
ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى
17-ئىيۇن كېچىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ (ۋېرسالدا) بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پېزېشكىيان (ئىراندا) داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى توختىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن14 ماددىلىق كېلىشىمنامە ئىمزالىدى. ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشچە، بۇ 47 يىللىق دۈشمەنلىكتىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى كېلىشىم بولۇپ، نويابىردىكى ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن بۇرۇن رايوندىكى بومباردىماننى ۋاقىتلىق توختىتىش ۋە بېنزىن باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلىغان.
كېلىشىمنىڭ كونكرېت ماددىلىرىغا ئاساسەن، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەت ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەيدىغان ئاخىرقى كېلىشىم ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن 60 كۈنلۈك سۈلھىگە قەدەم قويىدۇ. ئۇنىڭ بەدىلىگە، ئىران نېفىت ئېكسپورتىدىكى مۇھىم جازالار كەچۈرۈم قىلىندۇ ۋە ئىراننىڭ توڭلىتىلغان مىلياردلىغان مۈلكى قويۇپ بېرىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇ كېلىشىملەرنىڭ تەپسىلاتلىرى مۈجمەل ۋە تالاش-تارتىشلىق. ئامېرىكا ئەگەر ئىران كېيىنكى 60 كۈن ئىچىدە بەزى ۋەدىلەرنى ئورۇندىسا، ئاندىن ئىراننىڭ مۈلكىنى ئەركىن قويۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمما بۇ «بەزى ۋەدىلەر» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كېلىشمدە ئامېرىكا پارس قولتۇقدىكى ئەرەب شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە «كەم دېگەندە 300 مىليارد دوللار» لىق قايتا قۇرۇش فوندى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما پارس قولتۇقى ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى بومباردىمان قىلغان بىر دۆلەتكە پۇل سېلىشقا ھېچقانداق قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېيتىشماقتا. شۇنداقلا قىززىقارلىق بولغىنى، ترامپ ئامېرىكا بۇ پۇلنى چىقارمايدۇ، دېگەن.
ترامپ ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى ئىران ھەرگىز يادرو بومبىسى ياسىمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەدىنى ترامپ غەلبە دەپ تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئۆزىگە قارىتىلغان تەنىقىدلەرگە قارشى ئىشلتىدۇ. ئەمما،مۇتەخەسسىسلەر ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاندۇرۇشىغا جەزملەشتۈرگىلى بولىدىغان، مەڭگۈلۈك چەكلىمە قويۇلمىسا، بۇ نازۇك كېلىشىمنىڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئەمەس، بەلكى ۋاقىتلىق ئارام ئېلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كېلىشىم لايىھەسىدە لىۋاندىكى ئۇرۇشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ يېرۇسالېمدىكى باش ئەلچىسى مايك خاككابىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كېلشىم ھىزبۇللاھنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تۇتمايدىكەن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي لىۋاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلمايدۇ.
ئوكرائىينا ئۇرۇشىدا يەنىلا رۇسىيە ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىمەكتە
2026-يىلى 15-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى، رۇسىيە ئوكرائىينا پايتەختى كىيېۋ ۋە شەرق شىمالدىكى خاركىۋغا 611 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە 70 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھوجۇم قىلدى. رۇسىيەنىڭ كەسكىنلىشۋاتقان ھاۋا ھەرىكىتى ئۇلار دۇچ كەلگەن قۇرۇقلۇقتىكى ئېغىر ئاجىزلىقلاردىن كېلىپ چىققان. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسىملىرى رۇسىيەنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. جەڭ مەيدانىدىكى بۇ خوراش رۇسىيەنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ،ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان.
رۇسىيە باللىستىك بومبا جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېگە بولۇپ ئۇكرائىنا ھەربىي ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، موسكۋا تەرەپ پەقەت مۇشۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا تەخمىنەن 700 دانە «ئىسكەندەر» ناملىق قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باللىستىك بومبا، 60 دانە ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىلىدىغان «كىنجال» ئاۋىئاتسىيە باللىستىك بومبىسى ۋە 30 دانە «زىركون» ئاۋازدىن تېز قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقارغان.
باشقۇرۇلىدىغان بومبا قەھەتچىلىكىگە دۇچ كەلگەن ئۇكرائىنا، تەمىنات لىنىيىلىرىنى نىشان قىلغان ئۇزۇن مۇساپىلىك، يېرىم ئاپتوماتلاشقان درون ھۇجۇمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا، بۇ ھۇجۇملار قىرىمدا بېنزىن قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ۋە 6-ئاينىڭ بېشىدا سانت پېتېربۇرگ پورتىغا زەربە بەردى. ئەمما، بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت نىسبىتى ئاران %2 تىن %35 كىچە بولماقتا.
مۇداپىئە جەھەتتە، ئۇكرائىنا ئادەتتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ %90 تىنى توسۇپ قالالىسىمۇ ، ئەمما، ئىلغار باللىستىك بومبىلارنى توسۇش يەنىلا مەغلۇبىيەتلىك جەڭ بولۇپ قالماقتا، يېقىندىن بېرى رۇسىيەنىڭ تېز سۈرئەتلىك بومبىلىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئوكرائىينا مۇداپىئە لىنىيىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇكرائىنانىڭ بىردىنبىر ئىشەنچلىك قالقىنى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن پاترىئوت (Patriot) سىستېمىسىدۇر. ئەمما ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن پاترىئوت توسۇش بومبىلىرىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك قىسلىقى ئوكرائىينانى رۇسىيەنىڭ ھوجۇمىنى توسيالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.
زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلدىغان بومىبىسىنى سىناق قىلىشقا «ناھايىتى يېقىنلاپ قالغانلىقىنى» ئېيتتى. شۇنداقتىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۈستۈنلۈكى داۋام قىلماقتا. ھەتتا 10-ئايدىن بۇرۇن، يېڭى بىر ئەۋلاد تېز سۈرئەتلىك، رېئاكتىپ ماتورلۇق، خىتاي موتورلۇق شاھىد ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە ھاۋا ئەترىتىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ترامپ رۇسىيەگە قارشى ئىمبارگونى قوللىدى
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا تەرەپلەر ئۇكرائينانىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلىكىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزۈشكە ۋەدە بېرىدىغان بايانات ئېلان قىلدى. ترامپ بۇ باياناتنى قوللىدى. فرانسىيەنىڭ كۆل بويىدىكى ئېۋىيان-لېس-باينىس دەم ئېلىش ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان تىرامپ ، زېلېنىسكى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشىنى «ناھايىتى ياخشى» دەپ تەسۋىرلىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى: «رۇسىيە بىر كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىمەن» دېگەن.
ياۋرۇپا پارلامىنتى ئاقىن گۈرلەككە كىشىلىك ھوقۇق جازاسى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى
ياۋروپا پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەككە قارىتا كىشىلىك ھوقۇق جازاسىنى ئويلىشىشقا چاقىرىلغان بىر دوكلاتنى قوبۇل قىلدى. قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار سىتراسبۇرگدىكى ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدە، 107 گە قارشى 381 ئاۋاز بىلەن بۇ قارارنى تەستىقلىدى.ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جازا سىستېمىسىدىكى تەدبىرلەر ساياھەت چەكلىمىسى، مۈلۈكنى توڭلىتىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كىشىگە پۇل ياكى باشقا ئىقتىسادىي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىشىنى مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتى دوكلاتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى توڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەدبىرلەرنى ئويلىشىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.
گۈرلەك 2024-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ، پرېزىدېنت ئەردوغان ئۇنى 2026-يىلى فېۋرالدا ئەدلىيە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگۈچە ئىستانبۇل باش تەپتىشى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ باش تەپتىش بولغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلى ۋە ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى (CHP) نىڭ باشقا ئەزالىرىنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلغان.
ئەردوغاننىڭ ئاساسلىق سىياسىي رىقابەتچىسى دەپ قارالغان ئىمامئوغلۇ 2025-يىلى مارتتىن باشلاپ سوتنى كۈتۈپ تۈرمىدە ياتماقتا. ئۇ ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى (CHP) ئۆزلىرىگە قويۇلغان جىنايى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى ۋە بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ مەقسىتى ئەردوغاننىڭ رىقابەتچىلىرىنى سىياسەتتىن چەتكە قېقىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما ئاۋاز بېرىش رەسمىي جازا يۈرگۈزگەنلىك بولمايدۇ. شۇڭا بۇ قارار مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، ھەمدە گۈرلەكنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزمەيدۇ.تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقنىڭ 27 ئەزا دۆلىتىگە ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ ئايرىم قارار چىقىرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
دوكلاتنى تەييارلىغان ئىسپانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە ئىشلىرى بويىچە دائىمىي دوكلاتچىسى ناچو سانچېز ئامور تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەدلىيەنى سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى (CHP) ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنى نىشان قىلغان سوت تەرتىپلىرىنى سىياسىي كۆپ خىللىق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ دەلىلى دېگەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى سوت مەھكىمىلىرىنى كونترول قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى ۋە ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەكىتلىگەن. گۈرلەك تۈركىيە ئەدلىيەسىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى (AKP) نىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ بۇ تەكلىپنى ئەيىبلەپ، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنى تۈركىيەنىڭ بىر مىنىستىرىنى نىشانغا ئالدى دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي قازاقىستاننىڭ يېڭى «دۇبەي» قۇرۇشىغا ياردەم قىلىدۇ
خىتاي قازاقىستاننىڭ ئالاتاۋ شەھىرىنى يېڭى بىر «دۇبەي» قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرمەكچى. بۇ قۇرلۇش پرېزىدېنت قاسىم-جومارت توقايېۋنىڭ تارىخى خاراكتېرلىك تەشەببۇسى دەپ قارالماقتا.يېقىندا شېنجېن خىتاي ۋە قازاقىستان ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە 24 خىل ئوخشىمىغان تۈر ئۈستىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن پىكىر بىرلىكىگە كەلدى، قازاقىستان ئەمەلدارلىرى ئالاتاۋ شەھىرىنى رايون خاراكتېرلىك مالىيە ۋە رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىماقتا، شۇنداقلا «سىجىللىق، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان، قازاقىستاندىكى شەھەر تۇرمۇشىنىڭ كەلگۈسىنى قايتىدىن بەلگىلەشنى نىشانلىغان كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن شەھەر مەركىزى» دەپ تەرىپلىمەكتە. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، «كېيىنكى ئەۋلاد باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش، ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى، زامانىۋى يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئېلېكترونلۇق قاتناش ۋە زەرەتلىمەك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سانائەت كارخانىلىرىنى قۇرۇش، ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى، قۇرۇلۇش، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر تېخنىكىلىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردا كېلىشىملەر ئىمزالاندى». كېلىشىملەرنىڭ يوشۇرۇن قىممىتى 6 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن.
سۈرىيە ئىران ئۇرشىدا پاپدا ئالغان دۆلەت بولۇپ قالدى
ئەھمەد شارا رەھبەرلىكىدىكى يېڭى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئىران ئۇرۇشىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتدارىغا ئايلاندى. ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشىدىن كېيىن، دۇنيادىكى ئالتىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغان ئىراق، نىفىت ساقلاش باكلېرىنىڭ تولۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن، 3-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشنى %80 قىسقارتىشقا مەجبۇر بولدى. قورشاۋنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ۋە كۈنىگە 4 مىليون تۇڭلۇق مۇھىم نېفىتنى يۆتكەش ئۈچۈن، ئىراقنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى SOMO شىركىتى ئۈچ ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنى تەكلىپ قىلىپ، يېڭىدىن ئېچىلغان ئەل-ۋالىد چۆل ئۆتكىلى ئارقىلىق ئايدا 650،000 توننا نېفىتنى بىۋاسىتە سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا توشۇتماقتا.
ئىراقنىڭ شىئەلەر كونتروللۇقىدىكى ھۆكۈمىتى بىلەن سۈرىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سۈننىي ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر تارىخىي ۋە مەزھەپ جېدەللىرىگە بولسىمۇ، سودا رېئاللىقى غەلىبە قىلدى. كۈنىگە 1000 دىن ئارتۇق ئىراق يۈك ماشىنىسى 860 كىلومېتىرلىق يولنى بېسىپ، بانياس تېرمىنالىغا قاراپ ئاقماقتا. ئىراق توشاپ كەتكەن نىفىت ئىسكىلاتلىرىنى بوشىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادى قىممەت ياراتقان بولسا سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ كۈنىگە 1 مىليوندىن 2 مىليون دوللارغىچە ئۆتۈش ۋە قوغداش ھەققىگە ئېرىشمەكتە ۋە ئۆزىنىڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيتىگە ئېگە بولماقتا.
بەلۇجىستان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن پاكىستان تالىبانلىرى ئىتتىپاق قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2- ئىيۇن كۈنى، پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) ھەربىي كومىتېتى ئافغانىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدا بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيىسى (BLA) نىڭ پىدايىلار بىرىگادىسى — مەجىد بىرىگادىسىنىڭ رەھبىرى قوماندان بەشىر زەب بىلەن كۆرۈشكەن. 24-مايدىكى قانلىق ۋەقەدىن بىر نەچچە كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۆرۈشۈش، قوراللىق تەشكىلاتلار ھەمكارلىقىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىككى گۇرۇپپا پاكىستان ئارمىيىسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ماسلاشتۇرۇلغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا خەيبېر پانتونخۋا ۋە بەلۇجىستاندىكى زېمىن كونتروللۇقىنى كېڭەيتىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇلارنىڭ كۈنتەرتىپى يېڭى مەشىق لاگېرلىرىنى قۇرۇش، چېگرا ھالقىغان تورنى كۈچەيتىش ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئارقىلىق پۇل مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
پاكىستاننىڭ ئىرانغا قارشى قوراللىق گۇرۇپپا «جۇندۇللاھ»نى قايتا جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا
يېقىنقى ئاخباراتلارغا قارىغاندا، پاكىستاننىڭ ئىلگىرى ئىرانغا قارشى ئىسيانچىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ بولغان قوراللىق گۇرۇپپا «جۇندۇللاھ»نى قايتا جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ئۆلكىسىدىكى بەھرامچە چېگرا رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇ يەردە كەڭ كۆلەملىك مەشىق لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقى ئېيتىلماقتا. مەلۇماتلاردا جۇندۇللاھنىڭ قورال-ياراغ ۋە تويوتا ھىلكس ئاپتوموبىللىرى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى، بۇنىڭ ئۇنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
گۇرۇپپىنىڭ ھەرىكەت مەقسىتى ئىراننىڭ سىستان ۋە بېلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى ھۇجۇملارغا قارىتىلغاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ رايون ئاللىبۇرۇن ئىسيانچىلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ۋە مەزھەپ تۇراقسىزلىقىغا ئاسان پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەرەققىيات ۋاكالەتلىك ئۇرۇشنىڭ قەستەن كۈچەيتىلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ؛ پاكىستان قوراللىق كۈچلەر ئارقىلىق تېھرانغا بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستاننىڭ ئاجىز جەنۇبىي غەربىي چېگرا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى قايمۇقتۇرماقتا.
بۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسىرى چوڭقۇر: ئىران چېگرا بىخەتەرلىكىنى ۋە يوشۇرۇن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن، ئافغانىستان بولسا قايتىدىن چېگرادىن ھالقىغان قوراللىق ھەرىكەتلەرنىڭ بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ قايتا جانلىنىش ئۈچ دۆلەت چېگرا رايونىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تۇراقسىزلىقىنى ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.
پاكىستاندا خىتاي ۋە پاكىستان ئارمىيسىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپلار بىرلىشىشى مۇمكىن
بەزى مەخپىي ئۇچۇرلار پاكىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋەزىيىتىنىڭ زور بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە. ھافىز گۈل باھادۇر (HGB) تورى ئىچىدىكى مەنبەلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2026-يىلى ئىيۇل ئېيىدا بەلۇجىستاندا «ئىتتىھادۇل مۇسلىمىن» (مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يىغىن ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈلمەكتە. بۇ يىغىنغا ھافىز گۈل باھادۇر تورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىلار، جۈملىدىن «جەيشى ئۆمەر كارۋىنى» ۋە «ئەل-بەدر ئىستىشھادى» (پىدايىلار) باتالىيونى بىلەن بىرلىكتە بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى (BLA) ۋە بەلۇجىستان ئازادلىق فرونتى (BLF) غا ئوخشاش بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنىڭمۇ جەم بولىدىغانلىقى ئېلگىرى سۈرۈلمەكتە.
پىلانلىنىۋاتقان » يىغىن پەقەت بىر تاكتىكىلىق ماسلىشىشلا ئەمەس، بەلكى بىر ئىدىيەۋى بىرلىككە ۋە كىللىك قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تەشكىللىگۈچىلەر دىنىي قانۇنلۇققا تايىنىش ئارقىلىق، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ۋە ئادەتتە ئۆزئارا پەرقلىق بولغان قوراللىق ئېقىملار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا. ئانالىزچىلار ئەگەر بۇ ئىتتىپاق رېئاللىققا ئايلانسا، بۇ پاكىستاندىكى ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ قوراللىق بىرلىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.
بەزى ئاخباراتلارغا قارىغاندا رەسمىي بىر كېلىشىم ئىككى ئاساسلىق نىشانغا قارىتا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان بىرلەشمە باياناتقا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى نىشان 1) پاكىستان ئارمىيەسى ۋە 2) بەلۇجىستاننىڭ كانچىلىق ۋە ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىدىن ئىبارەت.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2026-يىلى يانۋاردا ئەل-بەدر ئىستىشھادى باتالىيونى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، مۇقىم مىقداردا قوغداش پۇلى تەلەپ قىلغان. ئەگەر تەلەپلەر رەت قىلىنسا، پىدايىلار ھۇجۇمى ۋە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەركەت پىلانلىرىنىڭ تۈزۈلگەنلىكى قەيىت قىلىنماقتا.
تەھرىكى تالىبان پاكىستان (TTP) ئاللىبۇرۇن بەلۈجىستان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە ئىدىيەۋى جەھەتتىن مەدەت بەردى. 2025-يىلى نويابىردا، ئۇنىڭ مەركىزى كېڭىشى بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قوزغىلىڭىنى «قانۇنلۇق» ۋە «شەرئىي» دەپ ئېلان قىلغان، ھەتتا بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پىدايى ھۇجۇمچىلىرىنى «ئۆز زېمىنىنى قوغداۋاتقان شېھىتلار» دەپ تەسۋىرلىدى. كۆزەتكۈچۈلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ قوللاش بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنى رىغبەتلەندۈرگەن ۋە گۇرۇپپىلار ئارا تېخىمۇ چوڭقۇر ئالاقىنى ئاسانلاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
