بۇ يازمىنىڭ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ھندىستان- پاكىستان ئۇرۇشى بىلەن جىق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ ئاساسلىق رۇس مىللەتىچى مۇتەپەككۇر ۋە ئىستراتىگىيەچى، پۇتىننىڭ مىڭسى دەپ قارىلىدىغان ئالكساندىر دۇگىن ۋە ئۇنىڭ ئىستراتىگىيەسى ھەققىدىدۇر. يازما بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈپ يوللىنىلىدۇ. دۇگىننىڭ ئىستراتىگىيەسىنى تېما قىلغان ئىككىنچى بۆلىمى بىر نەچچە كۈندىن كىين يوللىنىدۇ.
ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشقا نەچچە كۈن بولدى. دۇنيا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى زىدىيەتنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتىدۇ ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەتتە يادرو قورال بار ۋە ئىككىسى ئوتتۇرسىدا دىنىي توقۇنۇش، زىمىن توقۇنۇشى، سۇ مەنبەسى توقۇنۇشى، گىئو-پولىتىكلىق توقۇنۇش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق توقۇنۇش مەۋجۇت ۋە بۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنىڭ ناھايىتى قانلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ ئىككى تەرەپ بىر نەچچە تالدىن ئاتوم بومبىسى ئاتتى دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ ئاۋقىۋىتىنى دۇنيا كۆتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشى ئۆلگەندىن سىرت دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تېرىلغۇ مەيدانىلىرىدىن بىرى ۋە ئەڭ مۇھىم سۇ مەنبەلىرىدىن بىرى يادرو بومبىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالسا چوڭ كۆلەملىك ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاچارچىلىق تۈز بىرىشى ۋە دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يەنە كىلىپ يادرونىڭ تەسىرى قوشنا رايۇنلارغا يېيىلىپ ئوخشاش مەسىلىنىڭ كۆلىمىنى كىڭەيتىۋىتىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سىنارىيە ئەڭ ئاخىرىدا ئامال بولمىغاندا يۈز بىرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش ئۇ نوقتىغا بارماي ئاياغلىشىشىنىڭ ئىھتىماللىقى يۇقىرى.
قارايدىغان بولساق ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئۇرۇشنىڭ جەريانى ھەقىقىدە ھەر ئىككى تەرەپتە ساختا ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىدى. پاكىستان ھىندىستاننىڭ بىر رافائىل ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 ئۇرۇش ئايرۇپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان بولسا، ھىندىستان بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھىنسىتان بولسا پاكىستاننىڭ F16 ۋە خىتاي تەمىنلىگەن jf-17 تىپلىق كۆرەشچى ئايروپىلانلىرىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان بولسا پاكىتان بۇنى رەت قىلدى. ھەر ئىككى تەرەپ كونا ۋە باشقا جايلاردىكى ھوجۇملاردىكى رەسىم ۋە سىنالغۇلارنى بۇ قېتىم بولدى دەپ تارقاتماقتا. لېكىن شۇنداقتىمۇ شۇ نەرسە ئايان بولدۇكى پاكىستان ھىندىستان قارشىسىدا ئويلىغاندەك ئاجىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ھاۋا ساھەسىدە ھىندسىتان بىلەن ئاساسەن تەڭ ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى نامايان بولىدى. سەۋەبى بولسا ھىنىدسىتاندا فىرانسىيەنىڭ رافائىل ئۇرۇش ئايرۇپلانى بار بولسا پاكىستاندا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ياسىغان ئەڭ ئاز ئىككى خىل كۆرەش ئايرۇپلانى بار. بۇلار jf-17 ۋە J-10C دىن ئىبارەت. رۇيتىر ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا فرانسىيەنىڭ رافائىلى خىتاينىڭ چىڭدۇ J-10C ناملىق ئايرۇپلانى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن سىرت پاكىستاندا يەنە خىتاينىڭ HQ-16 ۋە HQ-9تىپلىق ئۇرۇش درونلىرى بار. ھىندىستاندا بولسا رۇسىيەنىڭ S-400 ھاۋا مۇداپئىە سىستىمىسى رۇسىيەنىڭ Su-30MKI ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش درونلىرى بار. شۇڭا مەلۇم جەھەتتىن ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشى يەنە بىر جەھەتتىن خىتاينىڭ قوراللىرى بىلەن رۇسىيە ۋە غەربنىڭ قوراللىرىنىڭ كۈچ سىنىشىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ھازىرغىچە بىرەر دۆلەتنىڭ ئاشكارا ھالدا ئىككى تەرەپتىن بىرىنى ئېنىق تەرەپ تۇتۇپ كۈشكۈرتكەن ئەھۋال يوق. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ مىدىيالاردا ئېقىپ يۈرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي، تۈركىيە ، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەزەربەيجان پاكىستاننى قوللىغان؛ رۇسىيە، ئىسرائىلىيە، ياپۇنىيە، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ۋە ئىتالىيە قاتارلىقلار ھىندىستاننى قوللىغان. خىتاينىڭ پاكىستاننى قوللىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئىككى دۆلەت بىر بىرى بىلەن ئەڭ يېقىن ئىتىپاقداش دۆلەت بولۇپ خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پاكىستاننى ھىندىستانغا قارشى ئىستراتىگىيلىك قوللاپ كېلىگلىك. ھەتتا خىتاي بۇ جەھەتتە ئىنتايىن مەردلىك قىلغان بولۇپ پاكىستاننىڭ ئاتوم بومبىسىمۇ خىتاينىڭ ياردىمى بىلەن ۋوجۇدقا چىققان. مەسىلەن نىيويورك تايمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋرىدە ئاتۇم بومبىسى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان قويۇقلاندۇرۇلغان ئوراننى خىتاينىڭ تەمىنلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ چوڭ بىر تېما بولۇپ ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن پاكىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرسدىكى يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئوچۇق-ئاشكارىدۇر. ھىندىستان بولسا خىتايغا قارشى ئىزچىل تىبەتلەرنى قوللاپ ۋە ساھىپ چىقىپ كېلىگلىك ۋە يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. مەسىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاستا ئاستا ھىندىستان مىدىيالىرىغا چىقىرىشقا باشلاۋاتىدۇ. تېخى موشۇ پاكستان بىلەن ئۇرۇش باشلىغاندىن كىين ھىندىستانلىق بىرى سالىھ خۇدايار بىلەن پىروگرامما قىلدى.
تېمىمىز بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەك ئىچكىرلەپ كىرمەيمىز. ئەمما بەلكىم بەزى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ھىندىستاننى قوللىغانلىقىغا ھەيران قالغان بولۇشى مۇمكىن. ھىندىستان چوڭ دۆلەت بولغىنى بىلەن خەۋەرلەرگە كۆپ چىقمايدىغان دۆلەت بولغاچقا كۆپ نەرسە بىلمەيمىز. ئەمەلىيەتتە ھىندىستان رۇسىيە بىلەن بۇرۇندىن قەدىناس دوسىت ۋە ھازىرغىچە ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئوكرائىينا ئۇرۇشىدىمۇ ھىندىستان رۇسىيەنى ئەيىپلەپ باقمىدى. شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئىمبارگوسىغا قېتىلماي رۇسىيەدىن غايەت زور يەر ئاستى بايلىقلىرىنى سېتىۋالماقتا. رۇسىيەنىڭ بۇ قېتملىق ئىنكاسى مەن قىزىزىقىپ بىر يەرلەرگە ساقلاپ قويغان ئالكساندىر دۇگىننىڭ «سىياسىي جۇغراپىيەنىڭ\ گىئو-پولىتىكانىڭ ئاساسى» ئىنگىلىزچىسى (Foundations of Geopolitics) ناملىق كىتاۋىدىكى رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى بۈيۈك ئىستراتىگىيەسى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئىسمىگە سالدى. ئەسلى بۇ كىتاب ھەققىدە ماڭا بۇلتۇر يازدا بىر قازاق پروففىسۇر سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. قىززىقىپ كىتابنىڭ ئۆزىنى ۋە يېزىلغان مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى تېپىپ ئوقۇپ باقتىم ۋە دۇگىن كىتابتا ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ۋە غەلىتە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن خىتاينى رۇسىيە ئۈچۈن بۈيۈك تەھدىد دەپ قارىغان ۋە چوقۇم ئۇيغۇرلار ، تىبەتلەر، مۇڭغۇللار ۋە مانجۇلارنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۇگىن بۇ كىتابنى 1997- يىلى يازغان، ھازىرغىچە خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىدا نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى. شۇنداقتىمۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىش رۇسىيەنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرۈشتە بەلگىلىك ياردىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە بىر كىتابنى بولۇپمۇ بۇنىڭدەك چوڭ بىر ئىدولوگىيە ۋە ئىستراتىگىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان كىتابنى\ئىدىيەنى چۈشىنىش ئۈچۈن يازغۇچىنىڭ ئىدولوگىيەسى، ئارقا كۆرىنىشى ۋە ياشىغان دەۋرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىنى بىلىش كېرەك. بولمىغاندا بەزى ھالقىلارنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بۇنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ يازمىدا كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئەمەس بەلكى ئالىكساندىر دۇگىننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلانى ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم. نەچچە كۈندىن كىين كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلار ئايرىم يازما قىلىپ يوللىنىلىدۇ.
سوۋىت ئىتتىپاقى 1991- يىلى رەسمىي پارچىلانغاندىن كىين «ياۋروئاسىياچىلىق» روس مىللەتچىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ رۇسىيە سەرخىللىرى ئارىسدا كوممۇنىزمدىن كېيىنكى «روسىيە ئىدىئولوگىيەسى» گە ئۆزگەرگەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە روس مىللەتچىلىرىنىڭ ئاجىزلىقى ئۇلارنىڭ روسىيە چېگراسىنى ئېنىق بەلگىلىيەلمىگەنلىكىدە بولۇپ بۇنىڭغا قارىغاندا يارۋۇ-ئاسىياچىلىق رۇسىيە ئۈچۈن يېڭى تەسىر كۈچ زىمنى ھازىرلاپ بىرەلەيدۇ.
بۇ ھەقتە ئەڭ سىستىملىق ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى پۇتننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتىگىيە مەسلىھەتچىسى، روسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىدىئولوگلىرىنىڭ بىرى ۋە (گەرچە جەزمىلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ ) نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن «پۇتىننىڭ مېڭىسى» دەپ قارىلدىغان شەخس ئالىكساندىر دۇگىن بولۇپ ئۇ بۇ ئىستراتىگىيلىك ئىدىيەنى 1997-يىلى غەربلىكلەر تەرىپىدىن ياۋروئاسىياچىلىقنىڭ رىسالىسى دەپ قارالغان «گېئوپولىتىكىنىڭ ئاساسى» (Foundations of Geopolitics) ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب ئىلگىرى سۈرگەن ئىدىيەسى بىلەن يىلتسىننىڭ ئاخىرقى دەۋرى ۋە پۇتىندىن دەۋرىدىن باشلاپ رۇسىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە كېڭەيمىچىلىك ھەركەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارالغان.كىتاب 600 بەت بولۇپ «دۇبلىندىن ۋىلادىسۋوستوكقىچە» سوزۇلغان جۇغراپىيە ئۈستىدىكى رۇسلارنىڭ باشقۇرلۇشى ۋە مىللى مەنپەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەخسەد قىلغان.
ئالېكساندىر دۇگىن 1962-يىلى ئۈچ ئەۋلاد روسىيە ھەربىي ئوفىتسېرئائىلىدە تۇغۇلغان ، يەنى ئۇنىڭ دادىسى، چوڭ دادىسى ۋە چوڭ دادسىنىڭ دادسىىمۇ ھەربىي. ئۇنىڭ دادىسى پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ، بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ، GRU دا خىزمەت قىلغان. دۇگىن ياش ۋاقتىدا چەتئەل تىلى ئۆگىنىشكە ماھىر قابىلىيەتلىك ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 9 خىل تىل بىلىدۇ.
ئۇ ياش ۋاقتىدىلا موسكۋا زىيالىيلىرىنىڭ مىستىسىزىم ( تەسەۋۋۇپ بولۇشى مۇمكىن) ، پاگانىزىم ۋە فاشىزىمغا قىزىقىدىغان مەخپىي گۇرۇپپسىغا قاتناشقان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ «ئۇستازلىرى» ۋە «شاگىرتلىرى» ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان. دۇگىن ئىتالىيەلىك پاگان-فاشىست پەيلاسوپ جۇلىيۇس ئېۋولانىڭ (Julius Evola) كىتابىنى تەرجىمە قىلغان.
دوگىننىڭ بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن موسكۋا ئاۋىئاتسىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە KGB تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىن سۆۋىت تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابلار بايقالغان. بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ سەۋەبلىك ئۇ موسكۋا ئاۋىئاتسىيە ئىنستىتۇتىدىن قوغلانغان. يەنە بىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئۇ ئاخىرىدا بىر ئامال قىلىپ ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەن.
1987-يىلى ، گورباچېفنىڭ ئىككىنچى قېتملىق پىرىزدىنتلىقى مەزگىلىدە ، دۇگىن تېخى 20 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ ، دىمىترىي ۋاسىلېۋ باشچىلىقىدىكى يەھۇدىيلارغا قارشى روسىيە مىللەتچىلىك تەشكىلاتى «پاميات» نىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
1989-يىلى دۇگىن كۆپ ۋاقتىنى غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ساياھەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ يەرلەردە تۇرغان ۋاقىتتا فرانسىيەلىك ۋە بېلگىيەدىكى يېڭى ئوڭچى ئىدىيەنىڭ ئاۋانگارت ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىدە بولغان. دۇگىن بۇ مەزگىلىدە ھەممىدىن بەك «كىلاسسىك مۇھافىزىكار ئىنقىلاپ» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ مۇشۇ سەۋەبتىن باشقىلار دۇگىننى فاشىسىت بىر ئىدىئولوگىيەنىڭ ھىمايچىسى ۋە بەرپاچىسى دەپ قارىغان.
90-يىللىرىنىڭ بېشىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشكە ئاز قالغاندا ، دۇگىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىياسىي رول ئېلىشقا باشلىدى. ئۇ كوممۇنىستلار ئارىسدىكى «دۆلەتچى ۋەتەنپەرۋەرلەر» بىلەن ئالاقە ئورناتقان ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە روسىيە فېدېراتسىيەسى كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى گېنادىي زيۇگانوف بىلەن يېقىنلاشقان. دۇگىننىڭ تەسىرىدە زيۇگانوفتا مىللەتچى كوممۇنىزم ئىدىيىسى شەكىللەنگەن. 1991-يىلى ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخىرلاشقاندا دۇگىن روسىيە ئارمىيىسىدىكى كىشلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار مۇھىم مىللەتچى يازغۇچى ئالېكساندىر پروخانوف بىلەن تونۇشقان ۋە ئۇنىڭ ژۇرنىلىدا ئەسەر ئىلان قىلىشقا باشلىغان.
1992-يىلى 7-ئايدا ، دۇگىن ئۆزىنىڭ ژورنىلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ ، بۇ ژۇرنال يىلدا بىر قېتىم 5000-10،000 پارچە بېسىپ تارقىتىلغان. ژۇرنالنىڭ ئىسمى « Elementy» بولۇپ فرانسىيەدىكى يېڭى ئوڭچىلارنىڭ نەزەرىيىۋى ژۇرنىلىنىڭ ئىسمىدىن ئالغان ئىدى. دۇگىن يەنە ئۆزىنىڭ «Arktogeya» نامدىكى نەشرىياتىنى قۇرغان بولۇپ بۇنىڭ ئسىمىمۇ گېرمانىيەلىك ئوڭچى مىللەتچى (ئەسلى مەنبەدە فاشىسىت دەپ تىلغا ئېلىنغان) نەشرىياتىنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان. ئۇ قەدىمكى يۇنانچە arktos (شىمال) ۋە gea ياكى gaia (قۇرۇقلۇق) سۆزلىرىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ ، ئارىيانلارنىڭ ئەسلى ماكانى دەپ قارالغان غايىب بولغان قۇتۇپ قۇرۇقلۇقىنى كۆرسىتەتتى.
1991-1992-يىللىرى دۇگىن ياۋروپا يېڭى ئوڭچىلارنىڭ بەزى رەھبەرلىرى بىلەن روسىيە قوراللىق قىسىم گىنراللار ئاكادېمىيىسىنىڭ (Academy of the General Staff ) بىر قانچە بۆلۈم باشلىقى ۋە پروفېسسورلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاق تۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ باققان. باش شتاب ئاكادېمىيىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئىگور روديونوف دۇگىنغا ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ ، 1996-1997-يىللىرى روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن ، دۇگىننىڭ ئىدىيىسى ئۇنىڭ قوللىشىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولغان. دوگىننىڭ مەشھۇر «جۇغراپىيىلىك سىياسەتنىڭ ئاساسى» ناملىق كىتاۋىنىڭ روديونوفنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە يېزىلغانلىقى تېخمۇ چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.
گىنراللار ئاكادېمىيىسى ۋە GRU نىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسەت ۋە ياۋرو-ئاسىياچىلىققا بولغان قىزىقىشى 1950- يىللارغا بېرىپ تاقىلىدىغان بولۇپ 1950-يىللىرىدىن باشلاپ ، گېنېرال شتېمېنكو ۋە ئادمىرال گورشكوۋغا ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيىچىلىرى ياۋرو-ئاسىياچىلىق تەپەككۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. دۇگىن، 1980-يىللارنىڭ بېشىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى نىكولاي ئوگاركوۋنى «مۇنەۋۋەر جۇغراپىيىلىك سىياسەتچى ، ئىستراتېگيەچى ۋە ياۋرو-ئاسىياشۇناس» دەپ قارايتى.
1993-يىلى ، دۇگىن كارىزماتىك پوپيۇلىست سىياسەتچى ئېدۋارد لىمونوف بىلەن بىرلىكتە مىللىي بولشېۋىكلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان ۋە پارتيىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى دۇگىن ئۆزى بىر قوللۇق تىكلىگەن. بۇ پارتىيە روسىيە مىللىي بولشېۋىزىمغا قارىغاندا بەكرەك گېرمانيەدىكى مىللىي بولشېۋىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ گېرمانىيە ۋە روسىيەنىڭ غەربكە قارشى ئىتتىپاقداشلىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. 1995-يىلى ، دۇگىن رۇسىيە دۇماسىغا نامزات بولغان لېكىن ، سايلىغۇچىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ، پەقەت% 0.85 بېلەتكە ئېرىشكەن.
1997-يىلى دۇگىن ئىلگىرىكى ئىتتىپاقدىشى ئېدۋارد لىمونوفتىن يىراقلىشىپ ، سىياسىي ھاياتىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك داۋاملاشتۇرشقا باشلىغان. شۇ يىلى ئۇ كوممۇنىزمدىن كېيىنكى روسىيەدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان «جۇغراپىيىلىك سىياسەتنىڭ ئاساسى» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدى. كىتاب گېنېرال نىكولاي كلوكوتوف ۋە پولكوۋنىك لېئونىد ئىۋاشوف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە نائىل بولغان. كىتابنىڭ ئەمەلىي گىئو- پولىتىكىغا مەركەزلىشىشى كۈچلۈك دىققەت تارتقان بولۇپ ، روسىيە قوراللىق قىسىم گىنراللار ئاكادېمىيىسىنىڭ دەرسلىك كىتابىغا ئايلانغان.
دۇگىن 1998-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت دۇماسىنىڭ باشلىقى گېننادىيې سېلېزنېۋنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەينىلىنىشى بىلەن تېخمۇ داڭقى چىققان . سېلېزنېۋ ھەتتا دۇگىننىڭ ئىدىيىسىنى مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2001-يىلى «ياۋرو-ئاسىياچىلىق» ھەرىكىتى قۇرۇلۇش قۇرۇلتىيىدا ، دۇگىن كىتابىنىڭ ئىلمىي ئىشلىتىلىشى بىلەن ماختىنىپ ، ياۋرو-ئاسىياچىلىق ئىدىئولوگىيىسىدە يىلتىز تارتقان يېڭى ھەربىي قوماندانلىق تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇ يىلى ، دۇگىننىڭ نەشرىياتىخانسى ياۋرو-ئاسىياچى مۇتەپەككۇر شاھزادە ترۇبېتسكوينىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى ، دۇگىن ئۇنى «ياۋرو-ئاسىياچىلقنىڭ ماركىسى» (ماركا ئەمەس ماركىس دېمەكچى) دەپ تەرىپلىدى. دۇگىن يەنە موسكۋادا روسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئورگانلىرىغا مەسلىھەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەجرىبە مەركىزىنى قۇرۇدى. ئۇ بارغانسىرى KGB نى ماختاشقا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ ، ئۇنى كەلگۈسىدىكى ياۋروئاسىيا ئىمپېرىيىسىنىڭ ئامېرىكا ھېگېمونياسىغا قارشى تۇرۇشنىڭ تايانچ كۈچى دەپ قارىدى.
دۇگىن كرېمىل سارىيدىكى مۇھىم شەخسلەربىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىغان ۋە ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 2000-يىلى روسىيەنىڭ ياۋروئاسىيا دۆلىتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى تارىخي خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش دەپ ماختىغان. بۇ تەرەققىياتلارنىڭ تۈرتكىسىدە 2001-يىلى 4-ئايدا پان-روسىيە سىياسىي ئىجتىمائىي ھەرىكىتى «ياۋرو-ئاسىيا» قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى. قۇرۇلتاينى KGB نىڭ سەرخىللىرى تەشكىللىگەن ۋە قوللىغان بولۇپ دۇگىن رەھبەر بولۇپ سايلاندى.
دۇگىن رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە پرېزىدېنت ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئۇنىڭ كۆز قارىشى كرېمىل سارىيىنىڭ رەسمىي باياناتلىرى بىلەن بارغانسىرى ماسلاشتى ، ئۇنىڭ تەشكىلاتى ھۆكۈمەت ئۈچۈن تاشقى سىياسەت دوكلاتى تەييارلاشقا باشلىدى. ياۋرۇ-ئاسىياچىلىق ھەرىكىتى ئىقتىسادىي ۋە ئالاقە جەھەتلەردە رايونلۇق ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى.
ياۋرۇ-ئاسىياچىلىق ھەركىتى قۇرۇلۇش قۇرۇلتايدا ، دۇگىن پرېزىدېنت ھۆكۈمىتى ، روسىيە پراۋۇسلاۋىيە چېركاۋى ۋە ئاساسلىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنىڭ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. 2001-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ، «ياۋرو-ئاسىياچىلىق ھەرىكىتى روسىيەنىڭ 50 رايونىغا كېڭەيدى ۋە موسكۋادا «ئىسلام تەھدىتىمۇ ياكى ئىسلامغا تەھدىتمۇ» قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك كونفرانسلارنى ئۆتكۈزدى.
2001-يىلى يازغا كەلگەندە ، دۇگىن ھەربىي كۈچ ، ئاخبارات ، دۇما رەھبەرلىكى ۋە كرېمىل سارىيى بىلەن بىرلىشىپ ، روسىيە كۈچلىرىنىڭ يادروسىغا يېقىنلاشتى. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى رەسمىي دۆلەت سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە شەكىللەندۈرۈدۇ دەپ قارىلاتتى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، روسىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر قاتاردا دۇگىننىڭمۇ كۆز قاراشلىرىنى ئېلىشقا باشلىدى ۋە بۇ ئۇنىڭ روسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى چەمبىرىكىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى ئىدى.روسىيەنىڭ بىر قانچە مىدىيالىرىنىڭ قارىشىچە دۇگىن ئۇسلۇبىدىكى ياۋروئاسىياچىلىق روسىيەدىكى بىر قاتار سىياسىي ئېھتىياجلارنى قاندۇراتتى.
كىتابنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككىنچى بۆلىمى بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئىلان قىلىندۇ.
ئەگەر يازمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ.

دۇگىن شۇنچە سىرلىق شەخسمۇ؟