
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2026-يىلى 9-ئىيۇن چاۋشىيەن رەھبىرى كىم جۇڭ ئۇننىڭ تەكلىپى بىلەن پيوڭياڭدا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. سۇنان خەلقئارا ئايرودرومىدا شى جىنپىڭنى چاۋشىيەنرەھبىرى كىم جوڭئۇن، قوللىرىدا بايراقلارنى پۇلاڭلىتىۋاتقان مىڭلىغان چاۋشىيەنلىكلەرنىڭ «مەجبۇرى خۇشاللىقى» ۋە 21 پاي زەمبىرەك ئېتىش مۇراسىمى بىلەن قارشى ئالدى. بۇ قېتىملىق زىيارەت شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چاۋشىيەن زىيارىتى، شۇنداقلا 2026-يىلىدىكى تۇنجى چەتئەل زىيارىتى بولۇپ، كىم جۇڭئۇننىڭ ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن. پيوڭياڭ تەنتەربىيە سارىيىدىكى ھەشەمەتلىك كونسېرت ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇ يەردىكى يوغان ئېكراندا «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگۇ» (Wo ai ni Zhongguo) دېگەن خەت چىقىپ تۇرغان.
كۇمسۇسان مېھمانسارىيىدىكى رەسمىي سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى رەھبەر ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتكە «كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى» بېغىشلاشقا، شۇنداقلا سودا، يېزا ئىگىلىكى، تېخنىكا ۋە ھەربىي ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. شى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنى «يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى» دەپ تەسۋىرلىگەن ھەمدە خەلقئارا ۋەزىيەتتە «قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر»، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. كىم جوڭ ئۇن ئۆز نۆۋىتىدە ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلىقنى «بۇزۇلماس ۋە تەۋرەنمەس» دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن «غايەت زور ئىلھام» دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، رەسمىي ئاخباراتلاردا «يادروسىزلاشتۇرۇش» ھەققىدە ھېچقانداق سۆزلەر تىلغا ئېلىنمىغان، ئەكسىچە ئورتاق «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشتىكى بۈيۈك روھ»قا ئەھمىيەت بېرىلگەن.
چاۋشىيەن تولىمۇ سىرلىق بىر دۆلەت. خەلقئارا سىسېىمىدىن ئاساسەن سىقىپ چىقىرىلغان ئەمما خەلقئارا سىستېمىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئېگە؛ پۇخرالىرى كۈندە قورسىقىنى تويغۇزالىشنى ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دەپ قارايدىغان دەرىجىدە كەمبەغەل (ھەتتا چاۋشىيەنلىك قىز-ئاياللار ئەركىنلىككە ۋە قورسىقىنىڭ تويىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قولىدىن كەلسە يالۇجىياڭ دەرياسىدىن ئوغۇرلىقچە ئۆتۈپ بىر قانچە يىشىك تەييار چۆپكە دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى خىتايلارغا تېگىدۇ) ئەمما دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك خاككىر قوشۇنلىرىدىن بىرگە ئېگە؛ دۆلەت ئىچىدە تۈزۈك ئالىي مەكتەپ يوق ئەمما دۇنيادىكى بارماق بىلەن سانىغىلى بولىدىغان ئاتوم بومبىسىغا ئېگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى. چاۋشىيەن خىتاي ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاستە ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەت بولۇپ 1945- يىلىدىن 1991- يىلغىچە داۋاملاشقان سوغۇق مۇناۋسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مىۋىسىدۇر، شۇنداقلا خىتاي ۋە سوۋىت\رۇسىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتىگىيلىك ئەھمىيەتكە ئېگە دۆلەت. بۇ يازمىدا شى جىنپىڭنىڭ خىتاي زىيارىتى، خىتاي-چاۋشىيەن مۇناسىۋىتى تارىخى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ چاۋشىيەن رىقابىتى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قولىدىكى كوزۇرلار ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەقسەتلىرى تەھىلىل قىلىنىدۇ.
خىتاي چاۋشىيەن مۇناسىۋىتى تارىخى
شەكىللىنىش يىللىرى: خىتاي مەھسۇلاتى -كىم ئېل سۇڭ
خىتاي بىلەن چاۋشىيەن ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەت دائىم «لەۋ بىلەن چىشتەك يېقىن» دېگەن مەنىلىك ئوخشىتىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ، بۇ ئىبارىنى ماۋ زېدوڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەتنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان: «لەۋ» (كورېيە) بولمىسا، «چىش» (خىتاي) سىرتقى تاجاۋۇزچىلىقنىڭ سوغۇقىغا دۇچ كېلىدۇ. دائىم «قان بىلەن يۇغۇرۇلغان» دەپ تەسۋىرلىنىدىغان بۇ مۇناسىۋەت، پەقەت ئورتاق كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيەنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇمان، مەجبۇرىيەت ۋە سوغۇققانلىق بىلەن ھېسابلانغان پراگماتىك مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتۇر.
خىتاي-چاۋشىيەن ئىتتىپاقى يىلتىزى ھەر ئىككى دۆلەت رەسمىي قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىلا باشلانغان. 1912-يىلى تۇغۇلغان كىم ئېل سۇڭ ياشلىق يىللىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مانجۇرىيەدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ خىتايچە مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە 1931-يىلى چاشىيەندىكى بىر تەشكىلاتقا ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1930-يىللاردا، كىم خىتاي پارتىزان قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۆزىنى خىتاي ئىنقىلابىي سىستېمىسىنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرگەن. بۇ تارىخ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى كىم 1945-يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىگە ئاللىقاچان يېقىندىن تونۇشلۇق شەخس ئىدى.
بۈيۈك كۈچلەر ئۈچبۇلۇڭى
1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئۇلى سېلىندى، شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەت كىم، ماۋ زېدوڭ ۋە ستالىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپلىك كۈچ ئويۇنىغا ئايلاندى. 1949-يىلى ئاپرېلدا، كورېيە\چاۋشىيەن ئۇرۇشىدىن بىر يىل ئىلگىرى، كىم ئىل سۇڭ ماۋ ۋە جۇ ئېنلەي بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا مەخپىي ئەلچى ئەۋەتكەن. بۇ ئاشكارىلانمىغان كۆرۈشۈشلەردە، ماۋ ئىنتايىن مۇھىم بىر قارار ئالغان: يەنى خىتاي ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سېپىدە جەڭ قىلىپ تاۋلانغان ئۈچ تولۇق شىتاتلىق كورېيە مىللىتىدىن بولغان ئەسكەلەرنى قورال-ياراغلىرى بىلەن بىرگە كىم ئىل سۇڭنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
شۇنداقتىمۇ، ئۇ دەۋردىكى دۇنيا كوممۇنىزىم ئىنقىلابىنىڭ لىدىرى سوۋىت ئىتتىپاقى، يەنى ستالىن ئىدى. شۇڭا كىم ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيتىدە ستالىننىڭ قارارى مۇھىم ئىدى. ئىككى كورىيە ئايرىلىپ تۇرغان پەيتتە كىم ستالىندىن جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشقا رۇخسەت سورىغاندا، ستالىن شەرتلىك ھالدا «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ شەرت بولسا ماۋ چوقۇم قوشۇلۇشى كېرەك ۋە خىتاي يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق قۇرۇقلۇق قوشۇنى زاپاس كۈچى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىدى. تەھلىللەرگە قارىغاندا، ستالىن ماۋنى بىر خىل «كاپالەت» سۈپىتىدە ئىشلەتكەن بولۇپ، ئىشلار راۋان بولمىغان تەقدىردە خىتاينى ئارىلىشىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر ۋەزىيەتنى لايىھەلىگەن، بۇ ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ كەلگۈسى نەچچە يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسى ۋە قوللىشىغا تايىنىدىغان سىياسىي ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرمەكچى ئىدى.
كىم خاندانلىقنى ساقلاپ قالغان قارار
1950-يىلى 25-ئىيۇن باشلانغان تاجاۋۇزدا، چاۋشىيەن قىسىملىرى دەسلەپتە ئۈچ كۈن ئىچىدە سېئۇلنى ئىشغال قىلدى. شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قۇماندالىق مەركىزىنىڭ باش قۇماندانى گېنېرال دوگلاس ماك ئارتۇرنىڭ 1950-يىلى سېنتەبىردىكى «ئىنچوندا قۇرۇقلۇققا چىقىشى» چاۋشىيەن ئارمىيەسىنى تارمار قىلىپ، يېرىم ئارالنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى ۋە 19-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوشۇنلىرىنىڭ پيوڭياڭنى ئىشغال قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كىم ھاكىمىيىتى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلۈش گىردابىغا كېلىپ قالغاندا، ستالىن يوشۇرۇنچە قوللىشىنى توختاتتى ۋە قۇتقۇزۇش يۈكىنى ماۋغا قالدۇردى.
ماۋنىڭ ئارىلىشىش قارارى بىردەك ئەمەس ئىدى. خىتاي نەچچە ئون يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن ئەمدىلا قۇتۇلغان ئىدى؛ ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولغان بولۇپ، يەنە كېلىپ ماۋنىڭ ئاساسلىق نىشانى تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئىدى. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان لىن بياۋ ھەتتا سالامەتلىك سەۋەبىنى باھانە قىلىپ قوشۇنغا باشچىلىق قىلىشنى رەت قىلدى. ئاخىرىدا خىتاي سىياسىي بىيۇ رونى قايىل قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئاساسنى پېڭ دېخۇەي ئوتتۇرىغا قويدى: ئۇ ئەگەر ئامېرىكا قوشۇنلىرى يالۇجىياڭ دەرياسى چېگراسىغا يېتىپ كەلسە، خىتاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئامېرىكا بىلەن خىتاي تۇپرىقىدا بىلەن جەڭ قىلىشىقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتايلار قايىل بولغاندىن كىين 1950-يىلى ئۆكتەبىردە، 300 مىڭ كىشىلىك خىتاي ئەسكىرى تۈن قوينىدا يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتتى. بۇ ھەربىي ئارىلىشىش بىر خىل سودا خاراكتېرلىك ئىدى؛ ماۋ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قېنى بەدىلىگە ستالىندىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە ھەربىي تېخنىكا تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ بەدىلى شەخسىي ۋە ئىنتايىن زور بولدى: ماۋنىڭ چوڭ ئوغلى ماۋ ئەنيىڭ توقۇنۇش جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى. 1953-يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھى ئىمزالانغاندا، ئۇرۇش تەخمىنەن 180 مىڭ خىتاي ئەسكىرى ئۆلدى ۋە ئۇرۇش دەسلەپتە باشلانغان 38-پاراللېل سىزىقىدا ئاياغلاشتى.
1961- يىلىدىكى شەرتنامە ۋە «قالقان» لوگىكىسى
ئۇرۇشتىن كېيىن، بۇ مۇناسىۋەت 1961-يىللىق «خىتاي-چاۋشىيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئارقىلىق رەسمىيلەشتۈرۈلدى. بۇ خىتاينىڭ بىردىنبىر رەسمىي ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى بولۇپ، چاۋشىيەنگە ھۇجۇم قىلىنغاندا بېيجىڭنى قانۇنىي جەھەتتىن ئارىلىشىشقا مەجبۇرلايدۇ. كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا،چاۋشىيەننىڭ يادرو قورالغا ئېگە بولۇشى بىلەن خىتاي چاۋشىيەننى يادرو قورالىغا ئىگە مۇھىم بىر » بىخەتەرلىك قالقىنى» دەپ قارىدى. بېيجىڭنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسى كىمنىڭ ئىچكى سىياسىتى ئەمەس، بەلكى چېگراسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان بىرلىككە كەلگەن كورېيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، شۇنداقلا ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى يالۇجىياڭ دەرياسىغا ئېلىپ كېلىدىغان ھاكىمىيەت گۇمران بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.
يادرو دەۋرىدىكى سۈركىلىش
چاۋشىيەن ئۆزىنىڭ يادرو نىشانىنى قوغلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەر خىل بېسىملارغا دۇچ كەلدى. رايون مۇقىملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان خىتاي، چاۋشىيەن 2006-يىلى تۇنجى يادرو قورالىنى سىناق قىلغاندا ئانچە خۇشال بولمىدى ھەمدە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر سەپتە تۇرۇش ئىپادىسى سۈپىتىدە، 2009، 2013 ۋە 2016-يىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پيوڭياڭغا قاراتقان جازالىرىنى قوللىدى. بۇ مەزگىلدە مۇناسىۋەتلەر سوۋۇپ كەتتى، شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭ ئۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى بىر نەچچە يىلدا كۆرۈشۈش بولمىدى.
شۇنداقتىمۇ، 2018-يىلىغا كەلگەندە جۇغراپىيەلىك سىياسىي گىئو-پولىتىكىلىق ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم ئۆزگەردى. ئامېرىكا بىلەن چاۋشىيەن سىنگاپور ۋە خانوي دە بىۋاسىتە (گەرچە ئاخىرىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ) دىپلوماتىيەنى باشلىغاندا، شى جىنپىڭ «مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، 2018 ۋە 2019-يىللىرى كىمنى بېيجىڭدا بەش قېتىم كۈتۈۋالدى. بۇ خىتاينىڭ چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ئىشىدا مەركىزى دۆلەت بولۇپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تاكتىكىلىق بىر ھەرىكەت ئىدى.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك بولغان بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي كورىيە، ياپۇنىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى كۈچلۈك چاۋشىيەننى خالايدۇ، ئەمما بۇ چاۋشىيەن بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، بولۇپمۇ يادرو قورالغا ئېگە بولسا بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا چاۋشىيەن ھەم خىتاينىڭ كونترولىدىن چىقىپ كىتىدۇ، ھەم خىتايغا تەھىدىد شەكىللەندۈرىدۇ. چۈنكى خىتاي چاۋشىيەننىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن كېرەك بولغان سودا ۋە دىپلوماتىك قوللاشنى توختاتقاندا، ئۇنىڭ يادرو قوراللىرى سىئولدىن بىيجىڭغا ياكى خاربىنغا قارتىلىدۇ.
شى جىنپىڭنىڭ چاۋشىيەن زىيارىتىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرىنىشى
بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن ئىلگىرىكى تۆت ئاي ئىچىدە، شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 17 دۆلەت رەھبىرىنى كۈتۈۋالدى، بۇ خىتاينىڭ يېڭى دەۋردىكى چوڭ دىپلوماتىك كۈچ سۈپىتىدىكى ئورنىنى نامايەن قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ترامپنىڭ 2026-يىلى مايدا بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان دۆلەت زىيارىتى ئىدى. خىتاي تەرىپىدىن جىددىي ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى «قايتا مۇقىملاشتۇرۇش» ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەرىكەت دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسلىق كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئاق ساراي ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ «چاۋشىيەننى يادروسىزلاندۇرۇشتىكى ئورتاق نىشانىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈردى. ئەمما، خىتاي ئۆزىنىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرىدا بۇ باياناتنى جەزملەشتۈرۈشنى رەت قىلدى. كىم جۇڭ ئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يو جۇڭ بۇنى «يالغان» دەپ رەت قىلدى.

ئانالىزچىلار ئارىسىدا ترامپنىڭ شى جىنپىڭدىن كىم جۇڭ ئۇننى يادرو قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن قايتىدىن ئالاقە قىلىشقا دەۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەلچىلىك رولىنى ئويناشنى ئېنىق تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە كۆرۈنەرلىك پەرەزلەر بار. بۇ «تەلەپ» شى جىنپىڭنى كۈچلۈك، ئەمما نازۇك ئورۇنغا قويۇپ قويغان. ترامپنى كۈتۈۋېلىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا پيوڭياڭغا بېرىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا ئۆزىنىڭ يېرىم ئارال ئىشلىرىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى ھەققىدە سىگنال بەردى. ئۇ «چاۋشىيەن كارتىسى»دىن پايدىلىنىپ، سودا ياكى تەيۋەن قاتارلىق باشقا جەهەلەردە ئامېرىكىدىن يول قويۇشلارنى تەلەپ قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىم جۇڭ ئۇننى خىتاينىمۇ سۆرەپ كىرىدىغان پۈتۈن كۆلەملىك توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا» نەسىھەت قىلالايدۇ.
سىياسىي ئاتىموسفرانىڭ يەنە بىر تەرىپى ئامېرىكىنىڭ «قورشاۋ سىياسىتى» دۇر. خىتاي ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان ئۈچ تەرەپلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئۆزىنىڭ شىمالىي قانات قىسمىغا بىۋاسىتە تەھدىت دەپ قارايدۇ. بۇ قورشاۋدا قالغانلىق تۇيغۇسى «ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ چاۋشىيەن ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، رۇسىيەنىمۇ يېنىغا تارتىپ «غەربكە قارشى گۇرۇھ» ھاسىل قىلىشقا ئىتتردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئەۋج ئېلىۋاتقان «رۇسىيە-چاۋشىيەن ئوقى» غا بولغان تاكتىكىلىق ئىنكاستۇر. خىتاي كىم جۇڭ ئۇن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشغا 11،000 ئەسكەر ۋە غايەت زور ئوق-دورا تەمىنلەش ئارقىلىق «چوڭچىلىق» قىلىشىدىن ، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ چاۋشىيەندىكى تەسىر كۈچى ئېشىپ مېڭىشىدىن بىئارام بولىدۇ.
خىتاي -چاۋشىيەن- رۇسىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ھىساب-كىتابلىرى
خىتاي، روسىيە ۋە چاۋشىيەن مۇتەخەسسىسلەر تەسۋىرلىگەن ئەمەلىيەتتىكى «غەربكە قارشى بىر گەۋدە»نى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى دىنامىكىسى پيوڭياڭدىكى تەسىر كۈچ تالىشىشتىكى «يوشۇرۇن رىقابەت» ۋە چاۋشىيەننىڭ ئۈچ تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىكى باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خەلقئارا سىستېمىدا نۇرمال دۆلەت بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئسىتراتىگىيسى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ چاۋشىيەننىڭ تالاش-تارتىشسىز «چوڭ ئاكسى» ۋە ئىقتىسادىي ھاياتلىق لىنىيەسى بولۇپ كەلگەن ئىدى، ئەمما ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ گىئو-پولىتىكىلىق ئاقىۋىتى روسىيەنىڭ كىم جۇڭ ئۇننىڭ سادىقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كۈچلۈك بىر رىقابەتچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئاچتى.
بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسلىق تۈرتكىسى 2024 ۋە 2025-يىللىرى شەكىللەنگەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان «روسىيە-چاۋشىيەن ئوقى»دۇر. 2026-يىلى فېۋرالغىچە چاۋشىيەن روسىيەنىڭ ئۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاش ئۈچۈن كۇرسك رايونىغا تەخمىنەن 11000 ئەسكەر ئەۋەتتى. بۇ قوشۇنلار ۋە مىليونلىغان ئوق-دورىلارنىڭ قىممىتى پيوڭياڭغا 10 مىليارد دوللار (بوتسۋانانىڭ پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن شۇنداقلا چاۋشىيەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %40 گە تەڭ) كىرىم ئېلىپ كەلگەن دەپ مۆلچەرلەنگەنمەكتە. بۇ ئالماشتۇرۇشتا يەنە روسىيە چاۋشىيەنگە كىم جۇڭ ئۇن يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن (ئەمما خىتاي بېرىشنى رەت قىلغان) يادرو ئوق بېشى، يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يۇقىرى خەتەرلىك تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش» بىلەن تەمىنلگەن. بۇ ھەربىي مەركەزلىك مۇناسىۋەت كىم بودەككە يېڭىچە بىر «غەيرەت» ۋە خەلقئارادا «ھەرىكەت بوشلۇقى» ئاتا قىلدى، بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېيجىڭغا بېقىنىپ قالغان يېتىم قېلىش ھالىتىدىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى بۇ ئەۋج ئېلىۋاتقان «بۇرادەرلىك»كە ئەمەلىيەتتە ناھايىتى بىئارام بولىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. ستىۋ ساڭ خىتاينىڭ «ئاۋۋال خىتاي» سىياسىتىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ھەمدە موسكۋا بىلەن پيوڭياڭنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتتە «كىچىك شېرىك» بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ «ئارقا ھويلىسىدا» چەتكە قېقىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ قاراش توغرا. ئەمما خىتاي چاۋشىيەننىڭ رۇسىيەگە ئۇرۇشتا ياردەم قىلىشدىن بىئارام ئەمەس. بەلكى چاۋشىيەننىڭ تېخىمۇ بەكرەك ياردەم قىلىشنى خالايدۇ. چۈنكى خىتاي ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ئىككى رەقىپ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدۇر. رۇسىيە بولسا مانا بۇ ئىككىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. چاۋشىيەننىڭ ياردىمى ئۇرۇشنى تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزايدۇ ۋە قايسى تەرەپنىڭ يېڭىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە تەرەپ ئاجىزلايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە ۋە چاۋشىيەنمۇ بار. بۇ خىتاي ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك سىياسىي ۋەزىيەتتۇر.
شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتىنى مەلۇم مەنىدىن قارىغاندا «كونتروللۇقنى قايتىدىن تىكلەش» ئۇرۇنۇشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شى پۇتىن ۋە كىم جۇڭ ئۇنغا خىتاينىڭ يەنىلا ئۇنىڭ «كەم بولسا بولمايدىغان قوشنىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكچى. روسىيەنىڭ چاۋشىيەندىكى تەسىر كۈچىگە ئىشىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا چاۋشىيەننىڭ سودىسىنىڭ %95 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ سودا 2026-يىلىنىڭ بېشىدا 2.74 مىليارد دوللارغا يەتتى. شىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا ۋە 5G تېخنىكىسى قاتارلىق «ئەمەلىي» ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋەدىسى، ئۆز ئۇرۇشى بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان روسىيەنىڭ خىتاينىڭ ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي كاپالەتچى سۈپىتىدە باسالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ رۇسىيە ھەربىي جەھەتتىن چاۋشىيەندە تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۈچكە ئېگە بولىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېگە. ھەربىي جەھەتتىن قۇدرەتلىك چاۋشىيەن رۇسىيە ئۈچۈن ئۇنچە بەك تەھدىد ئەمەس. چۈنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قوشنا دۆلەتتىن كېلىدىغان تەھدىد ئەڭ خەتەرلىك تەھدىدتۇر. گەرچە رۇسىيە چاۋشىيەن بىلەن چىگرىداش بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇ چىگرالىرىدا ئادەم يوق دىيەرلىك، ھەقىقىي رۇسىيەنىڭ مەركىزىدىن كۆپ ئۇزاقتا.ئەمما چاۋشىيەن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېغىر سانائەت ۋە ھەربىي تېخىنىكا مەركىزى بولغان شەرقىي شىمال رايۇننىڭ قوشنىسى.
شۇڭا خىتايغا نىسبەتەن، چاۋشىيەننىڭ ئاساسلىق كوزۇرى ئۆزىنىڭ «مۇقىملىق ۋە مۇداپىئە قالىقىنى» ئىكەنلىكىدۇر. كىم جۇڭئۇن خىتاينىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى «ھەم كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى، ھەم قولدىن بېرىپ قويالمايدىغانلىقىنى» ئېنىق بىلىدۇ. ئامېرىكا ۋە كورىيەدىن كېلىدىغان ھەربىي تەھدىدىت بىر ياقتا تۇرسۇن، چاۋشىيەندىكى ھەر قانداق ئىچكى يىمىرىلىش خىتاي ئۈچۈن پاجىئەلىك مۇساپىرلار كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسسىس ئالىسىيا گارسىيا ھېررېرو (Alicia Garcia Herrero) قەيت قىلغاندەك، بېيجىڭ چاۋشىيەن ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزۈش «ئىقتىدارى»غا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما مۇساپىرلار كرىزىسىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتىكى بىرلەشكەن كورېيەنى توسۇپ تۇردىغان تۈزۈمنىڭ يىمىرىلىشىدىن قورقىيدۇ.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك رېئاللىق كىم جۇڭ ئۇنغا يېڭى بىر خىل «تەكەببۇرلۇق» بىلەن ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ. كىم خىتاينىڭ رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن گۆرۈگە ئېلىۋالغان ھالەتتىدۇر. بۇ بېيجىڭنى خەلقئارا يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش پىرىنسىپلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن بەكرەك چاۋشىيەن يېرىم ئارال مۇقىملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شىمالىي كورېيەنىڭ خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسىدە قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ «ئەمەلىي يادرو كۈچى» ئىكەنلىكىنى ئىچىدە قوبۇل قىلىشقا ھەتتا غەربكە ۋەزخانلىق قىلىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، كىم جۇڭئۇن پۇتىن بىلەن «ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان» ھەربىي «بۇرادەرلىك» نى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەم رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە باراۋەر ئورۇنغا ئېگە بولالايدۇ، ھەم خىتايغا بولغان ھەددىن زىيادە تايىنىۋېلىشىنى تەڭشەش ئاقىلىق خىتاينىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
خىتاي-روسىيە-شىمالىي كوردىيە ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىچكى جەھەتتىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئۆزلىرنىڭ ئايرىم ھىساب-كىتابى بولسا،تاشقى تەھدىدتكە قارشى ماسلىشىش خاراكتېرلىكتۇر: خىتاي چاۋشىيەننى ئىقتىسادىي موقۇملۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ روسىيە بولسا ھەربىي كۈچ ۋە مۇداپىئە تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، چاۋشىيەن بولسا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كورىيە-ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىغا قارشى «بۇزغۇنچى خاراكتېرلىك گېئوپولىتىكىلىق تەسىر» پەيدا قىلىدۇ.
| مۇناسىۋەت | چاۋشىيەن نېمە بىلەن تەمىنلەيدۇ | بەدىلىگە نېمىگە ئېرىشىدۇ |
| خىتاي–چاۋشىيەن | ستراتېگىيەلىك قالقان: خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يادرو قالىقىنى؛ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ خىتاي چىگراسىغا ئورۇنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. | ئىقتىسادىي ھاياتلىق لىنىيەسى: سودا، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش، ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە دىپلوماتىك قوغداشقا ئېرىشىدۇ. خىتاي چاۋشىيەن تاشقى سودىسىنىڭ تەخمىنەن %95 نى ئىگىلەيدۇ. |
| روسىيە– چاۋشىيەن | ھەربىي ياردەم: روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشدىكى ئەسكىرى ۋە قورال-ياراق ياردىمى | ئىلغار ھەربىي تېخنىكا: سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەجرىبىسى، يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسى قاتارلىقلار . |
| ئىتتىپاقنىڭ ستراتېگىيەلىك نىشانى | گېئو-پولىتىكىلىق پىشاڭ: ئامېرىكانىڭ دىققىتى ۋە بايلىقلىرىنى كۆپلىگەن ئۇرۇش مەيدانلىرىغا چېچىۋېتىشكە قادىر بولغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك غەربكە قارشى ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشىدۇ. | خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىنىش: دىپلوماتىك قانۇنلۇق ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە چاۋشىيەننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى. |
بۇ دىنامىكا ئىچىدە، ياپونىيە مۇھىم رىتورىكىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئۈچ دىكتاتۇر دۆلەتنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان «ئورتاق دۈشمەن»دۇر. شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەنىڭ ئاكتىپ ھەربىي مۇداپىئە سىياسىتى خىتاينى چاۋشىيەننى دائىملىق «يادرو قوراللىق قالقان» سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشقا ئىتتىرىدۇ. بۇ قالقان جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق 28،500 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ خىتاي چېگراسىغا يېتىپ كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈنمۇ زۆرۈرىيەت دەپ قارىلىدۇ.
تارىخىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي-چاۋشىيەن مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ تەڭ ھوقۇقلۇق «قېرىنداشلىق» مۇناسىۋىتى بولۇپ باقمىغان. بۇ بىر تەبىقىلىق مۇناسىۋەت بولۇپ، خىتاي چاۋشىيەن سودىسىنىڭ %95 نى تەمىنلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتلىق تومۇرى بولغان «چوڭ ئاكا» دۇر. شۇنداقتىمۇ،ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە خىتاي سىياسىتى، 2020-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ۋەقەلەر، بولۇپمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي تېخنىكا ئۈچۈن روسىيەگە يۈزلىنىشى كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، پيوڭياڭ «مانېۋىر بوشلۇقى» غا ئېرىشىش ئۈچۈن بۈيۈك كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتىن پايدىلىنىشنى ئۆگەندى. كىم جۇڭ ئۇننىڭ مەقسىتى «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى» دىن پايدىلىنىپ «ھەرىكەت بوشلۇقى» غا ئېرىشىش بولۇپ، ئاخىرىدا، «نورمال دۆلەت» سالاھىيىتىنى، يەنى ئۆز شەرتلىرى ئاستىدا يېرىم ئارالدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن بەلگىلىيەلەيدىغان يادرو دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلىنىشنى نىشان قىلىدۇ.
شى جىنپىڭنىڭ 2026-يىلى پيوڭياڭدا ئېلىپ بارغان يەتتە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى زىيارىتى 1950-يىللاردىكى لوگىكىغا قايتىشنىڭ سىگنالى بولۇپ «زور ئۆزگىرىشلەر» دەۋرىدە، خىتاي ئۆزىنىڭ «مۇداپىئە قالقىنى» نىڭ يوقىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ. شى جىنپىڭ بۇ يېڭى باشلىقلار يىغىنىدا «يادروسىزلاشتۇرۇش» چاقىرىقىنى تىلغا ئالماسلىق ئارقىلىق، خىتاينىڭ ھازىر چاۋشىيەننى بىر يادرو كۈچى دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارالىق يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىق پىرىنىسپلىرىدىن بەكرەك، «بۇزۇلماس» ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. «لەۋ بىلەن چىش» يەنە بىر قېتىم بىر-بىرىگە يېقىنلاشماقتا، بۇ ئۆزئارا ئىشەنچتىن ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ «ھۆكۈمرانلىق خاھىشى ۋە زورلاش سىياسىتى» گە قارشى تۇرۇشتىكى ئورتاق زۆرۈرىيەتتىن كېلىپ چىقماقتا.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
- ABC News. (2026, June 10). Xi Jinping’s North Korea visit is unusual, and shows his need to court Kim Jong Un (A. Horn, Ed.).
- Al Jazeera. (2026, June 8). North Korea needs China for survival: Why does Beijing need Pyongyang? (P. Shankar, Ed.).
- BBC News. (2026, June). North Korea goes even more nuclear | The Global Story [Video]. YouTube.
- CBS News. (2026, June 10). Did China’s Xi visit North Korea because an emboldened Kim Jong Un wants «to confront the U.S.»? (A. Coren & T. Reals, Eds.).
- Cloudflare. (n.d.). Attention Required! | Cloudflare .
- CNN. (2026, June 9). Why China’s Xi wants a ‘brighter’ future with North Korea (S. McCarthy & Y. Seo, Eds.).
- Dictators Files: The Dark Side of Power. (n.d.). Why Mao Zedong Saved Kim Il-sung During the Korean War [Video]. YouTube.
- DW News. (2026, June). China’s Xi Jinping pays rare visit to North Korea for talks with leader Kim Jong Un [Video]. YouTube.
- DW News. (n.d.). Xi heads to Pyongyang to reset China-North Korea ties [Video]. YouTube.
- Firstpost. (2026, June). Why Is China’s Xi Visiting North Korea? | Vantage on Firstpost | 4K [Video]. YouTube.
- The Guardian. (2026, June 8). Xi Jinping arrives in Pyongyang on trip to revitalise China-North Korea ties (A. Hawkins & A. McCready, Eds.).
- The Indian Express. (2026, June 11). An expert explains the motivations behind Xi Jinping’s North Korea visit, in a changing Asia (G. G. Dwivedi, Ed.).
- Liberty in North Korea. (2026, June 9). Spring in My Homeland, North Korea: A Glimpse of Reunification in 2045 (E. Jang, Ed.).
- Nikkei Asia. (2019, June 17). Xi to make first North Korea visit ahead of G-20 (T. Hadano & Y. Onchi, Eds.).
- Taiwan Talks. (n.d.). China-North Korea: What Do Deeper Ties Mean for South Korea, Japan, US? | Taiwan Talks EP852 [Video]. YouTube.
- ThinkChina. (n.d.). ThinkChina – Big Reads, Opinions & Columns on China.
