
ئىنسانلار شۇغۇللىنىدىغان ھەرخىل ساھەلەر ئىچىدە، بەلكىم ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ شەپقەتسىز ۋە ئەڭ ئېنىقسىز بولغان ساھە ئۇرۇش ساھەسى بولسا كېرەك. چۈنكى، جەڭ ئىنسانلارنىڭ ھايات – ماماتىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ قىلمىشلىرى شەپقەتسىز ۋە خەتەرگە تولغان بولىدۇ، ۋاسىتە تاللىمايدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت پرىنسىپلىرى ئىشلىمەيدۇ ياكى سۈيئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئۇرۇش خەتەرلىك ۋە شەپقەتسىز بولۇپلا قالماي، ئۇرۇشتىن كېينكى تەرتىپ، قائىدە، ئەخلاق پرىنسىپلىرى غەلىبە قىلغۇچى تەرىپىدىن شەرھلىنىدۇ. غەلىبە قىلغۇچى ھەققانىيەتچى لىدېر ۋە خەلقنىڭ\ئىنسانىيەتنىڭ تۈپ مەنپەتى ئۈچۈن جەڭ قىلغان دەپ قارىلىدۇ؛ مەغلۇپ بولغان تەرەپكە بولسا دۈشمەن، ئوغرى – قاراقچى ۋە باندىت دېگەن نام بېرىلىدۇ. ئۇرۇش يەنە «1000 كۈن ئەسكەرنىڭ قورسىقىنى بېقىپ بىر كۈن جەڭگە ئىشلىتىدىغان» مەسىلە بولۇپ، بۇ قومانداننىڭ يەلكىسىدە غايەت زور ئىقتىسادى چىقىم ۋە نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ جېنىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ جەڭگە كىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى، خاتالىق سادىر قىلىش پۇرسىتىنىڭ يوقلىقىنى ياكى كىچىككىنە خاتالىقى ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭچۈن قوماندانلار جەڭدە چوقۇم يېڭىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ جەھەتتە گېنېراللارنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى بار: ئۇلار نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جەريانغا ئەمەس! نۇرغۇن داڭلىق قوماندانلارنىڭ قارىشىچە، ھەربىي كىشى جەريانغا زىيادە ئەھمىيەت بەرسە، ئاددىي ئىشلارنى ئاسانلا مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. «جەرياننى ئەمەس، نەتىجىنى تەلەپ قىلىش»نى مۇھىت پسىخىكىسى بىلەن چۈشەندۈرگەندە، ئىنسانلارنىڭ «قىسقا يول بىلەن مېڭىش»تەك ھەرىكەت ۋە تەپەككۇر ئادىتىدىن پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئاددىي تەپەككۇر جەريانى ئارقىلىق تېزلا تەپەككۇر نەتىجىسىگە ئېرىشىش، مەسىلىنى بىۋاسىتە ھەل قىلىشىغا شارائىت يارىتىشتۇر. مۇنەۋۋەر قوماندانلارنىڭ بۇ خىل رەھبەرلىك ئالاھىدىلىكى ئۇرۇشنىڭ شەپقەتسىزلىكى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان.
ھالبۇكى، ئۇرۇش يەنىلا ئەڭ ئېنىقسىزلىققا تولغان ساھەدۇر. بۇ ئەسكەر باشلاپ جەڭ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا بولغان ئېھتىياجىنى بەلگىلەيدۇ. «سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» دىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇشتا جەڭ نەزەرىيەسى بولمىسا بولمايدۇ، ئەمما پۈتۈنلەي كىتابتىكى نەرسىلەرگە تايىنىپ جەڭ قىلسىمۇ بولمايدۇ. ئۇرۇشتا قوماندان زىيادە خىيالپەرەست، بەك قېلىپقا چۈشۈپ قالغان بولسا بولمايدۇ، بەلكى جەڭ مەيدانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇرۇش تاكتىكىسىنى جانلىق قوللىنىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ جاھىل (بىر تەرەپلىمە) بولۇپ قالماسلىق كېرەك، ئۇرۇشتىكى ئەڭ ناچار تاكتىكا جاھىللىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتۇر. بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا قىلىش — ئۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقتۇر. سۈنزىنىڭ قومانداننىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن قارىغاندا بۇنى «قومانداننىڭ خاراكتېرى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
ئەگەر قوماندان جاھىل بولسا، بىر تەرەپلىمە بولۇپ بۇرۇلۇشنى بىلمىسە، ئۇنداقتا بۇ قوماندان ئۆزىنى ئۆزى ئەڭ چوڭ خەتەرگە ئىتتىرگەن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ تېزلا كېلىدۇ. سۈنزىمۇ دەل قومانداننىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە، ئاخىرىدا خەلقنىڭ، دۆلەتنىڭ ھايات – ماماتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ چوڭلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، قوماندانلار يىراق تۇرۇشى كېرەك بولغان «بەش خەتەر» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. «سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» دىكى «توققۇز ئۆزگىرىش- 九变» ياكى «جانلىق ئىش كۆرۈش» (ئۇيغۇرچىغا موشۇنداق تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن) ناملىق باپتا بۇ بەش خەتەر تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەنگەن:
- جان تىكىپ ئۇرۇشۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغانلار ھالاك بولىدۇ\ ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئاتىغاننى ئۆلتۈرۈش ئاسان\ ئۆلۈمگە بەل باغلىغاننى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ (必死,可殺也).
- ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلار ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ\ تىرىك قېلىشنىلا ئويلىغاننى ئەسىرگە ئېلىش ئاسان (必生,可虜也).
- ئالدىراقسان، ئاسان چېچىلىدىغانلار روھىي جەھەتتىكى زەربىگە بەداشلىق بېرەلمەيدۇ\ تېرىككەكنى ھاقارەتلەش ئاسان\ تېز ئاچچىقلىنىدىغاننى خورلىغىلى بولىدۇ (忿速,可侮也).
- دىيانەتلىك ۋە ئۆزىنى ئايايدىغانلار ھاقارەتنى كۆتۈرەلمەيدۇ\ نومۇسچاننى خورلاش ئاسان\ پاكلىققا (ئۆز ئوبرازىغا) بەك ئامراقنى شەرمەندە قىلغىلى بولىدۇ (廉潔,可辱也).
- خەلقنىڭ پىكىرىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىدىغاننى ئاۋارە قىلىش ئاسان\ خەلقنى بەك ئايايدىغاننى ئاۋارە قىلغىلى بولىدۇ (愛民,可煩也).
(ئەسكەرتىش: سۈنزىنىڭ كىتابىدا يېزىلغان يۇقىرىدىكى خىتايچە خەتلەرنى مەنىسىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەر خىل شەكىلدە ئىزاھلاش مۇمكىن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر قانچە خىل تەرجىمىسى\ئىزاھىنى بىللە كۆرسىتىپ قويۇش مۇۋاپىق كۆرۈلدى)

تۆۋەندە بۇ بەش خىل خەتەر ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.
- قارىغۇلارچە شىجائەت: «ئۆلۈمگە بەل باغلىغان»لارنىڭ خەتىرى
يەنى «ئۆلۈمگە بەل باغلىغاننى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ» (必死,可杀也) دېگەن مەنىدە بولۇپ، «باتۇر، ئەمما ئەقىلسىز»، پەقەت ئۆلۈمگىلا ئۆزىنى ئاتىدىغان گېنېرالنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قوماندان بىردەملىك ھاياجان، قىزىققانلىق ياكى باشقىلارنىڭ ماختاپ ئۇچۇرۇشى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزىنى قارىغۇلارچە ئېلىشىشقا ئاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەققىي مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالىدۇ. سۈنزى بۇنداق ھەرىكەتنى «پەقەت جىسمانىي كۈچىگىلا تايىنىدىغان ئەخمەقانە باتۇرلۇق» دەپ قارايدۇ ۋە بۇنداق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. سۈنزى بۇنداق گېنېراللارنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن ئاسانلا قاپقانغا چۈشۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. سۈنزىنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي شىجائەت ۋە قەھرىمانلىق دىئالېكتىكىلىق بولىدۇ؛ يەنى ھەقىقىي قەھرىمان سىرتتىن قارىماققا قورقۇنچاق ۋە ئېھتىياتچان كۆرۈنۈشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلاردا ئۆلۈم خەۋپى سەۋەبلىك ئاڭلىق قورقۇش ۋە ئېھتىيات بولىدۇ، بۇ قورقۇش ئۇلارنى ئۆزى ۋە قارشى تەرەپنىڭ كۈچى ھەققىدە ئەستايىدىل ۋە ئەمەلىيەتچىل (رېئالىست) سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىشقا ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن جەڭگە تولۇق تەييارلىق قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
بۇنىڭغا تارىختا مىساللار كۆپ بولۇپ، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان بىر مىسال كەلتۈرۈش كېرەك بولسا ماۋ زېدوڭ ئېلىپ بارغان ياپونغا قارشى ئۇرۇش ۋە گومىنداڭ بىلەن بولغان ئىچكى ئۇرۇشتۇر. ماۋ خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە خىتاي تارىخىنى پىششىق بىلىدىغان ۋە ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلغان بىرى بولۇپ، كوڭزى، مىڭزى، سۈنزى، شاڭياڭ، خەن فېيلەرنىڭ ئەسەرلىرى، «تارىخىي خاتىرىلەر»، «خەننامە»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا» قاتارلىق ئۇرۇش، سىياسەت، تارىخقا دائىر كەڭ خىتاي كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى قېترقىنىپ تەتقىق قىلغان، ئوقۇغاندا ئايرىم خاتىرە تۇتۇپ ئۆز باھا ۋە چۈشەنچىلىرىنى يېزىپ ماڭغان.
خىتاي – ياپونىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا خىتايلار ئارىسىدا ئىككى خىل كۆز قاراش بولۇپ بىرى ئۈمىدسىزلىكتىن كەلگەن «مەغلۇبىيەت نەزەرىيەسى»، يەنە بىرى بولسا زىيادە ئۈمىدۋارلىقنى ئاساس قىلغان «تېز غەلىبە قىلىش نەزەرىيەسى» ئىدى. كېيىنكىلەر ياپونىيەنىڭ كۈچىگە سەل قاراپ دەرھال جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ «ھەل قىلغۇچ جەڭ» قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەكسىچە، ماۋ خىتاي تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرگەن مۇنتىزىم ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاسىيادا رەقىپسىز ئىكەنلىكىنى؛ خىتاينىڭ بولسا قورال – ياراقلىرى قالاق، 1912 – يىلىدىن بېرى ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالغان، ئىتتىپاقسىز ۋە چېچىلاڭغۇ ئىكەنلىكىدەك رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلدى. يەنە كېلىپ، نامراتلىققا بوينىغىچە پېتىپ كەتكەن خىتاي بىلەن بىردىنبىر تەرەققىي قىلغان غەيرى غەرب دۆلىتى ياپونىيەنى سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ماۋ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كوممۇنىستلەرنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك رەقىبى تەبىئىي ھالدا خىتايدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بولغان جياڭ جيېشى يەنى گومىنداڭ ئارمىيەسى ئىدى. ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ ياپونىيە خىتايغا ھوجۇم قىلىشتىن بۇرۇنلا كوممۇنىستلەرنىڭ رەقىبى ئىدى. گومىنداڭمۇ كوممۇنىستلەرگە قارىغاندا بۇرۇن تەشكىللەنگەن، ئۇرۇش تەجىرىبىسىگە باي، قانۇنلۇق ھاكىمىيەت سالاھىيتىگە ئىگە بىر پىرقە بولۇپ ھەر جەھەتتىن ماۋ ۋە كوممۇنىستلەردىن كۈچلۈك ئىدى. كوممۇنىستلەر بولسا كەمبەغەل، تەشكىللىنىشى تېخى سىستېملاشمىغان بىر تۈركۈم ھاياجان خىتاي پۇقرالىرى ئىدى.
ماۋ گومىنداڭ، ياپونىيە ۋە ئۆزلىرى ھەققىدىكى بۇ خىل رېئاللىقنى خىتاينىڭ زېمىننىڭ كەڭرى، نۇپۇسىنىڭ كۆپ ۋە يەر شەكلىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىدەك شارائىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئىككى رەقىبىگە قارشى يۈزمۇيۇز ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇزاققا سوزۇلغان پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشنى تاللىدى. بۇ گومىنداڭ ۋە ياپونىيە بىلەن باتۇرلارچە ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ جەڭ قىلىشنى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئوت كۈچىدىن قېچىشنى كۆرسىتەتتى. مانا شۇ ۋەجدىن ماۋ «ئۇزۇن سەپەر»نى يەنى «ئۇزۇن قېچىش»نى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيە قىلىپ تاللىدى ۋە كېيىن «ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ياپونىيەنىڭ خىتايغا رەسمىي كەڭ كۆلەمدە ھوجۇم قىلىشى بىلەن ماۋنىڭ «باتۇرلارچە جەڭ قىلماسلىق» ۋە «ئۆلۈمگە بەل باغلىماسلىق» تاكتىكىسى بىر چالىمدا ئۈچ پاختەك سوقتى. يەنى ھەم ياپونىيەنى ھەم گومىنداڭنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتتى، بولۇپمۇ ياپونىيە بىلەن نەچچە يىل يۈزمۇيۈز جەڭ قىلغان گومىنداڭنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتايدىكى كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى؛ كوممۇنىستلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ساقلاپ قالدى؛ ھەممىدىن مۇھىمى خىتاينىڭ ئىچكى تاغلىق ۋە چەت ئۆلكىلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ موقىم ۋە كەڭرى بازىغا \ ئارقا سەپكە ئىگە بولدى.
ماۋ بۇ ئىستراتېگىيە ئارقىلىق ئەڭ ئاجىز تەرەپتىن ئەڭ كۈچلۈك تەرەپكە ئايلاندى ۋە 1949 – يىلى گومىنداڭنى تەلتۈكۈس مەغلۇپ قىلىپ ھازىرقى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى.
- قورقۇنچاقلىق: شەخسىي بىخەتەرلىك قىلتىقى
بۇنىڭدا سۈنزى كۆزدە تۇتقان ئەجەللىك نۇقسان ئالدىنقىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، «تىرىك قېلىشنىلا ئويلىغاننى ئەسىرگە ئېلىش ئاسان» (必生,可虜也) بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ ئامانلىقى، مەرتىۋىسى ۋە ھۇزۇر – ھالاۋىتىگە زىيادە بېرىلىپ كەتكەن، نەتىجىدە جەڭ قىلىش ئىرادىسىدىن ئايرىلىپ، ئاخىرىدا دۈشمەننىڭ قولىغا ئەسىر چۈشىدىغان قوماندانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قوماندانلار جەڭگىۋارلىق روھىنى يوقىتىپ، مەشىققە سەل قارايدۇ ۋە ئاخىرىدا ئەسىرگە چۈشىدۇ. سۈنزى بۇ يەردە جەڭگىۋارلىق روھى مەسىلىسىنى سۆزلەيدۇ. بۇنداق ھالەتتىكى قوماندانلار قانچە كۆپ بولسا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەسكەر باشلىغۇچىلاردۇر. ئەگەر قوماندانلار ھەر ۋاقىت قانداق راھەت ياشاشنى، خەتەرنى قانداق قىلىپ بىر ئاماللار بىلەن باشقىلارغا قالدۇرۇپ قويۇشنى ئويلىسا، ئۇلار باشلىغان ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى بولمايدۇ. بۇ خۇددى «چۈشكۈن دېھقاننىڭ ئۇلىغى قاشاڭ» دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاشتۇر.
خىتاينىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە مىلادى 403 – يىلى ئەتراپىدا بولۇپ ئۆتكەن خۇەن شۈەن (桓玄) بىلەن ليۇ يۈ (刘裕) ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ. ليۇ يۈ جەنۇبىي سۇلالىلەرنىڭ بىرىنچى ھاكىمىيىتى «سۇڭ» نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ باڭنىڭ تۆرتىنچى ئىنىسى ليۇ جياۋ ئىدى. ئەمما بۇ جەمەت بىر نەچچە ئەۋلادتىن كېيىن خارابلاشقان. ليۇ يۈگە كەلگەندە پۈتۈنلەي كەمبەغەللىشىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا، ليۇ يۈ كىچىك ۋاقتىدا يەر تېرىغان، بېلىق تۇتقان، چىغ چورۇق ساتقان يەنى قىلمىغان ئىشى قالمىغان. كېيىن شەرقىي جىن ئارمىيەسىگە قاتناشقان. تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن خانلىقنىڭ ھەربىي ھوقۇقلۇق داڭلىق گېنېرالغا ئايلانغان. 403 – يىلى 2 – ئايدا، شەرقىي جىن دەۋرى يەنە بىر چوڭ جەمەتنىڭ ۋەكىلى خۇەن شۈەن پادىشاھنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغان. بۇنىڭغا قارشى ليۇ يۈ ئەسكەر باشلاپ خائىنلارنى جازالىغان. 404 – يىلى 4 – ئايدا، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدا بىر نەچچە قېتىملىق چوڭ جەڭ ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇ چاغدا ليۇ يۈ باشلىغان قوشۇن پەقەت بىر نەچچە مىڭلا بولۇپ، سان جەھەتتە خۇەن شۈەن قوشۇنىنىڭ رەقىبى ئەمەس ئىدى. ئەمما، خۇەن شۈەن قوشۇنىدىكى قوماندانلار شەرقىي جىننىڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىلىرىدىن چىققان بولۇپ، ئۇلار ئىچكى كۈرەش ۋە ساراي ھىيلە – مىكىرلىرىگە ماھىر بولغان بىلەن، ئەمەلىي جەڭدە ئاجىز ئىدى. ھە دېسىلا شىكارغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلايدىغان، ھەشەمەتچىلىك ۋە راھەت – پاراغەتكە بېرىلگەن، ھالاۋەتكە كۆنۈپ كەتكەن بۇ كىشىلەر جەڭدە مەغلۇب بولۇشتىن بەك قورقاتتى. شۇڭا جەڭ باشلانغاندا، بىر مۇنچىسى تېخى ليۇ يۈنىڭ قوشۇنى بىلەن تۇتۇشمايلا ئاللىقاچان ھەر ئېھتىمالغا قارىشى چېكىنىش يولىنى تەييارلاپ قويغان ئىدى، شۇڭا قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىق روھى تۆۋەن ئىدى.
ليۇ يۈ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىۋالىدۇ ۋە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، جان تىكىپ جەڭ قىلىدۇ. ھەل قىلغۇچ جەڭدە شەرقىي شىمالدىن كەلگەن شامال ليۇ يۈگە دۈشمەنگە ئوت بىلەن ھوجۇم قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ. خۇەن شۈەننىڭ قول ئاستىدىكى ئەسلىدىلا جەڭ قىلىش نىيىتى يوق قوماندانلار مۇنۇ شىددەتلىك ئوت ئالاۋنى كۆرۈپ، دەرھال جېنىنى ئېلىپ قاچىدۇ. خۇەن شۈەننىڭ قوماندانلىرى پاراغەتلىك تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قۇرقۇپ يۈزمۇيۈز جەڭدىن قېچىپلا يۈرىدۇ ۋە بۇ ئۆلۈم قورقۇنچى ئاقىبەت ئۇلارنى ئەجەل شارابىغا نائىل قىلىدۇ.
- تېز ئاچچىقلىنىش: مەنتقىسىز قارارغا باشلايدىغان يول
يەنى «تېز ئاچچىقلىنىدىغاننى خورلىغىلى بولىدۇ» (忿速,可侮也). تېز ئاچچىقى تۇتۇدىغان، ھاقارەت ئالدىدا غەزىپىنى باسالمايدىغان گېنېرالنى قەستەن جىلە قىلىش ئارقىلىق «ئاسان كونترول قىلغىلى» ۋە ئەقىلسىز قارارلارنى چىقىرىشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ. سۈنزى قومانداننىڭ ھەر قانداق ھاقارەت ئالدىدا سوغۇققان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: يەنى «ھۆكۈمدار بىر دەملىك غەزەپ بىلەن ئۇرۇش ئاچماسلىقى، گېنېرال بىر دەملىك ئاچچىق بىلەن جەڭگە كىرمەسلىكى كېرەك» (主不可怒而興師,將不可慍而致戰). چۈنكى سۈنزىنىڭ قارىشىچە، بىر دەملىك ئاچچىق بىلەن جەڭ قىلىش كىشىنى ئەقىلدىن ئايرىيدۇ، ئەقىلسىز ھالەتتە چىقىرىلغان ھەرقانداق قارار ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
سۈنزىنىڭ قوماندانلىق يولى ھەققىدىكى نەزەرىيەسىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن تەكىتلىنىدۇ. ئۇ قومانداننىڭ چوقۇم ئېغىر – بېسىق، سوغۇققان بولۇشى، ئالدىراقسان بولماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. مەسىلەن، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«گېنېرالنىڭ ئىشى چوقۇم سۈكۈت ئىچىدە سىرلىق، ئادىل ۋە تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك.»
ئەسكەر باشلاپ جەڭ قىلىدىغان قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر ۋاقىت كاللىنى سوغۇققان ساقلىشى، كىشىلەرگە سىرلىق ۋە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان تۇيغۇ بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سالاپەتلىك، سالماق ۋە ئىشلارنى تەرتىپلىك قىلىدىغان بولۇشى لازىم. قوماندان قايسى دەرىجىدە سوغۇققان بولۇشى كېرەك؟ سۈنزى بۇنىڭغا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ:
«ئەۋۋەلا يۈزى ئېچىلمىغان قىزىدەك تىنچ تۇرۇپ دۈشمەننىڭ ئىشىك ئېچىشىنى ساقلاش؛ ئاندىن ئۈركۈپ قاچقان توشقاندەك تېز ۋە تۇيۇقسىز ھەرىكەت قىلىپ دۈشمەننى قارشلىق كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرمەيدىغان قىلىپ قويۇش.»
قومانداننىڭ ئېغىر بېسىق ۋە دۈشمەننىڭ تىل – ھاقارەت بىلەن كۈشكۈرتىشىگە ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەققىدە خىتاي تارىخىدىن ياۋ شياڭ ۋە سىما يىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
ياۋ شياڭ 331 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، يۇرتى بۈگۈنكى كەڭسۇنىڭ لوڭشى ئەتراپىدا ئىدى. ئۇ چياڭ مىللىتىدىن بولۇپ، پالۋان، ئىلىمگە ھېرىسمەن ۋە قابىلىيەتلىك، قەلەمدە ۋە ئەلەمدە پىششىق، شۇ رايوندا يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە كىشى ئىدى. كېيىن ئۇ ئەسكەر چىقىرىپ شۈچاڭنى ئىگىلەپ، گۇەنجۇڭنى ئالماقچى بولدى. ئۇ، ئاۋام خەلقكە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، شۇڭا ئۇزۇن يىل ئۇرۇش قىلسىمۇ، خەلق ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى خالايدىغان بولۇپ، ئامما ئارىسىدا ئىنتايىن ئابرويلۇق ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بىر كەمچىللىكى ھاقارەتكە چىداپ تۇرالمايدىغان ھەققانىيەتچىللىقى كۈچلۈك شۇنداقلا ياشلىقىدىنمۇ قىزىققان ئىدى.
كېيىن ئۇنىڭ قوشۇنى ئالدىنقى چىن (前秦، 350-394) قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى. ئۇ ئەسكەر ۋە خەلقنى باشلاپ چېكىندى، ئەمما ئالدىنقى چىن گېنېرالى فۇ جيەن (苻坚) قوشۇن باشلاپ قوغلاپ، تاكى شەنشىنىڭ سەنيۈەن رايونىغىچە كەلدى. ئۇ چاغدا ياۋ شياڭنىڭ ھەربىي كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، دۈشمەن بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا بولمايتتى، ئەڭ ياخشى تاكتىكا جىمجىت تۇرۇپ، ياردەمچى قوشۇن كەلگەندە پىلان تۈزۈش ۋە دۈشمەننىڭ ئوزۇق – تۈلۈكى تۈگەپ چېكىنگەندە ھۇجۇم قىلىش ئىدى. ئۇ باشتا شۇنداق قىلدى. فۇ جيەن ئۇزۇنغا چىدىيالمىدى، چۈنكى ئارقا سەپ تەمىناتى قىيىنغا توختىدى.
فۇ جيەن بىلەن ياۋ شياڭ كونا رەقىبلەر بولۇپ، ئۇ ياۋ شياڭنىڭ مىجەزى ئىتتىك ۋە ئاسان غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئۇ سەپنىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ جەڭگە چاقىردى ۋە ياۋ شياڭنى توخۇيۈرەك دەپ ھاقارەتلىدى. ياۋ شياڭ فۇ جيەننىڭ ھاقارىتىگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، دەرھال جەڭگە چىقتى. ئۇنىڭ مۇشاۋىرى بۇ ھالنى كۆرۈپ، ياۋ شياڭنى جەڭ قىلماسلىققا، سەپنى مۇستەھكەملەپ جەڭگىۋارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە پۇرسەت ئوڭ كەلگەندە جەڭ قىلىشقا ئۈندىدى. ئەمما ياۋ شياڭ «ئىككى پالۋان بىر ئەلگە سىغمايدۇ، تەڭرىنىڭ پەزىلەتلىك كىشىلەرنى تاشلىۋەتمەي خەلققە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن ھايات – ماماتلىق جەڭ قىلىشقا قارار قىلدىم!» دەپ ئەسلى پىلاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ جەڭگە كىرىدى. ئۇ جەڭگە چىقىشتىن بۇرۇن ھەتتا ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئىشلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ قارارى پۈتۈنلەي خاتا ئىدى، چۈنكى بۇ بىر دەملىك غەزەپ ئۈستىدە ئېلىنغان قارار ئىدى. نەتىجىدە، ئۇ تېزلا فۇ جيەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ چاغدا ئۇ ئارانلا 27 ياشتا ئىدى.
يەنە بىر مىسال جۇگې لياڭ بىلەن سىما يى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدۇر. مىلادى 234 – يىلى، جۇگې لياڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، ۋۇجاڭيۈەن رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزدى ۋە ۋېي دۆلىتىنىڭ چوڭ گېنېرالى سىما يى بىلەن تىركەشتى. سىما يى ئايغاقچىلار ئارقىلىق جۇگې لياڭنىڭ قوشۇنىنىڭ ئوزۇق – تۈلۈك توشۇشتا قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ھەمدە جۇگې لياڭنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىنى بىلگەن بولۇپ، يۈزمۇيۈز جەڭگە چىقماي مۇداپىئەدە تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، شۇ قوشۇنىنى ھالسىرىتىپ يىقىتىش ئىستراتېگيەسىنى قوللاندى. جۇگې لياڭ مۇداپىئەدە چىڭ تۇرۇپ جەڭگە چىقمىغان سىما يىنى تېرىكتۈرۈش ئۈچۈن باشتا ئەسكەرلەرگە سىما يىنى تىللاتقۇزىدۇ. سىما يى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ. كېيىن جۇگې لياڭ تېخىمۇ رادىكال قۇتۇرتۇش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. جۇگې لياڭ ئادەم ئەۋەتىپ سىما يىغا بىر يۈرۈش ئايالچە كىيىم – كېچەك ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئايال كىشىدەك قورقۇنچاقلىق بىلەن مەسخىرە قىلىدۇ ۋە جەڭگە چىقالمىغانلىقىنى تەنقىتلەيدۇ.
سىما يى ئىچىدە قاتتىق غەزەپلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما تاشقى قىياپىتىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كىيىملەرنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە كىيىدۇ (ئەسكەرتىش: رەسمىي تارىخلاردا سىما يىنىڭ ئايالچە كىيىمنى ھەقىقىي تۈردە كىيگەنلىكى قەيت قىلىنمىغان) ۋە ئەسلا جۇگې لياڭنىڭ قىلتىقىغا چۈشمەي، جەڭگە چىقمايلا قالماي ئەكسىچە شۇ ئەلچىسىنى ياخشى تائام ۋە شارابلار بىلەن كۈتۈۋېلىپ، جۇگې لياڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ «ئاز يەپ، كۆپ ئىشلەۋاتقانلىقى»دىن خەۋەر تېپىپ، جۇگې لياڭنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ ۋە مۇداپىئەنى داۋاملاشتۇردى. نىھايەت جۇگې لياڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاپ ۋۇجاڭيۈەندە ئۆلىدۇ ۋە قوشۇن چېكىنىدۇ. جۇگې لياڭ ئۆلگەندىن كېيىن شۇ دۆلىتى بىر تېپىككە يارىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
- كېرەكسىز ساداقەتمەنلىك ۋە ئىززەت – نەپسكە بەك بېرىلمەسلىك
سۈنزى ئېيتقان قوماندانلىق يولىدىكى تۆتىنچى خەتەر بولسا زىيادە پاكلىق ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ «ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»دا «پاكلىققا (ئۆز ئوبرازىغا) بەك ئامراقنى شەرمەندە قىلغىلى بولىدۇ» (廉洁,可辱也) شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. يەنى زىيادە مەنمەنچىلىك ياكى شەرمەندە بولۇشتىن زىيادە ئەنسىرەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق رەھبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى ئوبرازى ۋە ئىززەت – نەپسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ تەنقىد، تۈزىتىشلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. مۇنداق قاراشقا بۇ گەپ خاتا ئەمەس، ھەتتا قىممەتلىك بىر خىسلەتتۇر. ئەمما، ھەرقانداق ئىشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتسە تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»دىكى ليۇ بېي قەسەم ئىچىشكەن قېرىنداشلىرى گۇەن يۈ ۋە جاڭ فېي بىلەن بولغان دوستلۇقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشى ئىدى. گۇەن يۈ سۈن چۈەننىڭ گېنېرالى ما جۇڭ تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندە، ليۇ بېي بۇنى ئاڭلاپ خۇددى ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلغاندەك قاتتىق قايغۇردى ۋە ئۆزى قوشۇن باشلاپ شەرقىي ۋۇغا جەڭ ئېچىپ ئىنىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىشقا بەل باغلىدى. جۇگې لياڭنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش كۆرۈش دۆلەتنىڭ «ۋۇ بىلەن بىرلىشىپ ساۋغا تاقابىل تۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى بۇزىدۇ ۋە ساۋ ساۋغا كۈن تۇغۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ ليۇ بېينى بىر مەزگىل ھاقارەتكە چىداپ، ۋۇ بىلەن ۋېينىڭ ئارىسىدا نىزا چىققاندا ئاندىن شەرقىي ۋۇغا ھۇجۇم قىلىشقا دەۋەت قىلدى. بۇ جۇگې لياڭنىڭ دانا ئەقىل – پاراسىتى ئىدى. بۇ مەسىلىدە ئۇنىڭ قىلغىنى خىتايلار كۆپ دەيدىغان «قەھرىماننىڭ ئۆچ ئېلىشى ئون يىل تەخر قىلسىمۇ كېچىكمەس» (君子报仇十年不晚) دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاش ئىدى.
گېنېراللارنىڭ قايتا – قايتا نەسىھەت قىلىشى بىلەن، ليۇ بېينىڭ غەزىپى سەل پەسەيدى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا ئۇچىغا چىققان ئالدىراقسان، پۈف دېسە ئوت ئالىدىغان جاڭ فېي ليۇ بېينىڭ شەرقىي ۋۇغا لەشكەر تارتماي تۇرۇۋالغىنىنى كۆرۈپ، خان بىلەن ۋەزىر ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەپ – قائىدىنى قايرىپ قويۇپ، ليۇ بېينىڭ پۇتىنى قۇچاقلىغان پېتى يىغلاپ: «سەن بۈگۈن پادىشاھ بولۇپ، خېبېي جۇجوۋدىكى شاپتۇلزارلىقتا ‹گەرچە بىر يىل، بىر ئاي، بىر كۈندە تۇغۇلمىغان بولساقمۇ، لېكىن بىر يىل، بىر ئاي، بىر كۈندە ئۆلگەيمىز› دېگەن قەسىمىمىزنى ئۇنتۇدۇڭمۇ؟ نېمىشقا قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆچىنى ئالمايسەن؟» دەپ جاھاننى بېشىغا كىيىدۇ.
جاڭ فېينىڭ سۆزلىرى نام – شۆھرەت، ئەھدى – ۋاپا ۋە غۇرۇرغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، دەل مۇشۇ خىسلەتلىرى بىلەن ئۆز دەۋردىكى ئۈچ پادىشاھنىڭ بىرىگە ئايلانغان ليۇ بېيغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. شۇ ھامان، ئۇنىڭ ئەھدى – ۋاپا ۋە نام – شۆھرەت ئۈچۈن جەڭ قىلىش ئىرادىسى قەتئىي تىكلىنىدۇ. ھېچكىمنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالماي شاپتۇلزارلىقتىكى ئۈچ قېرىنداشنىڭ قەسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن 750 مىڭ كىشىلىك غايەت زور قوشۇن بىلەن شەرقىي ۋۇغا قاراپ جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بۇ جەڭ ليۇ بېينىڭ بارسا كەلمەس يولىغا ئايلاندى.
سۈن چۈەن بۇ زور قوشۇنغا قارشى شەرقىي ۋۇنىڭ زىيالىي قىياپەت گېنېرالى لۇ شۈن (陆逊) نى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. لۇشۈن ليۇ بېينىڭ قاتتىق غەزەپ بىلەن ئۇرۇشقا كىرگەنلىكى شۇڭا ئاسان چېكىنمەيدىغانلىقىنى پەمىلىدى ۋە ليۇ بېينى ئىچكىرىگە چوڭقۇر باشلاش ئارقىلىق بىر يولىلا يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزدى. چۈنكى، بۇ جەڭدە يېڭىلسە شەرقىي ۋۇ يوقىلاتتى. لۇ شۈن سەپنىڭ بېشىغا قەستەن بىر ئۇچۇم ئاجىز – ئورۇق قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ليۇ بېينىڭ قوشۇنى بۇلارنى بىرمۇبىر بىتچىت قىلىپ ماڭدى – دە، «غەلىبەسېرى» تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ ئىچكىرىلەپ كىرىۋەردى. شەرقىي ۋۇ توختاۋسىز «يېڭىلدى ۋە چېكىندى.» شەرقىي ۋۇ ئوردىسىدا ۋەزىر – ۋۇزارا سۈن چۈەنگە لۇ شۇننى دادلدى ۋە ئۇنداق كىتابخالتىسى تالىپچاقنى ئالماشتۇرۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما سۈن چۈەن لۇ شۈنگە ئىشەندى ۋە ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى سەبىر بىلەن كۈتۈپ تۇردى. بۇ يەردە سۈن چۈەن تاللىغان ئادىمىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغان لىدېرلىق قابىلىيتىنى نامايەن قىلدى.
ليۇ بېينىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۆچمەنلىك ۋە «غەلىبە» بىلەن ئىچكىرلەپ كىرىپ قىلتاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى. چۈنكى، پۈتۈن قوشۇن ئورمانلىقىنىڭ ئىچىگە تولۇق كىرىپ بولغان بولۇپ، لۇ شۈن دەل شۇ يەردە كۈتۈپ تۇراتتى. جۇگې لياڭ ليۇ بېينىڭ قوشۇنىنىڭ ئورمانلىققا تولۇق كىرىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا داڭ قېتىپ قالىدۇ. ئەپسۇسكى، ئاللىبۇرۇن كېچىككەن ئىدى. لۇ شۇن ئەمدى قىلچە كىچىكتۈرمەي ئاساسىي قوشۇننى ئىشقا سېلىپ ھوجۇم قىلدى شۇنداقلا ئورمانلىققا پۈتۈنلەي ئوت قويۇۋەتتى. شامال دەل ليۇ بېينىڭ قوشۇنلىرى تەرەپكە چىقىۋاتقان بولغاچقا جەڭ نەتىجىسىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى. ليۇ بېينىڭ پۈتۈن قوشۇنى دېگۈدەك ھالاك بولدى.
ئاخىرىدا، نام – ئابروينى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان ليۇ بېي بەيدىچېڭدا كۆز يېشى قىلغان ھالدا ئوغلىنى جۇگې لياڭغا ئامانەت قويۇپ ئۆلىدۇ. شۇندىن كېيىن ليۇ بېينىڭ شۇ بەگلىكى راۋاج تاپمايدۇ ۋە ساۋ ساۋ تەرىپىدىن يوق قىلىنىدۇ.
- ئورۇنسىز مېھرىبانلىق
سۈنزى تىلغا ئالغان بەشىنچى ۋە ئاخىرقى خەتەر قومانداننىڭ ئىككىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مېھرىبان تەبىئىتىدۇر: يەنى «خەلقنى بەك ئايايدىغاننى ئاۋارە قىلغىلى بولىدۇ» (爱民,可烦也). مېھرىبانلىق ئادەتتە ئېسىل ئەردەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇشنىڭ شەپقەتسىز شارائىتىدا، ئەخلاقىي مۇكەممەللىك «ئاياللارچە مېھرىبانلىق» (妇人之仁) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ مېھرىبانلىق قومانداننىڭ ھالقىلىق پەيتلەردە ئىككىلىنىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مېھرىبانلىقنىڭ ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشتا زىيادە شەپقەتلىك بولۇشنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىققا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
دەرۋەقە، شياڭ يۈنىڭ «خۇڭمېن زىياپىتى»دە رەقىبى ليۇ باڭنى ئۆلتۈرۈشتە ئىككىلىنىپ قېلىشى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. شياڭ يۈ چۇ بەگلىكىنىڭ داڭلىق ئاقسۆڭەك ھەربىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، جەڭگە ماھىر، ئىستراتېگىيە ئۇستىسى بولۇپ، شۇنداقلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، مەرد ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئېسىلزادىلىرىگە خاس ئەخلاق قائىدىلىرىگە قاتتىق بويسۇنىدىغان قوماندان ئىدى. ئۇ ھەربىي ساھەدە تالانت ئىگىسى بولۇپ، 20 نەچچە يېشىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خىتاينىڭ تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالىسى بولغان چىن سۇلالىسىنى يوقىتىدۇ. ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە ئۆز قول ئاستىدىكى ليۇ باڭ قاتارلىق كىشلەرنى سۇيۇرغال بەگ قىلىپ زېمىن بۆلۈپ بېرىدۇ.
ئەمما بۇ بەگلەر بىر – بىرلەپ ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ. شياڭ يۈنىڭ مەسلىھەتچىسى فەن زىڭ ئەڭ باشتا ليۇ باڭنى يوقىتىۋېتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. چۈنكى، فەن زېڭ پەقەت ليۇ باڭنىڭلا ھەقىقىي كۈچلۈك رەقىب بولۇش يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى، باشقىلارنىڭ بولسا چاغلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. كۆپ قېتىملىق نەسىھەت ۋە ليۇ باڭنىڭ شياڭ يۈگە قىلغان بىر نەچچە قېتىملىق دۈشمەنلىكىدىن كېيىن شياڭ يۈ ليۇ باڭنى يوقىتىشقا ماقۇل بولىدۇ. فەن زىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمدار بولۇش سۈپىتى بىلەن ليۇباڭنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىش؛ كېلىپ قالسا زىياپەتتە ئۆلتۈرۈش، كەلمەي قالسا بۇيرۇققا بۇيسۇنمىدى دېگەن باھانە بىلەن جازا يۈرۈشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ليۇ باڭ زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە كېلىدۇ، مانا بۇ خىتاي تارىخىدىكى داڭلىق خۇڭمىن زىياپىتىدۇر. فەن زىڭ زىياپەتكە شياڭ جۇاڭنى قىلىچ ئۇسۇلى ئويناشقا ۋە قىلىچ ئوينىتىش جەرياندا ليۇ باڭنى ئۆلتۈرۋېتىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شياڭ يۈ باشتا ليۇ باڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ ئەمما زىياپەتتە ليۇ باڭنىڭ باھانە كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاقلىشى بىلەن بىر ئاز بوشاشقا باشلايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇنداق قىلىشنى نامەردلىك دەپ قارايدۇ. كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا «مەن كۈچلۈك، ليۇ باڭ ئاجىز، مەن ياش ئۇ قېرى، مەندەك بىر ياش بۇنداق قېرى چالنى ئۆلتۈرسەم خەلق نېمە دېيىشىدۇ» بولىدۇ. ليۇ باڭ شياڭ يۈنىڭ بۇ ئارىسالدىلىقىنى پۇرسەت بىلىپ ھاجەتخانىغا چىقىش باھانەسى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ.
خۇڭمېن زىياپىتى ليۇ باڭنى ئۆلتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىدى، لېكىن شياڭ يۈ باغرى يۇمشاقلىق قىلىپ ئۇنى قويۇپ بەردى. فەن زېڭ بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇسلىنىپ: «بۇ بالا بىلەن چوڭ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، كەلگۈسىدە دۇنيانى ليۇ باڭ ئالىدۇ، بىز ھەممىمىز ئەسىرگە چۈشىمىز» دەيدۇ. تارىخ ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدۇ. ئاخىرىدا ليۇ باڭ كۈچىيىپ شياڭ يۈ بىلەن قارشىلىشالايدىغان سەۋىيەگە كېلىدۇ.
گەيشيادا ليۇ باڭ بىلەن قىلىنغان ھەل قىلغۇچ جەڭدىمۇ شياڭ يۈ يەنە ئوخشاش خاتالىقنى، يەنى خەلقنى بەك ئويلايدىغان، خەقنىڭ ئۆزى ھەققىدە نېمە دېيىشىنى بەك مۇھىمسىرايدىغان ئورۇنسىز غورۇرلۇق بولۇش ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەن شىننىڭ ليۇ باڭغا ماسلىشىپ قورشاۋغا ئېلىشى بىلەن شياڭ يۈ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوماندانلار دەريادىن ئۆتۈپ چۇ بەگلىگىگە (ئۆزىنىڭ زېمىنىغا) چېكىنىپ، كېيىن كۈچ توپلاپ ليۇ باڭ بىلەن تۇتۇشۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ. شياڭ يۈ بولسا: «مەن يېڭىلىپ چۇ بەگلىكىگە قايتسام، خەلقنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ ئۇلار نېمە دەپ قالىدۇ؟» دەپ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىدۇ ۋە يېڭىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە جەڭ مەيدانىغا قايتىدۇ. ئۆزى يالغۇز ليۇ باڭنىڭ نۇرغۇن لەشكىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ (بەزى مەنبەلەردە ليۇ باڭنىڭ لەشكەرلىرى ئۆلتۈرىدۇ). ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىغا ھەتتا ليۇ باڭ ۋە ئەسكەرلىرىمۇ قايىل بولىدۇ. ئەمما ئۆلگەندىن كېيىن بۇ قەھرىمانلىقنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن.
گەرچە ئاساسىي مەزمۇن بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمسىمۇ شياڭ يۈنىڭ ليۇ باڭغا يېڭىلىشى بىر قوماندان ۋە لىدېر ئۈچۈن ئىبرەتلىك دەرستۇر. بۇ گەرچە بىر قانچە جۈملە بىلەن دەپ ئۆتۈپ كېتىدىغان تېما بولمىسىمۇ، بۈگۈنكى يازما لىدىرلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى جۈملە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەيلى.
شياڭ يۈنىڭ يېڭىلىش سەۋەبلىرىدىن بەزىلىرى:
ھەددىن ئارتۇق مەردلىك، دۇرۇستلۇق ۋە ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش: بۇ نۇقتا ھەققىدە يۇقىرىدا بىر ئاز توختالدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا شياڭ يۈ چىن سۇلالىسىنى يوقاتقاندا مەسلىھەتچىلىرى ئۇنىڭغا زېمىنلارنى بەگلەرگە بۆلۈۋەتمەسلىك، ئەكسىچە چىن سۇلالىسىغا ئوخشاش ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەت قىلىشنى، بولمىسا بەگلەرنىڭ ھامان ئىسيان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شياڭ يۈ بۇنىڭغا جاۋابەن: «مەن بۇ ھاكىمىيەتكە قارشى جەڭ قىلىپ يەنە بۇ خىل ھاكىمىيەتنى قۇرىمەنمۇ؟» دەيدۇ. پۈتۈن جەڭلەرنىڭ مەقسىدىنىڭ باشتىن ئاخىرى جوۋ سۇلالىسىگە ئوخشاش فېئودال سۇيۇرغاللىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى ۋە شۇڭا شۇنىڭغا سادىق قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. نەتىجىدە ئەسكەر، تۇپراق، مال – مۈلۈكلەرنى ئۆز سەپداشلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ ئۇلارنى بەگ\پادىشاھ قىلىپ تىكلەيدۇ. ئۆزى بولسا ھېگېمون پادىشاھ (霸王) يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولۇپ يۇرتى چۇ بەگلىكگە قايتىدۇ. ھەقىقەتەن كۆپ ئۆتمەي بەگلەر ئىسيان قىلىدۇ ۋە بۇ ئىسيان چوڭىيىپ ئاخىرىدا ليۇ باڭ شياڭ يۈنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ھۆكۈمدارلارنى يېڭىدۇ.
ئاداۋەتتىن تۇغۇلغان رەھىمسىزلىك: شياڭ يۈنىڭ بىر تەرىپى رەقىبلىرىگە «مېھرىبان» بولسىمۇ، (خەن شىن بۇنى ئاياللارچە مېھرىبانلىق دەيدۇ) يەنە بىر تەرىپى ناھايىتى رەھىمسىزدۇر. بۇ رەھىمسىزلىكنىڭ سەۋەبى چىن سۇلالىسىنىڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشلىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى بولۇپ، بۇ جەرياندا چۇ بەگلىكى خەلقى چوڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان. شياڭ يۈ مانا شۇ ئاداۋەت بىلەن مۈكۈپ يۈرۈپ چوڭ بولغان. كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇنغا سەردار بولغان. چىن سۇلالىسىنىڭ چوڭ گېنېرالى جاڭ خەن بىلەن بولغان جەڭدە چىن سۇلالىسىنىڭ يۈز نەچچە مىڭ تەسلىم بولغان لەشكىرىنى تىرىك كۆمۈۋەتكەن شۇنداقلا چىن خەلقىنى قارا – قويۇق قىرغىن قىلغان. بۇ ئۇنىڭ چۇ بەگلىگى ۋە شياڭ ئائىلىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشى ئىدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا «قەھرىمان» دىن سىرىت «رەھىمسىز» دېگەن نامغىمۇ ئېرىشكەنىدى.
ھەددىن زىيادە ئۆزىگە ئىشىنىش: ئەسلى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى سەۋەبسىز ئەمەس. ئۇرۇش مەيدانىدا شياڭ يۈگە بىرگە بىر ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيلا قالماي، ئەسكىرى ئىستراتېگىيەدىمۇ شياڭ يۈ يۈكسەك قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى. شۇڭا كىرگەن جەڭلىرىدە ئاساسەن مەغلۇپ بولمىغان. مەسىلەن، 25 يېشىدا 50 مىڭ ئەسكەر بىلەن چىن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىككى قوماندانى بولمىش ۋاڭ لى ۋە جاڭ خەننىڭ 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلىپ يۈكسەك ھەربىي تالانتىنى نامايەن قىلىدۇ ۋە ئاشۇ 20 نەچچە يېشىدا چىن سۇلالىسىنى ھالاك قىلىدۇ. ئەمما بۇ غەلىبىلەر ئۇنى ئۆزىگە ھەددىن زىيادە ئىشىنىدىغان ۋە ئۆزگىلەرنى سەل چاغلايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ باش مۇشاۋىرى فەن زىڭ ليۇ باڭنى بەك كۈچەيتىۋەتمەسلىك، ھەممىدىن ئاۋال ليۇ باڭنى يوقىتىش ھەققىدە كۆپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. شياڭ يۈ: ‹ليۇ باڭنىڭ كۈچى بەك ئاجىز، ئەنسىرەشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق› دەپ تۇرۇۋالىدۇ. فەن زىڭ ليۇ باڭنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقىنىنى، ئەمما شياڭ يۈنىڭ يەنىلا ليۇ باڭنى كۆزگە ئىلماي، باشقا بەگلەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەنلىكىگە قارشى تۇرۇپ، شياڭ يۈگە تالاي قېتىم نەسىھەت قىلىپ ئاڭلىتىپ بولالماي ئاخىرى ئاچچىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە شياڭ يۈ ليۇ باڭنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىدۇ.
ئادەم ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك: بۇمۇ شياڭ يۈنىڭ بەك قابىلىيەتلىكلىكىدىن كېلىپ چىققان مەنمەنچىلىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شياڭ يۈ گەرچە فەن زىڭنى باش مەسلىھەتچى تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چوڭ جەھەتتىن ھېچكىمگە ھاجىتىم يوق دەپ قارايدۇ. يۇقىرىدىكى پۈتۈن سەۋەبلەر شياڭ يۈنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبى بولالىسىمۇ، شياڭ يۈنىڭ يېڭىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ چوڭ ئامىل خەن شىندۇر. چۈنكى، خەن شىن ھەقىقەتەن ئەسكىرى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن شياڭ يۈدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شياڭ يۈنىڭ جەڭدە يېڭىلىشى خەن شىننىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن باشلىنىدۇ. چۈنكى، ئاخىرىدا يېڭىش – يېڭىلىشنى بەلگىلەيدىغان ئامىل تالانت، ئەقىل ۋە بىلىمدىن ئىبارەت. قىزىقارلىق يېرى خەن شىن ئەسلى شياڭ يۈنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەتتىكى ئەسكەر ئىدى. ئۇ گەرچە كۆپ قېتىم شياڭ يۈگە يېقىنلىشىپ ئەسكىرى ئىستراتېگىيە پىكىرىنى دەپ باقماقچى بولغان بولسىمۇ شياڭ يۈ ئاڭلاپ بېقىشنىمۇ ئىستىمەيدۇ ۋە پۇرسەت بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەم ئېھتىياج يوق دەپ قارايدۇ، ھەم خەن شىندەك ئاددى بىر ئەسكەردىن بىر نەرسە چىقمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. خەن شىن شياڭ يۈنىڭ كۆزىگە كىرىپ بولالماي ئاخىرى ليۇ باڭنىڭ تالانتلىق كىشىلەرنى توپلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يېنىغا بارىدۇ. ئۇ ليۇ باڭغا ئۆزىنىڭ 100 مىڭ ئەسكەرگە قوماندان بولالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ليۇ باڭ بىر مەزگىل كۆزىتىپ، خەن شىن يازغان ئىستراتېگىيە لايىھەلىرىنى ئوقۇپ پۇرسەت بېرىشنى قارار قىلىدۇ. پۈتۈن قوماندانلارنىڭ قارشى چىقىشى ۋە مەسخىرە قىلىشىغا قارىماي خەن شىننى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ. خەن شىن كەلگەندىن كېين ھەممە يەردە يېڭىلىپ قېچىپ يۈرۈيدىغان ليۇ باڭ راۋاج تېپىپ كۈچىيشكە باشلايدۇ شۇنداقلا شياڭ يۈنىڭ ھالاكىتى باشلىنىدۇ.
شياڭ يۈنىڭ يۇقىرىدىكىدەك ئاجىزلىقلىرى بولمىغان بولسا ۋە ليۇ باڭنى باشتىلا يوقاتقان بولسا خىتايدا جۇۋ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى فېئوداللىق سۇيۇرغاللىق تۈزۈم داۋام قىلاتتى ۋە خىتايلارنىڭ تارىخى ۋە تەقدىرى بەلكىم پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان بولاتتى.
سۈنزىنىڭ «بەش خەتەر» نەزەرىيەسى ۋە شياڭ يۈ بىلەن ليۇ باڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش قومانداننىڭ خاراكتېرى، بىلىمى، نەزەر دائىرىسى ۋە ۋىزىيونىنىڭ جەڭدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋە بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
