
چىن شىخۇاڭ خىتايدا 500 يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقان بۆلۈنمىچىلىك ۋە قانلىق قىرغىنچلىقىقا مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى پۈتۈن بەگلىكلەرنى يوق قىلىش ئارقىلىق خاتىمە بەردى. چىن سۇلالىسى رەقىبلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن قانۇنچى سىياسەت پەلسەپىسى (法家) ئەگەشكەن بولۇپ، جەرياندىن بەكرەك نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، خەلقنى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق قورقۇتۇش ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىش بىلەن باشقۇردىغان بىر سىستېما بەرپا قىلغان. بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ مەشھۇر شۇئارلىرىدىن بىرى «قانۇن ئۇ قەدەر ئۈنۈملۈك ئىشلىسۇنكى، خەلق ياخشى كۈن كۆرۈشنى ئويلاش بىر تەرەپتە تۇرسۇن، جازالانمىغانلىقىغا خۇشال بولىدىغان بولسۇن» دىن ئىبارەت. يەنى خەلق ھۆكۈمدارنىڭ قولىدىكى مال ياكى ماشىنا، قانۇن بولسا پادىشاھقا دېگىننى قىلدۇرشتا ئىشلتىدىغان قورال ئىدى. چىن سۇلالىسى زالىملىقتا ئۇ قەدەر ئۇچىغا چىققانكى، ئۇ قۇرۇپ چىققان سىستېما خىتايلار تەرىپىدىن بىردەك مۇستەبىتلىك دەپ ئىتراپ قىلىنغان.
لىيۇباڭ (خەن گاۋزۇ) شىياڭيۈگە ئەگىشىپ چىن سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان قىلدى. ئىككەيلەن بىرلىكتە چىن ھاكىميتىنى يوقاتقاندىن كىين لىيۇباڭ شىياڭيۈگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ خەن سۇلالىسىنى قۇرىدۇ. گەرچە مۇستەبىتلىكتە چىن سۇلالىسدىن قېلىشمىسىمۇ، شۇنداقلا چىن سۇلالىسدىن تۈزۈم جەھەتتە بەك كۆپ نەرسىنى ئالغان بولسىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن پەرقلىق قىلىش ئۈچۈن خۇاڭ – لاۋ» تەرىقىتى دەيدىغان لاۋزىچىلىقنىڭ پىراگماتىست نۇسخىسى بولغان بىر باشقۇرۇش پەلسەپىسىگە ئەگەشتى. بۇ ۋاقىتقىچە كۇڭزىچىلىقنى ھىچقانداق ھۆكۈمدار ياقتۇرمىغان بولۇپ، كۇڭزىچىلارنى قۇرۇق گەپ قىلىشتىن، ئىش ئۈگىتىپ ئەخلاق تەرغىپ قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ، دەپ ھاكىمىيەتكە يېقىن كەلتۈرمىگەن ئىدى. مەسىلەن ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە كۇڭزى پۈتۈن بەگلىكلەرنى كېزىپ ۋەز-نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئەگەشكەن ئادىمى ئاران 70 نەچچە بولغان. بۇ ھالەتنى كۇڭزىچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان قانۇنچىلار ھەممە يەردە مەسخىرە قىلىپ يۈرگەن. چىن سۇلالىسى ۋاقىتىدا كۇڭزىچىلىق پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ۋە كۇڭزىچى تالىپلار تىرىك كۆمۈلگەن، كىتابلىرى كۆيدۈرۈلگەن. خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى لىيۇباڭ بولسا بىر قېتىم بىر كۇڭزىچى ئۆلىما ئۇنىڭغا دۆلەت باشقۇرۇش ھەققىدە گەپ قىلغاندا ئۆلىمانىڭ قالپىقىنى بېشىدىن ئېلىپ ئۇنىڭغا كىچىك تەرەت قىلىغان، ۋە بۇ ئارقىلىق كۇڭزىچىلارغا بولغان پوزىتسىيسىنى كۆرسەتكەن.
كىين لىيۇباڭ ساراينى باشقۇرۇشتا قىيلىنىپ قالىدۇ. سەۋەبى ئۇنىڭ ۋەزىر ۋە گىنراللىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن يېزىدا بىللە چوڭ بولغان ئىت ئۆلتۈردىغان، ئىشەك باقىدىغان ۋە چوشقا بوغۇزلايدىغان ئەل-ئاغىينىللىرى بولغاچقا ئۇنىڭغا بىر ھۆكۈمدارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۇنى ئاغىينىسى ياكى ئاكىسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ مۈرىسىگە شاپلاقلاپ، گەپلىرىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدۇ. مەس بولۇپ قالغاندا بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ساراينىڭ تۈۋرۈكلىرىنى قىلچ-پىچاقلار بىلەن كىسىپ ئارام بەرمەيدۇ. بۇلارنى كۈزىتىپ كەلگەن شۇسۈنتۇڭ ئىسملىك كۇڭزىچى خىتاي لىيۇباڭغا « جاھاننى ئات قىلچ بىلەن ئالغىلى بولغان بىلەن ئات-قىلچ بىلەن سورىغىلى بولمايدۇ. كۇڭزىچلىق شەھەر ئالالمىغان بىلەن شەھەرنى باشقۇرالايدۇ. سىزگە بىز لازىم» دەيدۇ. لىيۇباڭ « سەن بۇ قالايىمقانچىلىقلارنى تۈزەلىسەڭ، مەن سىلەرنى ئىشلتىمەن» دەيدۇ. شۇسۈنتۇڭ شەندۇڭدىن بىر تۈركۈم كۇڭزىچى تالىپلارنى ئوردىغا يىغىدۇ ۋە بىرلىكتە ۋەزىر – ۋۇزۇرالارغا سارايدا «ئولتۇرۇپ- قوپۇشنى» ئۆگىتىدۇ. پادىشاھ ۋە ۋەزىر ئارسدىكى پەرق ۋە بۇ پەرققە ئاساسەن شەكىللەنگەن سالام-سائەتلەردىن تەلىم بېرىدۇ. بۇيسۇنمىغانلارنى قاتتىق جازالايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي سارايدا تەرتىپ شەكىللىنىدۇ. لىيۇباڭ پادىشاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن زور ھۆرمەت-ئىكرامغا ئېرىشىدۇ، ھىچكىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلالمايدۇ…. بۇلارنى كۆرگەن لىيۇباڭ «مەن ئۈزۈمنى ئەمدى پادىشاھتەك ھىس قىلىۋاتىمەن» دەيدۇ ۋە كۇڭزىچىلارنى سارايدا ئەتۋارلاپ ئىشلتىدۇ. شۇنداقتىمۇ خەن سۇلالىسى يەنىلا پۈتۈنلەي كۆڭزىچىلىقنى سىياسىي دوكترىن قىلىپ تىكلىمەيدۇ.
لىيۇباڭنىڭ نەۋرىسى خەن جىڭدى دەۋرىدە ھاكىميەت يەنىلا «خۇاڭ-لاۋ تەلىماتى» بىلەن باشقۇرۇلاتتى ، ئەمما كوڭزىچىلىقمۇ زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىككى ئېقىم ئوتتۇرسىدا كۈچلۈك رىقابەت بولۇپ دائىم بىر-بىرىگە قارشى مۇنازىرىگە چۈشەتتى. بىر قېتىم كۇڭزىچى يۈەن گۇشىڭ بىلەن لاۋزىچى خۇاڭ شېڭ «ھۆكۈمدارغا ئىسيان قىلىشقا بولامدۇ-بولمامدۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرىگە چۈشىدۇ. بۇ مۇنازىرە پادىشاھ خەن جىڭدىنىڭ ھۇزۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ پادىشاھمۇ قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدۇ.
كۇڭزىچلار شاڭ سۇلالسىنىپ پادىشاھى شاڭتاڭ بىلەن جۇ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جۇ ۋۇنى « تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ زالىم ھۆكۈمدار شىيا جيې بىلەن شاڭجۇنى ئۆلتۈرۈپ خەلققە ئامەت ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار زالىملارنى جازالىغان شۇڭا بۇ تەڭرىنىڭ يولى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن» دەپ قارايدۇ. بۇ مۇنازىرە دەل بۇ ھەقتە بولۇپ لاۋزىچى خۇاڭ شېڭ بۇ قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ « بۇ ئىككەيلەن تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغانلار ئەمەس، بەلكى پادىشاھنى ئۆلتۈرگەن ، ھۆكۈمدارغا ئاسىيلىق قىلغان قاراقچىلار» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يۈەن گۇشېڭ بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق سوئال سورايدۇ: « ئەينى ۋاقىتتا شيا جيې بىلەن شاڭ جۇ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالغان زالىم پادىشاھلار ئىدى، دۇنيادىكى ھەممە ئادەم ئۇلاردىن ناھايىتى نەپرەتلىنەتتى. تاڭ بىلەن ۋۇ ئىككى جەمەت دۇنيا خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە بۇيسۇنۇپ خەلقنى باشلاپ زالىم پادىشاھلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بۇ ناھايىتى ئۇلۇغ ئىش، بۇنى قانداقمۇ ئاسىيلىق قىلىش دېگىلى بولسۇن؟» دەپ سۇئال قويىدۇ.
خۇاڭ شېڭ جاۋاب بېرىپ: «بۇنداق قاراشقا بولمايدۇ. بىز «تەبىئەتنىڭ يولغا ئەگىشىش» (顺其自然) نى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىي ئۈستۈن-تۆۋەنلىك تەرتىپى ۋە ئورنى بولىدۇ. مەسىلەن، قالپاق ۋە ئاياغنى مىسالغا ئالايلى. قالپاق ھەرقانچە كونا بولسمۇ پەقەت باشقا كىيىلىدۇ؛ئۇنى كونىراپ كەتتى دەپ پۇتقا كېيىۋالغىلى بولمايدۇ. ئاياغ ھەر قانچە يېڭى بولسىمۇ پەقەت پۇتقا كىيىلىدۇ؛ يېڭىكەن، چىرايلىقكەن دەپ باشقا كەيگىلى بولمايدۇ. بۇ لوگىكا پادىشاھ بىلەن قول ئاستىدىكىلەر ( ۋەزىرلەر ۋە خەلق دېگەندەكلەر) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ. ھۆكۈمران ھەر قانچە زالىم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا ھۆكۈمران؛ ۋەزىر ھەر قانچە قابىلىيەتلىك بولسىمۇ يەنىلا ۋەزىر. خۇددى يىرتىق قالپاقنىڭ يەنىلا باشتا، يېڭى ئاياغنىڭ يەنىلا پۇتنىڭ ئاستىدا بولۇشى كېرەكلىكىگە ئوخشاش، ۋەزىر بىلەن پادىشاھنىڭ ئۆزىگە لايىق ئورنى بار . شاڭ تاڭ بىلەن جۇ ۋۇ بۇ لوگىكىنى چۈشەنمەي، ئۆزنى ئەردەملىك دەپ قاراپ ھۆكۈمرانغا جازا يۈرۈشى قىلدى. ئەجىبا بۇ بۇ يۇقىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغانلىق، ئاسيىلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
بۇ چاغدا، يۈەن گۇشېڭ «ئەگەر ئىش سەن دېگەندەك بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئەينى يىلى بىزنىڭ ئۇلۇغ ھۆكۈمدارىمىز خەن گاۋزۇ ئالىيلىرى (ليۇ باڭ) نىڭ زالىم چىن سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ، بۈيۈك خەن خانىدانلىقىنى قۇرغانلىقىغا قانداق قاراش كېرەك؟ خەن گاۋزۇ ئالىيلىرىمۇ ھۆكۈمرانغا ئاسىيلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچى قاراقچىمۇ؟» دەيدۇ.
خۇاڭشىڭمۇ بوش كەلمەي « سىنىڭچە بولغاندا يەنە بىرلىرى چىقىپ ئەردەم ۋە ئەخلاق داۋاسى قىلىپ، بۈيۈك خەن خانىدانلىقىمىزغا قارشى ئىسيان قىلسا تەڭرىنىڭ يولىنى تۇتقان بولىدىكەندە؟» دەپ سورايدۇ.
بۇ چاغدا ھەممەيلەن بۇ مۇنازىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان خەن جىڭدىغا قارىشىدۇ. پادىشاھ راھەتسىز بولۇپ ئولتۇرالماي قالىدۇ. چۈنكى تالىشۋاتقىنى بەك سەزگۈر مەسىلە ئىدى . ئەگەر خۇاڭ شېڭنىڭ دېگىنى توغرا دەي دېسە، بۇ ئۇنىڭ بوۋىسى ليۇ باڭنىڭ چىن سۇلالىسىگە ئىسيان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، قۇرغان ھاكىمىيتنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى، خەن سۇلالىسىنىڭ «ئاسىيلار» تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ؛ ئەگەر يۈەن گۇشېڭنىڭ دېگىنى توغرا دەي دېسە، ھۆكۈمرانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈش توغرا دەپ ئېتىراپ قىلغان، شۇنداقلا كېيىن باشقىلارمۇ ليۇ جەمەتى قۇرغان خەن ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرسە بولىدۇ،دېگەن قاراشنى تەستىقلىغان بولاتتى.
ئاخىرىدا، خەن جىڭدى مۇنداق دەيدۇ: «گۆش يېگەندە ئات جىگىرىنى يېمىسەڭ (قەدىمكى خىتايلار ئات جىگىرىنى زەھەرلىك، كۆپ يېسە ئادەم ئۆلىدۇ دەپ قارايدىكەن)،خەق سېنى تەم تېتشنى بىلمەيدىكەن دېمەيدۇ؛ ئىلىم تەھسىل قىلغاندا «ھۆكۈمدارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش توغرىمۇ-خاتامۇ» دېگەن تېمىنى مۇنازىرە قىلمىساڭ خەق سېنى دۆتكەن دېمەيدۇ. جاھاندا مۇنازىرە قىلىدىغان شۇنچە جىق نەرسە تۇرسا بۇنداق سەزگۈر تېمىنى تالىشىپ نېمە قىلىسىلەر؟»
خەن جىڭدى ئۆزىنى ئىككى تەرەپتىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر دەپ قارىمىدى .ئەكسىچە، تاكتىكا بىلەن بۇ مۇنازىرىنى مەجبۇرىي توختاتتى. شۇنداقلا بەزى مەسىللەرنىڭ «چەكلەنگەن رايون» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدى.
بۇ مۇنازىرە خىتاي تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ خىتاي سىياسىتىنى چۈشىنىش، ھاكىمىيەت ياكى ھۆكۈمدار بىلەن خەلق ئوتتۇرسىدىكى بولۇپمۇ زىيالى بىلەن ھاكىمىيەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلۋېلىشتا ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ. سىما چيەن «تارىخىي خاتىرىلەر»دە بۇ ۋەقەنى «شۇنىڭدىن كېيىن ئالىملار ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى ۋە خاقاننى ئۆلتۈرۈش مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى» شەكلىدە خاتىرلىگەن. يەنى ھاكىمىيەت بىلەن زىيالىيلار ئارسىدا قىزىل سىزىقلار پەيدا بولدى ۋە خىتاي زىيالىيلىرى قانچىلىك قابىلىيەتلىك بولۇپ كەتسۇن، ھەقىقەتنى قانچىلىك دەرىجىدە كۆرۈپ يەتسۇن، ھاكىمىيەتنى ۋە پادىشاھنى تەنىقىد قىلىشتىن بولۇپمۇ ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئىنكار قىلىشتىن ۋە ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەرغىپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتتى. ئۇلار خىتاي ئېمپېرىيە سىستىېمىسىنىڭ ياردەمچىلىرىگە ئايلاندى. بۇ سەۋەبتىن ياۋرۇپا بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش دەۋردە باشلانغان تارىخ مۇساپىسىدە ياۋرۇپالىقلار قەدىمكى جۇمھۇرىيەت، بىرلەشكەن رىم ئېمپىرىيەسى، چىركاۋ بىلەن فىئودال پادىشاھلارنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى دىن بىلەن سىياسەت بىرلەشكەن سىياسىي تۈزۈم، رۆنېسانس، جۇمھۇرىيەت ۋە لىبرال جۇمھۇرىيەت قاتارلىق بىر قاتار جەرياننى بېسىپ ئۆتۈپ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغان، ھۆكۈمەتلەرنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردىغان دىمكراتىك سىستېمىنى بەرپا قىلدى.
خىتايلار بولسا، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە (چىن سۇلالىسى دەۋرىدە) بەرپا قىلىنغان ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن، خەلقنى ھاكىمىيەت، دۆلەت ياكى پادىشاھ ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردىغان، دىكتاتۇر تۈزۈمدىن كۆپ ئۆزگەرمدى. ئېمپىرىيە دەۋرىدىكى كۇڭزىچى ياكى باشقا ئېقىمدىكى تالىپلار ۋە مىنگو ، شۇنداقلا كومپارتىيە دەۋرىدىكى خىتاي زىيالىيلىرى قىزىل سىزىقلاردىن ئۆتۈشنى تەرغىپ قىلىپ باقمىدى. ئۇلارتارىختا نۇرغۇن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى ئەمما مەخسەد دىكتاتۇر سىستىمىنىڭ تېخمۇ ئۇزۇن مەزگىل ئۆمۈر سۈرشى ۋە مۇكەممەللىشىشى بولدى. بۈگۈنكى خىتاي زىيالىيلىرىمۇ خەن جىڭدى ئېيتقاندەك « جاھاندىكى نۇرغۇن مەسىللەرنى تالاش-تارتىش قىلىدۇ»، ئەمما ھاكىمىيەت ھەققىدە مۇنازىرە قىلمايدۇ. شۇڭا ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەبىت ھالىتىنى 2500 يىلدىن بېرى ساقلاپ كەلمەكتە.
شۇنداقتىمۇ، بىر مەسلىنى پەقەت بىرلا تەرەپتىن تەھىلىل قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تەھىلىل قىلغاندا ھەقىقەتەن مۇنازىرە قىلغاندا «ھۆكۈمدارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش توغرىمۇ-خاتامۇ» دېگەنگە ئوخشاپ كېىتىدىغان، «قىزىل سىزىق» خاراكتىرلىك تېمىلارنى؛ ياكى جاۋابىنى دۇنيادا ھىچكىم بېرەلمەيدىغان، ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى تالاش-تارىش قىلمىغانغا ئىلىم ئەھلى زىيالى ياكى موللىلار دۆت بولۇپ قالمايدۇ. بەزى مەسىللەرنى تالاش-تارتىش قىلىش ئوخشىمىغان زامان ۋە ماكانغا ئىھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا بىلىمىسمۇ، ئىملىي جەھەتتىن مۇمكىن بولمىسىمۇ ھەر بىر سۇئالنىڭ (مۇھىم بولغان تەقدىردىمۇ) چوقۇم جاۋابىنى بېرىمەن دېيىش ئۇچىغا چىققان ئاتكاچىلىق ۋە ئەخمەقلىق بولۇپ ھىسابلىندۇ. چۈنكى ئىنسان ھەددىنى بىلىشى، ئۆزىنىڭ نېمىنى بىلىپ، نېمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىشى، قايىسى ساھەدە ئوقۇپ قايسى ساھەگە ئالاقىدار مەسىللەرگە كىرىۋاتقانلىقىنى بىلىشى لازىم.
