
ترامپ بىلەن ئىران يەنە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بايانات بەردى.
ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىران بىلەن بولىدىغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئۇ بۇ كېلىشىمنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى «ھەممەيلەن»گە ئاچىدىغانلىقىنى ۋە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى سېتىۋېلىش ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى بولسا تەپسىلاتلارنىڭ «تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى» ۋە يەكشەنبە كۈنى ئىمزالاشنىڭ «قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى» بىلدۈرگەن.
ئوربان يەنە سايلاندى
ۋېنگىرىيەنىڭ ئوڭچىل پاپۇلىست فىدېز (Fidesz) پارتىيەسى ۋىكتور ئورباننى 4-ئايدىكى چوڭ سايلامدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، يەنە رەھبەرلىككە سايلىدى. ھېچقانداق رىقابەتچىگە دۇچ كەلمىگەن سابىق باش مىنىستىر ئوربان 737 ۋەكىلنىڭ 729 نىڭ قوللىشى بىلەن يەنە بىر يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىگە ئېرىشتى. ئوربان قوللىغۇچىلىرىغا قىلغان سۆزىدە «ستراتېگىيەلىك خاتالىقلار» نىڭ مەسئۇلىيتنى ئۈستىگە ئالغان ۋە 1993-يىلىدىن بۇيان ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ياۋروپانىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى قىيىنچىلىقى
ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە ۋە فرانسىيە، ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى ئەۋلاد قىرغۇچى ئايروپىلان ياساش تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كەچتى. سەۋەبى بولسا فرانسىيە ۋە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى خىزمەت تەقسىماتى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلالمىغان. گېرمانىيە ھازىر باشقا تاللاشلارنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بىرىنچىسى، ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان «يەر شارى ھاۋا ئۇرۇشى پىلانى» (GCAP) غا قاتنىشىش بولۇشى مۇمكىن. بۇ پىلان 2035-يىلغىچە ئەنگلىيەدە «Tempest» دەپ ئاتىلىدىغان ئايروپىلاننى ئىشلەپچىقارماقچى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇشتا قىينىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ تۈر ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىرلىشمە توختامغا ۋەدە بېرەلمىگەن. بۇ ياپونىيە رەھبەرلىرىنى بىئارام قىلماقتا. ياپونىيە باش مىنىستىرى تاكايىچى سانائې يەكشەنبە كۈنى لوندوندا زىيارەتتە بولۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئەنگلىيە ( سىر كېير ستارمېر) بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلماقچى. ئۇلار بۇ ئايروپىلان تۈرىگە گېرمانىيەنىڭ مەبلىغىنى ئېلىپ كىرسە ھەممە تەرەپ ئۈچۈن ياخشى بولۇشى مۇمكىن .
خىتاي شىركىتى BYD تۈركىيەنى ئالدىدى
خىتاينىڭ گىگانت ئاپتوموبىل شىركىتى BYD، 2024-يىلى ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ مانىسا شەھرىگە سېلىندىغان 1 مىليارد دوللارلىق مەبلىغىدىن ۋاز كەچتى. مەزكۇر مەبلەغ سېلىشقا دائىر ئىمزا، 2024-يىلى ئىيۇلدا دولماباغچە سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىۋاستە قاتنىشىشى بىلەن قويۇلغانىدى.
ئىلگىرى يىلىغا 150 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان زاۋۇتنىڭ 2026-يىلى ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى ۋە 5 مىڭ كىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە مانىسادىكى زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق قەدەم بېسىلمىغان.
BYD مەسئۇللىرى ئەردوغاننىڭ ئالدىدا مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن 2024-يىلى ئىيۇلدا، ھۆكۈمەت بۇ شىركەتنى باجدىن كەچۈرۈم قىلغانىدى.بۇنىڭغا ئاساسەن، شۇ مەزگىلدە چىقىرىلغان قارار بىلەن، تۈركىيەدە مەبلەغ سالغان خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ئاپتوموبىللىرى %40 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان ۋە تۈركىيەگە 53 مىڭ ماشىنا ئەكىرگەن. بۇنىڭ تۈرتكىسدە تۈركىيەدە 2024-يىلى جەمئىي 8 مىڭ 331 دانە بولغان BYD سېتىلىش مىقدارى، كېيىنكى يىلى 45 مىڭ 537 گە ئۆرلەپ 1800% لىك ئېشىش ياراتقان.
ھازىر مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق BYD تۈركىيەگە 38.5 مىليارد لىرا باج زىينى سالغان شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ يەرلىك ماشىنىسى TOGG نىڭ ئەڭ ئاز 40 مىڭ دانە سېتىلىشغا توسقۇنلۇق قىلغان. يەنى BYD تۈركىيە بازرىغا كىرمىگەن، ياكى باج ئىتىبارىغا ئېرىشمىگەن بولسا 40 مىڭ دانە TOGG سېتىلغان بولاتتى.
بۇ ھەقتىكى DW نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە شىركەتنى مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن قويغان ئىمزاسىغا سادىق قېلىش يۆنىلىشىدە قايىل قىلىشقا تىرىشقان، ئەمما «جۇمھۇر رەئىس دەرىجىلىك تەشەببۇسلارغا قارىماي» بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىز قالغان.
رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان BYD مۇئاۋىن رەئىسى ستېللى لى، ھازىرقى بىرىنچى مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ۋېنگىرىيە ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچى بولۇپ «ياۋروپادا بىر ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى تېپىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. BYD نىڭ ياۋروپادىكى تۇنجى زاۋۇتى بولغان ۋېنگىرىيە ئەسلىھەسىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدا باشلىنىشى پىلانغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى سايلامدا 16 يىللىق مۇستەبىت، خىتاي ۋە رۇسپەرەس ۋىكتور ئوربان ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى ۋە ياۋروپانى قوللايدىغان يېڭى ھۆكۈمەت سايلاندى. بۇ تەرەققىياتنىڭ ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى فوندلىرىغا ئېرىشىشكە ئوخشاش سودا مۇھىتى ۋە ئىقتىسادنى قوللايدىغان يۆلىنىشتە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىدە يۇقىرى دەرىجىلىك چەتئەللىك جاسۇس كىرزىسى
تالىبانلارنىڭ ئەسلىدە «ھەقىقىي» مۇجاھىدلارنى «پۇرسەتپەرەس يېڭىدىن كەلگەنلەر» دىن ئايرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ساپلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسىدە كەسكىن ئۆزگىرىش بولدى. ساپلاشتۇرۇش كومىتېتى ئەسلىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق ئارقا كۆرۈنۈش جەدۋىلىنى تاپشۇرۇش تەلىپىدىن ۋاز كەچتى. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى چەتئەل ئاخبارات تورى بىلەن ئالاقىسى بار تالىبان ئەزالىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىش تالىبان گۇرۇھلىرى ئارىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىشەنچسىزلىكنى ھەمدە ھەربىي-خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن قەندەھارنى بازا قىلغان سىياسىي رەھبەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى يېرىلىشنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
بولۇپمۇ مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئومۇمىي ئاخبارات ئىدارىسى ئارىسىدىكى ئىچكى تالاش-تارتىشلار چەتئەل ئاخبارات كۈچلىرى بىلەن يوشۇرۇن مۇناسىۋەتنى ساقلاش-ساقلىماسلىق مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن. پاكىستان ئىستىخبارات تەشكىلاتى (ISI) ۋە ئىران جاسۇسلۇق تورلىرىنىڭ تالىبان سېپىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، خەۋپسىزلىك قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ۋە قورال ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
پاكىستان ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ تالىبان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا، بولۇپمۇ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى 1) تالىبانلارنىڭ ھەربىي قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش، 2) چېگرا ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش 3) TTPغا قارشى ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش 4) دائىش خوراسان (ISKP) دىن ۋاكالەتچى سۈپىتىدە پايدىلىنىش مەخسىدىگە ئېگە دەپ قارالماقتا.
ئىران ئىستخباراتىنىڭ بولسا 1) سۈننىي ئەسەبىي گۇرۇھلارنى كۆزىتىش، 2) غەربىي چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش 3) تېھران بىلەن تارىخىي ئالاقىسى بار تالىبان قوماندانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
بولۇپمۇ پاكىستان ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار تەرەپلەرنىڭ دائىش – خوراسان (ISIS-K ) نى ۋاسىتە قىلىپ، خىتاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل مەنپەئەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە شۈبھىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەرەققىياتلار تالىباننىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىغا ۋە ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىپ، ئىچكى تازىلاش، گۇرۇھلارغا پارچىلىنىش ۋە كەسكىنلەشكەن ۋاكالەت توقۇنۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.
بۇنداق ئەھۋالدا كەلگۈسىدە
تالىبان سېپىدە ئىچكى تازىلاش، تۇتقۇن قىلىش ۋە غايىب بولۇش ئەھۋاللىرى كۆپىيىشى مۇمىكىن.
ئەگەر كابۇل گۇرۇھلىرى ISI نىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرسا، پاكىستان-تالىبان مۇناسىۋىتى تۇراقسىز باسقۇچقا قەدەم قويۇشى مۇمكىن.
رىقابەتلىشىۋاتقان ئاخبارات ئورگانلىرى ۋاكالەتچى تورلارنى قورال قىلغاچقا، بولۇپمۇ شەھەر مەركەزلىرىدە ISKP ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىشى مۇمكىن
پاكىستان ئارمىيەسى ئافغانىستانغا ھاۋادىن بومباردىمان ئېلىپ باردى
2026-يىلى 10-ئىيۇن كەچتە، پاكىستان ئارمىيەسى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ھاۋادىن بومباردىمان ئېلىپ بېرىپ، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان 13 ئافغانىستانلىق پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە نۇرغۇن كىشىنى يارىلاندۇرغان. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خەۋپسىزلىك ھەرىكىتى نىقابى ئاستىدا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى نىشانغا ئېلىش، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا پىسەنت قىلماسلىقنى ئاشكارىلاپلا قالماي، يەنە رايوننى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرىدۇ.
ھەپتە ئاخىرىدىكى شەخس: ئايىكو- ياپونىيە تەختىدىن مەھرۇم قالغان مەلىكە
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە، ئىمپېراتور نارۇھىتونىڭ قىزى، 24 ياشلىق مەلىكە ئايكو خەلقنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى، كىشىلەر ئۇنىڭغا خۇددى بىر چولپانغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى. گەرچە ئۇنىڭ نوپۇزى يۇقىرى ۋە ئىمپېراتورنىڭ بىردىنبىر پەرزەنتى بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيەنىڭ تەخت ۋارىسلىق قىلىش قانۇنىدا ۋارىسلىق قىلىش پەقەت ئەر جەمەت لىنىيىسىدىكى ئەرلەر بىلەنلا چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تەختكە ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ياتلىق بولغاندا، ئۇ يەنە خان جەمەتى سالاھىيىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان ۋارىسلىق قىلىش كىرىزىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: ھازىر ياپونىيە خان جەمەتىدە ئەر ۋارىسلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، نۆۋەتتە پەقەت بىرلا ياش شاھزادە ۋارىسلىق تىزىملىكىدە قالدى. ئۇ بولسىمۇ نارۇھىتونىڭ جىيەنى، 19 ياشلىق شاھزادە خىساھىتو. ئەگەر ئۇنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى بولمىسا، 2700 يىللىق ئىمپېراتورلۇق نەسلى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
مەلىكە ئايكو ئاقكۆڭۈل ۋە جەسۇر خاراكتىرى بىلەن ياپۇنىيە جەمئىيتىدە تولىمۇ ئالقىشقا سازاۋەر بولۇپ بۇ ئەھۋال ئىسلاھات ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارنى قوزغاتتى ۋە ياپونىيە سىياسىيونلىرى بۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتى. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاساسلىق سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى «خان جەمەتى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خان جەمەتىدىكى ئاياللارنىڭ تويدىن كېيىن خان جەمەتىدە قېلىشىغا رۇخسەت قىلىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى. راي سىناشتا %90 ياپونىيەلىكلەر ئاياللارنىڭ ئىمپېراتور بولۇشىنى قوللىسىمۇ ئەمما مەۋجۇت قانۇندا ئاياللارنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى يەنىلا چەكلىنىدۇ.
