
(بۇنىڭغا ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ دېمەيمەن. لېكىن ئوقۇپ قويۇڭ.)
—-بۇ The Hill دېگەن تور بەتتە رۇتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت پەنلەر پروفېسسورى ئالېكساندىر ج. موتىل (Alexander J. Motyl) تەرىپىدىن 2025-يىلى 26-فىۋرال يېزىلغان يازما.
قازاقىستان ئىستخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق باشلىقى ئالنۇر مۇسايېف (Alnur Mussayev) يېقىندا فېيسبۇك سەھىپىسىدە ئەينى ۋاقىتتا، يەنى 1987-يىلى 40 ياشلىق ئۆي-مۈلۈك ماگناتى دونالد ترامپنىڭ نىڭ موسكۋاغا زىيارەتكە كەلگەندە KGB تەرىپىدىن ئىشقا ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇسايىف دېگەن گەپ ئەسلى مۇنداق
—- « 1987-يىلى مەن موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى KGB نىڭ 6-بۆلۈمىدە ئىشلەيتىم. 6-بۆلۈمنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى كاپىتالىستىك دۆلەت سودىگەرلىرىدىن جاسۇس ۋە ئۇچۇر مەنبەسىگە ئېرىشىش. شۇ يىلى بىزنىڭ بۆلۈمىمىز ئامېرىكىدىن 40 ياشلىق سودىگەر دونالد ترامپنى قوبۇل قىلدى ۋە «كراسنوۋ» دېگەن يالغان ئىسىم بىلەن ئاتىدى.»—-
(ئەسكەرتىش: مۇسايېۋنىڭ بۇ گىپى يازمىدا يوق، لېكىن ئاستىدىكى رەسمىدىكى سۆزى موشۇنداق. شۇڭا بۇ يەرگە قوشۇپ قويۇلدى)
ئەگەر بۇ گەپ راست بولسا ، پارتلاش خاراكترىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. مۇسايېف دېگەن گىپى ھەققىدە ھېچقانداق ھۆججەتلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىمىگەن – ئەمما قانداقمۇ تەمىنلىيەلىسۇن؟ ئۇ تىرامپقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇسايېف ترامپ ھەققىدە بۇنداق دېگەن بىردىبىر ئىستىخبارات خادىمى ئەمەس. بىر قانچە يىل ئىلگىرى ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندا ياشاۋاتقان KGB سابىق مايورى يۇرى شۋېتس (Yuri Shvets) مۇ ئوخشاش گەپ قىلغان. يۇرى شۋېتس كرەيگ ئۇنگېرنىڭ (Craig Unger) ئەڭ بازارلىق كىتابى «ئامېرىكا جاسۇسلۇق ماتېرىياللىرى: KGB دونالد ترامپنى قانداق تەربىيلىدى ۋە مۇناسىۋەتلىك جىنسىي شەھۋەت ، ئاچكۆزلۈك ، ھوقۇق ۋە خىيانەتچىلىك ھېكايىلىرى» نىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسىلىرىنىڭ بىرى بولغان (يەنى بۇ كىتاب جاسوس يۇرى شۋېتسنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى بىلەن يېزىلغان )
مۇسايېف بۇ گەپنى چىقارغاندىن كېيىنلا ، ھازىر فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق يەنە بىر سابىق KGB خادىمى سېرگېي جىرنوۋ ئۇكرائىنالىق ژۇرنالىستنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ گەپنى (ئىددئانى) تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جىرنوۋنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ترامپ شوپۇرىدىن تارتىپ ئۇنىڭ مېھمانخاندىكى ياتاق ئۆيىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇلازىمەتچىگىچە 24/7 (پۈتۈن كۈن) KGB جاسۇسلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولۇشى كېرەك (جىرنوۋ موشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىر جاسۇس بولۇش سۈپىتى بىلەن پەزەر قىلىۋاتىدۇ) . جىرنوف تىرامپنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنىڭ خاتىرىلىندىغانلىقى ۋە ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ مېڭىلىدىغانلىقىنى ، ھەمدە ئۇنىڭ «ساھبجامال ھىيلىسىگە») چۈشۈپ قالغان بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى («جىرنوف پۈتۈن دوللار پاھىشەلىرنىڭ ھەممىسىنىڭ 100% KGB – لىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن») ، ياكى ترامپنىڭ سوۋېت پايتەختىدە مېھمانخانا قۇرۇش پىلانى ئۈچۈن موسكۋا شەھەر ئەمەلدارلىرىغا پارا بەرگەنلىكىنىڭ خاتىرىلنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ سابىق KGB جاسۇسلىرىنىڭ ھېچقايسىسى دېگەن گەپلىرىگە ئائىت دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىمگەن ، ئەمما ئوخشىمىغان جايلارغا جايلاشقان ۋە ئوخشىمىغان ۋاقىتتا سۆزلىگەن بۇ ئۈچ جاسۇسنىڭ بۇ ھەقتە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە بولۇشى بۇ ئېھتىماللىقنىڭ (ترامپنىڭ ك گ ب خادىمى بولغانلىقى ئىھتىماللىقىنىڭ) تامامەن نەزەردىن ساقىت قىلنماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر بىز بىرىنچى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن ۋە ئىككىنچى قېتملىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن ئۆگەنگەن بىر نەرسە بار بولسا ، ئۇ مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنگەن ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەممە نەرسىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىگىدۇر.
بۇ گەپلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان يەنە بىر نەرسە بولسا ، ئەگەر ك گ ب نىڭ قولىدا ترامپقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر بولسا بۇ ترامپنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ، ياۋروپا ۋە ئۇكرائىناغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ، ۋىلادىمىر پۇتىنغا بولغان قايىللىقىنى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللايدىغانلىقىنى ئاسان ، ئاددىي ۋە قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ھەتتا مۇرەككەپ بولغانلاردىن بەكرەك ئاددى بولغان چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ بەكرەك توغرا ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان «ئوككامنىڭ ساقال ئالغۇچى» پەلسەپەسى ئىسمىزگە سالىدۇ.
يەنە كېلىپ ترامپنىڭ ئۆزگىرىپ تۇردىغان ۋە نارسىست (ئۆز مەپتۇنلۇق) خاراكترىنى ،شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ سىياسىي مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇرەككەپ ۋە قالايمىقان چۈشەندۈرۈشلەردىن بەكرەك KGB نىڭ قولىدا ترامقا ئائىت مەخپى ھۆججەتلەرنىڭ بار ئىكەنلىكى قارىشى ئاددى ئەمما قايىل قىلارلىق بىر چۈشەندۈرۈش بولالايدۇ. ناۋادا باشقا چۈشەندۈرۈشلەر توغرا بولغان تەقدىردىمۇ ، بۇ چۈشەندۈرۈشلەر پەقەت ئۈچ KGB خادىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بايانلىرىنى كۈچلەندۈردىغان قوشۇمچە ھالقا ۋە ئۇچۇرلاردۇر.
تەبىئىيكى ، ترامپ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ چىچاڭشىپ كىتىدۇ. ئەلۋەتتە ،بۇ ئۈچ KGB خادىمى باشقىلارغا ئىشلەيدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى ئىتىبارسىزلاشتۇرشنى خالىمايدىغان كىم بار دەيسىز ؟ بۇلار مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ياكى FBI بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئورگانلار ھازىر تىرامپنىڭ ساداقەتمەنلىرىنىڭ قولىدا. بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇلارنىڭ قازاقىستان ۋە فرانسىيە پۇخرالىرىنى سېتىۋېلىش ياكى مەجبۇرلاش ئىقتىدارى بارمۇ؟ باشقا غەرب ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش سۇئالنى قويۇشقا بولىدۇ.
بەلكىم پۇتىن بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللايدىغان پرېزىدېنتنى رەززىل قىلشىقا قىزىقمايدۇ.
پۇتىن ۋە ترامپنىڭ پىلانلىرىغا قارشى تۇرىدىغان روسىيە ئاخبارات ئىدارىسى ئىچىدىكى بىر ياكى بىر قانچە ئەمەلدارلارنىڭ بولۇشى بەكرەك ئىھتىماللىققا يېقىن. باشتا بۇنداق بولۇشى تازا ئەقلىگە مۇۋاپىق ئەمەستەك تەسىر بېرىدۇ . چۈنكى بىز پۇتىننىڭ قارىماققا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان تەڭداشسىز ھاكىمىيتنىڭ ئەمەلىيەتتە چاك- چېكىدىن يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىمىز.
ئەمما نېمە ئۈچۈن مەخپىي ئۆكتىچىلەر مۇنداق بىر ھېكايە توقۇپ ، KGB نىڭ سابىق مايورى يۇرى شۋېتسنى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ترامپ ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى تۆكۈشكە قايىل قىلسۇن؟ ئۆكتىچىلەر بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ساختىلىقىنى بىلسە ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدى نېمە ؟
بەلكىم بۇ ئۈچ سابىق KGB خادىملىرىنىڭ ھەممىسى يالغان سۆزلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە شۆھرىتىنى ئاشۇرۇشنى مەخسەد قىلغاندۇ ؟؟ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق جاسۇس ئەنە شۇنداق ئويلىدى، دەيلى ، ئەمما قازاقىستان ۋە فرانسىيەدىكى ئىككىسىچۇ؟
مېنى بۇ ئۈچ جاسۇسنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىشىمغا سەۋەب بولغان نەرسە ، بىر تونۇشۇمنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش ئىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدۇر. سولچى ۋە قىز-ئاياللارغا ئامراق بۇ ئادەم (ئاپتۇرنىڭ تونۇشى) ، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا موسكۋادا بىر نەچچە يىل ياشىدى. ئۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېىسىل تاماق ۋە شاراپلار سۇنۇلدى ، خانىم-قىزلار ئۇنىڭ بىلەن كېچە-كۈندۈز ئارلىشىپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ تەرجىمانى ئايال ئىدى ۋە ئەتراپىدىلا يۈرەتتى، ھەتتا ئۇ بىر دۇكاندا كۆرگەن ئايالمۇ ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى.
بىز بەلكىم ھەقىقەتنى مەڭگۈ بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما ئېنىق بىر پاكىت بولمىسىمۇ ،مۇنداق گەپ سۆزلەرنىڭ چىقىشى ئەڭ ئاز دېگەندە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ ، بولۇپمۇ MAGA ئامېرىكانى قايتىدىن كۈچلۈك قىلىشنى (Make America Great Again) قوللىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى .
بۇ يازمىنى يازغان ئالېكساندىر ج. موتىل رۇتگېرس ئۇنىۋېرسىتىتى (نيۇيورك ) نىڭ سىياسەت پەنلەر پروفېسسورى. ئۇكرائىنا ، روسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنداقلا مىللەتچىلىك ، ئىنقىلاب ، ئىمپېرىيە ۋە نەزەرىيەشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى ، ئۇ 10 كىتابنىڭ ئاپتورى ، شۇنداقلا Imperial Ends: The Decay, Collapse, and Revival of Empires ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى.
