
روسىيە بىلەن تالىبان سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ تەخمىنەن 3 يىلدىن كىين ، تۇنجى رەسمىي مۇداپىئە كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. تالىباننىڭ قۇرۇلۇش مەخسدى رۇسلارنى (ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋىت ئىتتىپاقىغا) ئافغانىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيەت تالىباننى ئاتا مىراس دۈشمنى رۇسىيەنىڭ ئالدىغا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاشقا، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزلىرى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن 10 يىلغا يېقىن ئۇرۇش قىلغان رۇسلارنىڭ تەسىر كۈچىنى قايتىدىن باشلاپ كىرىشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇ مەجبۇرلىنىشنىڭ ئارقىسدا ئافغانىستاندا مۇرەككەپلىشىۋاتقان بىر قاتار سىياسىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ دائىش خوراسان (ISIS-K) تەھدىدى بولۇپ، تالىبان ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ قورال-ياراق ياردىمىگە ئېرىشىش ئارقىلىق كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى مەخسەد قىلماقتا.
1979-يىلى 12-ئايدا، سوۋېت قوشۇنلىرى بىر ئافغانىستان كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنى سەل پەرقلىق بىرىگە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كىردى. سوۋېت ئارمىيەسى قوللاشنى تېزلىكتە كۈچەيتىپ چىقىپ كېتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا يوشۇرۇن قوراللاندۇرغان مۇجاھىدلار بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشقا پېتىپ قالدى. ئارىدىن 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ سوۋېت ئارمىيەسى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇرۇشتا تەخمىنەن 1 مىليون ئافغانىستان پۇقراسى ۋە 15،000 سوۋېت ئەسكىرى ئۆلگەن، ئافغانىستاننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى بولسا خارابىلىككە ئايلاندى. بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئافغانىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىغان ئافغانىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى؛ رۇسىيەدە بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولدى. ئۇلارنىڭ ئورنىغا تالىبانلار ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كەلدى.
1979-1989-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى جەڭ قىلغان مۇجاھىدلار بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستاننى باشقۇرۇۋاتقان تالىبانلار بىلەن ئوخشاش ئەمەس؛ شۇنداقلا، كىرېمىلدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتمۇ سوۋېت ئەمەس، رۇسىيەدۇر. لېكىن ئەگەر سىز بىر مۇجاھىدقا ۋە بىر سوۋېت ئەسكىرىگە ئۇلارنىڭ ئىز باسار تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ كەلگۈسى يىللاردا دوستانە مۇناسىۋەتتىن قۇردىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىڭىز، بۇ بەلكىم ھەر ئىككىلىسىنى ھەيران قالدۇرغان بولار ئىدى.
ئەمما رىئال سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلىرى بۇنىڭغا ھەيران قالمايدۇ، بەلكى ئەسلى قائىدىنىڭ مانا موشۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دوست ۋە دۈشمەنلىك ۋاقىتلىق بولىدۇ، مەنپەت ئۆزگەرگەندە ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ.
1989- يىلى 15-فېۋرال ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوشۇنى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتتى. ئارىدىن 37 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، 2026-يىلى 27-ماي كۈنى، تالىباننىڭ قۇرغۇچىسى موللا مۇھەممەد ئۆمەرنىڭ ئوغلى موللا مۇھەممەد ياقۇب روسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى سېرگېي شويگۇ بىلەن قارمۇ-قارشى ئولتۇرۇپ ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئۇكرائىنا تاجاۋۇزچىلىقىغا رەھبەرلىك قىلغان، كېيىن بىخەتەرلىك كېڭىشىگە يۆتكەلگەن سېرگېي شويگۇ روسىيەگە ۋاكالىتەن ئىمزا قويدى. تالىباننىڭ مۇۋەققەت مۇداپىئە ۋەزىرى، موللا ئۆمەرنىڭ ئوغلى موللا مۇھەممەد ياقۇب ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىگە ۋاكالىتەن ئىمزا قويدى. روسىيە دۆلەتلىك ئاگېنتلىقى ئىنتېرفاكس (Interfax) ئالدى بىلەن ئىمزا قويۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى؛ تالىبان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچرىشىشنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، ھۆججەت ھەققىدە كۆپ توختالمىدى. ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىنمىدى.
شۇنداقتىمۇ بىلىنىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا كېلىشىم نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
كېيىنكى كۈنلەردە، روسىيەنىڭ ئافغانىستان ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوۋ كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئافغانىستان ئىسكىلاتلىرىدا تۇرۇپ قالغان سوۋېت ۋە روسىيە ياسىغان ھەربىي جابدۇقلارنى رېمونت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. روسىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى سودا مەركىزىگە مەسئۇل رۇستەم خابىبۇللىن «Tatar-Inform» غا بەرگەن باياناتىدا تېخىمۇ ئېنىق توختالغان: تاتارستان شىركەتلىرى تالىباننىڭ 100 دىن ئارتۇق Mi-17 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى، 30 مىڭدىن ئارتۇق KamAZ يۈك ماشىنىسى ۋە 2000 غا يېقىن باشقا روسىيەدە ئىشلەنگەن ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلارنى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە كاپالەتلىك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىمۇ كۈنتەرتىپتە بار.
موللا مۇھەممەد ياقۇب قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كابۇل ئايرودرومىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، كېلىشىمنىڭ دائىرىسىنى تارراق قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ: «ئۆزۈڭلار كۆرۈپ تۇرغاندەك، ئافغانىستاندا روسىيەنىڭ تىك ئۇچار ۋە ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قوراللىرى بار، ئۇلار رېمونت قىلىشقا موھتاج. بۇ جابدۇقلارنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن، بىز بۇ قوراللارنى ئىشلەپچىقارغان دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشقا مەجبۇرمىز» دېگەن.
روسىيە نېمە ئۈچۈن تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ؟
موسكۋانىڭ مەيدانىدىكى بۇ ئۆزگىرىش بۇ يىل ماي ئېيىدا باشلانغىنى يوق. تالىبانلار غەلبە قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە تېزلا ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە كىرىشتى. كېيىنكى يىللاردا، تالىبان ۋەكىللىرى بەزىدە «رۇسىيە داۋوسى» دەپ ئاتىلىدىغان سانت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا ئىزچىل تەكلىپ قىلىندى. 2022-يىلى، ئۇكرائىناغا قىلىنغان كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىقتىن كېيىن ئېمبارگولار رۇسىيەنى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىغاندا، كىرېمىل ئافغانىستانغا بۇغداي، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىش ئۈچۈن (نىسبەتەن) مۇھىم بولغان سودا كېلىشىمى تۈزدى.
بۇ تەرەققىياتلاردىن كىين پۇتىن 2024-يىلىلا تالىباننى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىتتىپاقداش» دەپ ئاتىغان ئىدى.روسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 2025-يىلى ئاپرېلدا تالىباننى چەكلەنگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى. ( خىتاي تالىبان رەھبەرلىرىنى رەسمىي قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ۋاستىلىق ئىتراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغاندىن كېيىن) 2025-يىلى ئىيۇلدا، روسىيە ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى. بۇ تەرەققىياتلار رامكىسدىن قارىغاندا، 2026- يىلى مايدىكى كېلىشىمى بولسا ئاللىقاچان ئەسلىگە كەلگەن سىياسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۈستىگە قوشۇلغان يېڭى بىر تەرەققىياتتۇر.
O.P. Jindal گلوبال ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تاتىيانا بېلوئۇسوۋا ۋە راگاۋ شارما «ئاسىيا بىخەتەرلىك ۋە خەلقئارا ئىشلار ژورنىلى» ئۈچۈن تەييارلىغان يېقىنقى تەتقىقاتىدا، بۇ جەرياننى «پايدىچى\پراگماتىسىت رېئالىزم» (pragmatic realism) دەپ تەسۋىرلىگەن. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سېرگېي لاۋروۋ بولسا 2024-يىلى ئۆكتەبىردىكى ئالتىنچى نۆۋەتلىك موسكۋا فورماتى مەسلىھەت يىغىنىدا روسىيەنىڭ يېڭى پوزىتسىيىسىنى «ھازىرقى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئەمەلىيەتچىل دىئالوگنى ساقلاش» دەپ ئىپادىلىدى.
بۇ يەردە رۇسىيە ئۈچۈن ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنى قوللىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دائىشنىڭ رايوندىكى تارمىقى بولغان «ئىسلام دۆلىتى- خوراسان ۋىلايىتى» ياكى «دائىش خوراسان» ئىكەنلىكى مەلۇم. 2024-يىلى، ئىسلام دۆلىتى-خوراسان ۋىلايىتى (ISIS-K) نىڭ موسكۋا رايونىدىكى بىر كونسېرت زالىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 149 ئادەم قازا قىلغاندىن كېيىن، پۇتىن تالىبانلارنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىتتىپاقداشلار» دەپ تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئۇلارنى تولۇق ئېتىراپ قىلىش ۋە رەسمىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش نىيىتىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى دائىش خوراسان ھەم رۇسىيەنىڭ ھەم تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.
14-ماي بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى باشلىقلىرى يىغىنىدا، شويگۇ ئافغانىستاندا يەنىلا 20 دىن ئارتۇق قوراللىق گۇرۇپپىغا تەۋە 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە جەڭچىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. روسىيەنىڭ قارىشىچە، «دائىش خوراسان »نىڭ ئادەم سانىنى 3000 ئەتراپىدا. موسكۋا بۇ تەشكىلات تەرىپىدىن 2024-يىلى مارتتا ئېلىپ بېرىلغان قانلىق ھوجۇمنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.
دائىش خوراسان (ISIS-K) ھەققىدە
دائىش خوراسان 2015-يىلى دائىشنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ مۇھەممەد ئەلئادنانىڭ «خوراسان ۋىلايىتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن رەسمىي ئاشكارىلانغان. بۇ گۇرۇپپا پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) ، ئەلقائىدە ۋە تالىباننىڭ سابىق ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى دائىش رەھبەرلىكىگە بەيئەت قىلغان. ئۇنىڭ تۇنجى رەھبىرى پاكىستانلىق ۋە سابىق TTP قوماندانى ھاپىز سەئىد خان.
تۈركىيە مىللى ئىستىخبارات ئاكادېمىيسى 2024- يىلى دائىش خوراسان ھەققىدە تەپسىلىي بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ تەشكىلات « سەلەفىي-تەكفىرى ئىدىيەسى» گە ئەگەشكەن بولۇپ، ئىسلام دىنىنى تار، چەتكە قاقىدىغان شەكىلدە چۈشەندۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ ئىدىدىيسىگە ئەگەشمىگەنلەرنى «مۇرتەد» ياكى «كاپىر» دەپ ئاتايدۇ. «خوراسان» دېگەن نام ھازىرقى ئىران، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي رايوننى كۆرسىتىدۇ . تەشكىلات بۇ نامنى ئۆز كۈچىنى ۋە مەۋجۇدىيتىنى سىرلىق ۋە ئەپسانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە كەڭ جۇغراپىيەلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، تەشكىلات قازاقىستاندىن سىرىلانكاغىچە، مالدىۋىدىن خىتايغىچە سوزۇلغان «دۇنياۋى خەلىپىلىك» قۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.
ئاساسلىق كۈچ بولغان ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى دائىش يېمىرىلگەندىن كىين دائىش خوراسان دائىشنىڭ يەر شارى ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم مەركەزگە ئايلاندى. گەرچە ئۇ مەركەزلەشكەن قاتلاملىق تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما تالىبان ۋە خەلقئارا كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن «ھۈجەيرە قۇرۇلمىسى» (cellular structure) قوللانماقتا. يەنى تارقاق جايلاردا كىچىك ھالەتتە، ئەمما بىرى – بىرى بىلەن ئالاقە قىلغان شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىستراتىگيىسىنى قوللانماقتا. گۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئاساسلىقى پاكىستانلىق پەشتۇنلاردىن تەركىب تاپقان، ئەمما ئۇنىڭ ئەزالىرى بارغانسېرى كۆپ خىللاشقان بولۇپ، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كۆپلىگەن ئەزالىرى بار.
دائىش خوراساننىڭ مەشغۇلات ئىستراتېگىيەسى تېررورلۇق پەيدا قىلىش ۋە رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تالىباننىڭ قانۇنلۇق ئورنىغا خىرىس قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ، خەلقنى قورقۇتىدىغان ۋە ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ھۇجۇملارغا مەركەزلەشكەن. ئۇلار ئادەتتە مەكتەپ، دوختۇرخانا، توي ۋە دىنىي مۇراسىملارغا ئوخشاش يۇمشاق نىشانلارغا ھوجۇم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ «خوراسان ئاۋازى» نامىدا گېزىتى بولۇپ دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يىتىپ بېرىش ئۈچۈن تەشۋىقات ۋە خەۋەرلىرىنى ئىنگلىزچە، پارسچە، ئۆزبېكچە ۋە رۇسچە قاتارلىق كۆپ خىل تىللاردا ئېلان قىلىدۇ.
دائىش خۇراسان ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ بۇ دۆلەتلەر «تارىخىي خوراسان رايونى» ئىچىدىكى ئافغانىستان، پاكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئىراندىن سىرىت يەنە رۇسىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا، خىتاي، ياۋروپا دۆلەتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئىسرائىلىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەشكىلات ئالاھىدە ھالدا تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن قىممەت قارىشى، سېكۈلەر ۋە دېموكراتىك قۇرۇلمىسى ھەمدە رەھبەرلىك قاتلىمىغا قارشى . بۇ تەشكىلاتقا قارشى ئاكتىپ كۆرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسا تۈركىيە، ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا، پاكىستان ۋە رۇسىيەدۇر. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسيادىكى 5 دۆلەت بۇ تەشكىلاتنى ئەڭ چوڭ تېرور تەھدىدى دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دائىش خوراسان ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەشكىلاتىغا ئەكىرىش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ھەركەت قىلىدۇ. گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا دۇچ كەلگەن زۇلۇملىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا ئۈندەيدۇ. تەشۋىقاتلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى (تاجىكلار بىلەن بىرلىكتە) نىشانلاپ، ئۇلارنى ئەڭ «چەتكە قېقىلغان ۋە ئاجىز» خەلق سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ.
ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ياكى ئېتنىك كىملىكىنى ئېلىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىغان بولۇپ، مىللەتچىلىكنى «جاھىلىيەت» (نادانلىق) دەۋرىنىڭ قالدۇقى دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن «ھىجرەت» قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە دائىش خوراسان ئۆزلىرى ئىزاھلىغان دىنىي كىملىكى دائىرىسىدە يېڭى بىر ھاياتقا ۋەدە بېرىدۇ. مەنبەلەردە نۆۋەتتە بۇ گۇرۇپپىدا قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر سان يوق. پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ تەشكىلات ئىچىدە بارلىقى ۋە مۇھىم قوبۇل قىلىش نىشانى ئىكەنلىكىنى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەۋجۇت.
تالىبان ھاكىمىيتى مانا موشۇنداق ئىچ سىياسەت، پاكسىتان بىلەن بولغان زدىيەت (بۇ ئايرىم تېما)، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى قاتارلىق تۈرۈلۈك قىين مەسىللەرگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن رۇسىيە بىلەن مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن مۇسكوۋاغا بارغان. ھەمكارلىق ئاساسەن رىئال سىياسەتنى چىقىش قىلغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە رۇسىيە بىلەن تالىبانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان دائىش خوراسانغا قارشى تۇرۇش ئارزۇسى ئۈستىگە قۇرۇلغان.
رۇسىيەنىڭ كونا رەقىبى تالىبان بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ 2-سەۋەبى بولسا ئامېرىكا چېكىنگەندىن كېيىن قالغان بوشلۇقتۇر. بۇ بوشلۇق بىر تەرەپتىن ئامېرىكا كەتكەندىن كىينكى بىخەتەرلىك بوشلۇقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا نىمىلا دېگەن بىلەن بۇ رايۇننىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىدى. ئامېرىكا كەتكەندىن كىين بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالايدىغان رۇسىيەدىن باشقا دۆلەت يوق. خىتاينىڭ بولسا بۇ جەھەتتىن ھەم تەجرىبىسى يوق، ھەم خىتاي بۇنداق بىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى خىتاي رايۇنلۇق ياكى دۇنياۋى «ساقچى» لىقنى پايدىسىز ئارتۇق يۈك دەپ قارايدۇ. ئەمما مەنپەتىگە ئۇيغۇن كەلگەندە ئىقتىسادى ۋە ئىستىخبارات جەھەتتىن ئارلىشىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن بولسا رۇسىيە تالىبان بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشنى ۋە باشقا بىر دۆلەتنىڭ بۇ رايۇنغا كەلتۈرمەسلىكىنى نىشان قىلىدۇ. گەرچە خىتاي بىلەن رۇسىيە غەربكە قارشى ئىتتپاقداش بولسىمۇ، ئاسىيادا بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا رىقابەتچىدۇر. رۇسىيە ئىقتىسادى جەھەتتىن خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بولدى. ئەمما ھەربىي جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسيادا يەنىلا رۇسىيە كۈچلۈك ئورۇندا. شۇڭا رۇسىيە بۇ جەھەتتىن بۇ يەردىكى دۆلەتلەر ئۈستىدىن ئۈستۈنلۈك قۇرۇشى شۇنداقلا خىتاينىڭ كۈچىنى بۇ رايۇندا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك.
بۇ جەھەتتە، رۇسىيە ئامېرىكىدىن يەنىلا ئەنسىرەيدۇ. رۇسىيە ئۈچۈن ئامېرىكا بۇ رايۇنغا قايتىپ كەلمىسە ياخشى. شويگۇ يېقىنقىڭياقى ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. رۇسىيە 2025-يىلى ئۆكتەبىردە ئافغانىستاندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇققا قارشى قاتتىق بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ترامپنىڭ باغرام ئاۋىئاتسىيە بازىسىنى قايتۇرۇۋېلىش قىزىقىشىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس دەپ قارالغان. بۇنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئاددىي: ئافغانىستاندا باشقا ھېچكىم ھەربىي بازا قۇرالمايدۇ، ئەمما موسكۋا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.
تالىبان بۇ ھەمكارلىقتىن نېمىگە ئېرىشىدۇ؟
كابۇل ئۈچۈن ھېسابات ناھايىتى ئاددىي. بۇ كېلىشىم تالىباننىڭ 2021-يىلىدىن بۇيان ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بىلەن تۈزگەن تۇنجى مۇداپىئە كېلىشىمىدۇر. ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھەمىد ھاكىمىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى تالىباننىڭ «سىرتقى قانۇنىي ئىناۋىتىنى داۋا قىلىشىغا ۋە ئىچكى جەمئىيەت پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەشۋىقات پۇرسىتى يارىتىشىغا» يول ئاچىدىكەن.
بۇ يەنە تېخىمۇ ئەمەلىي مەنپەئەتلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ئافغانىستان ئارمىيىسىدىن قالغان جابدۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى، جۇملىدىن Mi-17 ۋە Mi-24 تىك ئۇچارلىرى، T-55 ۋە T-62 تانكىلىرى، شۇنداقلا BMP-1 ۋە BMP-2 پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ماشىنىلىرى سوۋېت ۋە روسىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىگە تۇتىشىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كونىراپ كەتكەن ياكى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالغان، غەربتىن بولسا زاپچاس تېپىش مۇمكىنچىلىكى يوق. ئەسلى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت، يەنى رۇسىيە رېمونت قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئەمەلىي مەنبەسىدۇر.
شۇنداقلا، باشتا تىلغا ئالغاندەك، رۇسىيەنىڭ تەسىر كۈچىنى ئافغانىستانغا باشلاپ كىرىش خىتاي ۋە پاكسىتاننىڭ تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا تالىبان ھاكىمىيتى ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ھەل قىلغۇچ مەسىللەردە خىتايغىلا تايىنىپ قالىدىغان ھالەتتىن قۇتۇلىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئەسكىرى، ئىستىخبارات ۋە دىپلوماتىيە كۈچى بولسا ھازىرغىچە تولۇق ھاكىمىيتىنى قۇرالمىغان، تاشقى كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرى سىڭىپ كىرىۋالغان ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم.
پاكىستان ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەت
بۇ كېلىشىم پاكىستانغا ئەڭ قاتتىق زەربە بولدى. پاكىستان ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئافغانىستاندا «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» يارىتىشقا تىرىشتى، بۇ دوكترىن ئافغانىستاننى تەسىر ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق پۈتۈن زېھنىنى ھىندىستانغا مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. تالىباننىڭ 2021-يىلى قايتىپ كېلىشى ئەسلىدە بۇ دوكترىننىڭ غەلىبىسى دەپ قارالغان ئىدى.
ئەمما ئەھۋال ئەكسىچە بولدى. تالىبان پاكىستان خەلقئارالىق چېگرا سۈپىتىدە كۆرۈپ كەلگەن دۇراند لىنىيىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى. پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ پاكىستانغا بىر قاتار ھۇجۇملارنى قىلدى، ئافغانىستان تالىبانلىرى بولسا ئۇلارغا قارشى كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى خالىمىدى. موللا ياقۇب 30-ماي كابۇلدا تۇرۇپ، ئۇ روسىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ پات يېقىندا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە «پاكىستاننىڭ ئافغانىستان زېمىنىغا قايتا ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى؛ بۇ پاكىستاننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئافغانىستان چېگرا ئۆلكىلىرىگە قىلغان ھاۋا ۋە راكېتا ھۇجۇملىرىغا قارىتىلغان ئىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئىككى پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى بۇ تەھدىتكە رەددىيە بەرگەن. ئۇلار روسىيە كېلىشىمىنىڭ پاكىستاننىڭ كەلگۈسىدە «تېررورلۇق لاگېرلىرىنى نىشانلىغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى» توختىتىپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسلامئابادتىكى دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ياردەمچى پروفېسسورى گۈلئايشە باتتى بۇ كېلىشىمنى ئاساسەن سىمۋوللۇق دەپ قارىغان ۋە ياقۇبنىڭ سۆزىنى كابۇلنىڭ روسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنىڭ بىر بېشارىتى دەپ چۈشەندى.
ئۇ روسىيەنىڭ ھازىر ئۇكرائىنانىڭ چوڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا «روسىيە ياكى باشقا بىرەر دۇنيا كۈچىنىڭ كابۇلنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئارتۇقچە ئىقتىدارى يوقلىقىنى» كۆرسەتتى. ياقۇبنىڭ ئايرودرومدىكى باياناتىدىن ئىككى كۈن كېيىن، ئىسلامئاباد ۋە خىتاي ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى يېڭى ھەمكارلىق پىلانىنى ئېلان قىلغان.
ھەقىقەتەن دېيىلگەندەك، رۇسىيە ھازىر ئوكرائىيانادا ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئەمما ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە شۇنداقلا خىتاي ئۈچۈن ئافغانىستاننى كىمنىڭ باشقۇرۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى قانداق باشقۇرۇشى ۋە ئافغانىستاننىڭ مۇقۇملىقى. چۈنكى دائىش ئوتتۇرا شەرقتە ئاساسەن يوق قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن دائىش خوراسان پات-پات بىر قاتار تېرورلۇق ھوجۇملىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئافغانىستاننىڭ ئىچىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تالىبانغا تولۇق بويسۇنماسلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە تالىباننىڭ زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش ئىدىئولوگىيسى ۋە قابىلىيەتتىن مەھرۇم بولۇشى، بۇ رايۇننى خەتەرلىك رايۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇھىم. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەر قانداق بىرى مۇقۇمسىزلىققا دۇچ كەلسە بۇ رۇسىيەنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچۇرتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسى ۋە بىخەتەرلىك قالىقىنىدۇر، ئافغانىستان بولسا يوشۇرۇن بىخەتەرلىك تەھدىدى شەكىللەندۈردىغان دۆلەت. شۇڭا رۇسىيە ئافغانستان ۋەزىيتىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بولىدۇ. رۇسىيە-ئافغانىستان ئارسىدىكى مانا بۇ ئورتاق مەۋجۇتلۇق تەھدىدى، بىر زاماندىكى ئۆز-ئارا «قەبىھ دۈشمەنلەر» نى ئىتتىپاقداشقا ئايلاندۇردى.
بۇ يەردىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە دائىش خوراساننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىغا قېتىشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىدۇر. دائىشنىڭ ئون نەچچە يىل جەريانىدا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئىنسانلارنىڭ ئېڭىغا قېزىۋەتكەن سەلبى ئوبرازى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەشكىلاتقا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيەنىڭمۇ بۇ تەشكىلاتنى بىرنجى دەرىجىلىك تېرورلۇق تەھدىدى دەپ قاراۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ مەسىلىنىڭ تولىمۇ زىل ۋە ئىھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
Firstpost. (2026). Afghanistan’s Taliban and Russia Sign Military Pact; What it Means | Vantage on Firstpost | 4K [Video]. YouTube.
Hoge, E. (2025, July 15). The Awkward History of Russia’s Recent Recognition of the Taliban. Lawfare.
India’s World. (2026, June 6). Why Has Russia Embraced the Taliban? Moscow’s Kabul Pivot, Explained. India’s World.
Jalal, M. F. (2026, June 9). The Taliban, Russia, and the Future of Relations with America. Hasht-e Subh.
Millî İstihbarat Akademisi. (2024, May 17). Terörizmle Mücadele ve Türkiye: DEAŞ/Horasan Yapılanması [Report]. https://mia.edu.tr/uploads/f/17052024_2.pdf
