 5-ماددىنى قايتا تەستىقلىغان بىرلەشمە خىتابنامىگە ئىمزا قويدى.
ئەمما يىغىننىڭ پۈتۈن جەريانىنى كۈزەتكەندە ترامپ ناتونى يوقتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ ھىچكىمنى ئاياپ ئولتۇرماستىن نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ باشلىقلار يىغىنى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىران رەھبەرلىكىنى «پەسكەش»، «كېسەل» ۋە «رەزىل» دەپ ئاتىدى. ئۇ رايوندىكى پاراخوتلارغا راكېتا ھۇجۇمى قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىران نىشانلىرىغا «ناھايىتى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى» شۇڭا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ «ئاخىرلاشقانلىقىنى» ئېلان قىلدى.
ترامپنىڭ ئىرانغا بولغان غەزىپى ئۇنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىغا بەرگەن باھاسىغىمۇ تەسىر قىلدى. ئۇ ئىتتىپاقنىڭ «تېرورلۇقنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۆلەت ھامىيسى» بولغان ئىرانغا قارشى ئامېرىكىغا ياردەم قىلالمىغانلىقىدىن «خۇشال ئەمەس» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئسىملىرىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ ياردەم تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ مىليارد دوللار مەبلەغ ۋە ئەسكەر بىلەن ياۋرۇپانى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھالەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ قىين ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ترامپ يەنە ئەگەر دانىيەگە تەۋە بولغان گرېنلاندىيەنى ئالالمىسا، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى ياۋروپادىن چېكىندۈرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى. ئىسپانىيە بىلەن بولغان سودىنى ئۈزۈشكە قەسەم قىلدى… ئۇ ياۋرۇپاغا بولغان كۈچلۈك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ «ئەگەر ئەردوغاندىن باشقىسى مېنى تەكلىپ قىلغان بولسا كەلمەيتىم» دېدى. يەنە ئەردوغاننى كۆپ تەرەپلەردىن ماختىدى شۇنداقلا ئەنقەرەنىڭ يىغىن ئورۇنلاشتۇرشىنى 10 نۇمۇردىن 12 نۇمۇر بېردىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئەمما ترامپ ئايرىلىش ئالدىدا ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى «غايەت زور مۇھەببەت» ھەققىدە قىزغىن سۆزلەپ كەتتى. نېمىلا بولمىسۇن،ترامپ ۋە باشقا تەرەپلەر يۇقىرىدىكى 7 تۈرلۈك مەسىلىدە ئورتاق ئىمزا قويۇلغان ۋە كىشىلەر ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان « ناتونىڭ پارچىلىنىش» دىن ساقلىنىپ قالدى . ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلى ترامپنىڭ بۇ «مېھرىبانلىقى» نى نۇرغۇن ياۋروپالىقلارغا نىسبەتەن خۇددى «خوتۇنىنى ئۇرىدىغان ئەرنىڭ مۇھەببىتى» گە ئوخشاتقان.
ترامپنىڭ ئاغرىنىشلىرى توغرا ياكى خاتا بولسۇن ھىچكىم ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىنى خالىمىدى. ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې ترامپنىڭ ئىتتىپاقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە «زور غەلىبە» قازانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئامېرىكىدىن باشقا ئەزالارنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى «ترامپ تىرىليونى» دەپ ئاتىدى. ياۋروپادىكى ناتو دۆلەتلىرى ۋە كانادا 2024-2026-يىللىرى ئارىسىدا 2024-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 258 مىليارد دوللار كۆپ چىقىم قىلغان بولۇپ، رۇتتې بۇ بۇرۇلۇشنىڭ ترامپنىڭ بېسىمى بولمىسا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ توغرا قارار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شۇنداقتىمۇ ياۋرۇپا ئۈچۈن بىخەتەرلىك كىرزىسى يەنىلا مەۋجۇت. پېنتاگون شەرقىي ياۋروپادىكى ئالدىنقى سەپ قوشۇنلىرىنى ۋە زاپاس كۈچلىرىنى قىسقارتقان. ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرى پېت خېگسېس بارلىق قوشۇنلارنى چېكىندۈرۈش كېرەك دەپ داۋراڭ قىلىۋاتقان بولۇپ ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. يەنە كېلىپ ترامپ تولا ئۆزگرىپ تۇرىدۇ ۋە ياۋرۇپانىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە قانچىلىك ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ياۋرۇپانىڭ «ئامېرىكاسىز ناتو» پىلانىغا ئەھمىيەت بېرىشى توغرا قارادۇر.
ئەنگلىيە ھازىر 12 دۆلەت باشلىغان، 2000 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن 50 مىليارد دوللارلىق ياۋروپا پىلانىغا يېتەكچىلىك قىلىماقتا. شۇنداقلا باشقا توختام ئۇقتۇرۇشلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، ياۋروپالىقلار ئامېرىكا تەمىنلىگەن «ياردەمچى قوراللار» بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
يىغىننىڭ ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچىلىرى
ھەر خىل مەتبۇئاتلاردا بۇ يىغىندا كىم ئەڭ چوڭ پايدىنى ئالدى دېگەن تېما مۇنازىرە قىلىنماقتا. ھەممدىن بۇرۇن شۇنى ئىتراپ قىلىش كېرەككى بۇ يىغىندا ھەممە تەرەپ پايدا ئالدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ شەرتسىز لىدىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ناتونىڭ چىقىملىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىمىنى زىممىسىگە ئېلىشقا قوشۇلدى. ياۋرۇپا بولسا رۇسىيە تەھدىدى كۈنسىرى ئېشىۋاتقان پەيتتە ئامېرىكىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يېنىدا تۇتۇپ قالدى ۋە 5- ماددىغا ئىمزا قويدۇردى. تۈركىيە بولسا ئۆزىنىڭ ھەم ترامپ بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەت، ھەم ئەسكىرى جەھەتتىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى بىلەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قانچىلىك مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇردى.
ئوكرائىينا
ئوكرائىينا گەرچە ناتونىڭ ئەزاسى بولمىسمۇ يىغىنغا قاتناشتى شۇنداقلا ئەڭ چوڭ پايدىنى ئالدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ترامپ بۇرۇن ئۇنىڭغا «قولۇڭدا كوزۇر يوق» دېگەن ۋە ئۇنى ئىشخانىسىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. ئەمدى بولسا ئۇ ئۇنىڭغا بىر كوزىر بېرىشكە ۋەدە بەردى: ئۇ بولسىمۇ ئۇكرائيىنا رۇسىيەنىڭ باللىستىك ۋە ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرەلەيدىغان بىردىنبىر قورال بولغان، جىددىي ئېھتىياجلىق پاترىيوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى.
6-ئىيۇل رۇسىيە ئاتقان 29 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بىرىنىمۇ ئۇكرائىنا توسۇپ قالالمىغان ئىدى. ئوكرائىينا پاترىيوتقا ئېگە بولسا رۇسىيەنىڭ ھوجۇملىرى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ. ترامپ يەنە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنى ئىچىگە ھۇجۇم قىلىشىغا «ماقۇللۇق» بىلدۈرگەندەك سىگنال بەرگەن ۋە بۇنداق كەسكىنلىشىشنىڭ رۇسىيەنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇرلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان. ترامپ بىلەن زېلىنسكىي يەنە چاقچاق قىلىشقان. مۇخبىرلانى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا تىرامپ « مۇسكوۋاغا بېرىپ پوتىن بىلەن كۆرىشەمسەن؟» دەپ سورىغاندا، زېلىنسكىي « ئۇيەردە ئوكرائىينانىڭ درونلىرى ئۇچۇپ يۇرىيدۇ، بېرىش خەتەرلىك» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ترامپ مۇخبىرلارغا « مېنىڭچە بىز ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتۇق» دېگەن. ئەمما ترامپنىڭ مىجەزى بەك تېز ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ پۇتىن بىلەن بولىدىغان كېيىنكى پاراڭلىرى ئۇنى يەنە رۇسىيەنىڭ تەلەپلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇپ قويمايدۇ، دەپ كىسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ.
تۈركىيە
باشلىقلار يىغىنىنىڭ يەنە بىر غەلىبە قىلغۇچىسى بولسا تۈركىيە ۋە ئەردوغان بولدى. يىغىندىن ئىلگىرى تۈركىيە ئەمەلدارلىرى خۇسۇسىي ھالدا ترامپنىڭ يىغىنغا كېلىشىنىڭ ئۆزىلا بىر غەلىبە دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ترامپ كەلدى ۋە كەلگەندىمۇ سوۋغاتلار بىلەن كەلدى. تۈركىيەگە نىسبەتەن، بۇ يىغىن زور بىر دىپلوماتىك غەلىبە بولدى. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ S-400 سىستېمىسىنى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئىلگىرى توسۇپ قويۇلغان F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى سېتىش مەسىلىسىدە ترامپتىن «يېشىل چىراغ» ئالدى. ترامپ «بىز ئەمدى دوستلىرىمىزغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى خالىمايمىز» دىيىش ئارقىلىق بۇ سېگىنالنى بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، ترامپ تۈركىيەنىڭ پۈتۈن مۇداپىئە سىستىمىسىغا ئىمبارگو قويغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ۋەدە بەردى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ بۇنىڭ رايونلۇق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، ترامپ بۇ قارانى ئالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بۇ قارارلار ھەقىقەتەن تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيەنىڭ F-35 كە ئېرىشەلمەسلىكى ياۋرۇپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە رايۇنلۇق رەقىبلىرى بىلەن بولغان كۈچ پەرقىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ گىرتسىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ F-35 فىلوتلىرى (گەرچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق بىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىھتىماللىقى تۆۋەن بولسىمۇ ) تۈركىيە ئۈچۈن چوڭ تەھدىد شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە كېلىپ CAATSA ئىمبارگوسى تۈركىيەنىڭ پۈتۈن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى نىشانلىغان بولۇپ ، ئىلغار ھەربىي تېخىنىكلارنى سېتۋېلىشىنى قىينلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ئىمبارگولار بىكار قىلىنغاندا تۈركىيە ھەربىي جەھەتتىن تېخمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئېگە بولىدۇ ۋە ياۋرۇپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئېگە بولىدۇ.
تۈركىيەنىڭ مىللى مۇداپىئە سانائىتى، ھازىر ئۆز ئەسلىھەلىرىنىڭ %80 كە يېقىنىنى، جۈملىدىن ئۇكرائىنادا ئىشلىتىلىۋاتقان بايراقتار درونلىرىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. چەكلىمىلەر بىكار قىلىنغاندا تۈركىيەنىڭ «شەرق تەرەپتىكى ناتو بىخەتەرلىكىنىڭ تۈۋرۈكى» بولۇشتەك رولىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ شۇنداقلا ياۋرۇپانىڭ رۇسىيەگە قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىسى بولىدۇ. چۈنكى تۈركىيە كۈچلۈك بولسا رۇسىيەنىڭ ياۋرۇپا تەرەپكە كېڭىيىشى قىين بولىدۇ.
ئەمما، نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى تىرامپنىڭ گىپىنىڭ تۇترۇقسىزلىقىدۇر. ترامپ ئىككى كۈندىن كىين «ياق، تۈركىيەنى جازالايمەن» دېسە ھىچكىم ھىچنېمە دىيەلمەيدۇ. ياكى ترامپ تۈركىيەنى ئىسرائىلىيە بىلەن يېقىن ئۆتۈشكە ۋە «ئىبراھىم كېلىشمى» نى ئىمزالشنى شەرت قىلىشىمۇ مۇمكىن. ترامپ ئەنقەرەدە نېتانياھۇنى « ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئاجايىپ باش مىنىستىر» دەپ ماختاپ، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيەنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما ترامپ بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن توقۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ترامپ نىيانياھۇنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئەردوغانغا سىگنال بەرمەكچى بولغان بولۇشى ئىھتىمال. يىغىپ ئېيتقاندا بۇلارنىڭ ھىچبىرىنى ھەققىدە ھىچكىم ھىچنەرسە دېيەلمەيدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپ ترامپ. شۇڭا ترامپنىڭ تۈركىيە ھەققىدە دېگەنلىرىنى بىر تەرەپتىن غەلبە دەپ قارىساق، يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئاز ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم.
ئەردوغان ترامپنى ئالاھىدە يۇسۇندا قارشى ئالدى ۋە يىغىننىڭ باش رولچىسىغا ئايلاندۇردى. ترامپمۇ «ئەردوغان دەۋەت قىلمىغان بولسا كەلمەيتىم» دىيىش ئارقىلىق ئەردوغاننى ترامپنىڭ ناتوغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئاز ساندىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەستىقلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئولتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ تۈركىيەنىڭ يەرلىك يىمەك-ئىچمەكلىرى سۇنۇلدى؛ يەرلىك كىيم-كىچەك ۋە پوسۇنلىرىنى كىيگەن مودىللار ئۇلارغا نۇمۇر كۆرسەتتى. شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئاژدا پەككان مىھمان سۈپتىدە تەكلىپ قىلىنىپ ناخشىلىرىنى مىھمانلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.
تەبىئىي ھالدا ناتو يىغىنىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى،ئوسمانلىچە قارشى ئېلىش مۇراسىمى، ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە ترامپنىڭ رازىمەنلىكى قاتارلىق ئامىللار ئاق پارتىينىڭ ئالدىمىزدىكى سايلامدىكى قوللاشقا ئېرىشىشگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى ئەيىپلىشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ. يىغىن جەريانىدا ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قىلىنغان مەسىلە فاتىخ سۇلتان مەھمەد كۆۋىكىگە ئامېرىكىنىڭ بايرىقىنى تەسۋىرىنى چۈشۈرۈش ۋە ناتوغا قارشى نامايىشچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بولغان. تەنقىدچىلەر ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ غەززەرنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكىنى ئىددىئا قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە مۇھاپىكىزىكار تەشكىلاتلارنىڭ بىر ۋاقىتلاردا گالاتا كۆۋرىكىدە پەلەستىن بايرىقى ئېچىپ چوڭ نامايىش قىلشى، ستارباكىس ۋە كوكا كولا شىركەتلىرىگە ھوجۇم قىلىشى بىلەن ئامېرىكا بايرىقىنى فاتىخ سۇلتان مەھمەد كۆۋرىكىگە چۈشۈرۈش ئوتتۇرسدىكى زىتلىقنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە ئشىچى پارتيسى ۋە تۈركىيە كوممونىست پارتيىسى ناتوغا قارشى نامايىش قىلغان، ئەمما ھۆكۈمەت بەزى نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغان. ئۆكتىچىلەر يەنە ئىسلامچى تەشكىلاتلارنىڭ ناتو ۋە ترامپ ھەققىدە بىرەر نامايىش ياكى قارشى بايانات بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا.
ناتو رەھبەرلىرى بولسا بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. ئۇلار ئامال بىر ئەردوغان ۋە ترامپنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇشتىن ئۆزىنى تارتقان. BBC نىڭ تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا رەھبەرلىرى ئەردوغاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان تەنقىدلىرىنى ئاساسەن توختاتقان، چۈنكى ئۇلار ھازىر تۈركىيەنى ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچلىك رەھبەرلىكى كەمچىل بولغان بىر شارائىتتا ياۋرۇپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەت» دەپ قارايدۇ. بىر تەھلىلچى قەيت قىلغاندەك، تۈركىيە بەلكىم «دېموكراتىك سەۋىيەدە» غەلىبە قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ «كىم كۈچلۈك» دېگەن سەۋىيەدە غەلىبە قىلدى.
