Foundations of Geopolitics: The Geopolitical Future of Russia
Aleksandr Dugin, 1997
(ئالېكساندىر دۇگىن )
——يازمىنىڭ ئاستىدىكى خەرىتە دۇگىننىڭ بۇ كىتاۋىدىكى ئىستراتىگىيە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن خەرىتە.
كىتاب ھەققىدە بۇ يازمىدىكىدىن يەنىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى يېزىشقا بولىدۇ. چۈنكى كىتاب چوڭ ۋە ئىچىدىكى مەزمۇنلار 2025-يىلىدا تۇرۇپ كۆزەتكەندە بىرئاز غەلىتە، رىئاللىقىتىن يىراق. لېكىن پۈتۈنلەي يىراق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. كىينچە ۋاقىت بولۇپ قالسا بۇ غەلىتە ئىستراتىگىيەلەر ھەققىدە يازما ئىلان قىلىنشىمۇ مۇمكىن. بولۇپمۇ خىتاي – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققدە توختىلىش تېخمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
بۇ كىتابتىكى ئىستراتىگىيەلەر ئىتايىن قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كۆرۈپ موشۇنداق ئىشمۇ مۇمكىن دەپ ئويلىشىڭىز ئېنىق. ئەمما خەلقئارا مۇناسىۋەت موشۇنداق قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان مىساللار بىلەن تولغان. مەسىلەن 1940- يىللىرى ئامېرىكالىق بىرئىستراتىگىيەچى قوپۇپ ياپۇنىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ خىتاينى چەكلەش لازىم دېسە باشقىلار ئۇنى ساراڭلار دوختۇرخانسىغا كۆرىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئوخشاشلا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىرانسىيەلىك بىر ئىستراتىگىيەچى كەلگۈسىدە گىرامانىيە بىلەن بىرلىشىپ رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا كىشىلەر قاقاقلاپ كۈلىشى مۇقەررەر ئىدى. ئەمما ھازىر ئامېرىكانىڭ ياپۇنىيە بىلەن ئتىپاق تۈزشىنىڭ زۆرۈرلىكى ياكى فرانسىيە بىلەن گىرمانىيەنىڭ بىرلىكتە رۇسىيەنى چەكلىشنىڭ تەقەززاسىنى سۆزلىمەسلىك سىياىسي ساۋاتسىزلىق بولۇپ ھىسابلىندۇ. دۇگىننىڭ كىتاۋىغىمۇ موشۇنداق مۇئامىلە قىلىش لازىم. كىتابتىكى ئىستراتىگىيەلەر 1990- يىللارنىڭ سىياسى ئاتموسفراسىنىڭ دۇگىندىن ئىبارەت بۈيۈك ئىستراتىگىيەچىنىڭ تەپەككۇر بىلەن بىرلىشىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، كىتابتىكى ئىستراتىگىيە 1990-يىللارنىڭ سىياسىي مۇھىتى ئۈچۈنمۇ خام. دېمەك دۇگىن سىز ۋە بىز مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارىغان مەسىللەرنىڭ خام ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ پەقەت بۇ خام مەسىللەر ھەققىدە چوڭقۇر ۋە باشقىچە ئويلانغان. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھازىر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە، پەقەت شارائىت پىشىپ يىتىلمىگەن ۋە ياكى كىتابتىكى بەزى ئىستراتىگىيەلەر ھەققىدە پۇتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن كىتابتا خىتاي رۇسىيە ئۈچۈن ئەجەللىك دۈشمەن ۋە چوقۇم يوق قىلىش كېرەك. ئەمما رۇسىيەنىڭ 2023- يىللىق تاشقى سىياسەت ئىستراتىگيىسدە خىتاي، ھىندىستان ، ئىسلام دۇنياسى ۋە جەنۇپ دۆلەتلىرى (Global South) بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. (دۇگىننىڭ كىتاۋىدىمۇ پەقەت خىتاي يوق. ) بۇنىڭىدىن سىرت نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى زەپەر مۇراسىمىدا شى بىلەن پۇتىن يانمۇ-يان ئولتۇردى ۋە بىر سائەتلىك ھەربىي پارات جەرياندا باشتىن ئاخىر پاراڭلىشىپ چىقتى. يەنى خىتاي تەھىدىد ئەمما ھازىر ئامېرىكاغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداش ئەمما ئارىدىن ئامېرىكا بىر تەرەپكە چىققان ۋاقىتتا رۇسىيە ۋە خىتاي بىر-بىرىگە رەقىپ بولىدۇ. يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتۈشكە كېرەك بولغان نوقتا شۇكى، دۇگىننىڭ بەزى ئىستراتىگىيەلىرى ھەقىقەن خام خىيال ۋە قۇرۇق گەپ بولۇشى مۇمكىن. بىر ئىنساندىن 600 بەتلىك ئىستراتىگىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بولۇشىنى كۈتۈش رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.
مەن كۆرۈپ باققان بىر قانچە يازمىلارغا قارىغاندا غەربلىك مۇتەخەسىسلەر بۇ كىتابتىكى ئىستراتىگىيەلەرگە بەكلا ئىتىبار بەرگەندەك قىلىدۇ. مەسىلەن كىتابنى روسىيە ئارمىيىسى ، ساقچى قىسىملىرى ۋە تاشقى سىياسەت سەرخىللىرى ئىچىدە غايەت زور تەسىرگە ئىگە بولغان ۋە روسىيە ئارمىيىسى گىنراللار ئاكادېمىيىسىدە دەرسلىك سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن، دەپ تەسۋىرلىگەن. دۇگىن ھەققىدە بولسا كۈچلۈك روس سىياسىي ئەربابلىرى ئۇنىڭ پىكىرلىرىگە ئەزەلىدىن بەك قىززىقىدۇ، دېگەن. شۇڭا كىتابىنى ياكى بۇ يازمىنى ئوقۇغان ۋاقىمىزدا بىر تەرەپتىن راستەك قوبۇل قىلۋالماسلىق كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا مۇناسىۋەتتە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوقلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. يەنە كىلىپ ئالكساندىر دۇگىن مەيلى ئاشقۇن مىللەتچى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ تەبىرىچە فاشىسىت بولسۇن سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغاندىن بېرى رۇسىيەدە ئىزچىل تۈردە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇپ كەلگەن كۆپ كىشىلەردىن ئەقىللىق بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش لازىم. ئەڭ ئاخىرىدا، دۇگىننىڭ 1997-يىلىلا ئوكرائىينانى ناتو ۋە ئاتلانتىكچى كۈچلەرگە تاشاپ قويماسلىق بەلكى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا ئۇ پۇتىننىڭ ئوكرائىيناغا تاجاۋۇز قىلىش پىلاننىڭ پەردە ئارقىسدىكى شەخس دەپ قارىلىدۇ. بەلىكىم بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇنىڭ قىزى، ژۇرنالىست ۋە سىياسەتچى دارىيە دۇگىن موسكۋا سىرتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ماشىنسىنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلغان بومبا بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئانالىزچىلارنىڭ ۋە دۇگىننىڭ ئۆزىنىڭ دېيىشىچە ئەسلى نىشان ئالكساندىر دۇگىننىڭ ئۆزىنى قەستلەش ئىدى. چۈنكى ئۇ كۈنى ئائىلىۋى سەنئەت فېستىۋالى بار ئىدى. رۇسلار بۇ قەستلەشنى گەرچە ئوكرائىينا قىلدى دەپ قارايدىغان بولسىمۇ ئەمما ئوكرائىينا ھازىرغىچە ئىتراپ قىلمىدى. دۇگىنغا يەنە 2023 -يىلى 1-ئايدا ، ياپونىيە ۋە ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئۇرۇشنى قوللىغان شەخىس دەپ قارىلىپ جازا يۈرگۈزۈلگەن. يىغىپ ئېيتقاندا كىتابتىكى ئىدىيە، كۆز قاراش ۋە ئىستراتىگىيەلەرگە قارىتا يۇقارقى نوقتىلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا مۇئامىلە قىلىش مۇھىم دەپ قارايمەن. ئەمدى كىينكى ئابزاستىن باشلانغان مەزمۇنلارنى كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.
دۇگىننىڭ ئىدىيىسى ۋە تەۋسىيەلىرى ھەقىقەتەن چېكىدىن ئاشقان ، خەتەرلىك ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دۇگىن ئاساسلىقى روسىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەربىي ۋاسىتىلەرنى 1-دەرىجىدە مۇھىم دەپ قارىمايدۇ. بەلكى ئۇ روسىيە ئىستىخباراتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلدىغان، باشقا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىش ۋە رۇسىيەنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن روسىيەنىڭ تەبىئىي گاز ، نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى قورال قىلغان ئاغدۇرمىچىلىق ، مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ۋە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىر گەۋدىلەشكەن مۇرەككەپ بىر ئىستراتىگىيەنىڭ قوللىنىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دۇگىن رۇسىيەنىڭ بىر دۆلەت بىلەن ئۇرشۇپ قېلىشدىن ئەسلا قورقمايدۇ، لېكىن گىئوپولىتىك نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلماي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
دۇگىن جۇغراپىيىلىك سىياسەت ياكى گىئوپولىتىكا ھەققىدە ، 20-ئەسىردىكى بۇ ھەقتە يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىپ، بولۇپمۇ گېرمانىيە كارل خاۋشوفېر ئېقىمنى ئاساس قىلىپ ، «ئاتلانتىكچىلىق» (ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى دۆلەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر) ۋە «ياۋرۇ-ئاسىياچىلىق» (ياۋروئاسىيا-روسىيە قاتارلىق قۇرۇقلۇقتىكى دۆلەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر) ئوتتۇرىسىدا ئىپتىدائىي بىر خىل توقۇنۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بېلگىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسەتچىسى ژان تىرىئارت (Jean Thiriart) رۇسلاشقان سوۋېت ئىتتىپاقىنى «يىلتىزى يوق» ئامرىكا ئىستىمالچىلىق ئىددىيسى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان ياۋروپادىكى مەدەنىيەتنىڭ ئاخىرقى تايانچىسى دەپ قارىغان بولۇپ، دۇگىن بۇ پىكىرنى پۈتۈن ھالەتتە قوبۇل قىلغان. تىرىئارت ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپانىڭ «ياۋرو-سوۋېت ئىمپېرىيىسى» قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى «مۇقەددەس ئىتتىپاق» نىڭ شەكىللىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ ، بۇ ئىتتىپاق ۋىلادىۋوستوكتىن دۇبلىنغىچە ۋە ھىندى ئوكياندىكى پورتلارغىچە بولغان جۇغراپىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
گورباچېۋ يىللىرى (1985-1991) دۇگىننىڭ نەزىرىدە ياۋرو-ئاسىيا-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق گىئو-پولىتىكلىق مەغلۇبىيەتنىڭ بىرى. 1989-يىلدىن باشلاپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھېچكىمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ لوگىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەنلىكى ۋە نەتىجىدە غايەت زور ياۋرو-ئاسىيا ئىمپىرىيەسىنىڭ چاقماق تېزلىكتە يىقىلغانلىقى ئايان بولدى. ئويلىمىغان يەردىن ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشتىن كېيىنكى گېرمانىيە بىلەن ئوخشاش ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ دۇنيا تەسىرى كۈچى نۆلگە چۈشتى ، زېمىنى زور دەرىجىدە ئازايدى ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە خارابىلىككە ئايلاندى.
دۇگىننىڭ قارىشىچە ، 1989-1991-يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دۇچ كەلگەن ھالاكەت ، ئىلگىرىكى گېرمانىيەگە ئوخشاش ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسەتچىلەرنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. گىتلېر 1941-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىشنى قارار قىلغاندا كارل خاۋشوفېر ۋە باشقا ئىستراتىگىيەچىلەرنىڭ نەسىھىتىگە پىسەنت قىلمىغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ، رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات مەركىزى GRU ۋە باشقا مۇتەخەسىسلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن «ياۋرو-ئاسىياچىلىق» يولىنى تەشەببۇس قىلغان ، ئەمما سۆۋىت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بۇ نەسىھىتى ئاڭلىمىغان.
دۇگىن تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ، روسىيەنى غەربلەشتۈرمەكچى بولغان ئىسلاھاتچىلارىنىڭ گورباچېۋ ۋە يېلتسىن يىللىرىدا يولغا قويماقچى بولغان پروگراممىلار پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز قىلىندى. بۇ پروگراممىلار رۇسلارنىڭ مىللەت ، تارىخ ، جۇغراپىيىلىك سىياسىي مەنپەئەت ، ئىجتىمائىي ئادالەت ، دىن قاتارلىق بۇ خىل قىممەت قارىشلىرىغا ماس كەلمەيتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئاتلانتىك ئوكيانچىلار باشتىن باشلاپ سىستملىق ھالدا ۋارشاۋا سىستىمىسىنىڭ (سۆۋىت ئىتىپاقىنى دېمەكچى) يىمىرىلىشىنى پىلانلىغان. گەرچە سۆۋىت يىمىرلگەن بولسىمۇ يېڭى نىشان ياۋرو-ئاسىيا ۋە روسىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش بولۇشى كېرەك. دۇگىن تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھازىرقى روسىيە فېدېراتسىيەسى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خارابىلىقىدىن پەيدا بولغان ، تولۇق بىر دۆلەت ئەمەس ، بەلكى «كەڭ ۋە ھەرىكەتچان يەر شارى جۇغراپىيىلىك سىياسىي مۇساپىسىدىكى ئۆتكۈنچى شەكىل» دۇر. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بوشلۇقىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى دۆلەتلەردىمۇ ئەرمىنىيەنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ھەقىقىي دۆلەت بولۇشنىڭ بەلگىلىرى يوق. ئەكسىچە ئۇلار سۈنئىي ۋە ۋاقىتلىق سىياسىي قۇرۇلمىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئېتنىك روس خەلقى «تەڭداشسىز مەدەنىيەتنىڭ مىراسچىلىرى» دۇر. رۇسلار «دۇنياۋى پان-ئىنسان ئەھمىيىتى» گە ئىگە بىر قۇتقازغۇچى خاراكتىرىگە ئىگە خەلقتۇر.
دۇگىن كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئىمپېرىيە قۇرۇش فۇنكسىيەسىنى رەت قىلىش روسىيە خەلقىنىڭ تارىخىي رېئاللىق ، مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق رەت قىلىش مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنغا باراۋەردۇر. ئىمپېرىيىدىن مەھرۇم قالغان رۇسلار بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىدۇ» . دۇگىننىڭ قارىشىچە ، بىردىنبىر مېڭىشقا تىگىشلىك بولغان يول رۇسلارنىڭ 1989-يىلدىن 1991-يىلىدىكى مەغلۇبىيەتتىن دەرس ئېلىپ ، رۇسلار «ئالاھىدە ئىمتىياز» نى ئىگىلەيدىكەن مىللەت تېرىتورىيەسىدىن ھالقغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىمپېرىيەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشتۇر. بۇ سىياسىي گەۋدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاپ كىتىدىغان روسلار مەركىزى رول ئوينايدىغان بىر قىتئە دۆلىتىدۇر.
رۇسىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان كەڭ قۇرۇقلۇق ئىمپېرىيىسى پىكىرىنىڭ تارقىلىشغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ، دۇگىن ئۆزگىچە روس مىللەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يەنى بۇمىللەتچىلىك دۆلەتنى ئەمەس ، بەلكى « روسىيە پراۋۇسلاۋىيە» مەدەنىيتى قاتارلىق مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرنى ئىشلىتىشىكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. رۇسلار ئۆزلىرىنىڭ پراۋۇسلاۋىيە خىرستىيانلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك ۋە مىللىي رۇسلار ئىككىنچى ئورۇندا ؛ شۇنداقلا يەككە ھالەتتىكى كىشىلەر (رۇسلار) ئۈچىنچى ئورۇندا كېلىشى كېرەك.
ئۇنىڭ قارىشىچە ، بۇ خىل تەكىتلەش روس مىللىتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى ۋە پارلاق كەلگۈسىگە داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە ، بۈگۈنكى كۈندە روسلار ئېھتىياجلىق بولغان «نوپۇسنىڭ ئۆرلىشى» نى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ دەپ قارالغان. دۇگىن ئاخىرىدا مۇنداق بىر رادىكال شۇئارنىڭ ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، يەنى: «مىللەت ھەممە نەرسە ؛ شەخس ھېچنېمە ئەمەس» . بۇ شوئار دۇگىن ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەقىدىسىنىڭ خۇلاسىسى ئىدى.
دۇگىننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى ياۋرو-ئاسىيانىڭ بارلىق دېڭىز بويى رايونلىرىغا بوشاشماي بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە ۋە فۇكۇياما ۋە باشقا ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلارنى تەدبىقلىغان ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆچۈرمەكچى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا روسىيەنىڭ رولىنى تۆۋەن «رايونلۇق كۈچ» شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئازايتىشقا ئۇرۇنغان. تېخىمۇ مەسخىرلىك شەكلىدە ، ئامېرىكا روسىيەنى ئېتنىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ، دۇنيانى تولۇق كونترول قىلىشنى ئويلايدۇ.
ياۋروئاسىيا – روسىيە ئىمپېرىيىسى قانداق قىلىپ «ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي مەغلۇبىيىتى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ دۇگىننىڭ قارىشىچە ، يېتىپ كېلىۋاتقان ئاتلانتىك ئوكيان تەھدىتىگە قارشى ئۈنۈملۈك ئىستراتىگىيە ياۋروئاسىيا-روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق كۈچلىرىنى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ باشقا كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ (ئەمما ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتمىگەن شەكىلدە) قارشى تۇرۇشتۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ياۋرو-ئاسىيا ئىمپېرىيىسىنىڭ گىئوپولىتىك قۇرۇلۇشى ئاساسىدا ، چوقۇم بىر ئاساسىي پرىنسىپ، يەنى « ئورتاق دۈشمەن »پرىنسىپى بولۇشى كېرەك. ئاتلانتىك ئوكياننى ئىنكار قىلىش ، ئامېرىكىنى ئىستراتېگىيىلىك كونترول قىلىشنى رەت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ، ئەركىن بازار قىممىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى رەت قىلىش – بۇ ئورتاق مەدەنىيەت ئاساسى ، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاققا يول ئاچىدىغان ئورتاق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۆرسىتىدۇ . ياپونىيەدىكى «يادرو قىرغىنچىلىقى ۋە سىياسىي ئىشغالىيەتنىڭ نومۇسىنى ياخشى ئەستە ساقلىغان» ئامېرىكىغا قارشى تۇرغۇچىلار ئېقىمى خۇددى ئاشقۇن ئىرانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى قىزغىنلىقىنى قوللىغاندەك قوللاش لازىم. دۇگىن بۇنداق بولغاندا دۇنيا مىقياسىدا، ئاساسلىق « قۇربانلىق قوي » نىڭ دەل ئامېرىكا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
روسىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئاتلانتىك ئوكيانغا قارشى قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى رۇسىيە دۆلىتنىڭ خام ئەشيا بايلىقىدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن پايدىلىنىش. ئاتلانتىك ئوكيانغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، روسىيە شەرق ۋە غەربتىكى پوتانسىئال شېرىكلىرىنى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈش شەرتى بىلەن تەبى بايلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئاتلانتىك ئىتىپاقىنىڭ ياۋرو-ئاسىيانىڭ دېڭىز قىرغىقىدا كونتروللۇقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنىڭ زېمىنى ، ئۆزىنىڭ يېرىم شارى شۇنداقلا ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا توختىماي ھۇجۇمغا ئۇچۇرۇشى كېرەك. دۇگىن «ھەر دەرىجىلىك گىئو-پولىتىك بېسىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قوزغىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
دۇگىن جۇغراپىيىلىك سىياسىي قالايمىقانچىلىقنى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمدىكى پائالىيەتلەرگىچە كىرگۈزۈش كېرەك دەپ قارايدۇ. ، ھەر خىل بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ، ئىجتىمائىي ۋە ئىرقىي توقۇنۇشقا ئىلھام بېرىش ، بارلىق ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى – ئاشقۇن ، ئىرقچى ۋە مەزھەپ گۇرۇپپىلىرىنى ئاكتىپ قوللاش ، ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىيتىنى جەريانىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش مۇھىمدۇر.
دۇگىننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتىگىيەسى يەنە ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئارقىلىق ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل توختاۋسىز مۇقىمسىزلىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئەنگىلىيە ئاخىرىدا ياۋروئاسىيا ۋە ئافرىقا قىرغاقلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ياۋروئاسىيا قىرغاقلىرىدىن قوغلانغاندىن كېيىن ، ئامېرىكانىڭ تەسىر دائىرسىنى دۆلەت ئىچىگە بەنت قىلىۋىتىش كېرەك بۇنداق بولغاندا ئاتلانتىكچىلىقنىڭ غايەت زور گەۋدىسى ۋەيران بولىدۇ . دۇگىن بۇ ۋەيران بولۇشنىڭ ۋارشاۋا شەرتنامىسى سىستىمىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇيۇقسىز يىمىرىلىشىگە ئوخشاش ، ئويلىمىغان يەردىن يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
موسكۋا-بېرلىن ئوق مەركىزى
ياۋروئاسىياچىلىق ئىدىئولوگىيەسىنىڭ كېڭىيىشى ئىچىدە ، دۇگىننىڭ ئىستراتىگىيسى موسكۋا-بېرلىن ، موسكۋا-توكيو ۋە موسكۋا-تېھراندىن ئىبارەت ئۈچ ئاچقۇچلۇق ئوق مەركىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاساس قىلىدۇ. دۇگىن ياۋروپانىڭ كەلگۈسىگە قارىتا: «موسكۋانىڭ ۋەزىپىسى ياۋروپانى ئامېرىكا (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ كونتروللۇقىدىن يىراقلاشتۇرۇش ، ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىگە ياردەم بېرىش ۋە موسكۋا-بېرلىن ئوق مەركىزى ۋاستىسى بىلەن ئوتتۇرا ياۋروپا بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش» كېرەك دەپ قارايدۇ. ياۋرو-ئاسىياچىلىق بىرلىككە كەلگەن ، دوستانە ياۋروپاغا موھتاج. ئۇنىڭ قارىشىچە موسكۋا-بېرلىن ئوق مەركىزىنىڭ ئاساسى – ئامېرىكادىن ئىبارەت ئورتاق دۈشمەننىڭ بولغانلىقىدۇر.
ئۇ، گىرمانىيەنىڭ بۇ ئىستراتىگىيەگە ماسلىشىپ بەرگىنى بەدىلىگە ، كالىنىڭگراد رايونىنى گېرمانىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. روسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۈيۈك ئىتتىپاقنىڭ نەتىجىسىدە ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا سوزۇلۇپ ياتقان رايۇنلارنى بۆلىشىۋېلىش كېرەك. روسىيە بىلەن گېرمانىيە بىرلىكتە بارلىق تالاش-تارتىشلارنى ئالدىنئالا بىرلىكتە ھەل قىلىشى ۋە قارار قىلىشى كېرەك.
ياۋروئاسىيا-روسىيەسى غەربىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا زېمىنىنىڭ گېرمانىيە تەرىپىدىن كونترول قىلنىشنى بىۋاسىتە رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى كېرەك. بولۇپمۇ «فرانسىيە-گېرمانىيە بىرلەشمىسى» نىڭ شەكىللىنىشىنى قوللاش كېرەك. چۈنكى دۇگىننىڭ قارشىچە گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە ئاتلانتىكچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەنئەنىسى بار. گېرمانىيەنىڭ تەسىرى جەنۇبقا – ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەگە كېڭىيىشى مۇمكىن. پەقەت ئامېرىكىنىڭ لەيلىمە بازىسىلىق رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئەنگىلىيە چەتكە قېقىلىشى، ئىتتىپاقنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى ۋە چەكىلىنىشى كېرەك .
دۇگىن شەرق تەرەپتە ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا جايلاشقان پروتېستانت ۋە كاتولىك دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسنى گېرمانىيەگە ھەدىيە قىلىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرقغا قويىدۇ. تارىختىن بۇيان روسىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي بوشلۇقىغا كىرگەن فىنلاندىيەنىڭ روسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كارېلىيان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسىدىن بەھىرلەنگەن ھالدا ياۋرو-ئاسىيا لاگرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش لازىم دەپ قارايدۇ
بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى مەسىلىسىدە ، ئېستونىيەنىڭ گېرمانىيە تەسىر دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لاتۋىيە،لىتۋانىيە ۋە پولشالارغا ياۋرو-ئاسىيا-روسىيەنىڭ تەسىر دائىرسىگە كىرىدىغان لېكىن «ئالاھىدە رايۇن» سالاھىيتى بېرىلىشى كېرەك .
بالقان مەسىلىسىگە كەلگەندە دۇگىننىڭ قارىشىچە سېربىيە دېمەك رۇسىيە دېمەكتۇر. پراۋۇسلاۋىيە دۇنياسى كوللېكتىپ ھالدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ « ئۈچىنچى رىم» يەنى رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قاراپ ماڭىدۇ ، شۇڭا ئەقلىيەتچى ۋە ئىنساننىڭ يەككىلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغان غەربنىڭ توزاقلىرىنى رەت قىلىدۇ.دۇگىننىڭ مۆلچەرىچە ، رۇمىنىيە ، ماكېدونىيە ، سېرب بوسنىيە ، ھەتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا گرېتسىيەمۇ ياۋرو-ئاسىيا-روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كەلسەك ، ئېستونىيەدىن باشقا ھەممىسى ياۋرو-ئاسىيا-روسىيەنىڭ تەركىۋى قىسىمى بولۇشى كېرەك. دۇگىن بېلورۇسىيەنى روسىيەنىڭ بىر قىسمى دەپ كىسىپ ئېيتىدۇ. ئوخشاش ئۇسۇلدا ، مولدوۋامۇ روسىيەنىڭ جەنۇبىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت.
دۇگىن ئۇكرائىنادىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىسى ھەققدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇكرائىنانى بىر دۆلەت دەپ قارىغاندا گىئو-پولىتىك مەنىسى يوق. ئۇنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت ياكى دۇنياۋى ئەھمىيىتى يوق ، جۇغراپىيىلىك ئۆزگىچىلىكى شۇنداقلا مىللىي ئالاھىدىلىكمۇ يوق». ئۇ ئوكرائىينا ھەققىدە «ئۇكرائىنا مەلۇم تېررىتورىيەلىك ئارزۇسى بار مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، پۈتۈن ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا غايەت زور تەھدىد شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى ھەققىدە سۆزلەش ئەقىلگە سىغمايدۇ» . ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقى (بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھازىرقى چېگرىسى ئىچىدە) پەقەت تامپون رايۇنلۇق فونكىسىيەسىگە ئىگە بولۇپ دوگىن بۇنداق رايۇنلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.
دۇگىننىڭ قارىشىچە ، ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقان Volynia, Galicia, and Trans- Carpathia قاتارلىق ئۈچ رايوندا مۇستەقىل «غەربىي ئۇكرائىنا فېدېراتسىيەسى» قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ ئۈچ غەرب رايونىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، بېلورۇسىيەگە ئوخشاش ئۇكرائىنا ياۋرو-ئاسىيا-روسىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ .شۇڭا ئوكرائىينانىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ، يەنى ئاتلانتىكچى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىغا كىرىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك.
دۇگىن بۇنىڭدىن كىين تېخىمۇ قىززىقارلىق ۋە خەتەرلىك بىر ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ غەربىي ياۋرۇپانى گىرمانىيەگە بۆلۈپ بېرىش قاتارلىق ئىستراتىگىيەلەرنىڭ ھەمىمىسى ۋاقىتلىق بولۇپ ياۋرۇ-ئاسىياچىلىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى پۈتكۈل ياۋروپانى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن « فىنلاندىيەلەشتۈرۈش»، يەنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەسىر دائىرسىگە كىرگۈزۈش.
موسكۋا-توكيو ئوق مەركىزى ۋە خىتاي
دۇگىننىڭ يىراق شەرققە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۇل تېشى «موسكۋا-توكيو ئوق مەركىزى» بەرپا قىلىشتا. ئۇ ياپونىيەگە قارىتا «ئورتاق دۈشمەن پرىنسىپى (يەنى ئامېرىكا)» نىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. گېرمانىيەگە ئوخشاش ، ياپونىيەگىمۇ ئىمپېرىيە چوڭ سودىسىنى سۇنۇش كېرەك. خۇددى كالىنگرادنىڭ گېرمانىيەگە سوۋغا قىلىندىغانلىقىغا ئوخشاش تىنچ ئوكياندىكى كۇرىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ ياپونىيىگە سوۋغا قىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى كېڭىيىش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ، ياپونىيەنىڭ 1930-يىللاردا تىنچ ئوكياندا يولغا قويماقچى بولغان « يېڭى تەرتىپىنى» (ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكىنى دېمەكچى) نى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك .
دۇگىننىڭ كۆرسىتىشىچە ، ياۋرو-ئاسىيا-روسىيەنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ھىندىستان بولۇپ ، ياپونىيەگە ئوخشاش ، رۇسىيەنىڭ خىتاينى چەكلەش ۋە پارچىلاشقا بىرلىكتە ھەركەت قىلشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ پىلانغا ئىككى كورېيە ۋە ۋېيتناممۇ تەكلىپ قىلىنىشى كېرەك. موڭغۇلىيە «روسىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى» بولغانلىقى ئۈچۈن ، ياۋرو-ئاسىيا-روسىيەگە بىۋاسىتە داخىل قىلىندۇ.
ئامېرىكىغا ئوخشاش ، خىتاي ياۋروئاسىيا-روسىيە ئۈچۈن غايەت زور خەتەردۇر. ماۋ «دېھقانلار سوتسىيالىزم» نىڭ ساغلام يولىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ، خىتاي «غەرب بىلەن چوڭقۇر مۇرەسسە قىلىش بەدىلىگە» قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى يولغا قويماقتا. دۇگىننىڭ قارىشىچە خىتاي ئاخىرىدا ئاتلانتىكچى كۈچلەرنىڭ پىچكىسىغا ئايلىندۇ.
دۇگىن كىتابىدىكى بىر قانچە نۇقتىدا ، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە شىمالغا، قازاقىستانغا ۋە شەرقىي سىبىرىيەگە ھوجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دۇگىننىڭ كىتابىدا «خىتاينىڭ يىمىرىلىشى» ناملىق بىر بۆلۈم بولۇپ: «خىتاينى روسىيەنىڭ جەنۇبتىكى ئەڭ خەتەرلىك گىئو-پولىتىك قوشنىسى» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: خىتاي روسىيە ئۈچۈن ھەم ئاتلانتىكچى كۈچلەرنىڭ گىئو-پولىتىك بازىسى شۇنداقلا ئېشىپ بېرىۋاتقان نوپۇسى سەۋەبلىك رۇسىيە ئۈچۈن تەھدىد شەكىللەندۈرگەندۇرىدۇ.
خىتاي رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، دۇگىن خىتاينى چوقۇم پارچىلىۋىتىش كېرەك دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭ قارىشىچە شەرقىي تۈركىستان ، تىبەت، موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيە بىرلىكتە رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك بەلبېغدىن ئىبارەتتۇر. روسىيە قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر خىتاينىڭ زېمىننىڭ پارچىلىنىشى ، ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرىي بۆلۈنۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ئۇنىڭ قارىشىچە: «شىنجاڭ ۋە شىزاڭ بولمىسا ، خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە سىبىرىيەگە تەھىدىد شەكىللەندۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس».
دۇگىن يەنە خىتاينى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋىتىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. ئۇ خىتاينىڭ شىمالىدىكى ۋە غەربىي شىمالدىكى زىيىنى ئۈچۈن «گىئوپولىتىك تۆلەم» بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خىتايغا جەنۇب يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىش ئىستراتىگىيسى سۇنۇلۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. خىتاي ۋېيتنامدىن باشقا ، فىلىپپىن ، ھىندىنوزىيە ،ھەتتا ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق رايۇنلارغىچە سىياسىي تەسىر دائىرە ئورناتسا بولىدۇ.
دۇگىن خىتاينى پارچىلاشتا كەسكىن پوزتىسيەدە ئىكەنلىكى مەلۇم. مەسىلەن كىتاۋىنىڭ 1999-يىل نۇسخىسىغا قوشۇمچە قىلىنغان ئۇزۇن بېغىشلىما قىسىمدا روسىيەنىڭ خىتاينى پارچىلاشقا موھتاجلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.لېكىن دۇگىن 2001 -يىلى 7-ئايدا بىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بۇ پوزىتسىيەسىدىن بەك بولمىسىمۇ ئازراق چىكىنگەن. بەلكىم پۇتىننىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ رۇسىيەنىڭ ياپونىيە ، ئىران ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىلىھەم تەكىتلەيدۇ.
موسكۋا-تېھران ئوق مەركىزى
دۇگىن ئىستراتىگىيسىنىڭ ئەڭ كەسكىن ۋە مۇرەككەپ قىسمى جەنۇب تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، مەركىزى موسكۋا-تېھران ئوقىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە قىتئەگە يېيىلغان بىر روس-ئىسلام ئىتتىپاقى ئىدىيىسى ئاتلانتىك ئوكيان گوروھىغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئاساسى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ، پۈتكۈل ئىسلام رايونى ياۋروئاسىيا ئىمپېرىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي دوستانە جۇغراپىيىلىك سىياسىي رېئاللىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، چۈنكى ئىسلام ئەنئەنىسى ئامېرىكا ۋە دىننىڭ مەنىۋى ماسلىشالماسلىقىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئاتلانتىك ئوكيانچىلار ئۆزلىرى ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن رەقىبى دەپ قارايدۇ.
ئىران بىلەن تۈزۈلگەن ئالاھىدە ئىتتىپاقنىڭ نەتىجىسىدە ، دۇگىن ياۋرو-ئاسىيا-روسىيەنىڭ نەچچە يۈز يىللىق روسىيە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئاخىرىدا ھىندى ئوكياننىڭ «ئىللىق دېڭىزى» غا يېتىش ئارزۇسىدىن ھۇزۇرلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. رۇسىيەنىڭ جەنۇبقا قارىتا پەقەت بىرلا مەجبۇرىيىتى بار، يەنى رۇس گىئو-پولىتىك تەسىر دائىرسىنى ھىندى ئوكيان قىرغاقلىرىغا كېڭەيتىش.
بۇ بۈيۈك ئىتتىپاقنىڭ نەتىجىسىدە ، ياۋرو-ئاسىيا-روسىيەسى ئىمپېرىيە غەنىيمەتلىرىنى «جەنۇبتىكى ئىسلام ئىمپېرىيىسى» بىلەن بۆلۈشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك. دۇگىنغا نىسبەتەن روسىيەنىڭ كاۋكاز رايونىنىڭ ھەممىسى ، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ئۆزبېكىستان ، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق رايۇنلار «روسىيەنىڭ مەڭگۈلۈك چېگراسى» ئەمەس ، بەلكى جەنۇبقا كېڭىيىشىتىكى رايونلىرى دەپ قاراش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
روسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كەڭ زېمىن كەلگۈسىدىكى ئىران ئىمپېرىيىسى ۋە ئەرمېنىيە بىلەنمۇ بۆلىشىلىدۇ. ئەرمىنىيە رۇسىيەنىڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى ۋە رۇسىيە ئۈچۈن كاۋكاز رايۇنىدا ئالاھىدە گىئوپولىتىك رول ئوينايدۇ. ئەرمېنىيە تۈركىيەنىڭ شىمال ۋە شەرققە ھوجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك بازا بولىدۇ. شۇڭلاشقا « موسكۋا-ئېرېۋان-تېھران ئوق مەركىزىنى » نى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئەرمەنلەر ئىرانلىقلار ۋە كۇردلارغا ئوخشاش ئارىيان خەلقىدۇر .
ئەزەربەيجانغا نىسبەتەن دۇگىن بىر تاللاش سۇنغان بولۇپ ئەگەر ئەزەربەيجان ھازىرقى تۈركىيەچى پوزىتسىيەسىنى داۋام قىلسا بۇ دۆلەت ئىران ، روسىيە ۋە ئەرمېنىيە ئارىسىدا بۆلۈشۈلىدۇ. كاۋكاز رايونىنىڭ باشقا رايونلىرى – چېچىنىيە ، ئابخازىيە ، داغىستان قاتارلىقلار رايۇنلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىش لازىم. دۇگىن يەنە بىر تاللاش شەكلىدە ئەزەربەيجاننى ئىرانغا قوشۇۋىتىشنى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. قازاقىستان بولسا روسىيە بىلەن ئورتاق قۇرۇقلۇق بىرلەشمىسىگە قوشۇۋىتىلىدۇ. ئابخازىيەمۇ «بىۋاسىتە روسىيەگە» باغلىنىدۇ. گرۇزىيەنى بولسا كوممۇنىزمدىن كېيىنكى دەۋردە روسىيەگە قاراتقان قارشىلىقىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئىرانغا غەنىيمەت قىلىپ ھەدىيە قىلىۋىتلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىما قىلىدۇ.
دۇگىننىڭ قارىشىچە ، ئىران بىلەن بۈيۈك ئىتتىپاق تۈزۈشنىڭ مۇھىم سەۋەبى روسىيەنىڭ خەتەرلىك ۋاھابىزىمنىڭ ۋەكىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە سېكۈلەر تۈركىيەگە قارشى كۈرەشتە مۇسۇلمان بىر ئىتتىپاقداشقا ئېھتىياجى چۈشۈشىدۇر. دۇگىن تۈركىيەگە ئامېرىكا ۋە خىتايغا ئوخشاش قاتتىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. «بۇ ياۋرو-ئاسىياچىلىق ئىستراتىگىيىسدە تۈركىيەنمۇ « قۇربانلىق قوي » قىلىش زۆرۈر دەپ قارايدۇ. كۇردلار ، ئەرمەنلەر ۋە تۈركىيەدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئسىيانغا كۈشكۈرتۈش لازىم ۋە بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ئىچىدە «گىئو-پولىتىك زەربە» پەيدا قىلىش كېرەك. ئەزەربەيجانغا ئوخشاش ، دۇگىن كەلگۈسىدە تۈركىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيا – روسىيەسى ، ئىران ۋە ئەرمېنىيە تەرىپىدىن بۆلۈشۈلدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئەگەر بۇ خىل پارچىلىنىش يۈز بەرمىسە ، ، خىتايغا قوللانغانغا ئوخشاش تۈركىيەنى جەنۇبقا ، يەنى سۈرىيە-شام، باغداد ۋە رىياد ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسىغا قاراپ كېڭىيىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك .
يازمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئورتاقلىشىپ قويۇڭ!
