2026-يىلى ئامېرىكا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىق خاتىرە كۈنى بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەبرىكلەش كەيپىياتىغا چوڭقۇر ئىچكى بۆلۈنۈش ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسىي سىناقلار سايە تاشلىماقتا. ئامېرىكا ترامپنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىنى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولۇپ، بۇ دەۋر رادىكال ئىقتىسادىي سىياسەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر، چوڭقۇرلاشقان پارتىيەۋازلىق كۈرىشى،سايلام، كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە ئۈنۈمسىز تىجارەت ئۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار خىرىسلار بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.
قۇتۇپلىشىش- ئامېرىكانىڭ 250 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە تاشلانغان كۆلەڭگە
ئامېرىكىنىڭ 250 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلكىم بۇ دۆلەتنىڭ پارچىلانغان ھالىتىنى ئەڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مېتافورا بولۇشى مۇمكىن. بىرلىككە كەلگەن ئۇلۇسال كاتتا مۇراسىم ئورنىغا، بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىككى رەقىب ئۇلۇسال كومىسىيون پىلانلىغان پائالىيەتلەر بىلەن پارتىيەۋازلىق كۈرەش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. 2016-يىلى، ئامېرىكا كونگىرىسى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن تەڭ نىسبەتتە ئەزا ئېلىنغان، پارتىيەۋازلىقتىن خالىي بولۇشى كېرەك بولغان«ئامېرىكا 250» نى قۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ پەخرىي ھەمرەئىسلىرى ئوباما ۋە بۇش ئائىلىلىرى بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ رول ئوينىغان ئىدى. بىراق، ترامپ ۋەزىپىگە قايتا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىجرائىيە بۇيرۇقى ئارقىلىق «بۈيۈك دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىنى ئۇلۇغلاش»قا بېغىشلانغان ئۆزىنىڭ «250-نومۇرلۇق مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى»نى قۇردى. بۇ پاراللېل رەھبەرلىك ئاپپاراتى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككى كومىتېت ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش مۇناسىۋىتى ئېنىق ئەمەس. تىرامپ رەھبەرلىكىدە شەكىللەنگەن بۇ ئەھۋال، 1976-يىلدىكى ئىككى ئەسىرلىك خاتىرە كۈنىدىكىگە ئوخشاش پارتىيەۋازلىقتىن ھالقىغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىكى بىر پۈتۈن تارىخىي باياننى ئوتتۇرىغا قويۇشتەك ئەنئەنىگە زەربە بەردى.
1974-يىلى، پرېزىدېنت نىكسون ھۆكۈمىتى «Watergate» سەتچىلىكى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەرگەن، ئارقىدىنلار 1975- يىلى ئامېرىكا ۋىيتنامدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بىر بىرىگە ئۇلىشىپ كەلگەن بۇ ئىككى ۋەقە ئامېرىكىلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈمىدسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچ 1964-يىلدىكى %77 نىڭ يېرىمىدىنمۇ كۆپرەك تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇنداقتىمۇ، ئىككى پارتىيەدىن تەركىب تاپقان بىر كومىتېت «ئەركىنلىك پويىزى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراسىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ، شۇنداقلا ئاپوللو ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئايغا قونۇشى ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ كېلىشتەك مىللى غورۇرنىڭ سىمۋولى بولغان بۈيۈك قۇرلۇشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. يەنە كېلىپ 1976-يىلدىكى ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنمەسلىك ھېچ بولمىغاندا ئىككى پارتىيەگە ئورتاق بىر ئىش ئىدى، ھەمدە كونگىرس، سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ئورگانلار ساغلام ئىدى. 2026-يىلغا كەلگەندە ، ئامېرىكا خەلقى زور دەرىجىدە قۇتۇپلىشىپ ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارىغا كۆپ يۇقىرى باھا بېرىدىغان بولدى. پرېزىدېنت بولسا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، «ئامېرىكىنىڭ ئۇلۇغلۇقى» ھەققىدىكى ئۆزىگە خاس، پارتىيەۋازلىق ئىدىيەسىدىكى باياننى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەرقلىق پىكىرلەرنى ياكى سەلبىي قاراشلارنى باستۇرماقتا. ترامپ ئۆزى تەيىنلىگەن ئالىي سوت سوتچىلىرىدىن زور مەنپەئەتكە ئېرىشمەكتە، ئۇلار ترامپنىڭ پىلانلىرىغا بولغان توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ تاشلىماقتا.
رادىكال ئىقتىسادىي سىياسەتلەر
ئامېرىكا بىر ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ رادىكال ئىقتىسادىي تەجرىبىنى باشتىن كەچۈرمەكتە (بۇ يەردىكى ئىقتىسادىي تەجرىبە، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىنمگەن ئىقتىسادى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ ). ترامپ ھاكىمىيەتكە قايتا چىققاندىن بۇيان، بىرلا ۋاقىتتا بىر يۈرۈش كەڭ كۆلەملىك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تەجرىبە ئوبيېكتىغا ئايلاندۇردۇرۇپ قويدى.
نۇقتىلىق ئىقتىسادىي سىياسەت ئۆزگىرىشلىرى:
تاموژنا بېجى: باج نىسبىتى 1930-يىللاردىكى سەۋىيەگە يەتتى.
خىراجەت قىزىل رەقىمى: ھۆكۈمەت خىراجىتى ئۇرۇش، يۇقۇم ياكى چوڭقۇر ئىقتىسادىي چېكىنىش دەۋرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىلانى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق گەپ يوق.
كۆچمەنلەر: يىللىق كۆچمەنلەر سانى بىر نەچچە مىليوندىن نۆلگە يېقىنلاشتى.
فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (فېد): فېدنىڭ مۇستەقىللىقى نىكسون دەۋرىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك زەربىگە ئۇچۇردى ۋە ئۈزلۈكسىز ئۇچرىماقتا.
نەتىجىدە، بەزى ئاقىۋەتلەر ئاللىقاچان كۆرۈنىشكە باشلىغان: تاموژنا بېجى ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئاستىلاتتى ۋە باھانى ئۆستۈردى. بىراق، 2026-يىلى بۇ سىياسەتلەرنىڭ تەسىرى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. 2026-يىلىدا تىرامپنىڭ «بىر چوڭ گۈزەل قانۇن لايىھەسى» (One Big Beautiful Bill Act) ئارقىلىق يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ ئېشىشى ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، فېدمۇ پۇل سىياسىتىنى بوشىتىدىغان بولۇپ، بۇ بىر مەزگىل ئىقتىسادتا «ۋاقىتلىق جانلىنىش» پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ترامپ سىياسەتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەسىرى — يەنى «ئىقتىسادنىڭ توختاپ قېلىشى بىلەن پۇل پاخاللىقى تەڭ يۈز بېرىدىغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت» — 2026-يىللىق GDP ۋە پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئېنىق ئەكس ئېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تاموژنا بېجى ماللارنى قىممەتلەشتۈرگەنلىكى، كۆچمەنلەرنىڭ ئازىيىشى ئەمگەك كۈچى تەمىناتىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكىلىقلار باھانىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. 2026-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە، تاموژنا بېجى ئامېرىكىنىڭ يىللىق پۇل پاخاللىقىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن. كىلەر يىلى دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى، ئەمما توختاپ قالماسلىقى مۆلچەرلەنمەكتە، ئامېرىكا بولسا كەلگۈسى بىر يىلدا ئوتتۇراھال ئېشىش ۋە «ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى پۇل پاخاللىقى»غا دۇچ كېلىدۇ.
ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار ھازىرچە خاتىرجەم،چۈنكى سۈنئىي ئىدراك قىزغىنلىقى سەۋەبىدىن پاي بازىرى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىلارغا ئۇلاشماقتا. بىراق، ئېغىر بازار كرىزىسى خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ كۆپىنچە پاي بازىرىنىڭ گۈمران بولۇشى بىلەن باشلىنىشى مۇمكىن. ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا، سۈنئىي ئىدراكقا تايىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى ئامېرىكا S&P 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ %44ىنى ئىگىلىدى. ئەگەر سۈنئىي ئىدراك قىزغىنلىقى سۇسلاشسا، ئامېرىكا ئائىلىلىرىنىڭ تىرىليون دوللارلىق بايلىقى يوقىلىپ، ئىچكى ئىستىمالغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
دوللاردىن يىراقلىشىشنىڭ تېزلىشىشى
2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دوللارنىڭ قىممىتى باشقا باي دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %10 چۈشتى. ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋال تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دوللار بىلەن ھېسابلانغان قەرز يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان بولغاچقا، ئۇلارغا پايدىلىق ھېسابلىناتتى. بىراق، بۇ قېتىمقى قىممەتنىڭ چۈشۈشى ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىغا بولغان بازار ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى، چۈنكى ئۇ دۇنيا ئەركىن سودىسىنى باشقۇرۇپ كەلگەن قائىدىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىقتىسادنى پالەچ قىلغۇدەك تاموژنا بېجى بىلەن تەھدىت سالدى. بۇ ئېنىقسىزلىق ئىچىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەرز بەرگۈچىلەرگە تۆلەيدىغان خەتەر تولۇقلىمىسى (قوشۇمچە چىقىم) ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆرلىدى. نەتىجىدە، دوللارنىڭ قىممىتى ئاجىزلىغان بولسىمۇ، بۇ پۇل بىلەن قەرز ئېلىش تەننەرخى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، دوللارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تۆۋەنلەتتى.
ئامېرىكىنى سىرتتا قالدۇردىغان سودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا، خىتاينىڭ ئافرىقىغا قىلغان ئېكسپورتى 25%، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قىلغان ئېكسپورتى 20% ئاشتى. نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى ئۆزلىرى سودا قىلىدىغان پۇللارنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن ساقلايدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال مەركىزىي بانكا باشلىقلىرىنى «دوللارنى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېتىش»كە ئۈندىشى مۇمكىن.
باشقا ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ خىتاي، بۇ جەرياننى تېزلىتىش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي 40 نەچچە دۆلەتكە (جىددىي زاپاس ئۈچۈن) يۈەن (元) SWAP لىنىيەسى تەمىنلىمەكتە. خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە باشقا برىكس دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، دوللارغا بولغان ئېھتىياجنى چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان رەقەملىك پۇل تۆلەش سىستېمىسى قۇرماقتا. رەھبەرلەر 2026-يىلى بۇ سىستېمىدا ئىلگىرىلەشلەر بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر دۇنيا تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ پەقەت %60 ىلا دوللاردا ساقلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، بۇ خىرىسلارغا قارىماي، دوللارنىڭ دۇنيادىكى زاپاس پۇل بولۇش ئورنى ھازىرچە يەنىلا مۇستەھكەم. دوللار يەنىلا تاشقى پېرېۋوت سودىسىدا ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا بولۇپ، ئومۇمىي سودىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىكسپورت سودىسىدىكى نىسبىتى 10% كە يەتمىسىمۇ، سودىنىڭ يېرىمى يەنىلا دوللار بىلەن ھېسابات قىلىنىدۇ.
خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ئۆزىگە تايىنىشى
ئامېرىكىنىڭ 2019-يىلى ئىلغار ئۆزەك ۋە ئۆزەك ياساش سايمانلىرىغا قويغان چەكلىمىسى خىتاينىڭ گۈللىنىشىنى ئاستىلىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەكسىچە بۇ خىتاينىڭ بۇ خىل ھالقىلىق تېخنىكىلاردا ئۆزىگە تايىنىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. 2026-يىلى، خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتى ئۆزەك لايىھىلەش ۋە ياساشتا بۇ چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.گەرچە ئامېرىكا شىركىتى Nvidia خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك ئۆزەك بازىرىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خۇاۋېي، Cambricon ۋە MetaX قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى 2025-يىلى 38 مىليارد دوللارلىق بازار ئېھتىياجىنىڭ بەشتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى. 2027-يىلغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بازار ئۈلۈشى مۆلچەردىكى 71 مىليارد دوللارلىق بازارنىڭ %50دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆزەكلىرى ھازىر Nvidia نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلىرىدەك سۈپەتلىك بولمىسمۇ ،ئەمما بەزىلىرى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا سېتىشىغا رۇخسەت قىلغان تۆۋەن دەرىجىلىك نۇسخىلىرى بىلەن تەڭ سەۋىيەدە.
خىتاي شىركەتلىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى ياخشىلىماقتا؛ مەسىلەن، خۇاۋېينىڭ CloudMatrix سىستېمىسى نۇرمالدىن تۆت ھەسسىدىن ئارتۇق توك سەرپ قىلسىمۇ Nvidia نىڭ ئەڭ ئىلغار مەھسۇلاتى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاينىڭ زاۋۇتلىرى يەنىلا مىليونلىغان سۈنئىي ئىدراك ئۆزەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنىڭ كۆپ قىسمىنى قاندۇرالايدۇ. بۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ئارزۇسىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئارىلىق سايلام ۋە دېموكراتىيەگە بولغان تەھدىت
2026-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىلىقلار ئارىلىق سايلامدا بېلەت تاشلايدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھازىر ئاۋام پالاتاسىدا ئاز سانلىق ئۈستۈنلۈككە، كېڭەش پالاتاسىدا بىر ئاز مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە. دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسى سايلىمىنى ترامپ ھۆكۈمىتىنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت دەپ قارايدۇ. تارىختا، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە ئارىلىق سايلامدا ھەمىشە دېگۈدەك ئورۇنغا ئېرىشىدۇ، ترامپمۇ داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى باھا ۋە تۆۋەن ئەمگەك بازىرى سەۋەبىدىن قارشىلىققا دۇچ كېلىدۇ. دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قانچە ئورۇننىلا قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
ئەمما ترامپنىڭ ئۆزى ياقتۇرمىغان سايلام نەتىجىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پرېزىدېنتىنىڭ زور ھوقۇقىنى، ھەتتا قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى. چۈنكى «قوزغىلاڭغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» (Insurrection Act) بويىچە قوراللىق كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ترامپقا ئامېرىكا قانۇنلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر قانداق «قانۇنسىز بىرلەشمە» ياكى «سۇيىقەست»نى «باستۇرۇش» ئۈچۈن قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىدۇ. ترامپ رەقىبلىرىنى سايلام قانۇنلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، قانۇننى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشى مۇمكىن. بۇ ھەرىكەت بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن، شۇ جەرياندا ياكى كېيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن. 2026-يىللىق سايلامنىڭ سەمىمىيلىكى ئاخىرقى ھېسابتا شتات ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ جاسارىتىگە ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىنكاسىغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى: سودا، تېخنىكا، گېئوپولىتىكا ۋە يۇمشاق كۈچتىكى ئۆزگىرىشلەر
2026-يىلدىكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى كۈچىيىۋاتقان تېخنىكىلىق ۋە گېئوپولىتىك رىقابەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئاجىز بىر سودا كېلىشىمى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.ترامپ پەقەت خىتايغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا سودا ئۇرۇشى ئېچىپ،تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن غايەت زور ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلدى. خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت بىر مەزگىل داۋالغۇشلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، 2025-يىلى ئۆكتەبىردىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ،بۇ يىتەرلىك ئەمەس. دۇنيا يەنىلا كونكرېت بىر كېلىشىمنى كۈتمەكتە.
بۇ ئېنىقسىزلىق مەبلەغ سېلىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە. شاڭخەيدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە، خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئازايتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇندىن باشقا، ترامپنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى دۆلەتكە قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىغا قارىماي، بۇ شىركەتلەرنىڭ پەقەت %18ىلا مەبلەغنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى يىل ئىلگىرىكى %30 دىن تۆۋەنلىگەن. ئۆكتەبىردىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولدى. بۇ نىسبەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا نۇرغۇن شىركەتلەر غايەت زور يۆتكىلىش چىقىمىنى تارتىشنىڭ ئورنىغا خىتايدا قېلىشنى تاللىغان. خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا بازىرىدىن يىراقلىشىپ، باشقا بازارلارغا، بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا مەركەزلىشىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدىلا، خىتاينىڭ ئافرىقىغا قىلغان ئېكسپورتى 25%، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قىلغان ئېكسپورتى 20% ئاشقان.
دۇنيا مىقياسىدا، ترامپنىڭ سودىگەرلەرچە دىپلوماتىيە ئۇسۇلى باشقا دۆلەتلەرنى خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. دۆلەتلەر خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېيجىڭ تەرەپكە يۈزلىنىۋاتىدۇ، چۈنكى شى جىنپىڭ تولا ئۆزگىرىپ تۇردىغان ترامقا سېلىشتۇرغاندا «ئىشەنچلىك ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان» كۆرۈنىدۇ. خىتاي 2025-يىللىق سودا جېڭىنىڭ ئېنىق غالىپى دەپ قارالدى. ترامپنىڭ نادىر مېنىراللار سودىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بېيجىڭ بىلەن چوڭ بىر سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئارزۇسى، تەيۋەنگە بولغان قوللاشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ئەنئەنىۋى «ئىستراتېگىيەلىك مۇجىمەللىك» سىياسىتى «قەستەن پەرۋاسىزلىق»قا ئورۇن بېرىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى ئاجىزلىماقتا. چەتئەللىكلەر ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بىراق، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان سىياسەتلەر بۇنىڭ تۆۋەنلىشىنى تېزلەتمەكتە. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى سۈنئىي ئىدراكقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى تولۇق كۇرس ئاسپىرانتلىرىنىڭ %70ىنى چەتئەللىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ھۆكۈمەت چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆت يىللىق تۇرۇش مۇددىتىنى چەكلەيدىغان بىر تۈزۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەگەر ئۇلار ئۇزارتىشقا ئېرىشەلمىسە، بۇ ئادەتتە ئالتە يىل كېتىدىغان دوكتورلۇق پروگراممىلىرىدىكى يۈز مىڭلىغان ئوقۇغۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا چەتئەللىكلەرنىڭ ئىلتىماسى تەخمىنەن 25% ئازايغان. ترامپىنىڭ كۆچمەنلەرنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئامېرىكانىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كارخانىچىلىققا زىيان يېتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ چوڭ دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىغان نەرسە پرېزىدېنتنىڭ سودا ۋە دىپلوماتىيەگە بولغان جازا ئۇسۇلىدىن كېلىدۇ. Pew تەتقىقات مەركىزى 25 دۆلەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ 10 نىدا خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دۆلەت دەپ قارىغانلارنىڭ نىسبىتى 2023-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا زور پەرق بىلەن ئاشقان. ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنمەسلىك ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. 2019-يىلدىن بۇيان، كانادالىقلار ئارسىدا قوشىنىسى ئامېرىكىنى كانادا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتى دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئۈچ ھەسسە ئېشىپ، 60% كە يەتكەن.
بۇرۇن ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن جون بولتون ترامپنى ئامېرىكا تارىخدىكى «بىر غەلىتە ھادىسە» ۋە «نورمال ئادەم ئەمەس» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى تۇراقسىز ھەرىكىتى بەش يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، قالغان ئۈچ يىلدىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. بولتون ترامپنىڭ قائىدىلەرنى ئېنىقلا بۇزۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ترامىپ ئامېرىكىغا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك زىيان سېلىۋاتقان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا سىياسىتىگە سىڭىپ كىرىۋاتقان مۇستەبىتلىكتىن ئەندىشە قىلىش ھەقىقەتەن مەنتىقىلىق بولسىمۇ، ترامپنىڭ «مۇستەبىت بولۇشقا زېھنىي جەھەتتىن يېتەرلىك ئەمەس» لىكىنى، شۇنداقلا ئۇنى جۇلىيۇس قەيسەرگە ئوخشاش تارىخىي شەخسلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بولتون ، «ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ سىياسىيلىشىشى» ۋە ئۆز پارتيسىدىكى كىشىلەرنى كۈچلۈك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىقلارغا قارىماي، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ زىياننىڭ ئاخىرقى ھېسابتا «تۈزەتكىلى بولىدىغان، لېكىن ۋاقىت كېتىدىغان»لىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاخىرىدا، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئامېرىكىنى «مەڭگۈ ترامپقا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ» دەپ ئويلىماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا «ترامپتىن كېيىنكى دەۋرنى ئويلاپ، سىياسەتلىرىنى شۇنىڭغا ئاساسەن تەڭشەش» نى تەۋسىيە قىلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Bennet, J. (2025, November 10). A divided America celebrates its 250th birthday. The Economist
- Braun, A. (2025, November 12). President Trump’s mass deportation campaign is just getting started. The Economist
- Chitnis, S. (2025, November 12). China’s chip industry will surprise the world. The Economist
- Curr, H. (2025, November 10). Expect mediocre growth and, in America, too much inflation in the year ahead. The Economist
- Goldsmith, J., & Bauer, B. (2025, November 12). Donald Trump might challenge election results in 2026, say two leading lawyers. The Economist
- Hall, A. (2025, November 12). America is going through a big economic experiment. The Economist
- Joshi, S. (2025, November 12). Military competition in space will intensify. The Economist
- La Guardia, A. (2025, November 12). Donald Trump counts the wins of unpredictability. The losses will come. The Economist
- Mazie, S. (2025, November 12). America’s Supreme Court will continue to bless Donald Trump’s agenda. The Economist
- Minton Beddoes, Z. (2025, November 10). The contours of 21st-century geopolitics will become clearer in 2026. The Economist
- Prideaux, J. (2025, November 12). An optimistic guide to the coming year in America. The Economist
- Richmond Jones, C. (2025, November 12). The dollar’s dominance is being challenged more and more. The Economist
- Shanbhogue, R. (2025, November 10). AI’s true impact will become apparent in the coming year. The Economist
- The Economist (2025, November). Has the world reached “peak Trump?” [Video transcript]. YouTube. (This entry is based on the provided YouTube transcript excerpts)
- Weinland, D. (2025, November 12). Tariff uncertainty is throwing Chinese manufacturing into chaos. The Economist
- Werner, K. (2025, November 12). The Trump administration is undermining American soft power. The Economist
- Werner, K. (2025, November 12). What’s next for the Democrats? The Economist
- Wroe, A. (2025, November 12). Farewell to the American penny. The Economist
