6-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلىغان ئىسرائىلىيە – ئىران ئۇرۇشى ئىككىنجى ھەپتىگە قەدەم قويدى. ئاخشام ئامېرىكا B-2 تىپلىق بومباردىمانچى ئايرۇپلان بىلەن ئىراننىڭ ئۈچ يادرو بازىسىنى بومباردىمان قىلدى. لېكىن ئىراننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ھازرغىچە تۇتامغا چىققۇدەك ياردەم كەلمىدى. بۇ يازمىدا رۇسىيەنىڭ ئەمەس بەكرەك خىتاينىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق پوزىتىسيە تۇتىۋاتقانلىقى تەھىلىل قىلىنىدۇ.
باشتا رۇسىيە ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلشقا توغرا كەلسە؛
1. رۇسىيەنىڭ ھەم ئوكرائىينا، ھەم ئىراندا ئۇرۇش قىلغۇدەك كۈچى يوق. شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ پىلانى ئوكرائىيناغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش.
2. ترامپ بىلەن پۇتىن ئارسىدا ئىنچكە ھالىقىلىرى تېخى بىلىنمىگەن «مەخپى كېلىشىم» بار. بىز پەقەت ترامپنىڭ ئوكرائىينانىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زىنمىلىرىنىڭ رۇسىيەگە بېرىلىش بەدىلىگە ئۇرۇش توختىتىشقا مەيلى بار تەرىپىنى بىلىمىز. لېكىن ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي ئاسىيا ۋە باشقا رايۇنلار ھەققىدە نېمە دىيشكىنىنى بىلمەيمىز. بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. ترامىپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا رۇسىيە ۋەكىللىرى بىلەن ئوكرائىيناسىز سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە ئۇ يەردە نىمە دىيشتى بۇ تەرىپى نامەلۇم.
3. رۇسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ چىشىغا تىگىشنىڭ بەدىلىنى ھازىرچە كۆتىرەلمەيدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ئوكرائىينا يىللاردىن بېرى ئىسرائىلىيەدىن تۆمۈر قۇببىنى بېرشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئىسرائىلىيە بەرمىدى. تۆمۈر قۇببە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مۇداپىئە سىستىمىسى بولۇپ ھەم باشقۇرلدىغان بومبا، ھەم درونلار توسالايدۇ. ئەگەر ئوكرائىينادا بۇ سىستىما بولسا رۇسىيەنىڭ درونلىرى بۇنچە مۇۋاپىقىيەتلىك بولمايتى. بۇنىڭدىن سىرت ئىسرائىلىيە يالغۇز ئىسرالىيەلا ئەمەس. ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچى
دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە ھەرخىل شەكىلدە مەۋجۇت.
شۇڭا رۇسىيە ئىران رۇسىيەگە قورال ياردىمى قىلغاندەك ئىرانغا قورال ياردىمى قىلالمايدۇ ياكى بۇنىڭدىن ئىھتىيات قىلىدۇ. ئەمما ئۇرۇش ئۇزراپ كەتسە ئۈچىنجى بىر دۆلەتنى ۋاستە قىلىپ ياردەم بېرىشى مۇمكىن، مەسىلەن چاۋشىيەن.
يازمىمىزنىڭ ئەسلى تېمسى بولغان خىتاينىڭ پوزىتسىيسىگە قايتىپ كەلسەك، خىتاي بۇ ئۇرۇشقا 4-كۈنى رەسمىي ئىنكاس قايتۇردى. 4-كۈنى شى جىنپىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى «توقۇنۇشنى تېزدىن پەسەيتىش» كە چاقىردى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ دىپلوماتىيىدە «ئىجابىي رول ئويناش» قا تەييار ئىكەنلىكى تەكلىپىنى بەردى. لېكىن قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنىڭ تەپسىلاتى يەنە يوق.
ئىران ، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شىرىكى؛
1. ئىقتسىادى جەھەتتىن ، ئىران ۋە خىتاي ئارسىدا 2024-2025 يىللىق سودا سوممىسى 34.1 مىليارد دوللار. بۇ سانلىق مەلۇمات خىتاينىڭ نىفىت ئىمپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئىران خىتايغا 14 مىليارد 800 مىليون دوللار قىممىتىدىكى نېفىتتىن باشقا مەھسۇلاتلارنى ساتىدۇ. خىتاي بولسا ئىرانغا 19 مىليارد 300 مىليون دوللار قىممىتىدە مال ئىكسپورت قىلىدۇ.
2. ئىستراتىگىيە جەھەتتىن ئىران خىتاينىڭ رايۇنلۇق ئەڭ چوڭ گىئو-پولىتىكلىق ھەمراھى. خىتاي چوڭ جەھەتتىن پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن دوستانە ئۆتىدۇ. لېكىن ئامېرىكامۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن ئوتترا شەرق دۆلەتلىرىدە تەسىر كۈچكە ئىگە. ئەمما ئىراندا ئامېرىكانىڭ تەسىر كۈچى يوق دىيەرلىك، خىتاي بولسا ئىران بىلەن ئىدولوگىيە جەھەتتىن غەرب ۋە ئامېرىكىغا قارشى ئىتتىپاقداش. شۇنداقلا ئىران يەنە خىتاي باش رول ئويناۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كىسەك ئالتۇن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى نفىت سودىسى دۇنياغا ئوچۇق ئەمەس بولۇپ بىلىنگىنى 2024-يىلى خىتاي ئىراندىن 4 مىليارد دوللارلىق نفىت سېتۋالغان. لېكىن ئەمەلىي سودا سوممىسى بۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگولاردىن ئەگىپ ئۆتۈشنىڭ مىخانىزىملىرنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ بۇلار قاراڭغۇ بازار نىفىت پاراخۇتلىرىنى ئىشلتىش ۋە خىتاينىڭ كىچىك بانكىلىرى ئارقىلىق پۇلنى دوللار بىلەن ئەمەس بەلكى خەلق پۇلى بىلەن تۆلەش قاتارلىقلاردۇر.
خىتاي بىلەن ئىران 2021-يىلى مۇددىتى 25 يىللىق ۋە ئومۇمىي قىممىتى 400 مىلىيارد دوللارلىق سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ ، ئاساسلىق خىتاينىڭ ئىراننىڭ ئىنرگىيە، ئاساس ئۇل مۇئەسسەسسە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېلىشىمدە ئىران خىتاينىڭ مەبلغىدىن پايدىلانسا خىتاي ئىراننىڭ ئەرزان خام ئەشيالىرى، بىر بەلباغ بىر يول رامكىسى ئاستىدىكى پورتلىرى، تۆمۈر يو لىنىيەلىرىدىن پايىدىلىنىپ قالماي يەنە رايۇندا گىئوپولىتىكىلىق ئۈستۈنلىكىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. بۇ كىلىشىم رامكىسىدا خىتاي يەنە ئىراندىن ئالاھىدە باھاسى چۈشۈرۈلگەن نىفىتتىن بەھرىمان بولالايدۇ. مەسىلەن 2021- يىلىدىكى كۈنلۈك 818 مىڭ تۇڭ نىفىت ئىكسورتىنى 2023- يىلىغا كەلگەندە بىر مىليۇن تۇڭغا چىققان. بۇ كىلىشىم يەنە ئىران ۋە خىتاي ئارسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ خىتاي ئىراندا 5000 ئەسكەر تۇرغۇزىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ كورىدىناتلىق شەكىلدە ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىش، ئەسكىرى تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىستىخبارات ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق تالىشۋاتقان بۇنداق خەلقئارا مۇھىتتا ئىران خىتاي ئۈچۈن ھەم كۈچلۈك ھەم ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداش. چۈنكى ئىران ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ بۇ جەھەتتىن خىتاي بىلەن ئوخشاش نىشانغا ئىگە. خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن ئىراندىكى ئىقتىسادى ۋە گىئوپولىتىك تەسىرىنى ئىشقا سېلىپ ئامېرىكا بىلەن بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغانلىقى ياكى ئامېرىكانىڭ تەسىر كۈچىنى چەكلىيەلەيدىغانلىقىنى سىگنالىنى بىرىپ كىلۋاتاتتى.
بۇ سەۋەبتىن مۇتەخەسىسلەر، مەسىلەن نورۋېگىيە شىمالىي قۇتۇپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسى مارك لانتېيىن ئىراننى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونغا كىرىش دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ھەرگىز خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە باشقا دۆلەتتە تەسىر كۈچى يوق دىگەن گەپ بولمايدۇ. ھازىر رايۇندا خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچى ئامېرىكادىن ئېشىپ كىتىگلىك. خەلقنىڭ قوللىشى بولسا ماراكەش قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئامېرىكادىن بەكرەك خىتاي تەرەپتە. يەنى خەلق خىتاينى ئامېرىكادىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. لېكىن ئىراندا خىتاي بەك چوڭ تەسىر كۈچكە ئىگە. شۇڭا
لانتېيىن ئىراندىكى موللا ھاكىمىيتنىڭ يىمىرىلىشى خىتاينىڭ پۈتكۈل رايون بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىغا زور زەربە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىراندىكى ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىشى ئەلۋەتتە رايوننىڭ باشقا جايلىرىغا قاراپ كېڭىيىدۇ ۋە خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەت بۇزۇلىدۇ شۇنداقلا خىتاي ھەجىمى چوڭ ئەمما باھاسى ئەرزان بولغان ئىران نىفىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلدىغان ماللارىنىڭ باھاسىنى ئۆسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئەرزان تاۋار رىقابىتىدە ئۈستىۈنلىكىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى مۇمكىن.
بۇنداق مۇھىم ئىتتىپاقدىشىغا ياردەم قىلماسلىق ياكى قىلالماسلىق خىتاينىڭ قىين ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا گەرچە خىتاي ئۆزىنى خەلقئارا سەھنىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشنى ئويلىسىمۇ ، ئەمما ھەقىقي رىئال مەسىللەردە ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىنى سىگىنالىنى بېرىدۇ. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەقىل ئامبارلىرىدىن بىرى بولغان SETA دا خىتاي-تۈركىيە ھەمكارلىقى ھەققىدە كونفرانس ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي مۇتەخەسىسلەر ۋە خىتاي ئەلچىلىرى شۇنداقلا خىتاي ئوقۇغۇچىلار كونفرانسقا ئىشتراك قىلدى. بىر خىتاي ئوقۇغۇچى تۈرك مۇتەخەسسىتىن ئىران – ئىسرائىلىيە مۇناۋىسۋىتىگە تۈركىيەنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە سۇئال سورىغاندا تۈرك مۇتەخەسىس ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى، ۋە بۇ تەشكىلات بىخەتەرلىك تەشكىلاتى، بۇ تەشكىلات ۋە خىتاي نىمىشقا ئاكتىپ رول ئوينىمايدۇ، دېگەن شەكىلدە جاۋاب بەردى. بۇ ئىنتايىن جايىدا بېرىلگەن جاۋاب بولۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خىتاي ئەزا بولغان باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى رولىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ناتو، گ 7 ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكا باشچىلىق قىلغان بىخەتەرلىك ياكى ئىقتىسادى تەشكىلاتلاردەك ئۈنۈملۈك ھەركەت قىلالايدىغان باشقا تەشكىلاتلار يوق.
ئىران خىتاي ئۈچۈن بىر سىناق. لىكىن بۇ سىناق خىتاينىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدىغان سىناق دىيىشتىن بەكرەك خىتاينىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە ۋە دۇنياۋى لىدىرلىق ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالايدىغان ئىرادىسىنىڭ بار يوقلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر سىناق دەپ قاراش توغرا بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئۇرۇشقا يېرىم ھالەتتە قاتناشتى، بەلكىم ترامىپ دېگەن 2 ھەپتە پۈتكەندىن كىين تولۇق ئۇرۇشقا كىرىشى مۇمكىن. ئىران ھەم ھەربىي ۋە ئىقتىسادى كۈچ جەھەتتىن، ھەم مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى بىر مەزھەپنىڭ يادروسى بولۇشى سەۋەبىدىن، شۇنداقلا يەر مەيدانى، ئىدولوگىيەلىك ۋە سىياسىي تەسىركۈچى جەھەتتىن رايۇنلۇق چوڭ كۈچ. ئىراننىڭ مەيلى پارچىلىنىشى، ئاجىزلىشىشى ياكى ھاكىمىيەت ئالمىشىشى بولسۇن رايۇندا چوڭ كۈچ بوشلۇقنى شەكىللەندۈرۈىدۇ. خىتايغا نىسبەتەن بۇلارنىڭ ھچبىرى خوش خەۋەر ئەمەس. ترامپنىڭ باشتىن ئاخىرى ئوچۇق شەكىلدە بۇ ئۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ تۈنۈگۈن ئىراننى بومباردىمان قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى سېلشتۇرغاندا خىتاينىڭ لىدىرلىق رولىغا سۇئال بەلگىسى قويۇلۇپ بولدى دېسەك خاتا بولمايدۇ. ئەگەر يەنە جىم تۇرۋالسا بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق ئىددىئاسىدىكى ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلايدۇ ھەمدە خىتاينىڭ تېخى ئامېرىكا بىلەن گىئو-پولىتىك رەقىبكە چۈشكۈدەك مادارغا ۋە ئىرادىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن بولسا خىتاينىڭ مەسىلىگە ئۇزۇن يىللىق پىلان رامكىسى ئىچىدە تاكتىكىلىق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
لىكىن مەسىلىگە يەنە بىر تەرەپتىن قارىساق، خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ ئىشقا ئارلىشىش پەيتى تېخى كەلمىدى دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە ۋە ئىران بەرداشلىق بېرەلىسە، خىتاي ئىرانغا ۋاستىلىك شەكىلدە، پاكىستان ئارقىلىق ياردەم بېرىشىنىڭ ئىھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈر؛ ئىران ئۇمۇمي جەھەتتىن قارىغاندا ئاجىز دۆلەت ئەمەس. ئىنتايىن چوڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە دۆلەت. ئىراندا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ۋەيران قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن لېكىن دۆلەتنى شۇنداقلا موللا رېجىمىنى قوللايدىغان خەلقنى يوق قىلىش قىين. بىر قىسم خەلقنىڭ بۇ رېجىمنى ياقتۇرمايدىغانلىقى ئېنىق، لېكىن شىئە ئىدولوگىيەسى كۈچلۈك ۋە بۇ ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئۆلۈمدىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم خەلق بار. مەسىلەن ئىراق بىلەن بولغان ئۇرۇشتا جەڭدىن ئامان قالغان، لېكىن مەيداندا ئۆلمىگەنلىكى ئۈچۈن «ئاللاھ ئالدىدا نىمە گۇناھ قىلدىم» دەپ ئازابلانغان شىئە مىلىتانلار بولغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئۆزىنىڭ ئىتىقادى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەدىنىنى تىغلىق ئەسۋاپلار بىلەن جازالاندۇرالايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىر باشقا چىقىش مۈشكۈل. يەنە كىلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى بولسىمۇ ئەمما سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ۋەتەنپەردەر ئىرانلىقلارمۇ كۆپ. ئىران زىمىنى كەڭرى، يەر شەكىلى مۇرەككەپ ۋە مۇداپىئەگە ئەپلىك رايۇن. بۇ جەھەتتىن ئىراقتىن پەرقلىندۇ. ئىراننى پارچىلاش، ياكى موللا رىجىمىنى يوق قىلىش تىخنىكلىق جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن، ئەمما بۇ جەريان ۋە ئۇنىڭدىن كىينكى تەسىرى بۇ يەرگە نەچچە جۈملە يېزىپ قويغاندەك ئاسان بولمايدۇ. ئىراندىن دائىشتىنمۇ خەتەرلىك ئۇنسۇرلارنىڭ چىقىشى ۋە ئوتترا شەرق يەنە نەچچە ئون يىللىق قانلىق ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ مۇرەككەپ جەريان سىياسەتچىلەرنى راتسىيونال بولۇشقا ۋە ئىران مەسىلىسدە ئېغىر بېسىق بولۇشقا ئىتتىرىدۇ. ئامېرىكا بۇنىڭ ھىساباتىنى قىلۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ھازىر خىتاينىڭ تىز سۈرەئەتتە زورىيشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە لىدىر قىياپىتىدە ھەركەت قىلىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتايغا يۈكلىنىپ قالغان بىر ئۈمىد بار. خىتاينىڭ ئوچۇق ئاشكارا شەكىلدە ئامېرىكا ۋە غەربنى چەكلەپ خەلقئارادا ئىككى چوڭ قۇتۇپ شەكىللەندۈرىدۇ دېگەن قاراش كەڭ تارقىلىغلىق. ئەمما شۇ نەرسىنى بىلىش كېرەككى ئوچۇق ئاشكارا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەسللىرىگە ئارلىشىش خىتاينىڭ ئۇسلۇبى ئەمەس. خىتاي بۇنداق ئىلشلارنى مەخپى ۋە باشقىلارنىڭ قولى بىلەن قىلدۇرىدۇ، خۇددى ئافغانستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تالىبان ھۆكۈمىتى ئارقىلىق كونترول قىلغاندەك، ياكى رۇسىيەگە ھىچقانداق ھەربىي ياردەم قىلمايمىز دەپ تۇرۇپ ياردەم قىلغاندەك. ئىرانغىمۇ بۇ شەكىلدە ياردەم قىلىدۇ. خىتاي ھەرگىز مەن دۇنيا لىدىرى بولىمەن، شۇڭا بۇ مەسىلىنى مەن ھەل قىلاي دەپ ئويىلىمايدۇ. دۇنيا لىدىرى بولۇش زور مەسئولىيتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ۋە بۇ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىگە بىر ئۈلۈش پايدا يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. خىتايدا بۇنىڭ ھەر ئىككىسى يوق. خىتاي نىمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسۇنكى؟ چۈنكى ئامېرىكا ئېلىپ كىلىگلىك. خىتاي بۇنىڭغا ئوخشاش رايۇنلۇق ۋە دۇنياۋى كىرزىسلاردىن قانچە ئۆزىنى ئۇزاق تۇتسا بۇنىڭغا ئامېرىكا شۇنچە ئارلىششىقا توغرا كىلدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكانىڭ كۈچى، زىھنى ۋە ۋاقتى خورايدۇ. خىتاي بولسا زىھنى ۋە كۈچىنى ئۆزىنىڭ مەسللىرىگە قارتىدۇ، مەسىلەن ئىچ سىياسەت، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز ۋە ھىندىستان دېگەندىك. خىتاي ھەرگىز دۇنيانىڭ ساقچىسى بولۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەم بولاي دېسىمۇ ھەربىي كۈچى يەتمەيدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن خىتاينىڭ بىۋاستە ئۇرۇشقا ئارلاشماي قۇرۇق گەپ قىلىپ تۇرۇشى خىتاينىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئوبرازىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ھىچكىم ئۇرۇشنى ياكى ئۇرۇش چىقارغاننى ياخشى كۆرمەيدۇ، خىتاينىڭ ھەم چوڭ ھەم جىدەلدىن ئۇزاق تۇردىغان دۆلەت بولۇشى خىتاي بازارغا سېلىپ كىلىۋاتقان تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈردىغان چوڭ دۆلەت ئوبرازىنى تىكلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن 3-دۇنيا ئەللىرىنى تېخمۇ بەك يېىنغا تارتالايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا ئوتترا شەرق مەسلىسى خىتاينىڭ بىرنجى قول مەسىلىسى ئەمەس. خىتاينىڭ مەسلىسى شەرقى ئاسىيادا. ئوتترا شەرقتە ياكى باشقا بىر يەردە قانچە كۆپ ئىش چىقىپ ئامېرىكا شۇ يەرگە بەندت بولسا خىتاي بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولىدۇ. ئامرىكا شەرقىي ئاسىياغا تولۇق قايتىپ كېلەلمىسە خىتاي كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە ھەربىىي كۈچى بىلەن كورىيە، ياپۇنىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىشىنى كۈچەيتىپ ئامېرىكانىڭ تەسىر كۈچىنى تىنچ ئوكياندىن سىقىپ چىقىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ ئىران – ئىسرائىل ئۇرۇشىدا جىم تۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. پەقەت خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتايدىن ئارتۇق نەرسە كۈتۈۋالغان يىرى بار. يەنە كىلىپ مەسىلە ئسىرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بولغاندا خىتاي بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. ئەمما يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك خىتاي بىلەن رۇسىيە كۈزتىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە ھەر ئىككى تەرەپ ۋاستىلىك ياردەم بېرىشى مۇمكىن. چوڭ دۇنياۋى ئۇرۇش دەرجىسىگە يىتىدىغان بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتمىسە خىتاي بىۋاستە ئۇرۇشقا كىرمەيدۇ ھەتتا بىۋاستە ياردەم قىلمايدۇ.
يازمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ.

ياخشى مۇلاھىزە بولۇپتۇ، ئىملا خاتالىقلىرىڭىزنىڭ ھەل بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.