
رۇسىيە جاسۇس درونلىرى ياۋرۇپادىن بىر يېرىم يىل مەخپى ئۇچۇر توپلىغان ئەمما ھىچقانداق ياۋرۇپا دۆلىتىنى بۇنى بايقىيالمىغان
خەلقئارا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى (IISS) نىڭ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئەسلىدە نېفىت جازاسىدىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن رۇسىيەنىڭ جازالانغان سايە فلوتى ھازىر دېڭىز جاسۇسلۇق تورى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيە 2024-يىلى ئاۋغۇستتىن 2026-يىلى فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا، بۇ نېفىت توشۇش پاراخوتلىرىنى ئۇزۇن مۇساپىلىك جاسۇس درونلىرىنىڭ قويۇپ بېرىش سۇپىسى قىلىپ ئىشلىتىپ، ياۋروپادىكى 13 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئايلىق ماسلاشتۇرۇلغان ئاخبارات مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان.
بۇ جاسۇسلۇق ئاساسلىقى ناتو (NATO) نىڭ ئەڭ سەزگۈر ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى نىشانلىغان. مۇھىم نىشانلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
1. ئەنگلىيەدىكى يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسى- (RAF Lakenheath)
2. فرانسىيەنىڭ Île Longue سۇ ئاستى پاراخوتى بازىسى، بۇ يەر دۆلەتنىڭ يادرو توسۇش كۈچىنى ساقلايدۇ.
3. بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدىكى يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى.
4. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئېرلاندىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتى
دوكلاتتا رۇسىيەنىڭ جازالانغان نېفىت پاراخوتىلىرى جاسۇس درونلارنىڭ ھەركىتى مەلۇم قىلىنغان مەزگىلدە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدىكى سەزگۈر ئورۇنلارنىڭ ئەتراپىدا بايقالغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ پاراخوتلار « Orlan-10» غا ئوخشاش ئۇرۇش درونلىرىنى توشىشى مۇمكىن، بۇ درونلارنىڭ مۇساپىسى 300 مىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ رۇسىيەنىڭ پاراخوتلىرى خەلقئارالىق سۇ تەۋەلىكىدە ياكى ئاۋات سودا لىنىيەلىرىدە تۇرغاندا جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى تېررىتورىيەلەردە ئىستىجباراپ ئۇرۇشى كەسكىنلىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) يېقىندا قىرىمدا ئۇكرائىناغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ كىشىلەر رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى ۋە قىرىم كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدىغان پويىزلارنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ھەممىدىن بەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى، ناتودىن مۇستەققىل ئۆزىنىڭ ئارمىيسىنى قۇرۇش يولىدا ئىلگىرلەۋاتقان ياۋرۇپانىڭ رۇسىيەنىڭ ياۋرۇپانىڭ كىندىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى بىر يېرىم يىلغىچە بايقالماسلىقىدۇر. ئەڭ ئاخىرىدا بايقىغان تەرەپمۇ ياۋرۇپا ئەمەس بەلكى ناتو تەرەپ بولغان. بۇ ھەركەت ياۋرۇپانىڭ رۇسىيە ئالدىدا نە قەدەر ئاجىز ئورۇندا ئىكەنلىكى، ناتودىن ئايرىلىشنىڭ ئۇنچە تىز بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دوكلات دەل ئەنقەرەدە ناتو يىغىنى يېقىنلاپ قالغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەسىلە يىغىندا تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ناتو قايتىدىن ياۋرۇپادا كۈچلىنىشى مۇمكىن.
ترامپ پۇتىن بىلەن ئوكرائىينا ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن كۆرۈشتى
ترامپ پۇتىن بىلەن ئۇزۇن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. كرىمىل سارىيى ترامپنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتىغا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككەيلەن يەنە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنى مۇزاكىرە قىلدى. ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۆزىنىڭمۇ ترامپ بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭغا «ئامېرىكا ئىرادىسى» بىلەن تىنچلىقنىڭ «ھەقىقىي ئىستىقبالى» بارلىقىنى ئېيتقان.
بۇ جەرياندا، ئۇكرائىنا قىسىملىرى شەنبە كۈنى ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ئارقىلىق سانت پېتېربۇرگدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى. ئەمما زىياننىڭ ئىنتايىن ئاز بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى رۇسىيەنىڭ دونېتسىك رايونىدىكى كوستىيانتىنىۋكا شەھىرىنى ئىشغال قىلدۇق دېگەن خەۋىرىنى رەت قىلدى. بۇ شەھەر رۇسىيەنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ تۇرغان مۇداپىئە لىنىيەسىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
خىتاي ئەڭ كۆپ مەبلەغنى بىرازىلىيەگە سالماقتا
بىرازىلىيە رەسمىي ھالدا خىتاي يۇقىرى تېخنىكىلىق كاپىتالى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى نىشانلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. خىتاي دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرى ئادەتتىكى بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا، سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ۋە مالىيە سىستېمىسىغا تېز سۈرەتتە سىڭىپ كىرمەكتە.
خىتاي ماركىلىرى بىرازىلىيەدە ھەممە يەرگە تارقالماقتا. باي بىرازىلىيەلىكلەر BYD ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەيدۇ، خۇاۋېي (Huawei) تېلېفونلىرىنى ئىشلىتىدۇ، خەيسېنس (Hisense) تېلېۋىزورلىرىنى كۆرىدۇ،خىتاينىڭ 99 Food تاماق يەتكۈزۈش ئەپى ئارقىلىق تاماق زاكاز قىلىدۇ ھەمدە Shopee تورىدا مال سېتىۋالىدۇ.
يېقىندا خىتاي ئاپتوموبىل شىركىتى گېلى (Geely) داڭلىق بىرازىليە پىروگراممىسى «چوڭ ئاكا بىرازىلىيە» (Big Brother Brasil) نى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان. گېلىي (Geely) شىركىتى يەنە بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىدا زاۋۇتى بار بولغان رېنولت بىرازىلىيە (Renault Brazil) شىركىتىنىڭ 26% پاي چىكىنى سېتىۋالغان. چېرى (Chery) بولسا ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دالا ماشىنىلىرىنى (SUV) تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئارتىس برۇنا ماركۇزىن (Bruna Marquezine) بىلەن 10 مىليون رىئال (تەخمىنەن 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) لىق توختام ئىمزالىغان. ئاۋغۇستتا، خىتاينىڭ چاڭچىڭ ئاپتوموبىل شىركىتى (GWM) ئىلگىرى مېرسىدىس-بېنىز شىركىتىگە تەۋە بولغان بىر زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان.
BYD شىركىتى بولسا ئۆز ماشىنىلىرىنى ئىككى ئاممىباب تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا كۆرسىتىش ئۈچۈن پۇل تۆلىگەن ، ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن بىرازىلىيە ئىشچىلار سىنىپىغا قارىتا «ئېلېكترونلۇق ماشىنىلار پەقەت باي كىشىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس» دېگەن قاراشقا قايىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئېلانلارنى ئىشلىمەكتە. ئۆكتەبىردە، BYD بىرازىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىلگىرىكى فورد زاۋۇتىنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ ئاسىيا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇتى بولغان 1 مىليارد دوللارلىق زاۋۇتنى ئاچقان.
ئەمما، تېز كېڭىيىش ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق توسالغۇلىرىغا دۇچ كەلدى. 2024-يىلى، بىرازىلىيە ساقچىلىرى BYD نىڭ باھىيە (Bahia) زاۋۇتىنى قۇرۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن، ئەمما كېيىن ناچار، قۇللارچە شارائىتتا تاشلاپ قويۇلغان 160 تىن ئارتۇق مائاشى تۆۋەن خىتاي ئىشچىنى قۇتقۇزۇۋالغان. BYD بولسا مەسئۇلىيەتنى ھۆددىگەرگە ئىتتىرىپ قويۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەش شارائىتىنى تۈزەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات ئورنى ۋە خىتاي-بىرازىلىيە سودا كېڭىشى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي شىركەتلىرى 2025-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا بىرازىلىيەگە كەم دېگەندە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. بۇ ھەيران قالارلىق رەقەم خىتاينىڭ بارلىق چوڭ تىپتىكى چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ %10 تىن كۆپرەكىنى ئېگەللەيدىكەن. بۇ خىتاي كاپىتالىنىڭ باشقا ھەر قانداق چەتئەلگە سالغان مەبلىغىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئادەتتىكى بىرازىلىيەلىكلەرنىڭمۇ خىتايغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشماقتا. ئۇلار خىتاينى بارغانسېرى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا كۈچى دەپ قارىماقتا. لوندوندىكى مەسلىھەت بېرىش شىركىتى Public First ئېلىپ بارغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى خىتاينى سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدە دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكىنى ئالدىدا دەپ قارايدىغانلار 39% نى تەشكىل قىلىدۇ.
ترامپ خىتاي شىركەتلىرىنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ قالماقتا
پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدا، خىتاي شىركەتلىرى پاكىز ئېنېرگىيە مۈلۈكلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەكتە . 2025-يىلىدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى 9 مىليارد دوللارغا يېقىن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەبلىغى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، توختىتىپ قويۇلغان ياكى يەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىۋېتىلگەن. ھالبۇكى 2022 ۋە 2023-يىللىرى بۇ سان نۆل ئىدى بىر سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى مۈلۈكلەر 40% كىچە ئېتىبار باھادا سېتىلغان. بۇ سېتىپ چىقىرىش دولقۇنى ئۆتكەن يىلى ترامپ يولغا قويغان پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى خىتاي تەسىرىنى تازىلاشنى مەخسەد قىلغان ئىستراتىگىيەنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار كەسىپ يېتەكچىلىرىدىن مۈلۈكلەرنى تالىشىپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق تۇيۇقسىز كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولماقتا.
جو بايدىن ھۆكۈمىتى يولغا قويغان باتارېيە ۋە قۇياش ئېنېرگىيىسى مۈلۈكلىرىگە بېرىلىدىغان سېخىي تولۇقلىما ياردەملەر سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئالاھىدە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان ۋە خىتاي شىركەتلىرى يېشىل ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 15.5 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. ئەمما ترامپ «بىر چوڭ گۈزەل قانۇن لايىھەسى (One Big Beautiful Bill Act) 2025-يىلى ئىيۇلدا ماقۇللانغاندىن بۇيان، خىتاي بىلەن ئالاقىسى بار شىركەتلەرنىڭ تولۇقلىما ياردەمگە ئېرىشىشى چەكلەنگەن.
خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى ۋە باتارېيە شىركەتلىرى ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە روسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئوخشاش كاتېگورىيەگە چۈشۈرلگەن بولۇپ بىر زاۋۇتتا خىتاي شىركىتىنىڭ پېيى 25% تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، زاۋۇت خىتاينىڭ تېخنىكىسىغا تايانماسلىقى، خىتاي تەمىنلىگۈچىلەردىن سېتىۋالغان ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ قىممىتى ئۇمۇمىي كېرەكلىك ماتېرىياللار قىممىتىنىڭ 50% دىن كۆپ بولماسلىقى بەلگەنكەن. بۇ نىسبەت 2030-يىلى 15% كە چۈشۈرۈلىدىكەن.
قانۇن ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە، نەچچە مىليارد دوللارلىق مۈلۈك، تېخنىكا ۋە تەجرىبىلەر ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆتمەكتە. ئامېرىكا شىركىتى كورنىڭ (Corning) ئۆتكەن يىلى ئارىزونادىكى 2 گىگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيىسى مودۇلى زاۋۇتىنى ئاشكارىلانمىغان باھادا سېتىۋالغان. بوۋەي 5-ئايدا شىمالىي كارولىنادىكى يېڭى 3 گىگاۋاتلىق زاۋۇتىنى 254 مىليون دوللارغا سېتۋەتكەن بولۇپ، بۇ باھا قۇرۇلۇش تەننەرخىدىن 15% تۆۋەن. جىنكو سولار (Jinko Solar) فلورىدادىكى 2 گىگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيىسى ئەسلىھەسىنىڭ 75% نى ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىسى FH Capital غا ساتقان. خىتاي كۈنتاختا ماگناتى تىرىنا سولار (Trina Solar) بولسا 2024-يىلى داللاستا قۇرغان ، 1200 ئىشچى ۋە بىر قىسىم زامانىۋى ماشىنا ئادەملەر كۈنىگە 20 مىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان (بۇ ئامېرىكا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ) ، زاۋۇتنى تىجارەت باشلاپ بىر قانچە كۈندىن كېيىنلا سېتىۋەتكەن.
بۇنىڭغا قارىتا خىتاينىڭ چەتئەلدىكى مەبلەغلىرىنى قوغداشقا ئائىت يېڭى قائىدىلەر 1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. بۇلار تېخنىكا ئېكسپورتىنى چەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىرلەر يەنە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى قوللانغان «كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر»گە قارىتا ئۆچ ئېلىشنى مەخسەد قىلىدۇ.
ئەمما ھازىر خىتاي تەمىنلەش زەنجىرىدىن ئايرىلىش ھەر قانداق ساھەدە قىيىن ئىكەن. پاكىز ئېنىرگىيە تېخنىكا ساھەسىدە، خىتايدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس دېيەرلىك. چۈنكى خىتاي قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى بولغان پولىسىلىكون (كۆپ كرىستاللىق سىلىتسىي) نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مىقدارىنىڭ 95% نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. «ئىقتىسادشۇناس (The Economist) بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەبلەغ سالغۇچىلار پولىسىلىكون ماتېرىياللىرىنىڭ ئەمدى نەدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىشنى رەت قىلغان.
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ لىۋان زىيارىتى سۈرىيەنىڭ ھېزبۇللاھقا قارشى ھەركەت قوللانمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ئەل-شەيبانى لىۋانغا ئىككىنچى قېتىملىق رەسمىي زىيارەتتە بولدى. ئۇنىڭ بېيرۇتقا قىلغان تۇنجى قېتىملىق سەپىرىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىملىق زىيارەت پارلامېنت باشلىقى، ئامال ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ئەڭ يېقىن سىياسىي ئىتتىپاقدىشى نەبىھ بېررې بىلەن كۆرۈشۈشتى.
بۇ ئۇچرىشىش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ سۈرىيەدىن ھىزبۇللاھنى «بىر تەرەپ قىلىشنى» تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق باياناتلىرىدىن كېيىن بەرگەن. ترامپ NBC نىڭ پروگراممىسىدا سۈرىيەنىڭ ھىزبۇللاھقا قارشى تېخىمۇ «ئېنىق نىشانلىق» ئۇسۇلنى قوللىنىشقا چاقىرغان ۋە شارانى ماختىغان ۋە سۈرىيە پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ جەھەتتە«ياردەم قىلىشنى بەك خالايدىغانلىقىنى» ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. 16-ئىيۇن فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى (G7) باشلىقلار يىغىنىدا مۇخبىرلارغا تېخىمۇ ئوچۇق گەپ قىلىپ «مەن ئىسرائىلىيەگە ھىزبۇللاھنى سۈرىيەنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويۇپ بېرىشنى تەكلىپ بەردىم، چۈنكى راستىنى ئېيتسام، مېنىڭچە ئۇلار بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ» دېگەن.
ئەتىسى ترامپ شارا بىلەن ھىزبۇللاھ مەسىلىسىنى شەخسىي مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن، ئەمما سۈرىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشقا قوشۇلغان-قوشۇلمىغانلىقىنى ئېيتىشنى رەت قىلغان.بۇ تەكرارلانغان سۆزلەر لىۋاندا ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەنى توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىپ، ھىزبۇللاھقا قارشى يېڭى فرونت ئېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىۋەتكەن. شەيبانى بىلەن بېررې ئوتتۇرىسىدىكى 45 مىنۇتلۇق شەخسىي ئۇچرىشىشتا بۇ ئەندىشىلەر تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغان.
زىيارەت جەريانىدا شەيبانى بىلەن كۆرۈشكەن لىۋاننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى «بۇ زىيارەت لىۋاننى خاتىرجەم قىلىش ۋە ئامېرىكا تەرەپ تۈرتكە بولۇۋاتقان ھەربىي مۇداخىلە ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى» دېگەن.
سۈرىيەنىڭ ھېزبۇللاھقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە سورالغاندا، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ئەگەر دۆلەت مەنپەئەتى ھىزبۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلسا، بىز بۇنىڭغا تەييارمىز» دېگەن. ئەھمەد شارامۇ ئىلگىرى ئەگەر دىئالوگ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسە، سۈرىيەنىڭ ھىزبۇللاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق لىۋان تەرەپلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
سۈرىيە تەرەپنىڭ ئاشكارا سىگناللىرىغا ئەگىشىپ، ھىزبۇللاھنىڭ سۈرىيە يېڭى دائىرىلىرىگە تۇتقان تىلىمۇ تەدرىجىي يۇمشىغان. ھىزبۇللاھ باش كاتىپى نائىم قاسىم دەمەشىق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا بىر قانچە قېتىم چاقىرىق قىلغان بولسا ھىزبۇللاھنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى نەۋاف مۇسەۋىمۇ سۈرىيە پىرېزىدېنتىنى ئاشكارا ھالدا «ئەھمەد ئەلشەرە قېرىندىشىمىز» دەپ ئاتىغان.
ئۇچرىشىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر مەنبەنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارلامېنت باشلىقىغا سۈرىيەنىڭ ھىزبۇللاھقا قارشى ھەربىي جەھەتتىن مۇداخىلە قىلىش توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. شەيبانى ھىزبۇللاھنىڭ دەمەشىقنىڭ بۇ بېسىمغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ تېخىچە سۈرىيە دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىنىڭ سىرتىدا قالغان تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونلىرىدا ھىزبۇللاھنىڭ بازىلىرى بارلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.شەيبانى بېررېغا بۇ بازىلارنىڭ كونتروللۇقىنى لىۋان ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ جىددىيلىكنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە ھەربىي ھەرىكەت تەرەپدارلىرىنىڭ ئاساسلىق باھانىلىرىنىڭ بىرىنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ بېررېنىڭ دەسلەپتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلغان.شەيبانى: «سۈرىيە مەمۇرىيىتى سۈننىي-شىئە جىددىيلىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ رايون تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئەگەر سىلەر مەغلۇپ بولساڭلار، بىز سىلەر بىلەن بىللە مەغلۇپ بولىمىز. بىز بۇنى خالىمايمىز» دېگەن.
ئەھمەد شارا ئىلگىرى 21-ئىيۇن «ئەل-مەشھەد» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ترامپنىڭ سۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشىنىلگەنلىكىنى، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئەتە ئەتىگەندىلا» لىۋانغا كىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە گەرچە ھىزبۇللاھ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەسەدنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن قالغان «چوڭقۇر جاراھىتى» بولسىمۇ نى تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، دەمەشىقنىڭ ھىزبۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لىۋان ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ زىيارەت سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋانغا ھەربىي جەھەتتىن مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى بېسىمغا جاۋاب قايتۇرۇش نىيىتى يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرگەن.
سۈرىيە پىرېزىدېنتى داڭلىق ئارتىس روزىنانى پارلامېنت ئەزاسى قىلىپ تەيىنلىدى
گۈزەللىك دۇنياسىدىن سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇش يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما بۇ قېتىم ئۇرۇش ۋەيران قىلغان سۈرىيەنىڭ سىياسىتىدە بىر زور ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەردى. سۈرىيەنىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى ئەھمەد ئەلشەرە ئوتتۇرا شەرقتىكى داڭلىق ئارتىس 36 ياشلىق روزىنا لازكانىنى دۆلەتنىڭ يېڭى پارلامېنتىنىڭ بىۋاسىتە ئەزاسى قىلىپ تەيىنلىدى.
سۈرىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، پىرېزىدېنت 70 پارلامېنت ئەزاسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.كومىتېتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇھەممەد تاھا ئەل ئەھمەد دەمەشىقتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ 70 كىشىنىڭ پارلامېنت خىزمىتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئوخشىمىغان كەسىپتىكى تەجرىبىلىك كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈن تاللانغانلىقىنى ئېيتتى.مەمۇرىيەتتە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پىرېزىدېنت كۆرسەتكەن 70 ئەزا ئىچىگە روزىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 15 ئايال (نىسبىتى %21.4) كىرگۈزۈلگەن.
روزىنا لازكانى ئوتتۇرا شەرق تاماششا دۇنياسىدىكى داڭلىق ئىسىم. سۈرىيەنىڭ ھاما شەھىرىدە تۇغۇلغان روزىنا تىياتىر كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ ئەسلىدە ئالىي تىياتىر سەنئەت ئىنستىتۇتىدا سەھنە لايىھىلەش كەسپىدە ئوقۇغان ۋە 2013-يىلى تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرۈنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۇ بىر-بىرىدىن نادىر سۈرىيە ۋە ئەرەب تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن يۈكسەك ئورۇن ئالغان. بولۇپمۇ ئۇ مەشھۇر «ئەلھەيبە» تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئوبرازى بىلەن دۇنيانىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇنى شۆھرەتنىڭ چوققىسىغا چىقارغان.
ئوتتۇرا شەرق سىياسىي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەھمەد شارانىڭ تاماششا دۇنياسىدىكى مۇشۇنداق داڭلىق بىر چولپاننى پارلامېنتقا ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق، ياشلار جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە ۋە سۈرىيەنى جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلىمىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ھىچقانداق گۇرۇپپىنى چەتكە قاقمايدىغان ھەقىقىي دىمگراتىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا.
پاكىستاننىڭ قوللىشىدا تالىبانغا قارشى يېڭى قوراللىق گۇرۇپ قۇرۇلغان
2026-يىلى 16-مايدا ئافغانىستان دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرى فرونتى (AGNF) دەپ ئاتالغان تالىبانلارغا قارشى يېڭى بىر قوراللىق تەشكىلات ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ تەركىبى پۈتۈنلەي دېگۈدەك سابىق ئافغانىستان دۆلەتلىك ساقچى ۋە ئافغانىستان يەرلىك ساقچى خادىملىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تەخمىنەن 25،000 ئەتراپىدا كىشى ھازىر پاكىستاندا ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پاكىستان ئارمىيىسى (ISI) ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ گۇرۇپنى تەربىيەلەش، قوراللاندۇرۇش ۋە تەشكىللەشكە مەسئۇل شۇنداقلا ئۇلارنى يېتەكچىلىك، ئەشيا ئوبوروتى ۋە مەخپىي ھەرىكەت يوللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. AGNF نىڭ ئاشكارە ئۇچۇرلىرىدا ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ مەقسىتى «ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش» ۋە تالىبانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
